باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1284 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: :ياشلارنىڭ كۆز قاراشلىرى
دوستلىشىش
ئويغاق!
كۆكلەي دىسەڭ ئويغۇرۇم سۇ بۇلايمۇ تۇپراقمۇ ؟!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10189
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 120
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
ئۆسۈش: 650 %
مۇنبەر پۇلى: 1317 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-04
ئاخىرقى: 2012-03-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-07 21:21

:ياشلارنىڭ كۆز قاراشلىرى

                                                              
                                    ياشلارنىڭ كۆز قاراشلىرى 
 
مۇشۇ ئالاقىنىڭ ئەيىبلىرىنىڭ قاتارىدىن ئىنسان بەزىدە توي قىلىشتىن ئىلگىرى كۆپلىگەن قىزلارغا دوست بولۇپ قىلىشى مۈمكىن، شۇنىڭ بىلەن يىگىت كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ ئايالىغا رازى بولماسلىقى مۈمكىن. تۇنچى قىتىم ئۇلار ئوتتۇرسىدا تالاش - تارتىش يۈز بىرىپ قالسا، يىگىت ”مىنىڭ ئايالىم بەك ياخشى مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلايدۇ، ماڭا كۆيىنىدۇ “ دەيدۇ. قىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سۈلھى - سالا گەپلەرنى قىلىپ بىر - بىرىنى ئالدىشىپ يۈرىيدۇ .
ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلار ناھايىتى كۆپ يۈز بىرىدۇ. يىگىت بەش ئالتە قىزنىڭ ھەمراھى بولۇپ ئۇلارنى سىلىشتۇرغان چاغدا مۇنداق دەيدۇ : “ مىنىڭ ئايالىم ئالاھىدە ياخشى“ . لىكىن ئايالى ئۇيقۇدىن ئويغانغان چاغدا ئۇنىڭ چاچلىرىنىڭ چۇۋالچاق قالايمىقانلىقىنى كۆرۈپ مەيۈسلىنىپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇ باشقىلارنى تولۇق ياسىنىۋالغان پەرداز ھالىتىدە بىر ئىككى سائەت كۆرىدۇ. لىكىن ئۆزىنىڭ ئايالىنىچۇ؟ ئۇنى يىگىرمە تۆت سائەت ئۆيدە كۆرىدۇـ دە . شۇنىڭ بىلەن ئايالىنى باشقىلارغا سىلىشتۇرۇپ ھاياتىنى چارچىتىشقا باشلايدۇ. قىزمۇ شۇنىڭدەك باشتا مىنىڭ يولدىشىم بەك ياخشى بەك سىخى دەيدۇ . لىكىن بىرقانچە بالىنىڭ ئانىسى بولغان چاغدا يولدىشىنىڭ بالىلارنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تەييارلايمەن دەپ جاپا چىكىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتماي ”ئۇ ئىلگىرى مۇنداق قەددى قامەتلىك، مۇنداق سىخى ئىدى“ ئەمدى ماڭا يىڭى كىيىم كىچەكلەرنى ئىلىپ بەرمەيدىغان يارىماس بولۇپ قالدى دەپ شىكايەت قىلشقا باشلايدۇ .
( ئۇلارنىڭ ئىشىغا شەيتان ئارلاشتى. يەنى توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتورسىدا يۈز بەرگەن ھارام ئالاقىنى ئۇلارغا چىرايلىق كۆرسەتتى - ئەلۋەتتە بۇ توي ھالال يول بىلەن بولغان بولسا، بۇنىڭدىنمۇ ياخشى دوسلۇق ۋە مۇھەببەتنى ھىس قىلغان بولاتتى.
شۇنىڭ بىلەن شەيتان دەرھال ھەركەتكە كىلىپ ئىشنى بۇزۇشقا باشلايدۇ، چۈنكى ئۇ، بىرەر ياخشى ئائىلىنى كۆرسە ئۇنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كىلىپ باقمىغان ۋەسۋەسىلەرنى سىلىشقا باشلايدۇ.
اللھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا بەندىلىرىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا مۇھەببەتنى ياراتقان. لىكىن مۇھەببەت خاتا يول بىلەن ئىستىمال قىلىنسا بۇنىڭدىن ناھايىتى چوڭ ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ مۇشۇ ئالاقىدە قىزنىڭ تارتقان زىيانلىرى ناھايىتى ئىغىر بولىدۇ . قىز خورلۇق ھىس قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئائىلىسىنىڭ يۈز ئابرويىنى تۆككەنلىكتىن تەدرىجى ئائىلىسىدىن ئۆزىنى چەتكە ئىلىشقا باشلايدۇ . بولۇپمۇ دادىسىغا يۈز كىلەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاستاـ ئاستا يالغان سۆزلەپ ئائىلىسىنى ئالداپ كۆپلىگەن مۈشكىلىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ .
( مەن ئىگىرى پەرۋەردىگارىم اللھ غا دۇئا قىلغان ۋاقتىمدا ئۆزەمنى اللھ غا يىقىن ھىس قىلاتتىم، كىيىن مۇشۇنداق ئالاقىلەردىن بىرقانچىسى يۈز بەرگەندىن كىيىن ئۆزەمنىڭ پەرۋەردىگارىمدىن ئىنتايىن يىراقلاپ كەتككەنلىكىمنى ھىس قىلدىم ، بۇ ئەلۋەتتە مىنىڭ بىشىمدىن ئۆتكەن بىر شەخسى تەجىربە. مىنىڭچە مۇشۇ تۈردىكى مۇھەببەت ئادەمنىڭ قەلبىدە بىر خىل ئىچى سىقىلىش ۋە بىئاراملىقنى پەيدا قىلىدىكەن. مەسىلەن مەن بەزى ۋاقىتتا تاڭ ئاتقۇچە تىلىفۇندا سۆزلىشىپ بومدات نامىزىنى ئوقۇمايتىم…شۇنىڭ بىلەن قەلبىم بىر خىل ئەلەمنى ھىس قىلاتتى.
( مەن ئەمدى قىزنىڭ مۇشۇ غەيرى رەسمى ئالاقىدىن تارتقان زىيانلىرىنى بىرقانچە كەلىمىگە يىغنچاقلايمەن .
ئىسلام مۇشۇنداق غەيرى رەسمى ئالاقىلەرنى كىشىلەرنىڭ ئىچىنى سىقىپ چەكلەمدۇ ياكى جەمئىيەتنىڭ ئومۇمى مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ چەكلەمدۇ؟
جاۋاپ: بۇنىڭدا شەخىس ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇمى مەنپەئىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ…
بىرىنچىدىن : سىلەر دىگەن مۇشۇ ئالاقىلەرنىڭ 95% تى توي قىلىش بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ. ئۇنداقتا قىزنىڭ كۆڭلى چۈشكۈنلۈككە ئۇچراپ قاتتىق ئازاپ چىكىدۇ. ئەگەر قورساقتا بالا بولۇپ قالسا يىگىت قىزدىن ئالاقىنى ئۈزگەن ۋاقىتتا قىز قانداق ئازاپ مۇسىبەتلەرگە دۇچار بولىدۇ؟…
ئىسلام مان امۇشۇنداق ئالاقىلەرنى ھارام دەپ قارايدۇ . ئەلۋەتتە بۇ دەلىلسىز ئەمەس، مەسىلەن: (نىسا) سۈرىسىدە بىر ئايەت بار . ئۇنىڭدا ئاياللار توغۇرلۇق سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: {ئۇلار يوشۇرۇن ئاشنا تۇتمايدىغان ئەفىفە (ئىپپەتلىك) بولۇشلىرى كىرەك}. نىسا سۈرىسى 25 - ئايەت.
يەنى ئاياللار ئەر دوست تۇتۇشقا بولمايدۇ دىمەكچى.
چۈنكى بۇ چەكلەش قىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق . ئەگەر ئۇ يىگىتلەرنى دوست تۇتۇپ كىيىن مەغلۇپ بولسا ئۆزىگە كىلىدىغان نومۇس ئاھانەتلەر ۋە ئائىلىسگە كىلىدىغان نومۇس ئاھانەتلەرنى پۇشايمان قىلىش بىلەن تۈگىتەلمەيدۇ .
ئىككىنچىدىن: توي قىلغان تەقدىردىمۇ بىز ئىلگىرى دىگەندەك 90% ئۆينىڭ بۇزۇلۇش ئىھتىماللىقى بار .
مىنىڭ قىزلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ يۈرىيدىغان بىر يىقىن تۇققىنىم بار ئىدى. ئۇنىڭ دىيشچە قىزلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئائىلىسىگە يالغان سۆزلەيدىكەن، ئۇ ھازىرغىچە بىرەر قىزغا ئىشەنچىلىك ۋەدە بەرمەي يىشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ توي قىلماغلىق .
ئەلۋەتتە ئىككى ئۈچ يىل خۇشال بولغان تەقدىردىمۇ قالغان كىيىنكى ئۆمرىدەچوقۇم قايغۇرىدۇ. بۇ توغرىدا اللھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلاردەك ئىھرامدىكى چىغىڭلاردا ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن (تۆشۈك ئىىپ) كىرىش ياخشىلىققا ياتمايدۇ.( اللھ نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپ ئىش قىلىشتىن) قورققان ئادەم ياخشى ئەمەل ئىگىسىدۇر . (ئىھرامدىكى چىغىڭلاردا) ئادەتتىكىدەك ئۆيلەرنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، بەخىتكە ئىرىشىشىڭلار ئۈچۈن اللھ غا تەقۋادارلىق قىلىڭلار }. بەقەر سۈرىسى 189 - ئايەت.
ئۇنداقتا ئائىلىسىگە يالغان سۆزلىگەن قىز ئاتا - ئانىسىغا خائىن ھىساپلىنىدۇ. جاپا چىكىپ بىقىپ چوڭ قىلغان دادىسنىڭ ئەجرىنى مۇشۇنداق يول بىلەن ۋەيران قىلسا بولامدۇ؟ سىزنىڭ ئاتا - ئانىڭىزدىن يوشۇرۇپ تىلىفۇندا يات بىر يىگىت بىلەن ئىشقى مۇھەببەت توغۇرلۇق سۆزلەشكەنلىكىڭىز ئۆينىڭ ئارقىسىدىن يات بىر ئادەمنى باشلاپ كىرگەنلىك ھىساپلانماسمۇ؟ ئەگەر سىز كىچە سائەت ئۈچلەردە يات بىر يىگىت بىلەن مەخپى سۆزلىشىۋاتقىنىڭىزدا دادىڭىز يەنە بىر تىلىفۇن كونۇپكىسى ئارقىلىق سىلەرنىڭ ئىشقى مۇھەببەت توغۇرلۇق ھارام گىپىڭلارنى ئاڭلاپ قالسا نىمە ئىش يۈز بىرەر؟! چوقۇمكى قولىڭىزدىكى تىلىفۇن كونۇپكىسى ئۆزلىكىدىن يەرگە چۈشۈپ كىتىدۇ… شۇنىڭ بىلەن سىز مەڭگۈ دادىڭىزنىڭ كۆزىگە قارىيالمايسىز … ئۇنىڭدىن سىرت سىزنى ياراتقان بۈيۈك اللھ ئۈستىڭىزدە سىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭغا نىمە دەرسىز؟ اللھ دىنمۇ ھايا قىلمامسىز؟ سىزنىڭ گەپ سۆزلىرىڭىزنى اللھ نىڭ ئاڭلاپ تۇردىغانلىقىنى سىز بىلىدىغان بولسىڭىز بۇنى نىمە دەپ چۈشەندۈرەسىز؟
ئەمەلىيەتتە ھايالىق قىزلارمۇ مۇشۇنداق بولمىغۇر ئالاقىلەرگە ئارلاسشا ئۆزىنىڭ ئىپپەت ھاياسىنى يوقۇتۇپ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ.
( ئەر - ئاياللار ئوتتورسىدىكى ھەرقانداق ئالاقە پايدىسىزمۇ؟ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشكە قەتئى بولمامدۇ؟ ئەرلەرگە بىرەر ئايال زاتى ئۇچراپ قالسا اللھ دىن پاناھ تىلەپ ئاستا قاچامدۇ؟ ئاياللارغا بىرەر ئەر ئۇچراپ قالسا دەرھال باشقا تەرەپكە بۇرۇلۇپ كىتىش كىرەكمۇ؟ مۇشۇنداق ئالاقىلەرنىڭ چەك چىگرىسى زادى نىمە؟؟؟
ياشلارنىڭ قارشى
بۇ مەسىلە كۆپۈنچە ساپ نىيەتكە بىرىپ تاقىشىدۇ . مىنىڭچە توغرا بولغان قىرىنداشلىق مۇئامىلىسىدە ئالاقە قىلسا بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. لىكىن ئەخلاقنى بۇزغۇچى ناشايان ئىشلارغا ئىلىپ بارمايدىغان، پەرۋەردىگارىمىز اللھ نى غەزەپلەندۈرمەيدىغان، ئاددى دائىردە بولسا بۇنىڭدا مۈشكۈلە يوق . مەسىلەن ئونۋىرىستىتىكى ساۋاقداشلىق ياكى كەسىپتىكى خىزمەتداشلىق ئالاقىسى ، بۇ ئالاقە پىتنە - پاساتقا ئىلىپ بارىدىغان، جەمئىيەتنى چىرىكلەشتۈرىدىغان، ئاستا - ئاستا مۇھەببەت تورىنى شەكىللەندۈرىدىغان ناشايان مەقسەتلەردىن خالى بولسا بولىدۇ .
زاۋۇت ، فافرىكا، كارخانىلاردا تەبئى ئۆز ئارا ئۇچۇرشۇپ تۇرىدىغان ئىشلار بار دىيشىمىز مۈمكىن ، بۇنداق ئەھۋاللاردا چوقۇم خىزمەت چەك چىگرىسى مۇئەييەن بولىشى لازىم . بىر يەردە يىقىن ئولتۇرىدىغان ياكى كۆز قىسىدىغان ياكى ناشايان چاخچاقلىشىدىغان ئىشلار بولماسلىقى لازىم . چۈنكى بۇنداق يەرلەردە كۆپۈنچە توي قىلغان ئەرـ ئاياللار بولىشى مۈمكىن ، ئادەتتىكى گەپلەر تەدرىجى تەرەققى قىلىپ بىرئوبدان ئائىللەرنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپ بولۇپ قىلىشى مۈمكىن .
( بىز بىرلىكتە اللھ نىڭ پەيغەمبىرى مۇسائەلەيھىسسالام بىلەن اللھ نىڭ پەيغەمبىرى شۇئەيب ئەلەيھىسسالانىڭ قىزلىرىدىن ئىبارەت بىر ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ ناھايىتى گۈزەل بىر قىسسىىگە نەزەر تاشلاپ باقايلى !
ئۇلارنىڭ قىسسىسى قۇرئان كەرىمدە ئالاھىدە بايان قىلىنغان . ئەينى ۋاقىتتا مۇسا ئەلەيھىسسالام مىسىردىن چىقىپ مەديەنگە قاراپ ماڭغان ئىدى. ئۇ كىتىۋىتىپ ناھايىتى چارچاپ كەتكەنلىكتىن (سۇ ئىچىش ئۈچۈن) بىر قۇدۇقنىڭ يىنىغا كەلدى. قۇدۇق يىنىدا كىشلەر ئۇلاغلىرىنى سۇغۇرۇۋىتاتتى ، ئىككى قىز بىر چەتتە ئۇلاغلىرىنى سۇغۇرماي قاراپ تۇراتتى . مۇسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ يىنىغا بىرىپ ”ئىككىڭلار بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىسلەر؟“ دەپ سورىدى. ئۇلار ئاددىغىنە جاۋاپ بىرىپ “ بىز ئاۋۇ پادىچىلار قۇدۇق بىشىدىن كەتمىگىچە ئۇلاغلىرىمىزنى سۇغۇرالمايمىز “ دىدى. ئۇلار يەنە “ ئەگەر دادىمىز ياشىنىپ قالمىغان بولسا، بىز بۇ يەردىمۇ تۇرمىغان بولاتتۇق“ دىدى . شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئادەمگەرچىلىك قىلىپ ئۇلارنىڭ ماللىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى. مۇشۇ ئارلىقتا بۇ ئىككى قىز قاتتىق ھايا يۈزىسىدىن دەرھال ئۆزلىرىنى چەتكە ئىلىپ مۇسا ئەلەيھىسسالام كەتكەندىن كىيىن ئاندىن ئۇلاغلىرنى ھەيدەپ ئۆيلىرىگە ماڭدى. ئۇ ئىككى قىز ئۆيگە بارغاندىن كىيىن بولغان ئىشلارنى دادىسىغا سۆزلەپ بەردى. دادىسى بۇنى ئاڭلاپ قىزلىرىدىن ئۇ يىگىتنى چاقىرىپ كىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئىككى قىزنىڭ بىرى مىڭش – تۇرۇش ۋە گەپ سۆزلىرىدە ناھايىتىمۇ ھايا قىلغان ھالدا بىرىپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئاران تەستە“ سىزنى دادام چاقىرۋاتىدۇ“ دىيەلىدى . (يەنى چاقىرغان مەن ئەمەس دادام دىمەكچى). مانا بۇنى ھەقىقى ھايالىق قىز دەيمىز . ئۇ ھەرگىزمۇ داداىسىغا “ مەن پالانى بىلەن توي قىلىمەن، ئەگەر قوشۇلمىساڭلار قاچىمەن“ دەيدىغان شاللاق قىزلارغا ئوخشىمايدۇ .
ئەلقىسسە، قىزلارنىڭ يىگىتلەرگە ھەيران قىلىشى ئەيىپ ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە. دادا ناھايىتى زىرەك بولغاچقا بۇنى چۈشۈنۈپ ئىككى قىزىنىڭ بىرىنى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق قىلىپ بىرىشنى ئوتتورغا قويدى . مانابۇ ھۆرمەتلەشكە، قەدىرلەشكە تىگىشلىك ئالاقنىڭ چىرتىيوژى .
ئەخلاقلىق قىزلار قانداق تونۇلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى بىلگىلى بولمايدىكەن، چاي ئىچۈرۈش مەزگىللىرىدە ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە بولامدۇ ؟
ئەلۋەتتە چاي ئىچۈرۈش مەزگىلى ئۆز ئارا تونۇشۇش مەزگىلى، بۇ ھازىر بىز ياشاۋاتقان زاماننىڭ تەلىپى . چۈنكى بەزى ئاياللارنى ئاسان بىلگىلى بولمايدۇ . تونۇشۇپ تولۇق بىر قارارغا كىلىۋىلىش ئۈچۈن چاي ئىچۈرۈلگەن مەزگىلنىڭ بولۇشى زۆرۈر .
بىز ”چاي ئىچۈرۈش مەزگىلى“ دىگەن گەپنى ۋاقىتنچە توختۇتۇپ تۇرۇپ مۇشۇ ئىشنىڭ ساھىبىنىڭ ئۆز تىلى بىلەن دەپ بەرگەن سەرگۈزەشتىسىگە قۇلاق سىلىپ باقايلى !
ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى بىلەن سۆزلەپ بەرگەن سەرگۈزەشتىسى
مەن بىر قىز ئوقۇغۇچى بولۇپ بالاغەتكە يەتكەندىن تارتىپ دىنى ئىتىقادىمدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئىدىم . بىراق ئەپسۇسكى مەن ھىجاپ ئارتىمايتىم . ئائىلەمدە بەزى مۇشكۈلاتلار بولسىمۇ، مەن ئىبادەت ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئىدىم . اللھ بىلەن مىنىڭ ئارامدا بىر مۇھەببەت داۋاملىشىپ كىلىۋىتاتتى . كىيىن مەن تەدرىجى پەرۋەردىگارىمزدىن يىراق كىشىلەر بىلەن ئارلىشىشقا باشلاپ ئۇلارنىڭ كۆزىنى چاقنىتىشقا باشلىدىم . مەن ئالى مەكتەپكە كىرگەن ۋاقتىمدا ئىش تىخىمۇ تەس بولۇشقا باشلىدى. چۈنكى مۇھىت ناھايتى بۇلغانغان ئىكەن . مەن ئاستاـ ئاستا باللار بىلەن ئاددى يول بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدىم . ئاخىرى بۇ ئاددى يول ئۇ باللارنىڭ بىرسى بىلەن خۇسۇسى ئالاقە قىلىشقا ئۆزگەردى. شۇنىڭ بىلەن خاس دوسلۇق ئالاقىسىنى باشلىۋەتتۇق …ئاندىن بىز دوسلۇق رىشتىسىدىن كۆپرەك ھىس تۇيغۇ ئىشلىرىدا مۇناقىشە قىلىپ ئاخىرى ھارام ئىشتىن يىراقلىشىپ ۋە پاك مۇھەببەتنى قەدىرلەپ چىڭ تۇتۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇق .شۇنىڭ بىلەن تەدرىجى تىلىفۇندا سۆزلىشىدىغان بولدۇق . تىلىفۇندا ئاستا - ئاستا ئىشقى مۇھەببەت گەپلىرى چىقىشقا باشلىدى . ئاخىرى مەن ئۆيدىن چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى . ئەگەر مەن تىلىفۇندا سۆزلىشىۋاتقاندا ئۆيۈمدىكىلەردىن بىرەسى كىرىپ قالسا، ساۋاقدىشىم بىلەن سۆزلىشىۋاتىمەن دەپ قوياتتىم. مۇشۇنداق ۋاقىتتا مەن ئۆزەمنى خۇددى ئوغرى ياكى بىرەر جىنايەت سادىر قىلىپ يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان جىنايەتچىدەك ھىس قىلىپ قالاتتىم .
شۇنىڭ بىلەن ئاستا بىزنىڭ مۇھەببەت ماۋزۇلىرىمىزمۇ تەرەققى قىلىپ مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇياق بۇياقلارغا بارىدىغان بولدۇم. بەزىدە يالغۇزمۇ بولۇپ قالدۇق، ئىشلار تەدرىجى ھارام شەكىلگە ئايلىنىپ، شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلارنى سادىر قىلىشقا باشلىدۇق…
مەن ئىلگىرى ئوقۇغان نامىزىم، ئالغان تەربىيەم ۋە مىنى تىيلىپ كىتىشتىن ساقلاپ قالىدىغان مۇستەھكەم ئەقىدەم بىلەن مەغرۇرلىناتتىم . شۇنداقلا شەيتان مەندىن ئەسلا يىراق ماڭا ۋەسۋەسە قىلالمايدۇ دەپ خىيال قىلاتتىم . ئۇ ئاخىرى تەدرىجى مەندىن يىراقلىشىشقا باشلىدى، بۇ ئىش ماڭا قاتتىق ئىغىر زەربە بولدى . ئۇ مىنى تاشلىۋەتكەندىن كىيىن ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك ئىنسانمۇ تىپىلمايدىكەن دەپ نەپرەتلىنىپ يۈردۈم . ئاخىرى بىزنىڭ ئەھۋالىمىز مۇشۇ دەرىجىگە يىتىپ كۆپلىگەن ھارام ئىشلارنى سادىر قىلدۇق .
مىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پۈتۈن خىيالىم مەن ئۆيگە بارغاندىن كىيىن ئۇخلاپ قىلشتىن قاتتىق قورقۇش بولدى، چۈنكى ئۇيقۇ ھالىتىدە اللھ جىنىمنى ئالسا، مەن مۇشۇ ھالىتىم بىلەن اللھ نىڭ ئالدىغا قانداق بارىمەن!؟ مىنىڭ ئالدىمدا اللھ نىڭ ئالدىغا بارغۇچىلىك ھىچقانداق تەييارلىق بولمىسا… مەن داۋاملىق بىر خىل غەيرى تەبئى سەسكىنىش ھالىتىدە يۈردۈم ..
بىر كۈنى مەن ئۇنىڭ دىنى دەرسكە كىلىدىغانلىقىنى بىلدىم ، دەرستە قىزـ ئوغۇللارنىڭ بارلىغىنى بىلەتتىم، مەن ئۇنى شۇ يەردە شەيخكە شىكايەت قىلىپ شەيخنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن ئىككىنجى خاتا ئىشنى قىلماسلىققا ئەھدە قىلىشماقچى بولغان ئىدىم . لىكىن مەن دەرسكە بارغاندىن كىيىن ئىش تامامەن ئۆزگەردى. سىنىپتا لىكسىيەچى مۆمىن كىشىنىڭ ھىس تۇيغۇللىرى ۋە ئۇنىڭ اللھ غا قانداق يۈزلىنىشى توغرىىدا سۆزلەۋاتقان ئىكەن. دەرس ناھايىتىمۇ كۆڭۈللۈك بولدى. مەن ئۆزەمنىڭ اللھ غا ناھايىتىمۇ ئۇسسۇز ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلپ مىنىڭ ھاياتىم ناھايىتىمۇ چۇڭقۇر بىر ئازگالغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنى بۈگۈنلا تۇندۇرۇپ اللھ غا قايتىش ئارقىلىق ئەسلىمگە كىلىش نىيتىگە كەلدىم . مەن سىنىپتىن چىقىپ ھاياجان ئىچىدە بارلىق ساۋاقداشلىرىمنى قۇچاقلاپ سۈيگۈم كەلدى، كوچىلارغا چىقىپ كىشىلەرنىڭ بىشىنى سىلىغۇم ۋە ئۇلارغا سۇ چاچقۇم كەلدى . مەن ئىلگىرى خاتالىققا چۈشۈپ قالامەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھازىر تەۋبە قىلىش نىيتىگە كەلدىم، اللھ تائالانىڭ مىنى مەغپىرەت قىلىدىغانلىغا تامامەن ئىشەنگەن ئىدىم . چۈنكى اللھ تائالا ناھايىتىمۇ سىخى ۋە ناھايىتىمۇ مىرىباندۇر . مەن ھازىر اللھ تائالانىڭ پەزىلىتى بىلەن كىشلەرگە قۇرئان ئۈگۈتىشكە باشلىدىم . مەن اللھ تائالادىن مىنىڭ سەۋەبىم بىلەن كۆپلىگەن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىشنى سورايمەن . مەن ئۆلگۈچە كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندەيمەن. مەن ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدىم. ئالەمنىڭ پەرۋەردىگارى اللھ غا شۈكرىكى مەن ھازىر ئۆلۈمگە تولۇق تەييارلىق ئۈستىدە تۇرۇپتىمەن، مەن ئۆلۈم بىلەن راھەت ئالىمەنكى ئۇنىڭدىن قورقۇپ قالمايمەن . مەن اللھ بىلەن تولۇق ئۈمىد ئىچىدە ياشاۋاتىمەن …
مانابۇ بىر قىزنىڭ يىگىتكە بولغان مۇھەببىتىنى اللھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلانىڭ مۇھەببىتىگە ئالماشتۇرۇش ئەمەلىيتىنىڭ قىسقىچە جەريانى . ئەگەر مەن بىرەر قىزغا نەسىھەت قىلماقچى بولسام شۇنداق نەسىھەت قىلىمەنكى اللھ نى ياخشى كۆرۈش ئەڭ يۈكسەك مۇھەببەتتۇر …
بىز توي قىلغىچە اللھ نى چىن دىلىمىزدىن سۆيگەن ھالدا بىر ياشاپ باقساق سىلەر بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟
مەن ھىلىقى قىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز اللھ نى ياخشى كۆرۈشتە ۋە اللھ بىلەن بولغان ئالاقىدە ھەقىقى ئىخلاسمەنلىك قىلغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
بىز بارلىق ھىس تۇيغۇللۇرىمىزنى اللھ تائالاغا مەركەزلەشتۇرۇپ بىر ئويلۇنۇپ باقايلى! بۇ بىر ھەقىقەت بولۇپ اللھ نۇرغۇن كىشىلەرگە شۇنىڭ بىلەن ئىنئام قىلىدۇ . ھەسسان ئىبنى سابىت بۇ توغۇرلۇق ئەينى ۋاقىتتا مۇنداق دىگەنىدى:
مەن سىنىڭ دەرۋازاڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن،
سىنىڭ غەيرىڭگە ھەرگىز ئىزىپ يالـۋۇرمايـمەن.
ئۆزەمنى سىنى رازى قىلـىشقا مەڭـگۈ ئاتايـمەن،
بەندەڭ بولغانلىقىمدىن ئۆزەمنى شەرەپلىك بىلىمەن .
نۇرلۇق قاراڭغۇدا چاقىرىپ سىنى قىلىمەن سادا ،
رەببىڭ كىم دەپ سورالسا گەر شۇ ۋاقىتتا .
ئى اللھ ئىلاھلىقىڭ پۈتۈن كائىناتنى ياراتقانلىقىڭدا ،
شەرەپلىك مەن سىنىڭ بەندەڭ بولغانلىقىمدا .
ئى قـاراڭـغۇدىن تاڭنى ياراتقـۇچى رەببىم اللھ ،
مىنىڭ شەرپىم سىنىڭ مـۈلكىڭ بولغانلىـقىمدا .
مەن بىر ئولتۇرۇشتا بىر بۆلۈك ياشلار بىلەن بىللە ئولتۇرغان ئىدىم. مەن ئۇلاردىن ”اللھ سىلەرگە بەرگەن ئەڭ كۆپ نىئمەت قايسى؟“ دەپ سوراپ باقتىم، ئۇلار خىلمۇ خىل جاۋابلارنى بىرىشكە باشلىدى. بەزىلىرى ”دادام ،ئانام“ دىيسە، يەنە بەزىلىرى ”مال - مۈلۈك“ دەيتتى. ئۈچۈنچى بىرى قوپۇپ ”اللھ نىڭ گۇناھلارنى ئەپۇ قىلىشى“ دەيتتى ..لىكىن ياشلارنىڭ ئىچىدىكى 17 ياش چامىسىدىكى بىر بالا قوپۇپ بىزگە اللھ تائالانىڭ ئەڭ چوڭ نىئمىتى ”اللھ نىڭ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز بولغانلىقىدا“ دەپ جاۋاب بەردى ؟ يەنى ئەڭ چوڭ نىئمەت بىزنىڭ اللھ نىڭ مۈلكى بولغانلىقىمىزدا دىمەكچى. چۈنكى ئۇ اللھ رەھمى قىلغۇچى، ئەپۇ قىلغۇچى ۋە مەغپىرەت قىلغۇچى زاتتۇر. مانابۇ تۇيغۇ ئىنسانغا چوڭ نىئمەتنىڭ ھالاۋىتىنى ھىس قىلىدىغان قىلىدۇ . خۇددى ھىلىقى ھەمشىرىمىز مەن“ كوچىلارغا چىقىپ يۈگۈرمەكچى بولدۇم“ دىگەندەك .
مانابۇ اللھ نىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئالامىتى . ئەگەر سەن اللھ نىڭ ئىتائىتىگە يۈزلەنسەڭ، دۇنيانى قولۇڭغا ئىلىۋالغاندەك قەلبىڭنىڭ خۇشاللىقتا لەپىلدەۋاتقىننى ھىس قىلىسەن. چۈنكى سەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ مۈلكى بولۇپ قالدىڭ، سىنىڭ ھاياتىڭدىكى ئەڭ يۈكسەك نەرسە ”اللھ“ نىڭ قەلبىڭدە بىرىنجى ئورۇننى ئىگەللىشىدە .
ياشلارنىڭ ھىلىقى قىزنىڭ سەرگۈزەشتىسىگە بەرگەن ئىزاھاتلىرى
ئۇ قىز مەن دىنغا ئىخلاس قىلاتتىم ۋە ئائىلىنى دەپسەندە قىلىشقا قارشى تۇراتتىم دەيدۇ. بىراق ئۇ ئۈشتۈمتۇتلا شۇ ھارام ئىشلارغا گىرىپتار بولۇپ قالدى. ئۇ قىزنىڭ كاللىسى ئازراق چاتاقمۇ قانداق؟ ياكى بىكارچىلىقتىن شۇنداق قىلدىمۇ ياكى باشقا بىرەر سەۋەب بارمۇ؟
مىنىڭ قارىشمچە ئىنسان پەرۋەردىگارىدىن يىراقلاشقان ۋاقىتتا بۇنداق ئىشلار ناھايىتى ئاسان يۈز بىرىدۇ. ئەگەر پەرۋەردىگارىغا يىقىنلاشسا بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشى ناھايىتى تەس ۋە يىراق بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ”دۇنيانىڭ دورىسى مۇھەببەت“ دىيشنى ياقتۇرۇپ قالدىم. چۈنكى دۇنيانىڭ ئۆزى بىر كىسەل… ئەگەر ئىنسان اللھ غا تەقۋادار بولۇپ پەرۋەردىگارىغا ساپ قەلبى بىلەن يۈزلەنسە، اللھ رىزىق بىرىش، كىشىلەرگە ياخشى كۆرسۈتۈش ۋە ئىشلىرىغا بەركەت بىرىش ئارقىلىق ئۇنى ئوبدان مۇكاپاتلايدۇ. قەلبىمۇ ساقىيىپ خاتىرجەم بولۇپ قالىدۇ .
( بۇ ناھايىتى ياخشى گەپ بولدى، اللھ ”ئۇنىڭ ئىشلىرىغا بەركەت بەرسۇن!“ … بەزى خانىۋەيران بولۇپ كەتكەن ئۆيلەر بار، اللھ ئۇ ئۆيلەرگە بەركەت بەرمىگەن. چۈنكى بۇ ئۆيلەرنىڭ اللھ بىلەن بولغان ئالاقىسى ئەكىسچە بولغان …
( مىنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ بىر قىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قالغانىكەن. ئۇ ئىككىسنىڭ ئالاقىسى مۇستەھكەم بولۇپ ئالى مەكتەپتىمۇ داۋاملىق بىللە يۈرىيدىكەن. ئىشلار شۇ يوسۇندا كىتىۋەردى، يىگىت تەدرىجى دىنى ئىشلاردا چىڭ تۇرۇشقا باشلىدى… بىر كۈنى يىگىت ئۇ قىزغا يۈز تۇرانە ”مەن سىزنى ناھايىتى كۆرىمەن“ مەن سىزسىز ياشىيالمايمەن لىكىن مەن ھازىر اللھ غا يىقىنلىشىشقا باشلىدىم. ئىككى مۇھەببەتنىڭ ئارىسىنى ھازىر جۇغلىيالمايمەن. مىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈشۈمگە ئىككى يىل قالدى، اللھ خالىسا شۇ ۋاقىتتا قەلبىمنى سىزگە ئىزھار قىلىمەن. شۇ ۋاقىتتا سىزنى ماڭا مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. مەن ھازىر سىز بىلەن بولغان ئالاقەمنى پۈتۈنلەي توختۇتۇشنى قارار قىلدىم. ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز خالىسا ئىككى يىلدىن كىيىن مىنىڭ رەپىقەم بولۇپ قالىسىز . چۈنكى اللھ تائالا بولغۇسى رەپىقەمنىڭ ئىسمىنى دىلىمغا يىزىۋەتتى“ دىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا تىلخەت يىزىپ بەرگەن .
كۈنلەر ئۆتۈپ مانا ھازىر ئۇنىڭ بەش بالىسىمۇ بولۇپ قالدى . ئۇ ھازىرمۇ شۇ ئايالىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىيتىپ “ بىز پەرۋەردىگارىمىزغا ئىتائەت قىلىپ ئىككى يىل سەۋر قىلغان ئىدۇق اللھ ئىككى يىلنىڭ ئورنىنى ئۆمۈرلۈك بەخىت - سائادەتكە ئالماشتۇرۇپ بەردى“ دىدى.
بۇ يەردە يەنە بىر قىزىقارلىق قىسسە بار . مەن ئەنگىليەدىكى چىغىمدا مىنىڭ يىنىمغا ياشىنىپ قالغان دىيانەتلىك بىر مىسىرلىق زىيارەت قىلىپ كەلگەنتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن ”يەدئەن ئىسلام مەركىزىدە“ دە تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. ئۇ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ماڭا “ مەن ئايالىمغا بىر سوغات سىتىۋالماقچى ئىدىم ئايلىنىپ كىرمەيلىمۇ؟“ دىدى . مەن ئۇنىڭغا سوۋغات ئىزدىشىپ بىللە ئايلىنىشىپ بەردىم. بازار ئارلاپ يۈرۈپ مەن بەك چارچاپ كەتتىم، بىراق ئۇ ئاتمىشتىن ھالقىغان بولسىمۇ ھەمىشە مۇستەھكەم قەدەم تاشلاپ كىتىۋاتاتتى . ئۇ داۋاملىق ماڭا “ بۇ مال قانداقراقكەن؟ ئاۋۇ نەرسىنى سىز ياخشى كۆرەمسىز؟ بۇنىڭغا سىز قانداق قارايسىز؟“ دەپ تۇراتتى . مەن ئۇنىڭغا “ راس گەپنى قىلسام مەن ياخشى بىلمەيمەن“ دەيتتىم . ئۇ بىرمۇنچە نەرسىلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ مەن “ بۇ بەك قىممەتكەن“ دەپلا جاۋاب بىىۋەردىم.
ئۇ ئاخىرى قىممەت بولىشى مۇھىم ئەمەس، مەن بۇنى سىتىۋالسام ئايالىم چوقۇم خۇشال بولىدۇ دەپ سوۋغاتتىن بىرنى ئالدى…
شۇنداق قىلىپ بىز مىسىرغا قايتىپ كەلدۇق. مەن بىركۈنى بىرىش ۋاقىتىنى ئالدىن دىيشمەيلا ئۇنىڭ ئۆيگە زىيارەتكە بارغان ئىدىم. ئۇ مىنى ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلغاندىن كىيىن ئالدىمغا كىلىپ ”كەچۈرسىز، سىزنى بىرقانچە مىنۇت ساقلىتىپ قويدىغان بولدۇم. چۈنكى بۇ ئايالىم بىلەن كۈندىلىك قۇرئان ئوقۇش ۋاقتىمىز ئىدى. بۇ ۋاقتىمىزنى قەتئى قولدىن بەرمەي كەلگەن ئىدۇق. بىرئاز كۈتۈپ تۇرۇڭ! مەن ھازىرلا كىلىمەن“ دەپ چىقىپ كەتتى … سۇبھانەللا ! بۇ نىمە دىگەن بەخىتلىك ئائىلەـ ھە!
( كىلىڭلار دوسلار، اللھ نىڭ تائىتىگە قايتىش ئارقىلىق ئائىلىرىمىزگە مۇھەببەت ئوتىنى تۇتاشتۇرايلى! مۇھەببىتىمىزنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ مەئسىيەتنى تەرك ئىتەيلى!
ئاخىردا قىسسىلەرنى تارىختىكى ئەڭ گۈزەل بىر مۇھەببەت قىسسىسى بىلەن خەتمە قىلماقچىمەن .
بۇ ئەلۋەتتە ”لەيلى بىلەن قىيس“ نىڭ مۇھەببەت قىسسىسىمۇ ئەمەس ياكى ”روميو بىلەن جوليىت“ نىڭ قىسىسىسىمۇ ئەمەس. چۈنكى بۇلارنىڭ مۇھەببەت قىسسىلىرى توي بىلەن ئاخىرلاشمىغان .
توي دىگەن ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ ئىمتىھانى، ھەقىقى مۇھەببەت تويدىن كىيىنمۇ داۋاملىشىۋىرىدۇ .ھەتتا ئىككى تەرەپنىڭ بىرى ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يەنىلا داۋاملىشىۋىرىدۇ …
بىز دىگەن ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت قىسسىسىگە كەلسەك، ئۇ بولسىمۇ يولباشچىمىز، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەزىرتى خەدىچىگە بولغان مۇھەببىتىدۇر . مانابۇ ئاجايىپ مۇھەببەت بولۇپ، ھەزىرتى خەدىچە ۋاپات بولۇپ بىر يىلدىن كىيىن ساھابىلەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى كىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا “ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى سىز توي قىلىۋالمامسىز؟ ھازىر يەتتە ئايال بار ، قايسىسنى خالىسىڭىز شۇلارنىڭ بىرى بىلەن تويىڭىزنى قىلىپ قويساق“ دىدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا “ ھەزىرتى (خەدىچە) دىن كىيىن مەن يەنە توي قىلىدىغان كىم بار“ دىدى.
ئەگەر اللھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كىيىنكى ئاياللىرى بىلەن توي قىلىشقا بۇيرۇمىغان بولسا ئۇ ئەبەدى توي قىلمىغان بولاتتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەھى كىلىشتىن ئىلگىرى پەقەت ھەزىرتى خەدىچە بىلەن توي قىلغان . ئۇنىڭ كىينكى ئاياللىرى بىلەن توي قىلىش پەقەت ۋەھى كەلگەندىن كىيىنكى رىسالەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بولغان .
ئۇ خەدىچە ۋاپات بولۇپ ئون تۆت يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇنى مەڭگۈ ئۈنتۈپ قالمىغان. مەككە ئازات بولغان كۈنى بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىدۇ، قۇرەيشلەرنىڭمۇ ھەممىسى كىلىپ ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنى ئەپۇ قىلىپ كەچۈرۈۋىتىشنى سورايدۇ… دەل شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالام يىراقتىن كىلىۋاتقان بىر قىرى ئايالغا قارايدۇ ۋە جامائەت ئارىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ئۇ ئايالنىڭ ئالدىغا بىرىپ قارشى ئالىدۇ - دە، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلايدۇ ۋە ئۇ ئايالغا يەكتىكىنى يەرگە سالغاندىن كىيىن ئۇ ئايال بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتورۇپ پاراڭلىشىشقا باشلايدۇ…
ھەزىرتى ئائىشە شۇ ۋاقىتتا ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاقىتىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ شۇنچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتكەن بۇ قىرى ئايال كىم بولىدۇ؟“ دەپ سورايدۇ. ئۇنىڭغا بۇ ئايال ”سەييىدە خەدىچە“نىڭ يىقىن دوستى ئىدى دىيلىدۇ.
كىيىن سەييىدە ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن“ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! سىلەر شۇ ۋاقىتتا نىمە توغورلوق سۆزلەشكەنتىڭلار؟“ دەپ سورغان چاغدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ”بىز شۇ ۋاقىتتا ”خەدىچە“نىڭ ئۆتكەن كۈنلىرى توغورلوق سۆزلەشكەن ئىدۇق دەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن سەييىدە ئائىشەنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ ”سىز ئۇ دۇنياغا كىتىپ بولغان ئۇ قىرىنى تىخىچە ئەسلەۋاتامسىز ؟ اللھ سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىنى ئالماشتۇرۇپ بەرگەن تۇرسا !؟“ دىدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋابەن “ اللھ بىلەن قەسەمكى ماڭا ئالماشتۇرۇپ بەرگەن ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق كىمكەن ئۇ؟ كىشلەر مىنى قوغلىغان چاغدا ئۇ مىنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالغان ،كىشىلەر مىنى يالغانغا چىقارغان چاغدا ئۇ مىنى تەستىقلىغان تۇرسا !“دىدى . سەييىدە ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرئاز ئاچچىغى كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىپ“ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى مىنى كەچۈرسىلە!“دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ”سىز مەندىن كەچۈرۈم سوراشتىن ئىلگىرى ”خەدىچە“ دىن كەچۈرۈم سوراڭ!“ دىدى . بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
بىر ئىنسان ۋاپات بولۇپ ئون تۆت يىلدىن كىيىنمۇ مۇھەببەتنىڭ داۋاملىشىشى مۈمكىنمۇ؟
ئەلۋەتتە مۈمكىن، چۈنكى بۇ ھارام ئالاقە ئارلاشمىغان مۇھەببەت. اللھ غا تائەت قىلىش بۇ ئۆينىڭ تۈپ ئاساسى بولدى.. بۇ ئۆي داۋاملىق اللھ نى زىكىر قىلىپ تۇرىدۇ، ھەرگىز شەيتاننى زىكىر قىلمايدۇ…
( ياش دوستلار ! بىزمۇ ئۆيلىرىمىزنى مۇشۇنداق ئۇسلۇبتا قۇرۇپ چىقساق سىلەر بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟! ئەر ئايالى بىلەن قۇرئان ئوقۇسا، ئۇ ئىككىسىگە ئەگىشىپ باللىرىمۇ بىرگە ئوقۇسا، بۇ نىمە دىگەن كۆڭۈللۈك ھايات - ھە!
ئايالى يولدىشىنى بومدات نامىزىغا ئويغاتسا ياكى ئەر ئايالى بىلەن كىچىدە ئىككى رەكئەت تەھەججۈد نامىزى ئوقۇسا، بۇ ئائىلىنىڭ گۈزەللىكىگە نىمە توغرا كىلە - ھە !..
سىلەر چۈشكۈنلەشمەي ئۇرۇنۇپ بىقىڭلار! ئۇزۇنغا قالماي ئىشلارنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسىلەر. اللھ غا بولغان مۇھەببىتىڭلار ئىشىپ، اللھ سىلەرگە بەركەت ئاتا قىلىدۇ .
ئاخىردا بىزنىڭ چاقىرقىمىز بارلىق ماختاش ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللھ غا خاستۇر ......!!!

تەرجىمە قىلغۇچى : دەرۋىش
 
[ بۇ يازمىنىئويغاق! 2012-01-20 01:07قايتا تەھرىرلىدى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(arzuyum) ئەھمىيەتلىك ..
  • ئادەمنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقى ئۇنىڭ روھىنىڭ ئويغاق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ
    دوستلىشىش
    نەزەرسالسام
    دەرىجە: چەكلەنگەن
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9669
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 265
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە265دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 2560 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-11-20
    ئاخىرقى: 2012-06-21

    ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
    دەرىجە: چولپان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10010
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 688
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە688دانە
    ئۆسۈش: 60 %
    مۇنبەر پۇلى: 7131 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-12-11
    ئاخىرقى: 2012-08-03
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-07 22:05

    .... چۈنكى بۇ ھارام ئالاقە  ئارلاشمىغان مۇھەببەت ............ ئېسىل  تېما .
    دەرىجە: چەكلەنگەن

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 922
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە922دانە
    ئۆسۈش: 490 %
    مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
    تۆھپىسى: 139 كىشى
    ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-11-16
    ئاخىرقى: 2012-03-26
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-07 22:22

    ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1736
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1736دانە
    ئۆسۈش: 180 %
    مۇنبەر پۇلى: 18357 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-22
    ئاخىرقى: 2012-07-30
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-08 18:52

    ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم ،  بەكمۇ ئەھمىيەتلىك  تېمىكەن ،  اللاھ  رەھمەت قىلسۇن ،
    قېرىندىشىمىز بىگاننىڭ ئورۇنلۇق  تەكلىۋىنى ئۇنتۇپ قالماي ۋاقتىدا  قۇبۇل قىلارسىز .
    اللاھ  سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىشىم .
    اللا
    بۇ زادى نېمىدۇ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1383
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1383دانە
    ئۆسۈش: 910 %
    مۇنبەر پۇلى: 15473 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-14
    ئاخىرقى: 2012-09-08
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-08 19:02

    ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم تېمىدىكى ئاللاھ  دىگەن  سۆزنىڭ ھەممىسى خاتا يېزىلىپتۇ
    يا  ئاللاھ  دەپ  ئېلىڭ ياكى بولمىسا  اللە  دەپ ئېلىڭ ،
    سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
    دوستلىشىش
    ئويغاق!
    كۆكلەي دىسەڭ ئويغۇرۇم سۇ بۇلايمۇ تۇپراقمۇ ؟!!!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10189
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 120
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
    ئۆسۈش: 650 %
    مۇنبەر پۇلى: 1317 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-01-04
    ئاخىرقى: 2012-03-03
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-09 14:23

    رەخمەت تەشەككۈرلەر بولسۇن قېرىنداشلا ئاللاھ ھەر بىرلىرىمىزدىن رازى بولسۇن ھەقىقەتەن بەزى يەرلەردە ئىملا خاتالىقى باركەن تۈۋەنچىلىك بىلەن كەچۇرۇم سۇرايمەن توغرا چۇشەنگەيسىلە ...
    رەسىمنى مەن ئۈچۈرەممەيدىكەنمە شۇڭا باشلىقلادىن بىرەسىڭلا خاپا بولماي ئۈچۈرۋەتكەن بولساڭلا رەخمەت ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ...
    ئادەمنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقى ئۇنىڭ روھىنىڭ ئويغاق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ