ھىندىستاندا ئاياللارنىڭ ئىجدىمائىي ئورنى بىر قەدەر تۆۋەن،تۇل خوتۇنلارنىڭ ئىجدىمائىي ئورنى بولسا تېخىمۇ تۆۋەن.ئايال كىشى ئەر ئۆلگەندىن كىيىن قايتا ياتلىق بولسا ،زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىسا بولمايدۇ،ھەتتا گۆش يىسىمۇ بولمايدۇ.ئۇلار ئېرى ئۆلگەندىن كىيىن ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ ،يېڭى دىھلىنىڭ يېنىدىكى ۋىلونداۋېىنغا توپلىشىدۇ. بۇ يەر مەشھۇر "تۇل خوتۇنلار "شەھىرىدۇر.
*\ECf.7jz تۇل خوتۇنلار شەھىرىنىڭ كۆلىمى 300 كۇۋادىرات كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ.ئەتراپى 5 مېتىر ئىگىزلىكتىكى سېپىل بىلەن قورشالغان.ئىچىدە تۈرلۈك ماللار،ئۇششاق يىمەكلىكلەر ماگىزىنى بار.ئەمما زاۋۇت ۋە تىرىلغۇ يەر يوق. بۇ يەردە بىر نەچچە راھىبتىن باشقا ئەر يوق بولۇپ،نەچچە ئون مىڭ ئادەمنىڭ ھەممىسى تۇل خوتۇنلاردۇر.
&]NZvqdj.] تۇل خوتۇنلار ھەر كۈنى دىنىي دەستۇر ئوقۇيدۇ، بۇ شەھەردە ئۇلارنىڭ دىنىي دەستۇرلارنى قىرائەت قىلىشى ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان ئىبادەتخانە بار بولۇپ،ئۇنىڭغا 5000 دىن ئارتۇق ئادەم سىغىدۇ. ئىبادەتخانىنىڭ ئاستىغا ئاق رەڭلىك گىلەم سېلىنغان.ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە ئاياقلىرىنى سېلىۋىتىپ كىرىپ،يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ دەستۇر ئوقۇيدۇ.
9g@
NcJ] تۇل خوتۇنلار بارلىق ھوقۇقتىن مەھرۇم بولۇپ،دىني دەستۇر ئوقۇش ئۇلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بىردىن-بىر خىزمىتى. ئۇلار ھەر كۈنى دەستۇردىن 3000 پارچىنى ئوقىغاندىلا 250 گىرام گۈرۈچ، 500 گىرام پۇرچاق بىلەن بىر روپىيە پۇلغا ئىرىشەلەيدۇ.تۇل ئاياللار مۇشۇ ئەمگەك ھەققىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
,wK 1=7 تۇل خوتۇنلار ئاغرىپ قالسا چاتاقنىڭ چوڭى چىققىنى شۇ ، بۇ شەھەردىكى بىردىن-بىر دوختۇرخانىنىڭ داۋالىنىش ھەققى قىممەت بولۇپ، پۇل بولمىسا ئۆلۈمنى كۆتۈپ ياتماقتىن باشقا چارە يوق. نۇرغۇن ئاغرىقلار كارۋىتىدا يىتىپلا ئۆلۈپ كىتىدۇ.
]w22@s تۇل خوتۇنلارنىڭ چوڭى 50 ياشتا ، كىچىكلىرى 10 نەچچە ياشتا بولۇپ،ئەمدىلا 10 ياشقا كىرگەنلەرمۇ بار. تۇل خوتۇنلار شەھىرىدىمۇ باي ،كەمبەغەل دەپ ئايرىلىدۇ. ئادەتتە مەزكۈر شەھەرگە كىرگەن ۋاقتىنىڭ بالدۇر-كىيىنلىكى ،بايلىقنىڭ قانچىلىكلىكى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇلىدۇ. يىڭى كەلگەنلەر "پەسلەر"ھىسابلىنىدۇ،ئۇلار چوڭ ياشتىكى تۇل خوتۇنلارنىڭ كىرىنى يۇيۇپ ،تامىقىنى ئېتىدۇ.
R^tcr)(
_rjBc;a F#1kZ@
nq تۇل خوتۇنلار شەھىرى
X;]3$\F
_85E=
{ _X#fq0} شەھەردىكى باي تۇل خوتۇنلار
-W^2*w
Tw}z7U" تۇل خوتۇنلار
?>TbTfmR
Cha?7F[xL ]>*I) H)