باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4662 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: جەننەت بىلەن خۇش بىشارەت بېرىلگەنلەر
دوستلىشىش
ئويغاق!
كۆكلەي دىسەڭ ئويغۇرۇم سۇ بۇلايمۇ تۇپراقمۇ ؟!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10189
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 120
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
ئۆسۈش: 650 %
مۇنبەر پۇلى: 1317 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-04
ئاخىرقى: 2012-03-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-07 13:59

جەننەت بىلەن خۇش بىشارەت بېرىلگەنلەر



بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر.

جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بىرىلگەن ئون كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستىكى كىشىلەردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەبۇ بەكرى جەننەتتە، ئۆمەر جەننەتتە، ئوسمان جەننەتتە، ئەلى جەننەتتە، تەلھە جەننەتتە، زۇبەير جەننەتتە، ئابدۇراخمان ئىبنى ئەۋف جەننەتتە، سەئدى جەننەتتە، سەئىيد جەننەتتە، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ جەننەتتە.» [تىرمىزى رىۋايەت قىلغان 3680-ھەدىس].
بەزى رىۋايەتلەردە سەئدىنىڭ ئىبنى ئەبى ۋەققاس ۋە سەئيدنىڭ سەئىيد ئىبنى زەيد ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇلاردىن باشقا بىر نەچچە ساھابىلەرمۇ جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بىرىلگەن بولۇپ، ئۇلار خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام، ئەككاشە ئىبنى مۇھسىن (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) ۋە باشقىلار.
يۇقىرىدىكى ھەدىستە ئۆن كىشىگە بىرلام بىشارەت بېرىلگەنلىكى سەۋەبىدىن “ جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بىرىلگەن ئون كىشى “ دەپ ئاتالدى.
ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.
مەنبەسى : دارۇل ئىسلام تورى
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(arzuyum) ئەھمىيەتلىك ..
  • ئادەمنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقى ئۇنىڭ روھىنىڭ ئويغاق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10237
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 18
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 110 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-01-07
    ئاخىرقى: 2012-05-30

       رەھمەت ، تولىمۇ ئەھمىيەتلىك يازما  يوللاپسىز .  تېخىمۇ غەيرەت قىلىڭ.
    بۇ زادى نېمىدۇ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1381
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1381دانە
    ئۆسۈش: 910 %
    مۇنبەر پۇلى: 15453 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-14
    ئاخىرقى: 2012-09-07
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-07 16:19

    فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇ بار ئىدىغۇ
    سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 969
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 197
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە197دانە
    ئۆسۈش: 260 %
    مۇنبەر پۇلى: 2296 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-14
    ئاخىرقى: 2012-09-02
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-07 16:30

    ئى ئاللاھ بىزلەرنىمۇ  فىردەۋس جەننەتكە لايىق بەندىلىرىڭدىن  قىلغايسەن.....
    vvfv
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1736
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1736دانە
    ئۆسۈش: 180 %
    مۇنبەر پۇلى: 18357 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-22
    ئاخىرقى: 2012-07-30
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-07 17:00

    ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم  ، ناھايتى ياخشى  تېمىكەن ، اللاھنىڭ  رەھمىتى  بولسۇن ،امىن !
      ھايات  باغچىمىزنى ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەللەر  ببزەپ اللاھنىڭ جەننىتى ئىرىشىش ئۈچۈن تىرىشايلى ، امىن !
    اللا
    شۈكرى.اللە
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1411
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1411دانە
    ئۆسۈش: 1220 %
    مۇنبەر پۇلى: 15488 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-05
    ئاخىرقى: 2012-08-28
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-07 17:20

    ئى ئاللاھ ! مەن سىنىڭ پەيغەمبىرىڭنىڭ ساھابىلىرىنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ياخشى كۆرىمەن شۇڭا مىنى قىيامەت شۇلار بىلەن بىرگە قىلغىن . ئامىن
    ئى ئاللاھ ! مەن ئۇلارنى پەقەت ۋە پەقەت سىنىڭ ئۈچۈنلا ياخشى كۆرىمەن .
    اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
    ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ئاتا قىل& ..
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3033
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 893
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە893دانە
    ئۆسۈش: 510 %
    مۇنبەر پۇلى: 6336 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-17
    ئاخىرقى: 2012-09-07
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-07 21:37

    ئۇلۇغ ئاللاھ  بىزلەرنىمۇ جەننەتكە ئېرىشتۈرگەي . شۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىمىز كىرەك .
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10235
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 2
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-01-07
    ئاخىرقى: 2012-01-07
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-07 21:52

    بۇيەرگە ئىنكاس يېزلىۋاتىدۇ  
    دەرىجە: چولپان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10010
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 688
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە688دانە
    ئۆسۈش: 60 %
    مۇنبەر پۇلى: 7131 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-12-11
    ئاخىرقى: 2012-08-03
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-07 21:56

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى nazaratqi نىڭ 2012-01-07 21:52 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    بۇيەرگە ئىنكاس يېزلىۋاتىدۇ  

    ئالدىن ئورۇن ئېلىشكەندە بۇ ؟
    ئاللاھنىڭ قۇلى
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 805
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
    ئۆسۈش: 730 %
    مۇنبەر پۇلى: 8884 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-02
    ئاخىرقى: 2012-08-29
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-07 22:06

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 


    ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ؛ بۇئىشقا يەنى خەلىيپىلىككە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رازى بولغان ھالدا ۋاپات بولغان ئاشۇ بىرنەچچە نەپەر كىشىلەردىن باشقا ھېچ بىر كىشى ھەقلىق ئەمەستۇر دەپ، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىدى؛ ئەلى، ئوسمان، زۇبەير، تەلھە، سەئدى، ئابدۇررەھمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردۇر.بۇخارى.
    6100 - [ 2 ] 
    قىيس ئىبنى ھازىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ مەن تەلھەنىڭ قولىنىڭ ئۇھۇد كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى قولى بىلەن قوغدايمەن دەپ، تىتىلىپ،پارا-پارا بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم،بۇخارى
    6101 - [ 3 ]
    جابىر، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەھزاب كۈنى:ماڭا دۇشمەن كىشىلەرنىڭ خەۋىرىنى كىم ئېلىپ كىلىدۇ؟دېدى، زۇبەير؛ مانا مەن ئېلىپ كىلەي دىسە، رەسۇلۇللاھ؛ ھەقىقەتەن ھەربىر پەيغەمبەرنىڭ ھاۋارىيى يېقىن ئادىمى، ھەمراھى باردۇر، جەزمەن مېنىڭ ھاۋارىيىم، ھەمراھىم ياردەمچى ساھابەم زۇبەيىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر،دېدى. بۇخارى 2634 – ھەدىس، مۇسلىم 4436 – ھەدىس، تىرمىزى 3678 – ھەدىس، ئىبنى ماجە 119 – ھەدىس، ھاكىم ۋە ئەھمەد 14408 – ھەدىس، سەھىھ.
    6102 - [ 4 ]
    زۇبەيىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ ماڭا بەنىي قۇرەيزىلەرنىڭ خەۋىرىنى كىم ئېلىپ كىلىدۇ؟دېدى، زۇبەير؛ئۇلارنى چارلاشقا مەن بېرىپ كەلدىم، ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى ماڭاپىدا قىلىپ؛ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن دېدى.بۇخارى،مۇسلىم.
    6103 - [ 5 ]
    ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەئدئىبنى مالىكتىن باشقا بىرەر كىشىگە ئاتا-ئانىسىنى پىدا قىلغىنىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم، رەسۇلۇللاھ ئۇھۇد كۈنى؛« ئى سەئدى!ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن، ئاتىن،ئوق ئاتقىن!دېدى.بۇخارى،مۇسلىم.
    6104 - [ 6 ]
    سەئد ئىبنى ئەبۇۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ؛ھەقىقەتەن مەن اللھ يولىدا ئوق ئاتقان تۇنجى ئەرەپ بۇلىمەن دېدى. بۇخارى،مۇسلىم.ئۇ ئەرەپلەرنىڭ تۇنجىسى بۇلۇپ، اللھ يولىدا ئوق ئاتقان ئىدى.
    6105 - [ 7 ] 
     
    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىينىگە كەلگەن چاغدا بىر كېچە ئۇيقۇسىز قېلىپ؛ كاشكى سالىھ ياخشى بىر كىشى ماڭا پوستا تۇرغان بولسىمۇ!دېدى، تۇيۇقسىز بىز قۇرالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدۇق، رەسۇلۇللاھ؛بۇ كىمۇ؟دېدى، ئۇكىشى؛ مەن سەئدى دېدى، رەسۇلۇللاھ؛سىنى بۇجايغا نىمە ئېلىپ كەلدى؟دېدى، ئۇ؛ قەلبىمگە اللھ نىڭ ئەلچىسىدىن ئەنسىرەش خەۋپى كىرىۋېلىپ، ئۇنى پوستا تۇرۇپ قوغداش ئۈچۈن كەلدىم دېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ قۇيۇپ،ئاندىن ئۇخلاپ قالدى.بۇخارى،مۇسلىم.
    6106 - [ 8 ]
    ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن ھەربىر ئۈممەتنىڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى بولىدۇ، شەك – شۈبھىسىز بۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھتۇر،ئۇ ئىشەنچىلىك، ئەمىيىن كىشىدۇر،بۇخارى،مۇسلىم توپلىغان،سەھىھ.ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن ھەربىر پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى بار، مېنىڭ ئىشەنچىلىك ئادىمىم ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ بولدۇ، ئەھمەد توپلىغان، سەھىھ.
    6107 - [ 9 ] ( پچيچ )
    ئەبۇمۇلەيكەت رەھ مۇنداق دەيدۇ؛ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن، ئەگەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەلىپە سايلاپ قويماقچى بولسا، كىمنى سايلاپ قۇياتتى؟دەپ سورالغاندا ئۇ؛ ئەبۇبەكرىنى دېدى، ئۇنىڭدىن كىيىنچۇ؟دىيىلدى، ئۇ؛ ئۆمەرنى دېدى، ئۇنىڭدىن كىيىنچۇ؟دىيىلدى، ئۇ؛ ئەبۇئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنى دېدى، مۇسلىم.
    6108 - [ 10 ]
    رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، تۆت خەلىپە، تەلھە، زۇبەيىر،سەئدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار ھىرائ تېغى ئۇستىدە ئىدى، تاغ تەۋرىدى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ؛« ئى ھىرائ تېغى! جىم تۇر! ئۈستۈڭدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ياكى سىددىق ياكى شەھىد بار» دىگەن بۇ ھەدىسنى ئەھمەد، تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە سەئىددىن، ئەھمەد،مۇسلىم ئەنەس، ئۇبۇھۇرەيرەتتىن، تەبرانى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن توپلىغان، سەھىھ.
    6109 - [ 11 ]
    سەئىيد ئىبنى زەيد، ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئەبۇ بەكرى جەننەتتە، ئۆمەر جەننەتتە، ئوسمان جەننەتتە، ئەلى جەننەتتە، تەلھە جەننەتتە، زۇبەير جەننەتتە، ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋف جەننەتتە، سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس جەننەتتە، سەئىيد ئىبنى زەيد جەننەتتە، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ جەننەتتەبۇلىدۇ، تىرمىزى، ئەھمەد، زىيائولمەقدەس توپلىغان، ئەلبانى سەھىھ دىگەن.بۇ ھەدىستە، يۇقىرقى 10 كىشى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنى جەننەتكە ھايات چېغىدا كىرىدۇ دەپ بىشارەت بېرىلگەن، بىز شەكسىز ئىشىنىمىز، بۇ بىزنىڭ ئەقىدىمىز.بىزمۇ شۇلاردەك بۇلايلى!!
    6110 - [ 12 ]
    سەئىيد ئىبنى زەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئون كىشى جەننەتتە بولىدۇ، پەيغەمبەر جەننەتتە، ئەبۇ بەكرى جەننەتتە، ئۆمەر جەننەتتە، ئوسمان جەننەتتە، ئەلى جەننەتتە، تەلھە جەننەتتە، زۇبەير ئىبنى ئاۋام جەننەتتە، سەئىد ئىبنى مالىك جەننەتتە، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف جەننەتتە، سەئىيد ئىبنى زەيىد جەننەتتە بولىدۇ، ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، زىيائۇلمەقدەسى توپلىغان، سەھىھ، باشقا خاتىرىلەردە ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەررەھمۇ باردۇر،يەنەبىرخاتىردە؛ ئابدۇللاھ ئىبنى سالام ئونىنچىسى دىگەن، سەھىھ ھەدىس بار، ئەنە شۇلار ھايات چاغدىلا جەننەت بىلەن بىشارەت بېرىلگەن كىشىلەر ئىدى، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن، بۇ نېمىدىگەن چەكسىز بەخت، نېمىدىگەن زور خۇشاللىق ھە! ئالاھ بىزلەرنىمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن قىلىپ، جەننەت ئەھلىدىن قىلسۇن، ئامىن!
    6111 - [ 13 ]
    ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئۈممىتىمگە رەھىم قىلغاقراق، مىھرىبان كىشى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئاللاھنىڭ ئىشىدا قاتتىق چىڭ تۇرىدىغىنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،ھايالىقراقى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،ئاللاھنىڭ كىتابىغا قارىيراقى ئۇبەي ئىبنى كەئبى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەرىزگە ياكى مىيراس ئىلىمغا ئالىمراقى زەيىد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھالال – ھارامغا ئالىمراقى مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،ھەر بىر ئۇممەتنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىسى بۇلىدۇ، بۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك كىشىسى، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر، ئەھمەد، تىرمىزى، نەسەئى، ئىبنى ماجە، ئىبنى ھەببان، ھاكىم، بەيھەقى توپلىغان، سەھىھ.
    6112 - [ 14 ]
    زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ئۇھۇد كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇستىدە ئىككى دانە جەڭ كىيىمى بارئىدى، رەسۇلۇللاھ چوڭ بىر تاشنىڭ ئۇستىگە چىقماقچى بۇلۇپ تۇرۇپ ، كىيىمنىڭ ئېغىرلىقىدىن تاشنىڭ ئۇستىگە چىقالمىدى، ئاندىن تەلھە رەسۇلۇللاھنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ بەردى، رەسۇلۇللاھ تەلھەگە دەسسەپ تاشنىڭ ئۇستىگە چىقىپ راۋ-رۇس تۇرۇپ بولغاندا؛ تەلھەگە جەننەت ۋاجىب بولدى،دېدى.تىرمىزى،ھەسەن.
    6113 - [ 15 ]
    جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەلھەت ئىبنى ئۇبەيدەللاغا قاراپ، كىم يەر يۈزىدە ھاجىتىنى ئادا قىلىپ شېھىد بولغان ھالدا ماڭغان كىشىگە قاراشنى ياخشى كۆرسە، تەلھەگە قارىسۇن، تىرمىزى خاتىرلەپ ئەلبانى تەكشۈرۈپ زەئىپ دىدى.سەھىسىمۇ بار.
    6114 - [ 16 ]
    ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، مەن ئىككى قۇلۇقۇم بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، تەلھە بىلەن زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جەننەتتە مىنىڭ خوشنام، ھەمراھىم بولىدۇ. تىرمىزى خاتىرلەپ غەرىيپ دىگەن. ئەلبانى زەئىپ دىدى.
    6115 - [ 17 ]
    سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇھۇد كۈنى مۇنداق دىگەن: ئى اللھ ! سەئدىنىڭ ئوق ئېتىشىنى كۈچلۈك ھەم توغرا تىگىدىغان قىلسىلا، ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلسىلا.شەرھىسسۇننى.
    6116 - [ 18 ]
    سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئى اللھ ! سەئدى سىلىگە دۇئا قىلسا، ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلسىلا.تىرمىزى توپلىغان سەھىھ.
    6117 - [ 19 ]
    ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەئدئىبنى مالىكتىن باشقا بىرەر كىشىگە ئاتا-ئانىسىنى بىرلەشتۇرۇپ پىدا قىلغىنىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم، رەسۇلۇللاھ ئۇھۇد كۈنى سەئدىگە؛ « ئى سەئدى!ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن، ئاتىن،ئوق ئاتقىن! ئى ياش يىگىت!ئوق ئاتقىن»دېدى.تىرمىز،سەھھ
    6118 - [ 20 ]
    "
    جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، سەئىد ئالدىنى قىلىپ كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ مانا بۇ مېنىڭ ئانا تەرەپ تاغام بولىدۇ، ماڭا كىشى مۇشۇنداق تاغىسى بولسا كۆرسەتسۇن. (يەنى بۇ سەئىدنىڭ پەزىلىتى بولۇپ، سەئدى بەنىي زۆھرە جەمەتىدىن ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئانىسىمۇ، بەنى زۆھرە جەمەتىدىن بولغاچقا، سەئىدنى تاغام دىگەن). تىرمىزى 3685 – ھەدىس، ھاكىممۇ توپلىغان، سەھىھ.
    6119 - [ 21 ]
    قىيس ئىبنى ھازىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ؛ھەقىقەتەن مەن ئەرەپلەردىن اللھ يولىدا ئوق ئاتقان تۇنجى كىشى بۇلىمەن، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە غازات قىلغان ھالىتىمىزگە قاراپ باقسام، ئۇچاغلاردا بىزگە يىگىلى تاماق يوق ئىدى، پەقەت سەمۇرە دەرىخىنىڭ مىۋىسى بىلەن قۇلىقى بار ئىدى، بىزنىڭ ھەر بىرىمىز ئۇنىڭدىن يەپ، خۇددى قوي ماياقلىغاندەك ماياقلايتتى، ئۇماياقنىڭ قۇرۇقلىقىدىن بەزىسى بەزىسىگە زادى ئېلىشمايتتى، ئاندىن بەنى ئەسەدلەر مىنى ئىسلامغا ئاساسەن(يەنى نامىزىم توغرىسىدا)ئەيىبلەپ،تاپا-تەنە قىلىشتى، ئۇنداقتا ئەگەر ئۇلار دىگەندەك بولىدىغان بولسا، مەن چوڭ زىيان تارتقان بولمامدىم؟، ئەمەللىرىم بىكار بۇلۇپ كەتكەن بولمامدۇ؟دېدى، ئۇلار ئۇنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا ئەرز-شىكايەت قىلىپ، چېقىپ بېرىپ؛ئۇ نامازنى ياخشى ئۇقۇمايدۇ دىگەن ئىدى. بۇخارى،مۇسلىم بىرلىككە كەلگەن.
    6120 - [ 22 ] ( پچيچ )
    سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ مەن ئۆزۈمگە قاراپ باقسام، مەن ئىسلام ئەھلىنىڭ ئۈچۈنجىسى بۇلىمەن، (يەنى تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنىڭ ئۈچۈنجىسى ئىدىم)ئۇ چاغدا مۇسۇلمان بولغان ھەرقانداق بىركىشى مەن مۇسۇلمان بولغان شۇكۈنىلا مۇسۇلمان بولغان ئىدى، مەن شۇ ھالەتتە يەتتە كۈن تۇردۇم، ھەقىقەتەن مەن يەنىلا تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنىڭ ئۈچۈنجىسى بولدۇم.بۇخارى توپلىغان.
    6121 - [ 23 ] ( چسن )
    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرىغا مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن مەن بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىنكى، مېنى ئەڭ كۆپ غەم قىلدۇرىدىغان نەرسە، سىلەرنىڭ ئىشىڭلاردۇر، مەندىن كېيىن سىلەرنىڭ نەپىقە ئىشىڭلارغا پەقەت سابىرلار، سىددىق،سەدىقە يىغقۇچى،سەدىقە بەرگۈچى، سەبرە قىلغۇچىلارلا سەبرە قىلالايدۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئابدۇررەھماننىڭ ئوغلى ئەبۇسەلەمەتكە؛ اللھ تائالا داداڭنى جەننەتنىڭ سەلسەبىيل دىگەن بۇلاقلىرىدىن سۇغارسۇن، چۈنكى داداڭ ئىبنى ئەۋف، مۆئمىنلەرنىڭ ئانىللىرى بولغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىغا قىممىتى 40000 دەرھەملىك باغنى سەدىقە قىلغان ئىدى دېدى.تىرمىزى، ئىبنى ھەببان توپلىغان، سەھىھ.
    6122 - [ 24 ] ( گىيف )
    ئۇممە سەلەمەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىغا مۇنداق دىگىنىنى ئاڭلىدىم؛ ھەقىقەتەن مەندىن كېيىن سىلەرگە كۆيىنىدىغان كشى، راستچىل، ياخشىلىق قىلغۇچى كىشىدۇر، ئى ئاللاھ ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋفنى جەننەتنىڭ بۇلاقلىرىدىن سۇغارسىلا، يەنى مۈشۈكىشىنى كۆيۈنگۈچى دىمەكچى، ئەھمەد خاتىرلىگەن، ئەلبانى زەئىپ دىگەن.
    6123 - [ 25 ]
    ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، نەجران ئەھلى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كىلىپ؛ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! بىزگە ئەڭ ئىشەنچىلىك بىركىشىنى (دىندىن تەلىم بىرىش ئۈچۈن)ئەۋەتسىلە دېدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛مەن سىلەرگە ھەقىقى ئىشەنچىلىك كىشىنى ئەۋەتىمەن دېدى، كىشىلەر قايسىمىزنى ئەۋەتەركىن دەپ تاما قىلىشىپ قارىدى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئەبۇئۇبەيدەئىبنى جەرراھنى ئەۋەتتى.بۇ،مۇ،
    6124 - [ 26 ] ( گىيف )
    ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سىلىدىن كېيىن كىمگە بۇيرۇلىمىز؟ كىم بىزگە ئەمىير بولىدۇ؟ دېيىلدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەگەر سىلەرگە ئەبۇ بەكرى ئەمىير بولسا، ئۇنى ئىشەنچىلىك دۇنيادىن زاھىد ئاخىرەتكە قىزىققۇچى تاپىسىلەر، ئەگەر سىلەرگە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمىير، خەلىپە بولسا، ئۇنى كۈچلۈك، ئىشەنچىلىك، ئاللاھ يولىدا تاپىدىن، مەلامەتتىن قورقماس تاپىسىلەر، ئەگەر ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمىير بولسا «سىلەرغۇ ئۇنداق قىلمايسىلەر، ھەم قىلمدىڭلار» بۇ ئەلىينىڭ سۆزى، ئۇنى توغرا يولغا يىتەكلىگۈچى ھەم يىتەكلەنگەن تاپىسىلەر دېدى، ئەھمەد خاتىرلىگەن. ئەلبانى زەئىپ دىگەن، شۇنداق، بۇ ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە ئىشىنى ئالتە كىشى ئارىسىغا مەسلىھەتكە، كېڭەشكە تاشلاپ قويمايتتى، شۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلاتتى.
    6125 - [ 27 ] ( گىيف )
    ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئاللاھ ئەبۇ بەكرىگە رەھمەت قىلسۇن، ئۇ ماڭا قىزىنى بەردى، ھىجرەت دىيارى مەدىينىگە مىنى تۆگە بىلەن ئاپاردى، ماڭا غاردا ھەمراھ بولدى، بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆز مېلىدىن ئازاد قىلدى، ئاللاھ ئۆمەرگە رەھمەت قىلسۇن، ئۇ گەرچە ھەق ئاچچىق بولسىمۇ ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ، ھەقىقەت ئۇنى تاشلاپ قويدى، ئۇنىڭغا دوست يوقتۇر، ئاللاھ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا رەھمەت قىلسۇن، پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭدىن ھايا قىلىدۇ، ئاللاھ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا رەھمەت قىلسۇن، ئى ئاللاھ، ئۇ قەيەرگە بارسا، ئۇنىڭ بىلەن ھەقىقەتنى بىللە ئايلاندۇرسىلا، بىللە قىلسىلا دىدى. تىرمىزى خاتىرلەپ غەرىيپ دىگەن. ئەلبانى زەئىپ دىگەن،بۇھەدىس مۇنكەر. چۈنكى، مۇختار ئىبنى ناپىئ دىگەن راۋىينى ئەبۇ ھاتەم نەسەئى، ساجى، بۇخارى، ئەبۇ زەرئەتلەر ھەدىسى مۇنكەر دىگەن.