باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2234 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: پەيغەمبەرنىڭ ئېسىل ئەخلاقىدىن: دۇنياغا بېرىلمەسلىك
دوستلىشىش
ئويغاق!
كۆكلەي دىسەڭ ئويغۇرۇم سۇ بۇلايمۇ تۇپراقمۇ ؟!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10189
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 120
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
ئۆسۈش: 650 %
مۇنبەر پۇلى: 1317 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-04
ئاخىرقى: 2012-03-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-06 09:18

پەيغەمبەرنىڭ ئېسىل ئەخلاقىدىن: دۇنياغا بېرىلمەسلىك

پەيغەمبەرنىڭ ئېسىل ئەخلاقىدىن:
 
 دۇنياغا بېرىلمەسلىك 
 
 
    1. قۇلىقى كىچىككىنە بىر ئوغلاقنىڭ قىسسىسى:  
 
 جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىن كىرىپ بازاردىن ئۆتۈپ قالدى. ئىككى تەرىپىدە ساھابىلەر بار ئىدى. كېتىۋېتىپ ئۆلۈپ قالغان ئىككى قۇلىقى كىچىككىنە بىر ئوغلاقنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ قېلىپ ئوغلاققا قولىنى ئۇزۇتۇپ قۇلىقىنى تۇتۇپ تۇرۇپ دېدى: "قايسىڭلار ماۋۇنى بىر تەڭگىگە ئېلىشنى خالايدۇ؟" ساھابىلەر: ئۇنى بىر نەرسىگە ئېلىشنى ياقتۇرمايمىز، ئۇنى نېمە قىلاتتۇق؟ دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: "بۇنىڭ سىلەرنىڭ بولۇشىنى ياقتۇرامسىلەر؟" دەپ سورىۋىدى، ئۇلار: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ تىرىك بولغان تەقدىردىمۇ، قۇلىقى قىسقا بولغاچقا ئەيىبلىك بولغان بولاتتى، ئۆلۈك ھالىتىدە قانداق بولماقچى؟ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: "ئەمىسە ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەرگە ماۋۇ قەدىر-قىممەتسىز بولغاندىنمۇ بەكراق دۇنيا ئاللاھقا قەدىرسىزدۇر".(سەھىھى مۇسلىم: 2957-ھەدىس)
 
 2. ئۇنى ماڭا ئاخىرەتتە توپلاپ بېرىڭلار!  
 
خەيسەمەدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ئەگەر ساڭا پۈتۈن زېمىننىڭ خەزىنىلىرىنى، ئۇنىڭ ئاچقۇچلىرىنى سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر پەيغەمبەرگە بېرىلىپ باقمىغان، سەندىن كېيىنمۇ ھېچكىمگە بېرىلمەيدىغان مىقداردا بېرىشىمىزنى خالىساڭ، بېرەيلى، بۇ سېنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ساقلانغان نېسىۋەڭدىن كېمىيتىۋەتمەيدۇ، دېيىلگەندە، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: " ئۇنى ماڭا ئاخىرەتتە توپلاپ بېرىڭلار!" دېگەن ئىدى. ئارقىدىنلا بۇ ۋەقەلىكتە مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: (ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇركى، ئەگەر ئۇ خالىسا ساڭا ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىنمۇ ياخشى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان باغلارنى ۋە چوڭ سارايلارنى ئاتا قىلاتتى.(فۇرقان 10-ئايەت.).(تەپسىرى ئىبنى كەسىير 6/95)
 
3. ساۋۇتى رەنىگە قوياقلىق ئۆلۈپ كەتكەن.
 
ئەسۋەد رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندا ساۋۇتى بىر يەھۇدىينىڭ قېشىدا ئوتتۇز سا (ئارپا) ئۈچۈن رەنىگە قۇياقلىق ئىدى.(سەھىھۇل بۇخارى 4467-ھەدىس)
 
4. بەھرەين مېلىنىڭ قىسسىسى:  
 
زۇھرىي ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيردىن رىۋايەت قىلىدۇكى، مىسۋەر ئىبنى مەخرەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۇنىڭغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: ئامىر ئىبنى لۇئەي قەبىلىسىنىڭ ئىتتىپاقدىشى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە بەدر غازىتىغا قاتناشقان ئەمرۇ ئىبنى ئەۋف ئەلئەنسارىي ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ سۆزلەپ بەرگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى ئەلجەرراھنى بەھرەيننىڭ جىزيىسىنى ئەكىلىشكە ئەۋەتتى، ئەسلىدە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەھرەين خەلقى بىلەن سۈلھى تۈزۈپ ئۇلارغا ئەلئەلائ ئىبنى ئەلھەزرەمىينى ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى، ئەبۇ ئۇبەيدە بەھرەيندىن ماللارنى ئېلىپ كېلىۋىدى، ئەنسارلار ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ بامدات نامىزىنى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئوقۇشتى، رەسۇلۇللاھ بامداتنى ئوقۇپ بولۇپ قايتقاندا، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا چىقىۋېلىشتى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرەپ مۇنداق دېدى: «ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ بىر نەرسە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپسىلەردە» دېۋىدى، ئۇلار: شۇنداق ئى رەسۇلۇللاھ! دېيىشتى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداقتا سىلەرگە بېشارەت بار، ئۈمىد بىلەن كۈتۈپ تۇرۇڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرگە پېقىرلىقتىن ئەنسىرىمەيمەن، لېكىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە دۇنيا كەڭ-كۇشادە بېرىلگەندەك سىلەرگىمۇ دۇنيا كەڭ-كۇشادە بېرىلىپ، ئىلكىرىكىلەر ئۇنى تالاشقاندەك تالىشىپ، ئىلگىرىكىلەر ھالاك بولغاندەك ھالاك بولۇپ كېتىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېدى.(سەھىھۇل بۇخارى 4015-ھەدىس)
 
5. پەقەتلا خورما بىلەن سۇ:
 
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مۇھەممەد ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى تاكى رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۈچ كۈن ئۇدا بۇغداي تامىقىغا تويۇپ باقمىغان.(سەھىھۇ مۇسلىم 1166-ھەدىس)
 
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇنداق دېگەن: بىز مۇھەممەد ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى بىر ئاي پۈتۈن ئوت يېقىپ باقماي ئولتۇراتتۇق. ئۇ پەقەتلا خورما بىلەن سۇ.
 
6. ئىككى ئايغىچە ئۆيىدە ئوت يېقىلىپ باقمايتتى:
 
ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا: ئى جىيەنىم! بىز بىر ھىلال ئاينى، كېين يەنە بىر ھىلال ئاينى كۆرەتتۇق. شۇنداق قىلىپ ئىككى ئايدا ئۈچ ھىلال ئاينى كۆرەتتۇق. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيلىرىدە ئوت يېقىلىپ باقمايتتى، دېۋىدى، مەن: ئى ھامما! سىلەر ئۇ چاغلاردا تۇرمۇشۇڭلارنى نېمە قامدايتتى؟ دەپ سورىسام. ئۇ: خورما بىلەن سۇدىن ئىبارەت ئىككى قارا نەرسە، لېكىن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەنسارلاردىن بولغان خوشنىلىرىنىڭ سۈتلۈك چارۋا ماللىرى بار ئىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۆيلىرىدىن سۈت ئەكىرىپ تۇراتتى. شۇنى بىزگە ئىچكۈزەتتى، دېدى.(سەھىھۇل بۇخارى 6459-ھەدىس)
 
7. دۇنيادىن ئايرىلغانغا قەدەر بۇغداي ناننى تويغىچە يەپ باقمىغان:
 
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ بارمىقى بىلەن بىرنەچچە قېتىم ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دەيتتى: ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئائىلە تاۋابىئاتى دۇنيادىن ئايرىلغانغا قەدەر بۇغداي ناننى ئارقىمۇ-ئارقا ئۈچ كۈن تويغىچە يەپ باقمىغان.(سەھىھۇ مۇسلىم: 2976-ھەدىس)
يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ئالدىلىرىغا كاۋاپ قىلىنغان قوي قويۇۋالغان بىر گۇرۇپ كىشىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قىلىۋېدى، ئۇلار ئۇنى چاقىردى. ئۇ يېيىشكە ئۇنىماي مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئارپا نېنىغا تويمىغان ھالەتتە دۇنيادىن كەتكەن.(سەھىھۇل بۇخارى: 5414-ھەدىس)
 
8. بورا بېقىنىغا پېتىپ ئىز چىقىرىۋەتكەن:
 
مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مۇنداق سۈپەتلىگەن: ئۇ بىر بورىنىڭ ئۈستىدىلا ياتقان بولۇپ، ئاستىدا كۆرپە يوق ئىدى. خورما تالاسى تىقىلغان تېرە ياستۇققا بېشىنى قويغان ئىدى. بورا بېقىنىغا پېتىپ ئىز چىقىرىۋەتكەن ئىدى. پۇتى تەرەپتە بىر دۆۋە تېرە ئاشلايدىغان غازاڭلار، بېشى تەرەپتە بولسا بىرنەچچە ئاشلانمىغان تېرە ئېسىقلىق تۇراتتى، مەن بورىنىڭ ئىزلىرى بېقىنىغا پېتىپ ئىز چىقىرىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يىغلاپ سالدىم، رەسۇلۇللاھ: «نېمىگە يىغلايسەن؟» دېۋىدى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! كىسرا بىلەن قەيسەرلەر ئاشۇنداق كەڭ-كۇشادە ياشاۋاتسا، سىلى ئاللاھنىڭ رەسۇلى تۇرۇپ مۇشۇنداق قاتتىقچىلىقتا ياشاۋاتىلا، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: «ئۇلارغا دۇنيا تەگسە، بىزگە ئاخىرەت تەگسە رازى بولمامسەن؟» دېدى. (سەھىھۇل بۇخارى: 4913-ھەدىس)
 
 9. مۇشۇ نازۇ-نېمەتتىن سورالماي قالمايسىلەر:
 
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى ياكى بىر كېچىسى سىرتقا چىقتى، شۇنداق قارىسا ئەبۇ بەكىر بىلەن ئۆمەر تۇرۇپتۇ. ئۇلاردىن: بۇ سائەتتە سىلەرنى ئۆيلىرىڭلاردىن نېمە چىقاردى؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇلار: ئاچلىق يارەسۇلەللاھ، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: مەنمۇ. جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مېنىمۇ سىلەرنى چىقارغان نەرسە چىقاردى، تۇرۇڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە يۈرۈپ ئەنسارلاردىن بىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قارىسا، ئۇ ئۆيدە يوق ئىكەن. ئايالى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرۈپ: مەرھابا، كەلسىلە، دەپ قارشى ئالدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئايالدىن: پالانى قېنى؟ دەپ سورىۋىدى، ئايال: بىزگە تاتلىق سۇ ئەكەلگىلى كەتكەنىدى، دېدى. دەل شۇ چاغدا ھېلىقى ئەنسارى كېلىپ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئىككى ھەمراھىغا بىر قارىۋېتىپ: جېمى ھەمدۇ ئاللاھقا بولسۇن! بۈگۈن مېھمىنى ئېسىل بولۇشتا مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتەلمەيدۇ، دېدى-دە ئۇلارنىڭ ئالدىغا غورا خورما، يېڭى پىشقان خورما ۋە قۇرۇغان خورما بار بىر ساپاقنى ئەكىلىپ: ماۋۇنىڭدىن يەڭلار، دەپ قويۇپ، پىچاقچى ئالدى. بۇنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: سۈتلۈك مالنى سويۇۋەتمىگىن، دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ مېھمانلارغا مال سويدى. مېھمانلار قوي گۆشىدىن، يەنە ھېلىقى ساپاقتىكى خورمىلاردىن يېيىشتى. سۇ ئىچىشتى. قورسىقى تويۇپ ئۇسسۇلۇققا قانغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ بەكىر بىلەن ئۆمەرگە: جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سىلەر قىيامەت كۈنى مۇشۇ نازۇ-نېمەتتىن سورالماي قالمايسىلەر، سىلەرنى ئاچلىق ئۆيلىرىڭلاردىن چىقاردى، ئاخىرى مۇشۇ نازۇ-نېمەتكە ئېرىشىپ قايتتىڭلار، دېدى.(سەھىھۇ مۇسلىم: 2038-ھەدىس)
 
 
 
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ


باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(arzuyum) مەنپەئەتلىك& ..
  • ئادەمنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقى ئۇنىڭ روھىنىڭ ئويغاق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ
    arslantikin
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8805
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 161
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە161دانە
    ئۆسۈش: 850 %
    مۇنبەر پۇلى: 2078 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-08-30
    ئاخىرقى: 2012-02-26

    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قۇلىڭىزغا دەرت بەرمسۇن
    arslantikin
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1963
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 52
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 541 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-16
    ئاخىرقى: 2012-03-28
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-06 13:26

    بىز كىچىك ۋاقىتلاردا كۆپ ئادەم يىغىلغان سورۇنلاردا ھېچكىم پۇل-مالنىڭ گېپىنى قىلغانلىقىنى ئاڭلىمايتتۇق. ھازىرقى خېلى ئىلغار كىشىلىرمىز يىغىلغان سورۇنلاردىمۇ ئولتۇرسا-قوپسا پۇلنىڭلا گېپى بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.  بۇنىڭغا دىلىغا ئىسلام ئېڭى سىڭگەن بىر مۇسۇلماننىڭ ئىچى ئاچچىق بولماي تۇرالمايدۇ.
    جەمىيتىمىزدىكى كۆپ سانلىق ئاتالمىش مۇسۇلمان خەلقىمىزمۇ پۇل-بايلىق ئۈچۈن ھەرقاندىق پەسكەش ئىشلارنىمۇ قىلىدىغان،ئۆزى تاپقان پۇلنى،ئۆزىنىڭ گېلىغا خەجلەشتىنمۇ بېخىللق قىلىدىغان بايلىق ھېرىسمەنلىرىنىڭ ئەمەلى ھەركەتلىرى نورمال ئىنساننىڭ ئەقلىنى ھەقىقەتەن بىئارام قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بايلىق توپلاش يولىدىكى تىنىم تاپماس ئالدىراشلىقىنىڭ يا كېچە -يا كۈندۈز دېمەي، پۇل تېپىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان چارە-تەدبىرلىرى ئالدىدا شەرىيئەت چېكى،يا قانۇن دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلار تاپقان مال-مۇلكىنى خۇسۇسى غەزنە قىلىپ ساقلاپ،ئۆزىنىڭ گېلى ئۈچۈن خەجلەشكىمۇ كۆزى قىيمىغان يەردە، اﷲ رازىلىقى ئۈچۈن،تۇرلۈك ياخشىلىق يوللىرغا ئىشلىتىش ئۇلانىڭ چۈشۈگىمۇ كىرمىسە كېرەك؟ (ئىسراپچىلىق قىلماي، سەدىقى- ئېھسان قىلغانلار بۇنىڭ سىرتىدا، بۇنداق سېخى قېرىنداشلارمۇ ئاز ئەمەس) ۋەھالانكى بۇنداق كىشىلەر،ئاخىرەتنى ئويلاپمۇ قويماي،   بۇ دۇنيادا ئۈلۈم دىگەن بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك؟.     مەن بەزىدە مۇشۇنداق ئويلاپ قالىمەن...........
    ‹ اﷲ› بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇنياغا ئوشۇقچە بېرىلمەي، اﷲ رىزالىقى ئۈچۈن رسۇلﷲ ( س  ئە  ۋ) نىڭ كۆرسەتمىسى ۋە سۈننەتلىرىگە ھەقىقى ئەگىشىدىغان ئىخلاسمەن مۆمىنلەردىن قىلسۇن!!!   ئامىن !
    ئالىملار تىلسىز،تالىپلار يۇرتسىز
    جەمىيەت بۇزۇق،قانۇنلار يۈزسىز
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1736
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1736دانە
    ئۆسۈش: 180 %
    مۇنبەر پۇلى: 18357 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-22
    ئاخىرقى: 2012-07-30
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-06 13:30

    ئەسسالامۇ    -  ئەلەيكۇم،  تولمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز  ، ئۇلۇغ  اللاھ كۆپ  رەھمەتلەر  ئاتا  قىلغاي ،  امىن !
    اللا
    ئىللەت تۇزەلمىسە، مىللەت تۇزەلمەيدۇ..
    دەرىجە: چولپان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4482
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 976
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە976دانە
    ئۆسۈش: 560 %
    مۇنبەر پۇلى: 6101 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-07
    ئاخىرقى: 2012-09-06
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-06 13:47

    رەسىم:
    رەسىم:
    ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:(ئى مۇھەممەد !)  سەن ھەقىقەتەن گۈزەل ئەخلاققا ئىگىسەن.   «قۇرئان كەرىم » سۈرە قەلەم 4- ئايەت   .
    ئابدۇللاھ ئىبىن ئەمر ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناچار سۆز ،ناچار ئىشلاردىن يىراق ئىدى. ئۇ « ئىچىڭلاردىكى كىشىلەرنىڭ ياخشىلىرى  ئەڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغانلار دۇر » دەيىتتى .
    --بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
    بىز نۇمۇس قىلىشىمز كىرەك...
    شۈكرى.اللە
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1411
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1411دانە
    ئۆسۈش: 1220 %
    مۇنبەر پۇلى: 15488 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-05
    ئاخىرقى: 2012-08-28
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-06 14:14

    ھازىر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولىۋاتىدۇ ئىشلار
    اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
    kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 1128
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1128دانە
    ئۆسۈش: 2780 %
    مۇنبەر پۇلى: 13592 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-01
    ئاخىرقى: 2012-09-07
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-06 16:27

    ھەقىقى تەقۋادارلىق دىگەن مۇشۇ.
    تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
    دوستلىشىش
    نەزەرسالسام
    دەرىجە: چەكلەنگەن
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9669
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 265
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە265دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 2560 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-11-20
    ئاخىرقى: 2012-06-21
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-06 18:30

    ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10139
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 183
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە183دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 1930 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-12-21
    ئاخىرقى: 2012-05-28
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-06 22:30

    اللا دىلمىزنى. تىلمىزنى .پاك قىلسون
    ئادەم غەمسىز تۇغۇلوپ ئارزوداياشاپ ئارماندا كىتىدۇ
    ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇ& ..
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6102
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 183
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە183دانە
    ئۆسۈش: 200 %
    مۇنبەر پۇلى: 2155 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-02-15
    ئاخىرقى: 2012-08-13
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-06 23:05

      جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبىرىمىزگە مۇنداق دەيدۇ:  خالىغىنىڭچە  ياشا ، سەن چوقۇم ئۆلىسەن. خالىغىنىڭنى ياخشى كۆر، سەن چوقۇم ئۇنىڭدىن ئايرىلىسەن. خالىغىنىڭنى قىل، سەن چوقۇم قىلغانلىرىڭغا بىقىپ جازا ياكى  مۇكاپاتلىنىسەن!!!
    ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇر!!!