ئايشەمگۈل
مېھرىئاي مۇھەممەت
بىر كېچە ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇستا چايقىلىپ، قىسىلىپ، ھەر خىل پۇراقلاردىن سېزىملىرىم تەل-تۆكۈس يوقوتۇپ ئاخىر غەلبىلىك يەر يۈزىگە دەسسىدىم، تاڭ سەھەرنىڭ يېقىشلىق سوغۇق ھاۋاسى تىنىقلىرىمدىن ئېقىپ كىرىپ كېچىچە تومۇر-تومۇرلىرىمغا ئورنىشىپ كەتكەن بۇرۇقتۇرمىچىلىقنى سېرىپ چىقارغىلى تۇردى.
نېمىدېگەن تاتلىق نېمىدېگەن ساپ ھاۋا بۇ، قېنىپ-قېنىپ ئاچكۆزلىك بىلەن بۇ ھاۋانى سۈمۈرۈپ خېلىلا يىنىكلىشىپ قالدىم.
بېكەتتىن چىقىپلا ئالدىمغا چىققان يولدىشىمنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسىنى ئاسانلا تونىۋالدىم ، چۈنكى ئۇ يولدىشىمغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن، بىراق شۇ سەل پاكار ھەم يولدىشىمدىن چوڭدەك كۆرىنىدىكەن. ئۇمۇ مېنى كۆرۈپلا تونۇدى، سەۋەبى ئاپتۇبۇستا مەندىن باشقا ئۈرۈمچىدىن كەلگەن يولۇچى يوق بولۇپ، ھەممىسى يۇرتىغا قايتقانلار ئىكەن. يەنە كېلىپ كىيىنىشىم، باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدىغان سېمىزلىكىمدىن «مانا مەن سېنىڭ يەڭگەڭ» دېگەندەك كۆزگە چېلىقىپلا تۇراتتىم.
ئۇ ئالدىمغا كېلىپ سەل خىجىل چىراي سالاملىشپ تىنچلىق سوراشتى، ئاندىن قولۇمدىكى چامداننى ئېلىپ ئالدىمدا يول باشلىدى. ئۇنىڭغا بەكلا ھەيۋەت كۆرىنىپ كەتتىم بولغاي، ئالدىمدا تەمتىرەپ پۇتلىشىپ دېگۈدەك يولنىڭ نېرىقى چېتىدە دەرەخكە باغلاپ قويغان ئېشەك ھارۋىسىنىڭ يېنىغا ئاران يەتتى.
ۋاھ... دەۋەتتىم مەن ھارۋىغا قېتىلغان قارا ئېشەككە قاراپ، راستىنى دېسەم بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئېشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇشۇم ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ تەكلىپ قېلىشىنىمۇ كۈتمەي بىر سەكرەپلا ھارۋىغا چىقىۋالدىم.
-ئاچۇي ! سەت بولدى ماتوغا قوغۇن بېسىپ قويغان شۇڭا... دېدى ئۇ گەدىنى قاشلاپ، ئېنىقكى ئۇ بەكلا ئوڭايسىزلىنىۋاتاتتى.
-ۋاي، بۇنىڭدىن ياخشى ماشىنا نەدە بار، مەن ياقتۇرىمەن، بېنىز دەڭە بۇ مەن ئۈچۈن، قېنى ھەيدەڭ ! بولمىسا ئۆزەملا ھەيدەپ كېتىمەن بىكار، پىراۋام بولمىغىنىغا قارىماي تازا...
دېدىم مەن ئارىدىكى تارتىنىشنى يوق قىلىش ئۈچۈن گەپكە يۇمۇر ئارلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ. دېمىسىمۇ مەن ئۇنى ئالدىمغا ئېشەك ھارۋىسى ئېلىپ چىقىپتۇ دېگەندەك تەكەببۇر خىيالنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدىم.
ئېشەك بىر خىل رېتىمدا چامداپ سۆڭگەچلىرىنى ئوينىتىپ توپىلىق يولدا يۈرۈپ كەتتى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان دەرەخلەر، مېنىڭ ھېلىدىن-ھېلىغا رېلىستىن چىقىدىغان شائىرانە تۇيغۇلىرىمدا خۇددى مېنى قارشى ئېلىۋاتقان رەت-رەت غايىۋى مالائىكىلەردەك جانلىناتتى. ياپيېشىل ئېتىزلار كۆز يەتكۈسىز ھاياتلىق دېڭىزى ئىدى. قاياقلاردىندۇر بىر چوكاننىڭ سۈزۈك ئاۋازىدا ئېيتىۋاتقان ناخشىسى ئاڭلىناتتى. ھەممە نېمە شۇنچە سۆيۈملۈك كۆرۈنۈپ كېتىۋاتقاچقا، ئىنىمىزنىڭ ئالدىدىكى سالاھىيىتمنى ئۇنتۇپ خۇددى كىچىك بالىلاردەك:‹ئا نېمە؟ بۇ نېمە؟›دەپ ئۆيگە يەتكۈچە ئاغزىم تىنماي ۋاتىلداپ كەلدىم. ئۇمۇ باشتا قورۇنغان بولسا كېيىن پۈتۈنلەي ئەركىن ھالەتكە كەلدى.
يول بويى تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن يەتكۈچە ھوزۇرلىنىپ ئۆيگە قانداق كېلىپ قالغىنىمنى سەزمەيلا قاپتىمەن.
ئېشەك ھارۋىسى چوڭ دەرۋازىدىن كىرىپ ھويلىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىدا توختىغاندا پاكار سېلىنغان ئۇدۇل ئىشىكلىك ئۆيدىن بىر ئايال چىقىپ كەلدى، ئۇ تولىمۇ سۇلغۇن، بەكلا ھارغىن كۆرىنەتتى.
-تىنچ كەللىمۇ...ھارلىمۇ ...
ئۇنىڭ ئاشۇندىقىراق بىر نېمە دېگىنىنى ئاڭقىرالىدىم، قالغىنىنى بىلمىدىم، چۈنكى ئۇ خۇددى ئۆزىگە پىچىرلاۋاتقاندەك قالغان گەپنى ئىچىدە بايان قىلىۋەتكەن ئىدى.
بىراق يەنىلا چاندۇرماي، ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشۈپ :‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ياخشى تۇردىڭىزمۇ، دېسەم دېمىسەم سىز بۇ ئىنىمىزنىڭ ئايالى بولىسىزغۇ دەيمەن، مەن سىلەرگە ئۈرۈمچىدىن كەلگەن مېھمان.›
دەپ دانە-دانە قىلىپ سالاملاشتىم ، ھەم ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈمنى يۈزىگە يېقىپ يېقىنلىقىمنى ئىپادىلىدىم.
باراڭسىز سۇپىغا سېلىنغان كونا كۆرپىدە ئولتۇرۇپ، ھويلا ئىچىگە نەزەر سالدىم. بۇ ھويلا نەزىرىمدە شۇنچىلىك كەڭرى ئىدى.بەلكىم بىرەر مو كېلەر-ھە! دەپ ئويلىدىم مەن. بىراق ئىچىم ئاچچىق بولدى. ھويلىدا نە بىرەر تۈپ دەرەخ ، نە بىرەر تال گىياھ يوق ئىدى. يول بويى مەن كۆرگەن ھېلىقى باراقسان باراڭلىق، كۈن نۇرى ئۆتمىگۈدەك ھۈپپىدە سالقىن ھويلىلارغا ئوخشىمايتتى. ھويلىنىڭ بىر بۇلىڭىدا ئوت يېقىلمىغان بىر ئوچاق، ئوچاقنىڭ بېشىدا چېۋىنلار گىژىلدىشىپ ئولىشىۋالغان بىر قازان، يەنە ئىش قىلىپ نېمە-نېمىلەر قالايمىقان تاشلاقلىق تۇراتتى.
بايىقى ئايال يوقاپ كېتىپ خېلىدىن كېيىن بىر قولىدا بىر پەتنۇس نان، يەنە بىر قولىدا بىر چايداننى كۆتۈرۈپ ئالدىمدا پەيدا بولدى. ئۇنىڭ قولىدىكى نان بىلەن چايداننى كۆرۈپ غۇژژىدە كەيىپسىزلەندىم. خىيالىمدا يولدىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندىن كېيىن چوقۇم ئىسسىق بىر قاچا تاماق ياكى ئاچچىق چۈچۈك بىرەر تەخسە قورۇما كۆرىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەپسۇس ئالدىمدا قاتتىق نان بىلەن ئىلمان قايناقسۇ پەيدا بولدى. نېمىسىنى دەي ئۆزەمنى زورىغا بېسىپ، يالغان ھىجىيىپ ئىلمان چاي بىلەن بىر بوردا قاتتىق ناننى شۇنچىلىك تەستە يۇتتۇم، بىراق بولمىدى، تەكەللۇپ قىلىپ يەنە چاي لىقلاشقا كۆتۈرۈلگەن چايداننى جايىغا ياندۇردۇم، چايدىن كېيىن ئۇ ئايال مېنى ئۆيگە باشلىدى، بوسۇغىدىن ئاتلاپلا كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ تۇرۇپ قالدىم. بىردەمدىن كېيىن كۆزلىرىم قاراڭغۇلىققا سەل كۆندى، ئۆي ئىچى ئاچچىق بىر خىل قاڭسىق ئىس پۇرايتتى. نەدىن كەلگەن ئىس پۇرىقى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم.
ئۆيدە بىر كاڭ بار ئىكەن، قارىماققا قىشتا بۇ كاڭنىڭ ئاستىدىن ئوت يېقىلدىغاندەك قىلاتتى. كاڭدا بىر پارچە تەڭلىمات كىگىز سېلىقلىقكەن، بىر بۇلۇڭدا بىر توپ يوتقان كۆرپە پۇرلاپ تاشلىغاندەك يىغىپ قويۇلۇپتۇ. ئايال شۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر كۆرپىنى تارتىپ بىر چەتكە سېلىپ مېنى يېتىۋىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئامالسىز كۆرپىگە قاراپ تىزلىنىپ دېگۈدەك ئۆمۈلەپ چىقتىم. نىمىشقىدۇر بۇ ئۆيدىن يىرگىنىپلا تۇراتتىم. مەيلىمگە قويسا ئالدى ئارقىمغا قارىماي قېچىپ چىقىشىمدا گەپ يوق، بىراق ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ-دە.
ئىچىمدە ئويلايمەن، ئەگەر چىقىپ كەتسەم ، تۇققانلارنىڭ ھەممىسى مېنى ھاكاۋۇر ، قائىدە بىلمەيدىغان شەھەرلىك دېيىشىدۇ، چىقىپ كەتمىسەم بۇ ئۆيدە بىرەر كېچە قونۇشقىمۇ كۆزۈم يەتمەيدۇ. قانداق قىلارمەن؟ بېشىمغا تاغ يىقىلغاندەك بولدى، ئامالىم يوق. يەنىلا مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇشقا مەجبۇرمەن.
ھېلىقى ئايال دىمىقىدا بىر نېمىلەرنى دەپ، بىر ياستۇقنى بېشىمغا قويۇپ بېرىپ چىقىپ كەتتى، خىيالىمدا ئۇنى :
-سىز ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ، مەن تاماق قىلاي!-دېدى دەپ ئويلاپتىمەن، يېرىم سائەتلەردىن كېيىن چىقسام ھويلا تىمتاس، كۈن نەيزە بويى تىكلىشىپتۇ.
يازنىڭ قىززىق ئاپتىپىدا بۇ چوڭ ھويلا ماڭا شۇنداق سەت كۆرۈندى. تەپسىلى قارىسام ھويلىنىڭ شىمال تەرىپىدە قارىماققا ئىككى ئېغىزدەك كۆرىنىدىغان بىر ئۆي باركەن، ئاستا بېرىپ ئىشىكتىن بويۇنداپ قاراپ باقتىم، ئاھ خۇدا! ھېلىقى ئايال شۇ ئۆيدە خورەكنى دۆڭ تارتىپ ئۇخلىغىلى تۇرۇپتۇ.
بۇ ئۆي بايا مەن ياتقان ئۆيدىنمۇ بەتتەر ئېشەك ئېغىلىكەن، يەر سىموتلانمىغان، ئا تامدىن ما تامغا كات قۇرۇلغان، نە بىرەر پارچە گىلەم، نە كۆزگە چېلىققۇدەك تەئەللۇقات يوق، ھەمە يەر ئېچىنىشلىق بىر مەينەتچىلىك.
بىخسىغان بىر خىل سېسىق پۇراق، ھېلىقى ئايال خورۇلداپ ئۇخلاۋاتىدۇ، يېنىدا ئىككى كىچىك باش... مېنىڭ كىرگىنىمنى سەزدى بولغاي ھېلىقى كىچىك باشلاردىن بىرسى ئاستا كۆتۈرلۈپ شالتاق بېسىپ كەتكەن ئۇماق بىر چىراي كۆرۈندى. ئۇ ماڭا قاراپ شۇنداق تاتلىق بىر ھىجايدىكىن، بۇ مەن ھويلىغا كىرىپ كۆرگەن ئەڭ يېقىملىق مەنزىرە مۇشۇ بولدى بولغاي.