باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4152 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: ئۆزبېكچە ناخشىلاردىكى تېتىقسىزلىق
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10201
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-05
ئاخىرقى: 2012-05-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 11:06

ئۆزبېكچە ناخشىلاردىكى تېتىقسىزلىق

 

        ياشلىرىمىز ئارىسىدا چەتئەلنىڭ ناخشىسىغا قىزىقىش،كەلسۇن-كەلمىسۇن دوراپ ئېيتىش،مۇزىكىسىنى ئوغرىلاپ يېڭى تېكىست سېلىپ ئېيتىش،ياكى قىلچىمۇ خىجىل بولماي ئۆزىنىڭ نامىدا ئېلان قىلىپ ئېيتىش قىلمىشلىرى بارغانچە ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى.گوياكى سەل قېلىنراق ئادەمنىڭ ھەممىسى ناخشىچى،ئىجادىيەتچى،شائىر بوپ كەتكەندەك.ناخشىلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە تېتىقسىزلاشقىلى،ناخشىچىلىرىمىز لاۋزىلاشقىلى تۇردى.پۇل ئۈچۈن،نام-ئابرۇي ئۈچۈن ئۆزىدىكى سەنئەت قابىليىتى بىلەن ھېساپلاشماي «چولپان» بولۇش كويىدا يۈرگەن «ناخشىچىلىرىمىز»چەتئەل ناخشىلىرىنى،ناخشىچىلىرىنى دوراپ قارا لېنتىلاردىن،قانۇنلۇق لېنتىلارغا كۆچتى ئەمدىلەتىن سەھنىلەردە،رادىيۇ-تېلىۋېزورلاردا بىمالال ئۆزىنى نامايىش قىلالايدىغان دەرىجىگە يەتمەكتە.(بۇ قېتىمقى يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكى بۇنىڭ دەلىلى).شېئىريەتتىن،ناخشىچىلىقتىن ،ئىجادىيەتتىن چالا ساۋات بۇ يۈزى داپ ناخشىچىلىرىمىز شۇنچە پۇل تېپىپمۇ ۋاقتىنى،پۇلىنى مۇشۇ كەسىپتە مۇنتىزىم تەربىيە ئېلىشقا ئازراق بولسىمۇ سەرىپ قىلماقتا يوق،تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ چەتنىڭ مەدىنيىتىنى سۆرەپ كىرىپ ئۆز خەلقنىڭ مەنىۋىيىتىنى بۇلغاش،دەپسەندە قىلىش بىلەن ئاۋارە بولماقتا.

       بىز چوڭ بىلگەن شۇ ئۆزبېكچە ناخشىلارغا،ناخشىچىلىرىغا  ئۆزبېك خەلقى قانداق باھا بېرىدۇ ؟شۇلاردىن بىز ھوزۇرلانغانچىلىك ھوزۇرلىنامدۇ؟بۇ ھەقتە ئۆزبېكچە تورلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىدىن ئىككىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.پايدىسى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

 

 

       بۈگۈن يارىتىلىۋاتقان بەزى ئۆزبېكچە ناخشىلارنى ئاڭلاپ،ئادەمنىڭ ھەپسىلىسى ئۆچىدۇ.بۇ ناخشىلاردا نە دىلغا ياققۇدەك مۇزىكا،نە يۈرەككە تەسىر قىلغۇدك  شېئىر بار.بەزەن ناخشىچىلارنىڭ ئاۋازى ھەم يۈكسەك دەرىجىدەبولىدۇ.رادىيۇدا بېرىلىۋاتقان بولسىغۇ، باشقا قانالغا يۆتكەپ قويۇپلا مەسىلىنى ئاسانلا ھەل قىلىش مۈمكىن.ئەمما بېكەتلەردە،بازارلاردا قارا دېسكىلارنى سېتىۋاتقانلار كۆپرەك شۇنداق ناخشىلارنى سېتىش بىلەن ئاۋارە.نائىلاج ئاڭلايسز،مەزىسىز ناخشىنى ئاڭلىماي دەپ ئۇچرىغان ئابتۇبۇسقا چىقىپ كېتەلمەيسىز.

      بۇنداق ھالەت سىزگە تەسىر قىلماي قالمايدۇ.دىلىڭىزغا ئاستا-ئاستا شۇ ناخشىلار ئورنىشىپ قالغىنىنىمۇ سەزمەيسىز .بازارلىرىمىزدا شۇنداق ناخشىلار يارىتىلىۋاتۇدىكى،ئۇلارغا ئومۇمەن شائىر مېھنىتىنىڭ،شېئىرنىڭ كېرىكى يوق.چۈنكى بىزنىڭ ئىجاديەتچىلىرىمىز كۈندىلىك ئاددىي نۇتۇقتىنمۇ بېمالال ناخشا يارىتىۋاتىدۇ .بۇنداق ناخشىلارنى ئاڭلاپ،سىزمۇ ئۆزىڭىزنى شائىر سانىسىڭىز،«بۇنداق شېئىرنى مەنمۇ يازالايمەنغۇ!» دېگەن ئويغا كەلسىڭىز ئەجەپ ئەمەس.بۇنداق ناخشىلاردا قاپىيە تۈگۈل،ۋەزىننى،تۇراقنىمۇ قېدىرىپ ئاۋارە بولماڭ.چۈنكى بەرىبىر تاپالمايسىز.

         ئىختىيارسز ئويلىنىپ قالىسىز:«ناخشىچىلىرىمىز بۇنداق تۇترۇقسىز ناخشىلارنى قايسى شېئىرلار ئاساسىدا يارىتىشىۋاتقاندۇ؟شائىرلىرمىز شۇلارنى شېئىر دەپ يېزىۋاتقان بولغىيمىدى».توغرا،ھازىر شائىرغا مۇراجەت قىلماي،ناخشىچىنىڭ ئۆزى مۇزىكىغا چۈشۈرۈپ«شېئىر»يېزىشى مودا بولدى.بەلكى شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەتبۇئاتلاردا يېقىنقى يىللاردا«پالانچى شائىرنىڭ شېئىرى»دېگەن ئىبارە ئورنىغا «پالانچى سۆزى»دەپ يېزىلىۋاتمامدۇ؟ شۇنداق ناخشىلارغا «شېئىرسىز يارىتىلىۋاتقان ناخشىلار»دەپ باھا بېرىش توغرا بولسا كېرەك.ئەسلىدە،بۈگۈنكى زامانىۋى ناخشىلارنى ئاڭلاپ تۇرۇپ،سۆزىنىڭ شېئىرىيەت قائىدىلىرىگە ئومۇمەن توغرا كەلمەسلىكىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن شائىر بولۇش شەرت ئەمەس.شېئىرىيەتتتىن يىراق ئاڭلىغۇچىلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ناخشىلاردا قاپىيە،مەزمۇن يوقلىقىنى ئىلغاپ ئېلىشالايدۇ.بۇ ناخشىلاردا نە شەكىل بار،نە مەزمۇن.ئۇلار مۇخلىسلىرىنىڭ دىتىنى ئۆلتۈرۈشتىن باشقىغا يارىمايدۇ.كۆپىنچە «ناخشا ياقمايۋاتقان بولسا،باشقا قانالنى ئاڭلاش ياكى ئوينىڭنى ئويناش»دېگەن جاۋاپنى ئاڭلايمىز.بۇ قاراش-مۇخلىسقا نىسبەتەن ئادالەتسىز مۇناسىبەتتۇر. ناخشىچىلارنىڭ ھەممسى شۇ پىكىرنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ«ئىجات قىلسا»ئەتە-ئۆگۈن بىچارە دىتى يۈكسەك مۇخلىس نىمىنى ئاڭلايدۇ؟ سەنئەتكە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان سەۋىيىلىك ناخشىنى قەيەردىن ئىزدەيمىز؟ دېمەك،ئۇنداق تاللاش ئىختىيارى قالمايدۇ.نەتىجىدە ئۇلارنىڭ دىتىمۇ ئاستا-ئاستا،ئۆزى بىلمىگەن ھالدا ئۆلۈشكە باشلايدۇ.تاينى يوق ناخشىلىرى بىلەن ئۈچ-تۆت ئاڭلىغۇچىنىڭ قۇلىقىغا ناخشىسىنى سىڭدۈرگەن ناخشىچىلار «مېنىڭ ئۆز مۇخلىسلىرىم بار،ئاشۇلار ئۈچۈن ئىجات قىلىمەن»دېگەن سەپسەتە بىلەن مۇخلىسنىڭمۇ،ناخشىلىرىنى تەنقىت قىلىشقا جۈرئەت قىلغان ژۇرنالىستنىڭمۇ ئاغزىغا ئۇرىدۇ.كۆپىنچە ناخشىچىلارنى كۈزەتكەنمەن:ناخشىسىنى تەنقىت قىلىپ،سەۋىيىسىزلىكىنى يۈزىگە سالغۇدەك بولسىڭىز،دەررۇ :«مەن يېڭىلىق ياراتماقچى ئىدىم،باشقىلارغا ئوخشاپ قېلىشىنى خالىمايمەن.ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئۇسلۇبى بولىشى كېرەكقۇ»دېگەن باھانىنى ئۆزلىرىگە قالقان قىلىشىدۇ.مۇبادا بۇ يېڭىلىقنىڭ بېمەنىلىكىنى ئېيتسىڭىز«شۇنچە ئادەم ئاڭلاۋاتىدىغۇ؟ئۇلارنىڭ ھەممىسى بېمەنىمۇ؟»دەپ ئاغزىڭىزنى يېپىپ قويىشىدۇ.

        ئەمما شۇنداق سەنئتكارلارمۇ باركى،كۆزگە كۆرۈنىش،نام چىقىرىش ئۈچۈنلا ئۆزى ياخشى ئېيتالمايدىغان ناخشىنىمۇ ئېيتىۋېرىشىدۇ.چۈنكى پەيتىڭنى پايلاپ تۇرىشى كېرەك.ئايرىم ناخشىچىلار ھەدەپ مەنىلىك ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىدىن ئادەملەرنىڭ تويغا ئەتمەي قويغىنىدىن سىقىلىپ، بىر خىل سۆزلەردىن ئىبارەت ناخشىلارنى يارىتىشقا ئېھتىياج سېزىشىدۇ.ئۇلار ئۆزلىرىنى بۇنى تىجارەتچىنىڭ تەلىپى دپ ئالداشقا ئۇرىنىشىدۇ. بۇ بىر خىل يېڭى تىرىكچىلىك يولى خالاس.شۇنداق پەيتتە ئۇلارنى تەنقىت قىلىشقا پېتىنالمايمىز.ئەمما كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ كېتىۋاتقان تۇزسىز ناخشىلار،ناخشىچىلار،شېئىريەتكە پەقەتلا ئالاقىسى بولمىغانلار ئۆزلىرىنى شائىر دەپ ھىساپلاپ،مۇزىكىغا ماس سۆز يېزىشنىڭ كويىدا بولۇپ،تىڭشىغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆلتۈرۈشنى كەسپ قىلىشتى.ئۇلارنىڭ چۆنتىكى پۇلغا تولسا بولدى.بىر-بىرىدىن سەۋىيىسىز ناخشىلارنى ئاڭلاپ،ھەتتا مايمۇنلارمۇ دات سېلىپ يىغلاۋاتقىنى بىلەن نىمە ئىشى بار ئۇلارنىڭ.ھەيران قالىسىز.  ناخشىچىلىرىمىزنىڭ دۇنيا قارىشى شۇنچىلىك تار تۇرسا.

       بېمەنىلىك شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى،ئادەتتە،كوچا لالمىلىرىنىڭ،ئۆزلىرىنى كوچا خوجايىنى دەپ بىلىدىغان مۇشتومزۇرلارنىڭ نۇتقىدا قوللىنىلىدىغان سۆزلەرمۇ ناخشىلارغا كىردى.بۇ نەق مەدەنىيەتسىزلىك ئەمەسما؟يېرىمى رۇسچە،يېرىمى ئېنگىلىزچە،يېرىمى يەنە بىرەر ئەجنەبىي تىلدىن ئېلىنغان سۆزلەردىن ئىبارەت «ئۆزبېكچە»ناخشىلارنى ئاڭلاپ تۇرۇپ،باشقىچە خۇلاسە چىقارغىلى بولارمىدۇ؟زامانىۋىي ناخشىلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان تاشكەنت شېۋىسىدىكى سۆزلەرنى ساناپ سانىغا يەتكىلى بولمايدۇ. گويا ئەدەبىي تىل تەلەپلىرىگە پەقەتلا خەلق ناخشىلىرىدا ئېتىبار بېرىلىۋاتقاندەكلا.

      ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس،ناخشا ئىشقىبازلىرىنىڭ دىتى ئۆلۈپ بېرىۋاتقانلىقىغا،ياشلارنىڭ ئىنتايىن كۆپ يەڭگىل ناخشىلارنى بېرىلىپ تىڭشاۋاتقانلىقىغا،ناخشىچىلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ شېئىرسىز ناخشىلارنى ئىجرا قىلىۋاتقىغا .بۇ ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇشقا ئىلاجى يوق.ئەسلىدە،بۇ كۆز يۇمۇپ تۇرۇۋالىدىغان مۇئەمما ئەمەس.لېكىن نىمىشقىدۇر ناخشىچىلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى مۇئەممانىڭ يېشىمىنى تېپىشقا ئۇرۇنۇش تۈگۈل،بۇ ھەقتە گەپ قىلىشتىن ھەم قېچىشىدۇ.سەنئەتشۇناسلىرىمىزمۇ بۈگۈنكى ناخشىلارنى تەھلىل قىلىش ھەققىدە ئويلاشمايدۇ.ئۇنداقتا بۈگۈنكى ناخشىچىلىق سەنئىتى ھەققىدە كىم باش قاتۇرۇشى كېرەك؟

 

 

 

           كىشىنىڭ دىتى ۋە پاراسىتىنىمۇ زەھەرلەش مۈمكىنمۇ؟كاشكى،بۇ سوئالغا ياق دەپ جاۋاپ بېرەلىسەك.ئەپسۇسلار بولسۇنكى،بۈگۈنكى ئايرىم«زامانىۋى»سەنئەت تۈرلىرى ئۆز ھاسىلاتلىرى بىلەن ئادەملەرنىڭ(ئاساسەن ياشلارنىڭ)دىتىنى ئاستا-ئاستا زەھەرلەۋاتىدۇ.بۇنداق«ئوغا»تۈرىگە ھېچ بىر ئىككىلەنمەستىن تاينى يوق،مەنىسىز،كۆرگەن كىشىنىڭ روھىيىتىنى يىمىرگۈچى ناچار ناخشا پىلاستىنكىلىرىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرىشىمىز مۈمكىن.سەنئىتىمىزگە نىسبەتەن يېڭى بولغان بۇ يۆنىلىشنى ئايرىم لەقۋا،دىتسىز ۋە ساۋاتسىز«ناخشىچى سەنئەتكار»لىرىمىز ئۆزلىرى ئويلىغان قېلىپقا سېلىپ،نېرۋىغا تېگىدىغان ھالدا ئېلىپ كېلىشتى.

       خۇش،سىز MTV دەپ نېمىنى چۈشۈنىسىز؟مەسىلەن مەن كىچىك يىگىتنىڭ ئەتراپىدا يىگىرمىچە قىزنىڭ نايناقلاپ،پەرۋانە بولىۋاتقىنى،چۈشۈنۈكسىز قىلىقلار قىلىپ ئويناۋاتقانلىقى دەپ چۈشۈنىمەن. MTV لار ئۈچۈن يەنە تەييار قېلىپلارمۇ بار: ناخشىچى بىرەر قىممەتباھا ماشىنىنى ھايداپ كوچا ئايلىنىدۇ ياكى ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن،قىلغان ساياھەتلىرىدە كامىراغا مۆھۈرلەنگەن ئايرىم ھالەتلەرنى تاماشىبىنغا كۆز-كۆز قىلىدۇ.شۇنىڭدەك، MTV لاردا يەنە بىر تەكرارلاپ سۈيى چىقىپ كەتكەن ھالەتمۇ بار:كۆپچىلىك تېخى تونۇپ ئۈلگۈرمىگەن ياكى ئايرىملار نامىنى سەل-پەل ئەسلىيەلەيدىغان ناخشىچى«ئىستىقلال»سەنئەت سارىيىدىنمۇ ياكى بىرەر سىتۇدىيىدىنمۇ ئەيتاۋۇر سالاپەت بىلەن چىقىپ كېلىدۇ.ئۇنى «مۇخلىسلار»(بىرەر سەنئەت ئوقۇش يۇرتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى) گۈللەر بىلەن كۈتىۋالىشىدۇ ۋە قول قويۇپ بېرىشىنى ئۆتىنىشىدۇ. ئومۇمەن، MTV نىڭ مەقسىتى نېمە؟ناخشىچىنىڭ يېڭى تىكتۈرگەن كۆينەكلىرىنى،ماشىنىسىنى،ئۆيىنى ياكى بەزى بىر «تېتىقسىز قىلىق»لارغا قادىرلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ؟ياكى ناخشا سۆزلىرىنى ئەينەن شۇ نەرسىلەر ئەتراپىدا ئايلىنىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىشمۇ؟ تاماشىبىن ناخشا سۆزلىرىدىن نىمە مەنىدە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمىگىدەك دەرىجىدە گول ياكى ئەما ئادەممۇ؟ئايرىم رېجىسسۇرلارنىڭ ئىزلىنىشى ۋە ئەمگىكى نەتىجىسىدە سۈرەتكە ئېلىنغان ساناقلىق MTV لارنى ھېساپقا ئالمىساق،قالغان بارلىق MTV لاردىكى ۋەقەلەرنى ناخشا تېكىستى بىلەن مەنتىقەن باغلاش قىيىن.

                             مەنا ئىزدەپ،بولماڭ ئاۋارە....

      ناخشىچى پىردەۋىس فەزلىدىنوۋنىڭ«سۆلىم»ناخشىسغا ئىشلەنگەن MTV دا«يارنى ئەينەكتىن قاراڭ ناز ئۇيقىغا يەتكەنمىكىن»دېگەن مىسرالار ئېيتىلىۋاتقاندا تەسۋىردە كۈپ-كۈندۈزدە ئۇخلاپ ياتقان قىزنىڭ كۆرسىتىلىشى ۋە قوشنا يىگىتنىڭ ئۆينىڭ ئوچۇق دېرىزىسىدىن ئۇخلاپ ياتقان قىزغا گۈل ئېتىشى بەكلا غەلىتە كۆرىنىدۇ.بۇنداق MTV ئىجاتكارلىرىغا قويۇپ بەرسىڭىز،ئىككى سۆيۈشكەننىڭ ۋىسالغا يېتىشىنىمۇ تاماشىبىنلارغا كۆرسىتىپ قويغۇسى كېلىدۇ.

       «شاھزات»گۇرۇھىنىڭ«بالە»ناخشىسىغا ئىشلەنگەن،تېلىۋېزورلاردا قايتا—قايتا كۆرسىتىلىۋاتقان MTV سىنى كۆردىڭىزمۇ؟قارا كالتا شارتىك كىيگەن ئايال«مانا،مەن بۇياقتا-مەن»دەپ «خېرىدار»چاقىرىش ئۈچۈن ئۇسسۇل ئويناۋاتقانغا ئوخشايدۇ.ئۇنىڭ يېنىدا ئاق شارتىك كىيگەن يەنە بىر ھەمرايىمۇ بار.ئايال ئارىلاپ كۆكسىنى چوقچايتىپمۇ قويىدۇ.راشىد خالىقوۋ بولسا،بالە-بالە دەپ خۇشال ھالدا ئالقىشلاپ تۇرىدۇ.ئايال بولسا ھېلى ئۇ ياققا،ھېلى بۇ ياققا غىلجىڭلاپ،ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىدۇ.ھەر قانچە ئۇرۇنساقمۇ بۇ MTV دىن مەنا تاپالمايمىز.

       مۇنىسە رىزايىۋا دېگەن ناخشىچى بولسا«ئايرىلما،يار»دەپ ناخشا ئېيتىۋاتىدۇ.سۈرخاندىيارىلىقنىڭمۇ،قەشقەردىيارىلىقنىڭمۇ  كىيىمىنى كىيگەن ئۈچ-تۆت ئايال «ئاھا-ئۇھا»دەپ قويىدۇ.(چوپ-چوڭ ئاياللارنىڭ بېمەنە لېنتىغا قوشۇلۇپ ئاۋارە بولغىنى نىمىسى)

بېۋاپاغا دىل بەرسەم يار-يارەي،

ئەجرىدە تۈنلەرىم ئەمدى بېدارەي دەپ خانىش قىياپىتىدىكى ئايال خۇددى جەزبە بىلەن ئوينايدۇ:ھېلى قولىنى يايسا،ھېلى يۇمىدۇ...ئارىلاپ ئەجنەبى قىياپىتىدىكى ئەركەك داپچىنى ئۇرۇپ-ئۇرۇپ قويىدۇ...

         MTV لىرىمىزنىڭ كۆپچىلىكى بېھايالىقنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرىنىۋاتقانغا ئوخشايدۇ.ئۇنداق بولمىغىنىدا،ئاتابېك مۇتەلخۇجايېۋ «رەببىم شۇنداق يەر ئاتا ئەت»دەپ يېرىم-يېلىڭاچ قىزنى دېڭىز بويىدا سۆرەپ يۈرمەستى.مېھرىبان بولسۇن،ۋاپاسىغا ئىشەنچ بولسۇن،دەپ يالۋۇرىۋاتقان ناخشىچى تاللىغان قىزىغا ئۆزىمۇ ئىشەنمەيۋاتىدۇ.سۈرەت مودىللىرىرىغا ئوخشاش ،شاداپاچاق قىز دېڭىز بويىغا لېنتىغا چۈشۈش ئۈچۈن ئەمەس،پۇتلىرىنى ئاپتاپتا قاقلاش ئۈچۈن بارغانغا ئوخشايدۇ.ئاشىق يىگىت بولسا ئۇنىڭ كۆرىنىشىدىن شۈبھىگە چۈشۈپ،ياراتقۇچىسىدىن ۋاپادار يار سوراپ يالۋۇرىۋاتىدۇ...

      كانىزا دېگەن ناخشىچى قىزىمىزنى ئېيتمايسىزمۇ؟ھەر بىر MTV دا يېرىم يالىڭاچ بولۇپ،بەدىنىگە رەسىم چېكىدۇ،يۈزىگە نىمىلەرنىدۇر سىزدۇرىدۇ،پىچاقلار تىغىدا ئويۇن قىلىدۇ.بېشىغا ئىسرىقدان قويۇۋالىدۇ-يەي... ۋاي ئۇنىڭ ناز-پىراق بىلەن نايناقلاشلىرىنى كۆرمەيسىز....«بەدىئىي كېڭەش»دېگەنلىرى ئاللاقاياقلارغا كىرىپ كېتىپتۇ دەپ ئويلايسىز.بولمىسا،بۇ MTV لارنى تېلىۋېزور ئارقىلىق چوڭمۇ،كىچىكمۇ كۆرىدۇ.بۇ خانىمدەك بېھايا MTV لىرى بىلەن ياشلارنىڭ تەربىيەسىنى بۇزىدىغۇ دەيدىغان بىرەر ئىنساپلىقنى تاپقىلى بولارمۇ.

      ناخشىدا ئىپادىلىنىۋاتقان مەنانى زورۇقۇپ چۈشەندۈرۈش MTV لىرىمىزگە خاس خۇسۇسىيەت سانىلىپ قالدى.مەسىلەن:ناخشىچى«قاراما كۆزلەرىمگە»دەپ كۈيلىسە، MTV قەھرىماننىڭ كۆزىگە بىر نەرسە باغلاپ قويىشىدۇ...ھاجىئەكبەر دېگەن ناخشىچىمىز MTV سىدا «ۋاھ-ۋاھەي»دېگىنىچە(ئانىسىدىن نەرسىسىنى ئالامايۋاتقان بالىغا ئوخشاش) ھېلى دۇكاندىن،ھېلى تارىخىي بىنا ئالدىدىن ،ئالدىدا قىز،ئارقىدا يىگىت ئۆتۈپ كېتىشىدۇ.مېڭىپ-مېڭىپ ئاخىرى تەنتەربىيە مەيدانىغا يېتىپ كېلىشىدۇ،يىگىت قىزغا«سېنىڭ جايىڭ شۇيەر،تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىپ ئوزىشىڭ كېرەك»دېمەكچىمۇ بىلمىدىم(بۇنىڭدىن باشقا مەناسى بولمىسا كېرەك)

        سىزمۇ MTV لاردىن مەنا قىدىرىۋاتقان بولسىڭىز مەسلەھەتىم شۇ-بېكارغا ئۆزىڭىزنى قىينىماڭ.توغرا،يۈزدەك MTV دىن ئازراق مەنىلىكلىرى چىقىشى مۈمكىن،ئەمما ئاشۇنى تاپقۇچە نۇرغۇن ئازاپ تارتىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

         ئىلگىرى ئۇستاز سەنئەتكارلىرىمىز MTV لارسىز،ئارتۇقچە دەبدەبىلەرسىزمۇ خەلق ئالدىغا چىقىپ،ئۆز سەنئەتلىرىنى نامايىش قىلىشقان.ئۇلار بېمەنە قىلىقلارسىزمۇ مۇخلىسلار كۆڭلىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.چۈنكى ئۇلار ئىجرا ئېتىۋاتقان ناخشىلار –ئېسىل سەنئەت دۇردانىسى ئىدى،ئارتۇقچە ھەل بېرىشلارغا مۇھتاج ئەمەس ئىدى.ھازىر بولسا ناخشىسى ئۆتمەيۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەۋاتقان ئايرىم ناخشىچىلار MTV بىلەن ناخشا كامچىلىقلىرىنى يېپىشقا ئۇرۇنماقتا.بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىز ئاراسىدا تونۇلغان مەشھۇر ئاكتىيۇرلاردىن پايدىلىنىشماقتا.(ئەلۋەتتە ئۇلارنى لېنتا سۈرەتكە ئېلىنىدىغان مەيدانلارغا توغرىلاپ ياكى مەجبۇرلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقىنى يوق)ئاشۇ مەشھۇر ئاكتىيۇر-ئارتىسلىرىمىزمۇ قانداق مەنىدىكى ناخشا لېنتىسىغا سۈرەتكە چۈشۈۋاتقانلىرىغا سەل ئەھمىيەت بېرىپ قويسىدى«ناخشىچىمەن»دېگەننىڭ ھەممىسى ئۆز سەنىمىمگە دەسسىتىمەن دېگەن ئويدا كۆڭلىگە كەلگىنىنى قىلىۋەرمەس ئىدى.

        ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىنتايىن كۆپ ناخشىچىلار ئۆتكەن.ۋاپات بولغىنىغا كۆپ يىللار بولغان بولسىمۇ ناخشىلىرى سۆيۈپ تىڭشىلىدىغان،سۆيۈپ كۈيلىنىدىغان سەنئەتكارلار ھەم تالايغىنا.ھازىرقى«ئاپسانىۋى»،«ئاخماقانە»لېنتىلارنى كۆرۈپ،ئويلاپ قالىمەن،ئادەملەر بۇ سەنئەتكارلارنى كېيىنچە قانچىلىك دەرىجىدە ئەسلىشەركىن:نومۇس بىلەنمۇ،ئەلەم بىلەنمۇ،ھاقارەت بىلەنمۇ؟..ئومۇمەن ئەسلەمدىغاندۇ؟


[ بۇ يازمىنىراۋاپ 2012-01-05 11:11قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8228
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
ئۆسۈش: 280 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-20
ئاخىرقى: 2012-04-28

 
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3277
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 265
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە265دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 1610 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-05-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 12:15

يارايسىز .  ئۆزبىكچە ناخشا لارنى ياقتۇرمايمەن .
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 945
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 9922 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-05-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 12:19

ھوشور  قارىنىڭ  بوم پەدىسىدىن  باشقىسى  بىكار..  ئابدۇرشىت  يۈسۈپنىڭ  ناىشىلىرىمۇ  بولىدۇ
ئادىيات
نېمە ئۈچۈن ياشايمىز؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10090
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 44
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە44دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 632 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-18
ئاخىرقى: 2012-04-25
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 12:19

شەيتان ئۇلارغا بۇقىلمىشىنى چىرايلىق كۆرسەتمەكتە  مۇشۇ لاۋزا سۆۇيدۇم دىسە كۆيدۇم دەيدىغان ئاخىرى چىقمايدىغان
تۈگمەس ئاشىقلار كۈيى خەيييييييييييييي     غەپلەت
بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدا بىرئاسانچىلىق بار
ھەقىقەت ئىككى كىشىگە مۇھتاج،بىرى سۆزلىگۈچى،يەن& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1207
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 250
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە250دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 3018 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-05-04
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 12:22

غەرىپ ئەخلەت ئىديەسىنىڭ سىڭىپ كىرشى مۇشۇمىكى!!!!بۇغۇ ناخشا ھەم كىرشتۈرمىلىر كۆپ ئادەم كۆرمەيدۇ،ئامما ما تىلۋىزوردىچۇ؟؟؟؟ ما لەنىتى قاناللار كۆرۈش نىسبىتىنى ئەمدى ئوچۇق پاچاق يوتابىلەن ئاشۇرماقچى بولۇشماقتا!   قايسى پىرگوراممىنى ئاچساق كىچىككىنە يوپكىنى كىيۋىلىپ ئىگىز ئورۇندۇقتا ئولتۇرۋالغان نىمىلەر!!!!!!!! ئۇغۇ بوپتۇ باشقا ئۆلكىلارنىڭ ئەمدى ماۋۇ شىجاڭ تىلۋىزيە ئىسانسىنىڭ تېخى ھەي!!! ما ۋۇ بالىلار پىرگىراممىسغا رىياسەتچىلىك قىلۋاتقان نادىرە دىگەننىڭ قاتناشقان ئۇسۇل مۇسابىقىسىمىش؟تۈفىي!!!! شۇمۇ ئۇيغۇر بولۇپ قاپتۇ،تىلۋىزيە ئىساتنسسىنىڭمۇ بالىلار پىرەوراممىسىننڭ رىياساتچىسنىمۇ شۇنداق كىيىم بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرامدۇ؟؟؟ بالىلارغا قانداق تەسىرى بولىدۇ؟؟؟؟؟ تېخى پەخرلىنىپ كىتىدكەن ئانداق نەتىجىگە ئىرىشتىم دەپ!!!!   
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1208
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1208دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 12873 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-09
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 12:29

مەنغۇ ئۆزبەكلەرنىڭ ناخشىسىنى ئەسلا ئاڭلىمايمەن.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 544
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە544دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6325 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-05-07
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 12:33

ئۇزبەكچە ناخشا -مۇزىكىلاردا رۇسچە ،تۇرۇكچە ئۇسلوپ بار ،شۇڭا ئۇلارنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرى شۇخ ،جۇشقۇن ،،لىكىن يىرىم يالاڭاچ،،،،،،،،
قوزام
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3625
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1479
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1479دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 8515 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-06
ئاخىرقى: 2012-05-09
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 12:43

ئىنكاس

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇرۇمچـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــى دىسە چىقىرىشىپ كىسەل بوپبەگىنى تاسقالغانلاغانىمەدىگىلۇك ؟؟؟ توۋادىگىلۇك............
ئۆتمەنامەرت كۆرىكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ ،
يىمەنامەرت ئاشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۇرسىمۇ.
دوستلىشىش
قارناق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10139
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 182
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە182دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1900 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-05-09
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 13:21

ياىشى تىما يوللاپسىز رەھمەت.مەدەنيەتتىن تانغانلىق مىللەتتىن تانغانلىق .ئۆز نەسلىدىن تانغانلىق.ياشلىرمىز تالانتىڭلا بولسا ئۆزىمىزنىڭ. ئەسەرلىرنى ئىيتىپ بىقىڭلا .مەن ئويلايمەن شونىڭمو ھۆددىسىدىن چىقالمايسىلە.خەقنى دوراشقا كىم قويوپتو.ياكى ئۆزبەكنى دوراپ ناخشا ئىيتمىساڭلا قىزلا سىلەرنى ياخشى كۆرمەمدىكەن .ياكى ئويغور بولغانلىغىڭلاردىن نوموس قىلامسىلەر.بىلىپ قويوڭلا بىز باشقا مىللەتنىڭ .باشقا ئەلنىڭ شاتۇتىسى ئەمەس.<ئۆزگىنى قوي ئۆزەڭنى بىل>
ئادەم غەمسىز تۇغۇلوپ ئارزوداياشاپ ئارماندا كىتىدۇ