ۋولۋو ماشىنا
شىركىتى يۈك ماشىنىسى، ئاپتوبۇس ۋە قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەت. 1999-يىلغىچە كىچىك تىپتىكى ماشىنلارنىمۇ ئىشلەپ چىقارغان. ئۇ ماشىنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن نام چىقارغان بولۇپ، ھازىرغىچە ۋولۋو ماشىنىدا ۋەقە چىقىپ ئۆلۈم ۋەقەسى سادىر بولۇپ باقمىغانمىش. ئېلان سۆزى . ئۇنىڭ تۇنجى ماشىنىسى 1927-يىلى 14-ئاپرىل بازارغا سېلىنغان بولۇپ، تىپى Volvo OV 4.
ۋولۋو دېگەن لاتىنچە سۆز بولۇپ I roll (مەن دومىلتىمەن دەمتۇق ھاھاھ) دېگەن مەنىدە. ۋولۋو ماركىسى دەسلەپ 1911-يىلى ئالاھىدە تىپتىكى ئوق قازىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەن نامىدا تىزىمغا ئېلىنغان.
1924-يىلى SKF (بۇ شىركەت بىلەن ۋولۋونىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈشكە بىر پاتمان گەپ كېتىدىكەن) شىركىتىنىڭ ئىككى قۇرغۇچىسى بولغان سېتىم باشقۇرغۇچى Assar Gabrielsson بىلەن ئېنژىنىر Gustav Larson ئىككىسى شىۋىتسىيە ماشىنىسى ئىشلەپ چىقىرىشنى قارار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ شىۋىتسىيەنىڭ قوتور يوللىرى ۋە سوغۇق ھاۋاسىغا ماس كېلىدىغان ماشىنا ئىشلەپ چىقىرالاش ئىدى. بۇ ۋولۋو مەھسۇلاتىنىڭ كەلگۈسىنى ياراتتى.
ۋولۋو شىركىتى تاكى 1926-يىلى 10-ئاۋغۇستقىچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلمىدى. بىر يللىق تەييارلىقتىن كېيىن ئون ئەسلى مەھسۇلات لايىھىسىنى پۈتتۈرىدۇ.
1999-يىلى ۋولۋو ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنى Ford شىركىتىگە 6 مىليارد 450 مىليۇن دوللارغا ساتىدۇ. 2008-يىلى Ford شىركىتى ۋولۋونى سېتىشنى قارارقىلىدۇ. 2010-يىلى Ford ماتور شىركىتى جوڭگۇ ماتور قوراشتۇرۇش شىركىتى Geelyبىلەن بىر مىليارت 800 مىليۇنلۇق توختام بىلەن ۋولۋو ماركىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىلى شىركىتى ئەڭ بىخەتەر ماشىنا ئىشلەيدۇ دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ.
بۇلار ۋولۋولار