
سۆيۇملوك دادا !سىزنىڭ ئىچ كۆيەر پەرزەنتىڭىز بۇلوش سۇپىتىم بىلەن ،كۈندە ھاراق ئىچىپ مەسىت يۇرۇشىڭىزنى ئەسلا خالىمايمەن ،شۇڭا ،مېنىڭدەك تەنتەك قىزىڭىزنى كەچۈرۈپ بۇ يۇرەك سادالىرىمغا قۇلاق سىلىشىڭىزنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن مانا تەتىل بولوپ كەلگىنىمگە تۇپتۇغرا ئۇچ كۇن بۇلاي،ئۇيدىكىلەر شۇنداق ياخشى تۇرۇپتۇ بىراق دادا مەن تىتىرەۋاتىمەن ،ئۆيدە تۇرساممۇ يەنىلا مۇزلاپ كىتىۋاتىمەن ،دادا سىز ئىلگىرى نىە دىگەن كۇيۇمچان ،ئاق كۆڭۇل ئىېدىڭىز ھە!ئۇ چاغلاردا بىز ھىچنىمىدىن غەم قىلمايىتتۇق،ئاناممۇ سىزمۇ بىز ئۇچۇن نۇرغۇن رىيازەت چېكىپ ،بىزدىن زۇر ئۇمد كوتۇپ ،ئالىي مەكتەپلەردە ئۇقۇشىمىزنى ئارزۇلايىتتىڭلار،مانا بۇگۇنكى كۇنلەردە سىڭلىم ئىككىمىز سىلەرنىڭ ئۇمۇدىڭلارنى ھەم ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە ئالىي مەكتەپلەرگە ئۇقۇشقا كىردۇق،
دادا،كۆرۋاتامسىز ،مەي-شاراپنىڭ نىجاسىتى بىلەن بۇلغانغان زۇلمەت كوچىلارنى ،مۇشۇ زۇلمەت ئىچىدە نىشانسىز ھالدا بىر-بىرىسگە سۇقۇلوپ كېتىۋاتقان مەيخۇر ئەركەكلەرنى ،ئۇنى ئاز دېگەندەك ،ئۇزىنىڭ قۇسۇقىنى ئىت بىلەن تالىشىپ ئىچىۋاتقان مەسىتلەرنى ؟
سۆيۇملوك دادا !مەن سىزگە بىر نەچچە ئىغىز تەربىيە قىلسام خاپا بۇلماسسىز!
بىر ئاتىغا نىسبەتەن ،باللرىغا ئاش-نان ،كىيىم-كىچەك تېپىپ بەرسىلا مەجبۇرىيتى ئادا بۇلامدۇ؟ئەينى چاغدا ئانامنىڭ گۇلدەك چىرايىغا مەستانە بۇلغان دادامنىڭ بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگىنى نىمىسى ؟!قايغۇغا تۇلغان ئۆيىدە ھەممىز كۈلوپ يۇرگەن بىلەن ،دىلىمزىنىڭ نەقەدەر غەش ئىكەنلىكىنى پەقەت ئۆزىمزىلا بىلىمىز دادا،بىزنى ئۆيىلىمسىڭىزمۇ ،ئاشۇ ياشانغان ،بەللىرى ئىگىلگەن ،پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان مىھرىبان ئاتا-ئانىڭىزنى ئۇيلىسىڭىز ،ئۇلارنىڭ بىر ئېغىز نەسىھىتىنى بۇلسىمۇ ئاڭلىسىڭىز بۇلمامدۇ؟ھېلھەم كېچىكمەيسىز دادا،قەددىڭىزنى رۇسىلىسىڭىز ،ھاراقتىن ئىبارەت بۇ نىجاسەتنى ئېغىزغا ئالماي تۇغرا يۇلنى تۇتۇپ ،ئادالەتكە يۇزلەنسىڭىز ،سىزدىن پپۈتۇن ئۇرۇق-تۇققان ،يۇرۇتداشلىرىڭىز،ئايالىڭىز،باللىرىڭىز ..قانچىلىك خۇشال بۇلاتتى ھە!
سىز ئاڭلىق ئىنسان تۇرۇپ ،نېمىشقا شۇنچە ئادەملەرنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالمايسىز؟دادا،گىپىمزىنى مۇشۇ بىر قېتىم بۇلسىمۇ ئاڭلاڭ !بىزنىڭ ئاچچىق نىدا،ئاھ-زارىمىز غا قۇلاق سېلىڭ !بىز سىزگە ھەر ۋاقىت ئامانلىق تىلەپ تۇرمىز ھەم سىزنىڭ ھەر ۋاقىت بىز ئۇچۇن بىر ياىشى دادا بۇلىشڭىزنى ھەر ۋاقىت ئارزۇ قىلمىز ،شۇ تاپتا ھەممىز سىزنى بەك سېغىندۇق ،سىزنىڭ ئۆيگە بالدۇراق قايتىپ كېلىپ ،بىزگە ئىللىق ئائىلە ئاتا قىلشىڭىزنى تىلەيمەن!
ئاپتۇرى :ئامانگۇل تۇنياز (قانۇنچىلىق گىزىتىدىن )