باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 697 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سۇئال سورىغۇچىنىڭ دىقىتىگە
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 861
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە861دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 10165 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-04-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 15:13

سۇئال سورىغۇچىنىڭ دىقىتىگە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم.
ئاخىرقى كۈنلەردە مۇنبەرگە بەزى سوئاللار سورالدى ۋە ئۇ سوئاللار ھەققىدە بەزى چۈشەنچىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە قىسمەن خاتا چۈشەنچىلەر مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭغا سوئال سورىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىققەتسىزلىك بىلەن قوللانغان بىر قىسىم ئىپادىلىرى سەۋەب بولدى. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەن  تور بەتلەرنىڭ بىرىدە كۆرگەن سوئال سوراش ئەخلاقىغا دائىر بىر تېمىنى تەرجىمە قىلىپ قويغان بولساممۇ  مۇنبەرگە يوللىمىغان ئىدىم. يېقىنقى بەزى مەسىلىلەرنى كۆرگەن دىن كېيىن مۇنبەرگە چىقىرىپ قويۇشنىڭ مۇناسىپ بولىدىغانلىقىنى ئويلىدىم ۋە دىققىتىڭىزلارغا سۇندۇم. ئاخىرىدا ئۆزەم ئويلىغان بەزى مەسىلىلەرنى قوشۇپ قويدۇم. مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن سوئال سورىماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىققەتكە ئېلىشلىرىنى ئۈمىت قىلىمەن.

سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىش قانداق بىر سەنئەت بولسا، سوئال سوراشمۇ بىر سەنئەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سوئال سوراشنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى، ئۇسۇلى ۋە قائىدىسى باردۇر. ئىسلام مەدەنىيەت تارىخىغا قارايدىغان بولساق، بۇ ھەقتە مۇستەقىل ئەسەرلەرنىڭ قەلەمگە ئېلىنغانلىقىنى؛ «ئەلمۇفتىي ۋەلمۇستەفتىي»، «ئەسسائىل ۋە ئەلمەسئۇل»، «ئەلئالىم ۋەلمۇتەئەللىم»، «ئەدەبۇلمۇستەرشىدىين»، «ئەدەبۇلئىلمى ۋەلئالىم ۋەلمۇتەئەللىم» گە ئوخشاش سەرلەۋھىلەر ئاستىدا يېزىلغان كىتاب ياكى كىتابچىلارنى ئۇچرىتىمىز. بۇ خىل كىتاپچىلار ئاساسەن بۇ ھەقتە توختىلىدۇ.

فىقىھ ئۇسۇلى كىتابلىرىدىمۇ سوئال سوراش ۋە جاۋاب بېرىشنىڭ قائىدە - پرىنسىپلىرى ھەققىدە ئاز-كۆپ مەلۇماتلار بەرگەن مۇستەقىل بۆلۈملەر مەۋجۇتتۇر. مەسىلەن مەرھۇم شاتىبى، مەشھۇر ئەسىرى «ئەلمۇۋافەقات»تا بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ توختالغان. نۇرغۇنلىرىمىز ئەھمىيەت بەرمەي كەلگەن سوئال - جاۋاب بۆلۈمى، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدە بۇ دەرىجە ئەھمىيەت بېرىلگەن مەسىلىلەردىن بىرىدۇر.
ھەر سوئالغا جاۋاب بېرىلمەيدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلىنسا جىنايەت بولىدۇ. سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلمەيدىغانلارنىڭ بېشىدا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى يوشۇرىدىغانلار كېلىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ؛ بۇنداق كىشىلەر سىزگە ئەقلىگە كەلگەننىڭ ھەممىسىنى سورايدۇ. ئۇ خىل سوئاللارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق سوئاللار بولىدۇكى، جاۋاب بەرگۈچىنى مەسئۇلىيەت ئاستىغا ئالىدۇ، ھەتتا خەتەرگە تاشلايدۇ. ئەمما بۇ خىل سوئاللارنى سورايدىغانلار سوئالىنىڭ ئاستىغا ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى يېزىشتىن ۋە ئىمزاسىنى قويۇشتىن تارتىنىدۇ. يەنى بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇنداقلار ئۆزلىرىنىڭ سورىغان سوئاللىرىدىن قورقىدۇ-يۇ، بۇ خىل سوئاللارغا سىزنىڭ جاۋاب بېرىشىڭىزنى كۈتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا سوئال سورالغۇچى مەلۇم، سورىغۇچى بولسا نامەلۇم. ھالبۇكى بۇ يەردىكى خەتەر، سوئاللارغا جاۋاب بەرگۈچىنى ئالاقىدار قىلىدۇ. چۈنكى جاۋاب بېرىشنىڭ مەسئۇلىيىتى سوئال سوراشتىن بەكرەك ئېغىردۇر.

سورىغان سوئالىنىڭ ئاستىغا ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىسىم فامىلىسى بىلەن ئىمزا قويۇش مەسئۇلىيىتىگە، جاسارەتكە ۋە ئەدەپ - ئەخلاققا ئىگە بولمىغان بىرىنىڭ، سوئال سورالغۇچىدىن جاۋاب كۈتۈش ھەققى بارمۇ؟

سورىغۇچىسى نامەلۇم شۇنداق سوئاللار كېلىدۇكى، ئۇلارغا جاۋاب يېتىشتۈرۈش، كىملىكى نامەلۇم جىنايەت ئىشلىگەنگە ئوخشايدۇ. كەلگەن سوئاللارنى كۆرۈپ ئىمامى غازالىينىڭ مۇنداق بىر سۆزى ئىنساننىڭ ئەقلىگە كەلمەي قالمايدۇ.  ئۇ مۇنداق دېگەن ئىكەن:«ھەر سوئالغا جاۋاب بېرىش مەجنۇنلۇقتۇر». بۇ سۆز بەرھەق توغرىدۇر.

بەزىدە ئەقىللىق 40 كىشى 40 يىل ئويلاپمۇ جاۋاب بېرەلمەيدىغان بىر سوئالنى، بىر ئەخمەق بىر سېكۇنت ئىچىدە سورىيالايدۇ. قىلىدىغان باشقا ئىشىڭ بولمىسا ئۇنىڭغا جاۋاب ئىزدەپ كۈنلىرىنىڭنى شۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈز. چۈنكى بەزى سوئاللارنىڭ سورىلىشى ئوڭاي بولغان بىلەن، جاۋابى ئۇنچىۋالا ئوڭاي بولمايدۇ.

سوئال سوراشنىڭ بىر «مەسئۇلىيىتى» باردۇر. بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغان كىشىنىڭ جاۋاب كۈتۈش ھەققى بولمايدۇ. ئۇ مەسئۇلىيەت بولسا، كىشى سورىماقچى بولغان مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىقتىدارىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن بولىدۇ. «بىلمەيدۇكى سورىسۇن، سورىمايدۇكى بىلىۋالسۇن» سۆزى مانا مۇشۇنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى سوئال سوراشمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىدار تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش. شۇنىڭ ئۈچۈن بىلىمسىز ئىنسانلار سوئالمۇ سورىيالمايدۇ. سوئالنى، بىلمەيدىغانلىقىنى بىلگەنلەر سورايدۇ.

سوئال سورىغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى بولسا بىلگەنلىرىنى سورايدىغانلاردۇر. بۇلار ئۆز ئىچىدە ئىككى خىل بولۇپ، بىرىنچى تۈركۈمدىكىلەر، بىلسىمۇ بىلگەنلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى چوقۇمدىۋېلىش ئۈچۈن سورايدىغانلار بولۇپ، بۇ تەنقىد قىلىنىدىغان بىر ھەرىكەت ئەمەستۇر. ئىنسان كۆپىنچە شۇنداق قىلىش ئېھتىياجى ھېس قىلىدۇ. تېخىمۇ ئالىمراقىنى تاپقاندا، بىلىدىغانلىقىنى گۇمان قىلغان بىر مەسىلىنى سوراپ، بىلگەنلىرى توغرا بولسا چوقۇمدىۋالىدۇ، خاتا بولسا تۈزىتىۋالىدۇ.

ئىككىنچى تۈركۈمدىكىلىرى بولسا، سورىماقچى بولغان مەسىلىنى بىلسىمۇ قارشى تەرەپتىكىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن سورايدىغانلار بولۇپ، بۇ ئەخلاقلىق كىشىلەرگە يارىشىدىغان بىر ھەرىكەت ئەمەستۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن سوئال سورىماقچى بولغانلار بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشلىرى لازىم:

بىرىنچىدىن: بېرىلىدىغان جاۋابنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنچىڭىز بولمىسا، نېمە دەپ ئۇ كىشى ياكى كىشىلەرگە سوئال سورايسىز؟ بىرىگە سوئال سورىغان ۋە سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىلگەن بولسا، بېرىلگەن جاۋابنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىڭ. ئىشەنچىسى بولمىغانلارغا سوئال سوراش، ھەم ئۇلارنى ھەم ئۆزىڭىزنى بىھۇدە ھارغۇزۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.

ئىككىنچىدىن: سوئال سورىغۇچى سوئالىنى توغرا رەۋىشتە سورىشى لازىم. چۈنكى خاتا سورالغان بىر سوئالغا پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىملار جەم بولغان تەقدىردىمۇ توغرا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن بەزىدە سورالغان سوئالنى تۈزىتىش، جاۋاب بېرىشتىن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك، ھەتتا بىر زەزۆرەت بولۇپ قالىدۇ. خاتا رەۋىشتە سورالغان سوئاللارغا، مەقسەتلىك بولمىسىلا، تۈزىتىلىپ جاۋاب بېرىلىشى مۇمكىن. بۇنداق قىلىش، سوئال سورىغۇچىغا، جاۋاب بەرگۈچىنىڭ بىر زىياپىتىدۇر. سورالغان سوئال مەقسەتلىك بولسا ۋە مەقسەتلىك ئىكەنلىكى مەلۇم بولسا، بۇ ئەھۋالدا بۇنداق سوئاللارغا يا جاۋاب بېرىلمەيدۇ ياكى بولمىسا سوئال سورىغۇچىدىن سوئالنى توغرا سورىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
مۇنداقچىلا سوئال سورىغۇچى، سورىماقچى بولغان مەسىلىنى ھەل قىلىش ھەققىدە كاللا قاتۇرۇپ باقمىغان ياكى ئۇ سوئالنى بىر «زەرۆرەت» ياكى بولمىسا بىر «ئېھتىياج» سەۋەبلىك سورىغان بولماستىن، ئەقلىگە كەلگەنلىكى ئۈچۈنلا سورىغان بولۇشى ئېھتىماللىقتۇر.

ئۈچىنچىدىن: سوئالنى توغرا كىشىگە ياكى كىشىلەرگە سوراش لازىم. چۈنكى توغرا سوئال توغرا كىشى ياكى كىشىلەرگە سورالمىسا زايا بولۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ دەسلەپكى شەرتى بولسا، سوئال سورىماقچى بولغان كىشىنىڭ سوئال سورىلىدىغان كىشىنى تونۇشىدۇر. يەنى ئۇنىڭ مۇتەخەسسىسلىك ساھەسى، مەلۇماتى، جاۋابلاردا نېمىنى مەركەزگە قويىدىغانلىقى، شۇنداقلا پرىنسىپلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇماتلىق بولۇش لازىم. سوئال سورالغۇچى ھەقىقەتەن بىر ئىلىم ئىگىسى بولسا، ئۆزى بىلمەيدىغان بىر مەسىلە سورالغاندا «بۇ مېنىڭ مۇتەخەسسىسلىك ساھەيىمگە كىرمەيدىكەن» دەيدۇ.

تۆتىنچىدىن: سوئال سورىماقچى بولغان كىشى، سورالغۇچى كىشىنىڭ ئۇ ھەقتە بۇرۇن سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ بەرمىگەنلىكى ھەققىدە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىزدىنىپ بېقىشى لازىم. بۇ بىر «دۇرۇسلۇق» كۆرسەتكۈچىدۇر. ئىزدىنىپ (ياكى توردىن سورايدىغانلار ئىزدەپ) تاپالمىسا، سورىغان سوئالىغا جاۋاب ئېلىش ھەققى ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ.
سوئال - جاۋابنىڭ قائىدە - پرىنسىپلىرى بىلەن بۇ توغرىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەپ - ئەخلاقلار بۇلاردىنلا ئىبارەت ئەمەستۇر. شۇنداقتىمۇ ھازىرچە شۇنىڭ بىلەن كۇپايە قىلىمەن...

مەن يۇقىرىدىكىلەرگە بىر نەچچە ماددا قوشۇپ قويۇشنى مۇناسىپ كۆردۈم:
مۇنبەر ياكى ھەرقانداق بىر توردىن سوئال سورىماقچى بولغاندا، ئاۋۋال سورىماقچى بولغان مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرۈپڭ، جۈملىدىن مەزكۇر تور ياكى مۇنبەردىن ئىزدىتىپ بېقىڭ. ئەگەر سورىماقچى بولغان سوئالىڭىزغا ئالاقىدار سوئال – جاۋابلار ياكى ماقالە بىر نەرسە بولسا ئۇنى ئوقۇپ چىقىڭ. ئەگەر مەزكۇر تېما ياكى تېمىلاردىن سوئالىڭىزغا جاۋاب تاپالمىسىڭىز، ئاندىن دۇچ كەلگەن مەسىلىنى سوراڭ. بۇ ئەھۋالدا سىز يەنە بىر نەچچە ئىشقا دىققەت قىلىڭ:

1-سورىماقچى بولغان سوئالىڭىزغا مۇناسىپ تېما قويۇپ ئاندىن يوللاڭ.

2- سوئال سورىغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.

3- سوئال سورىغاندا قوللىنىلغان ئىپادىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭكى، سورىماقچى بولغانلىرىڭىز توغرا چۈشىنىلىش بىلەن بىرگە جاۋاب بېرىدىغان قېرىنداشلارنىڭ يۈرىكىگە سۇ سەپسۇن ۋە سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى تاشلاپ قويالىسۇن.

4- سوئالىڭىزدا قوللىنىلغان ئىپادىلىرىڭىز جاۋاب بېرىش ئېھتىمالى بولغان قېرىنداشلارنىڭ نەزىرىدە «سىناپ بېقىش، ئۆلچەپ بېقىش نىيىتىدە سورالغان ئوخشايدۇ» دېگەن ئوقۇمنى پەيدا قىلىپ قويمىسۇن.

5- سورىماقچى بولغان سوئالىڭىز ئېنىق بولسۇن. يەنى نېمە دېمەكچى؟ ۋە نېمىنى سورىماقچى؟؟؟

6- سوئال سورىغاندا «دەلىللىرى بىلەن» ياكى «پالانى شەكىلدە» جاۋاب بېرىڭلار دېگەندەك بۇيرۇق جۈملىلىرى قوللانماڭ. چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ يولۇققان مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلار سىز دېمىسىڭىزمۇ دەلىلگە ئاساسلىنىپ جاۋاب بېرىشكە تىرىشىدۇ. ئۇنداق قىلالمايدىغانلار، سىزنىڭ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ ئولتۇرمايدۇ. ئولتۇرغان تەقدىردىمۇ دەلىلسىز بېرىلگەن جاۋابىنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. چۈنكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىشتۇر...
مەنبە ؛ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى.
قىيامەت كۇنى رەببىمىز ئالدىدا  ھەربىر نەپھ ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10181
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 437
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە437دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 4431 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-03
ئاخىرقى: 2012-03-27

دىققەت  قىلايلى .
{  جەننەت  ئانىلارنىڭ  ئايىقى  ئاستىدا  }
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6150
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 24
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 241 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-19
ئاخىرقى: 2012-03-17
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 10:16

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن  !
بۇمۇ بەكمۇ مۇھىم ئىش ئىكەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9908
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 31
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە31دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 310 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-04
ئاخىرقى: 2012-03-17
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-06 09:58

بۇ تېمىدىكى مەسىلىلەر بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك
مۇھىم مەسىلىلەركەن رەھمەت!
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ئاتا قىل& ..
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3033
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 661
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە661دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 3855 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-03-31
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-06 23:43

كۆپ ئىشلارنى بىلىۋالدىم .