باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1869 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھېكىمەتلىك لەتىپىلەر
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2471
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2471دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30391 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 14:41

ھېكىمەتلىك لەتىپىلەر

  ھېكىمەتلىك لەتىپىلەر
   مەۋلانا جالالىدىن رۇمى ئۆيىدە يەيدىغان ھىچبىر يىمەكلىك قالمىغانلىقىنى ئېيىتقان ئايالىدىن قايتا - قايتا سورىدى:
  ــ ھىچ نەرسە قالمىدىمۇ؟
ــ ھەئە.
ــ ئېغىزغا ئالىدىغان ھىچبىر يىمەكلىك يوقمۇ؟
ــ يوق.
ــ  ھىچ نەرسە يوق؟
ــ ھىچ نىمە قالمىدى... 
ــ راستىنلىمۇ؟!...
   ھەزىرتى مەۋلانىنىڭ يۈزلىرىدە شاتلىق جىلۋىلىنىپ، قوللىرىنى دۇئاغا ئاچتى:
ــ ئاللاھىم، ساڭا ھەمدۇ سانالار بولسۇنكى، ئۆيۈم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆيلىرىگە ئوخشاپتۇ... 
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ



بىر كىشى ھەسەن بەسرى ھەزىرەتلىرىنىڭ ئالدىغا كىلىپ:« پالانچى سەن ھەققىدە پۇستانى ناماقۇل  گەپلەرنى قىلدى»، دىدى.
 ــ قاچان؟
ــ بۈگۈن.
ــ قەيەردە؟
ــ ئۆيىدە.
 ــ ئۇنىڭ ئۆيىدە نىمە قىلۋاتقان ئىدىڭ؟
ــ زىياپەتكە بارغان ئىدىم.
ــ زىياپەتتە نىمە يىدىڭ؟
ھېلىقى كىشى سەككىز خىل تائامنىڭ ئىسمىنى سانىدى.
  شۇندا ھەسەن بەسرى:
ــ ئاشۇ كىشىنىڭ سەككىز خىل تائامى قارنىڭغا سىغدىيۇ، بىر ئېغىز گىپى سىغمىدىمۇ؟ قوپ، كەتكىن بۇ يەردىن، دىدىلەر ۋە غەيۋەتچىنى دەرگاھىدىن قوغلاپ چىقاردى.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


بىر خىرىستىيان مۇرتى دىيارىمىزغا كىلىپ، ياش بىر بالىدىن چىركاۋنىڭ يولىنى سورىدى. 
   بالا پوپقا چېركاۋنى كۆرسىتىپ قويدى. پوپ مىننەتتار بولۇپ دىدى:
ــ بارىكاللا ئوغلۇم، ئەتە ئاشۇ چېركاۋغا كەلسەڭ ساڭا جەننەتنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ قويىمەن.
  ياش بالا جاۋاپ بەردىكى:
ــ چېركاۋنىڭ يولىنى بىلمىگەن تۇرۇپ، جەننەتنىڭ يولىنى قانداق بىلەرسىزكىن؟!...
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ



  بەيازىد بىستەمىي ھەزرەتلىرى دورىخانا يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقىنىدا، بىر تىۋىپنىڭ ھاۋانچىدا دورا ئارلاشتۇرۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:
ــ بەك چوڭ گۇناھكارمەن، شۇ كىسىلىمگە دورا بارمۇ؟، دەپ سورىدى.
  تىۋىپ بېشىنى كۆتۈرمەستىن، دورىخانا پەنجىرىسىدىن قاراپ تۇرغان كىشىگە جاۋاپ بەردى:
ــ تەۋبىنىڭ تومۇرى بىلەن ئىستىخفارنىڭ ياپرىقىنى ئارلاشتۇر. قەلىپ ھاۋانچىسىدا تەۋھىد توقمىقى بىلەن ئۇرۇپ ئەزگىن. ئىنساپ ئەگلىكىدىن ئۆتكۈز. كۆز ياش بىلەن يۇغۇر. ئىشىق تونۇرىدا پىشۇر ۋە بامدات بىلەن شام ئوتتۇرسىدا كۆپرەك تەنەۋۋۇل قىل. كۆرىسەنكى خەستىلىگىڭدىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ.
 بىستەمىي ھەزرەتلىرىنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولۇپ دىدى:
ــ يا رەببىم، بۇ دۇنيا خەستەخانىللىرىڭدا نىمىدىگەن ئىسىل تىۋىپلىرىڭ بار!... 
 
 ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


تارىخ ساھەسىدە جاھان مىقياسىدا ئوخشىشى كەم ئالىملاردىن بولغان مەھمۇد كامالدىن سورىدىلەر:
ــ  سىزدىكى بىلىمنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئىگە ئەمەس كىشىلەر سىزدىن بىرنەچچە باراۋەر تونۇلدى. بۇنىڭ سەۋەبى نىمىكىن؟
ــ مەن بىلمەك ئۈچۈن ئۈگەندىم، ئۇلار بىلىنمەك ئۈچۈن!...  

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


ھەزىرتى باھاۋۇددىن نەقشىبەندىدىن مۇرۇتلىرى بىر كارامەت كۆرسىتىشنى سوراشتى. ھەزرەت ئورۇنلىرىدىن تۇردىدە، يەڭگىل - يەڭگىل بەش - ئالتە قەدەم مېڭىپ، يەنە جايىغا كىلىپ ئولتۇردى. مۇرۇتلىرى ھەيران بولۇپ قاراشتى. ھەزىرتى نەقشىبەندى دىدىلەر:
ــ ئىككى يەلكەمدە تاغدەك - تاغدەك گۇناھلارنى كۆتۈرۈپ، قۇشتەك يەڭگىل مىڭىشىمنىڭ ئۆزى كارامەت ئەمەسمۇ؟!... 
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


بىر كىشى مەشھۇر تۈرك شائىرى مەھمەد ئەكىف ئەرساينى مازاق قىلماقچى بولۇپ:
ــ ئەپەندىم، سىز مال دوختۇرلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئىدىڭىز ھە؟
ــ ھە، بىرەر يېرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟!...
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


بىر ئالىم غەيۋەتچىگە دىدى:
ــ ئېيتايلۇق، سەن يامانلاۋاتقان كىشىنىڭ ئابرۇيى كېمەيدى، ئەمما بۇ تۆكۈلگەن ئابروي كىلىپ سىنىڭ ئابرويۇڭغا قوشۇلمايدىغۇ؟!...
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


بىر باي دۆۋلەتمەنلىكىدىن كېرىلىپ، شەيىخكە دىدى:
ــ سىزگە قانچىلىك پۇل، ئالتۇن كېرەك بولسا مانا مەندىن سوراڭ!
ــ ياق، دىدى شەيىخ، مەن قۇلۇمنىڭ قۇلىدىن نەرسە سورىمايمەن.
ــ ھە؟، مەن قانداقسىگە سىزگە قۇل بولاي؟، دەپ غەزەپلىنىپتۇ باي.
شەيىخ جاۋاپ بىرىپ:
ــ نەفىس مىنىڭ قۇلۇم، سەن بولساڭ نەفىسنىڭ قۇلىسەن!... 
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


ئوقۇتقۇچى:
ــ ئىنسان ئادەمسىمان مايمۇندىن پەيدا بولغان.
ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىغا ئىشارە قىلىپ پەس ئاۋازدا:
ــ بەزىللىرى ئادەمسىمان ئېشەكتىن.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


دۇنيادا ھىچقانداق دەلىل قالمىغان تەقدىردىمۇ، بىر مىكروبنىڭ ھاياتى ئاللاھنى ئاڭلاش ۋە ئاڭلىتىش ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر.
                                                                           ــ پاستىرناك

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ



بىز يولدا ئۇچراشتۇق، ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى.
ــ يۈر جۈمەگە،ـ دىدىم،ـ بۈگۈن جۈمە.
ــ مەچىتكە بارمايدىغانلىقىمنى بىلىسەنغۇ؟، دىدى.
ــ بىلىمەن، ئەمما قاچانغىچە بارمايسەن؟
ــ نىمە دىسەم بولا، روھىم توغرا كەلمەيدۇ. ھەم تەييارلىقىم يوق. بولدىلا، ئىشتىنىمنىڭ تىزى تىتىلىپ، دەزمىلىنىڭ بۇزۇلىشىدىن قورقىمەن... بولدىلا، ئەرزىمەيدۇ....
  كۈلكەم قىستىدى.
ــ ھەزىللىشۋاتامسەن؟
ــ ھەزىل - پەزىلى يوق، ئاق كىيىمنى ياخشى كۆرىشىمنى، داغ چۈشۈرمەسلىكىمنى بىلىسەنغۇ. 
 ھەقىقەتەن شۇنداق ئىدى. ئۇ كۆپۈنچە ئاق كىيىم كىيەتتى. كىيىملىرى دائىم دەزماللانغان، پاكىز، ئازادە ئىدى...
   ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ، توساتتىن ئۇنىڭ مەسچىتكە كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدىم. يۈگۈرۈپ جامەگە كىردىم. ئۇ ناماز سەپلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئىدى.
   ئاستا - ئاستا ئالدىغا يېقىنلىشىپ پەس ئاۋازدا ئۇنىڭغا:
ــ ۋوي ئاغىنە، ساڭا نىمە بولدى؟ مەسچىتكە بارمايمەن دېمىگەنمىتىڭ؟، دەپ سورىدىم.
 ئۇنىڭدىن سادا كەلمىدى. چۈنكى ئۇ باشتىن ئاياغ ئاپپاق كېپەنگە ئورانغان ھالدا تاۋۇتتا يېتىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن جىنازا نامىزى ئوقۇلىشىنى كۈتىۋاتقان ئىدى. 
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلىدى.
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ئىللەت تۇزەلمىسە، مىللەت تۇزەلمەيدۇ..
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4482
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 885
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە885دانە
ئۆسۈش: 500 %
مۇنبەر پۇلى: 5081 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-07
ئاخىرقى: 2012-05-07

پاھ ..تاھىر بەگ قالتىس تىما يوللاپسىز جۇما...............
بىز نۇمۇس قىلىشىمز كىرەك...
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1745
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1745دانە
ئۆسۈش: 8090 %
مۇنبەر پۇلى: 23682 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 16:18

راسلا ئىسىل تىما بوپتۇ،،،،،،،،،،،،،،نىمە دىگەن پاساھەتلىك ،مەنىلىك سۇئال جاۋاپلار،،،،،،،،،،،،،،،
اللە سْــــــــــــــــــــــمِاﷲِارَّحْمَنِ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9222
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 202
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە202دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1974 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2012-05-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 18:04

نىمىدىگەن  ئېسل تىما بۇ  گەپكە قەشقەرلىك بالىلا  يامان  جۇمۇ
ئۈزىڭىزگە ئىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە سىزمۇ قىلالايسىز!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 449
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە449دانە
ئۆسۈش: 4040 %
مۇنبەر پۇلى: 4053 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 2478 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-28
ئاخىرقى: 2012-05-09
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 02:41

تاھىربەگنىڭ ئىلھامى كەپ قاپتىغۇ بۈگۈن...ھې ھې  
amallar niyatka baglik
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9656
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 123
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە123دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 1205 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2012-05-04
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 16:50

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق!!!....