ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى، سىلەر بىلەن كەڭساي تورى ئارقىلىق قايتا يۈز كۆرۈشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. بۇ خۇرسەنلىكىمنىڭ كەينىدە چوڭ ئازاپمۇ بار. بۇ ئازاپنىڭ باش جىنايەتچىسى كەڭسايكام ياكى غەيرەتكام. مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى بىلدىم- دە بۇ ئەرزنامىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. بۈگۈن كەچ بولۇپ كەتسىمۇ مېنى بۇ ئازاپقا قويغان كەڭسايكام ئۈستىدىن مۇنبەر ئەھلىگە شىكايەت قىلىپ ئىچىمنى بوشىتىۋالمىسام ئۇيقۇم كەلمەيدۇ.
ئۇزۇندىن بېرى ئىلھامىم قوزغىلىپ قوللىرىم جىم تۇرالماي قالسىلا كەڭساي مۇنبىرىنىڭ تېما يوللاش كۆزنىكىنى ئېچىپ كونۇپكا تاختىسىنى باساتتىم. ئويلىغانلىرىمنى بىۋاستىلا مۇنبەرگە يوللىۋېتەتتىم، بەزىدە يازغانلىرىمنى يوللىيالماي تۇرۇپ توك ئۆچۈپ كېتىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن قىلغان ئىشلىرىم يوق بولۇپ كېتەتتى. نەچچە قېتىم بۇرنۇمغا يەپ، ھەر قېتىم بۇرنۇمغا يىگەن چاغدا بۇندىن كېيىن ئاۋۋال ۋوردقا يېزىۋالاي دەپ ئويلايتتىم، لېكىن يەنە كونا سەنەمگە دەسسەيتتىم. مانا ھازىرمۇ كونا سەنەمگە دەسسەپ تېما يوللاش كۆزنىكىگە ئۇنى- بۇنى بېسىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
گەپ ئۇزىراپ كەتتى، نېمە ئەرزىڭ با دەپ قالدىڭلار ھەقىچان. كەڭسايكام تورنى تاقىۋالغان مۇشۇ ئون نەچچە كۈندىن بۇيان ماڭا جىق زىيان بولدى، شۇ سەۋەبتىن كۆپ ئەلەم تارتتىم. نىمىشقا بولاتتى، شۇ بۇرۇنقىدەك ئىلھام كەلگەن چاغلاردا كەڭساينى ئاچسام ئېچىلماي، يا باشقا يەرگە يازغۇم كەلمەي، شۇنىڭ بىلەن يېزىشنى ئويلىغان ئىنتايىن ئېسىل ئويلىرىم ئۇنتۇلۇپ كەتتى. ماڭا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئەلەم بولامدۇ ئەمدى؟
بۇنىڭ زىيىنىنى كەڭسايكام ماڭا تۆلەپ بېرىشى كېرەك. تورداشلار سىلەرمۇ مېنى قوللاپ بېرىڭلار، بولمىسا كەڭسايكام ئۆكتەملىك قىلىپ زىياننى تۆلەپ بەرگىلى ئۇنىمايدۇ.
نېمە؟ ئەمدى سىلەرگىمۇ مېنى قوللاپ بەر دەپ پارە بېرىشىم كېرەكما؟ مەندە پارە بەرگۈدەك پۇل يوق. زادى بولمايدۇ دېسەڭلار، مۇشۇ نەچچە كۈندە ئىلھامىم كېلىپ يېزىشنى ئويلىغان ئەمما كەڭسايكام يېزىشقا شارائىت تەمىنلەپ بەرمىگەن ئويلىرىمنىڭ يادىمدا ساقلىنىپ قالغان ئاساسىي قىسىملىرىنى دەپ بېرەي.
بۇلارنى كۆرسەڭلار مېنىڭ راستلا زىيانغا ئۇچرىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسىلەر:
ئەمىسە باشلىدىم:
ھازىر ئەتراپىمىزدا دىنىي ھىسىياتى ئۆلگەن، دىن بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان ئادەملەر مەيدانغا كەپتۇ. كەڭساي تورى تاقىلىشنىڭ سەل ئالدىدىراق بىر كۈنى دەرستە ئولتۇرۇپ يېنىمدىكى بالا بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.
ئۇ بالا: دەرستىن چۈشكەندە كىتابىمنى ئالغاچ چىقىپ كەت، دېگەنتى. سەن نەگە بارىسەن؟ دېسەم، تورخانىغا، دېدى. نېمە ئىش قىلغىلى؟ دېسەم، ئوينىغىلى، دېدى. ساڭا ئويناشتىن باشقا ئىش يوقمۇ؟ دېسەم، ئەمىسە نېمە ئىش بار؟ دېدى. سەن بۇ دۇنيادا كۈلۈپ ياشاپ- ئۆتسەكلا بولدى دەپ قارامسەن؟ دېسەم، ئەلۋەتتە، دېدى. ئۆلۈمنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ دېسەم، ئويلىدىم، دېدى. ئۆلمەسلىككە ئامال بارمۇ؟ دېسەم، ئامال يوق، ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ، دېدى. ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئەھۋالىڭنىڭ قاندا بولۇشى بىلەن كارىڭ يوقمۇ؟ دېسەم، ئۆلسەك توپىغا ئايلىنىپ كېتىمىز شۇ، يەنە نىمە ئىش بولسۇن؟ دېدى. ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقىڭغا ئىشەنمەمسەن؟ دېسەم، ئۇنى ئۇقمايمەن، ئۆلسەك تۈگەرمىز شۇ، دېدى. ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەمسەن؟ دېسەم، ئاللاھ بارمۇ - يوقمۇ ئۇقمايمەن، دېدى. ئۇنداقتا سېنى كىم ياراتتى؟ دېسەم، ئاتام بىلەن ئاپام توي قىلىپ مەن تۇغۇلدۇم دېدى. ئۇنداقتا ئادەمنىڭ ئەجدادىنى كىم ياراتتى؟ دېسەم، مايمۇندىن ئۆگەرگەن، دېدى. مايمۇندا ئەقىل بولمىسا، ئادەمدە ئەقىل بار تۇرسا، ئادەمدىكى ئەقىل نەدىن كەلگەن؟ دېسەم، مايمۇندىمۇ ئەقىل بار، دېدى. مايمۇندا قانداق ئەقىل بار؟ دېسەم، باناننى سويۇپ يىيەلەيدۇغۇ، دېدى. ئۇ دېگەن رىفلىكىس، دېسەم، ئۇ ئۇنىمىدى. ماقۇل، مايمۇندا ئەقىل بار، دەپمۇ تۇرايلى، ئادەمدىكى ئەقىل جىقمۇ مايمۇندىكىمۇ؟ دېسەم، ئادەمدىكى دېدى. مايمۇندىكى ئاز ئەقىل قانداق قىلىپ جىق ئەقىلگە ئۆزگەردى؟ كىم كۆپەيتىپ بەردى؟ دېسەم، تەدرىجىي تەرەققىي قىلدى، دېدى. بىر نەرسە ئۆزىدە بولمىغان نەرسىنى باشقىلارغا بېرەلەمدۇ؟ دېسەم، بېرەلمەيدۇ دېدى. ئۇنداقتا مايمۇن ئادەمگە ئەقىلنى قانداقمۇ بېرەلەيدۇ؟ دېسەم، بۇرۇنقى ئادەملەردىن ھازىرقى ئادەملەر ئەقىللىققۇ؟ دېدى. ياق، ھازىرقى ئادەملەر بۇرۇنقى ئادەملەردىن ئەقىللىق ئەمەس، بەلكى، ھازىرقى ئادەملەر نەچچە مىڭ يىللىق بىلىمنىڭ توپلانمىسىغا ئىگە، شۇڭا ئىلگىرىكى ئادەملەر قىلالمىغان ئىشلارنى قىلالىدى، بۇ بۇلارنىڭ ئىلگىركىلەردىن ئەقىللقىلىقىدىن ئەمەس، دېسەم، ئىشەنمىدى. ئۇنداقتا، ھاشىر بىر كىچىك بالىنى ھىچقانداق بىلىم بولمىغان چەت بىر تاغ باغرىغا ئەپچىقىپ قويۇپ، شۇ يەردە باقسا، ئۇ بالا ماشىنا دېگەن نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمدۇ؟ ياسىيالامدۇ؟ دېسەم، ياق، دېدى. مانا ھەقىقەت. ھازىرقى ئادەملەر ئىلگىرىكى ئادەملەردىن ئەقىللىق ئەمەس. ئادەم بولغانىكەن بۇرۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئوخشاش، ئادەم ھەرگىز تەدرىجىي تەرەققىي قىلمايدۇ. مايمۇنلارمۇ ئادەمگە ئۆزگەرمەيدۇ، دېدىم. ئەستاغفىرۇللا............................... دەرستىن چۈشۈشكە قوڭغۇراق چېلىنىپ كەتتى. گەپنىڭ ئاخىرى تۈگىمەي سىنىپتىن چىقىپ كەتتۇق.
بىر ماقالىنى بىر جۈملە قىلىپ يازسا ئېسىل بولامدۇ نېمە؟؟؟ ھاھا
ئارىلىقتا ئاسمان جىسىملىرى توغرىسىدا دېيىشكەن گەپلىرىمىزمۇ بار ئىدى. بايا ئۇنتۇپ قاپتىمەن. دىمىدىممۇ؟ كەڭسايكام تورنى تاقىۋېلىپ ئىلھامىمنى قاچۇرىۋەتتى، دەپ. بۇ گەپلەرنى كىچىك بالىلار دېيىشتىمىكىن، دەپ ئويلاپ قالماڭلار، بۇ دېگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پارىڭى. ئاۋۇ بالىنى يالغاندىن خۇدانى بىلمەس بولىۋالدىمىكىن، دەپمۇ ئويلاپ قالماڭلار. ئۇ چىن دىلىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ سۆزلىدى، ئۇ ھەقىقەتەن خۇدا بارلىقىغا، قىيامەت، قايتا تىرىلىشنڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن. ئۇنى باشقا مىللەتمىكىن، دەپمۇ قالماڭلار، ئۇ ئۇيغۇر بالاڭزا. دىنسىزلار ئارىسىدا ياشىغان ئوخشايدۇ، دەپمۇ قالماڭلار، ئۇ دېگەن ئۇيغۇر ماكانىدا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياشىغان.
مانا، ئۈستىدىكىسى ئاجايىپ ئېسىل ھىسسىيات بىلەن ئېسىل ماقالە قىلىپ يازماقچى بولغان خىيالىرىمنىڭ ئېسىمدە ساقىلىنىپ قالغانلىرىنىڭ ئاز بىر قىسمى.
كەڭسايكام مانا مۇشۇنداق ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولدى.
ئەمدى ئىككىنچىسىگە كېلەيلى:
ئىمتاھان باشلانغان كۈننىڭ ھارپىسى ئىدى. بۇ يەردە سائەت ئالتە يېرىمدا تاڭ ئاتاتتى، مەسجىتلەردىمۇ بامداتنى شۇ چاغلاردا ئوقۇمدىكىن دەيمەن. ھەيران قالارلىق ئىش شۇكى، كۈندە بامدات بولسا ئورنىدىن تۇرمايدىغان، تۇرۇش ئۈچۈن قىلچە كۈچىمەيدىغان، ھەتتا، سائەتنى ئالتە يېرىملارغا توغرىلاپ قويسام ئەتىگىنى ئۇيقۇمنى بۇزدۇڭ دەپ غودۇرايدىغان، ئاندىن سەئەت سەككىز بولاي دېگەندە، كۈن چىققاندا بامدات ئوقۇيدىغان ياتاقداشلىرىم سائەتنى بەش يېرىمغا توغرىلايلى، ياق، بەشكە توغرىلايلى، سىنىپتا ئورۇن قالماي قالمىسۇن، دېيىشىشكە باشلىدى. ھەتتا، ئەتىگەنلىك دەركە چىقىدىغان ۋاقىتتا ئۇخلايدىغان ياتاقداشلىرىممۇ شۇدنداق قىلىشىپ كەتتى. ئاچچىق كۈلدۈم. توۋا! بۇ ئىمتاھان قانچىلىك ئىمتاھان ھە! ئادەتتىكى بىر مەۋسۇملۇق ئىمتاھانغۇ؟ ھاياتىمىزدىن ئېلىنىۋاتقان ئىمتاھانغا ئازراق تەييارلىق قىلىپ قويغان بولساقچۇ كاشكى!
قالغان گەپلەرنى دەپ بەرمەيمەن تازا!
ئەتىسى ئەتىگەندە سائەت ئالتە بولا\ماستا سىنىپقا مېڭىشتى، ھالبۇكى، ئىمتاھان سائەت سەككىزدە باشلىناتتى. ئۆگىنش قىلىش ئۈچۈن ماڭدىمىكىن، دەمسىز؟ ئۇنداق ئەمەس. سىنىپنىڭ ئىتىراتىگىيىلىك جايىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن. شۇنداق قىلىپ مەن ھەممىنىڭ ئاخىرىدا ماڭدىم، چۈنكى ئۇلار ماڭغان چاغدا بامدات ۋاقتى بولمىغان ئىدى. سىنىپقا چىقسام ئورۇن ئېلىشىپ ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ. توۋا! ناماز بامدات ئوقۇڭ دېسە ئورنىدىن تۇرمايدۇ، مەۋسۇملۇق ئىمتاھان دېسە 2 سائەت بالدۇر چىقىۋالىدۇ. بۇلارنىڭ لەقۋا، نادانلىقىنى!!!
كېيىنكى كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن بىر يېرىمدا ئېلىنىدىغان ئىمتاھانغا بەزىلەر ئەتىگەن سائەت ئالتە يېرىمدا سىنىپقا چىقىۋالدى. بۇلارغا نىمە دەي ئەمدى؟؟؟؟
بولدى گەپلىرىمنىڭ داۋامىنى دەپ بەرمەيمەن. ئۇنتۇپ قالدىم!
ئۈچىنچىسىگە كېلەيلى:
ئاپلا! توك ئۆچۈشكە ئازلا قاپتۇغۇ! ئۈچىنچىسىنى قويۇپ تۇرۇپ ماۋۇ تېمىنى گۈپپىدە يوللىۋالاي، بولمىسا بۇمۇ يوق بولۇپ يەنە پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي يۈرمەي. كەڭسايكام ئەكەلگەن ئازاپقا بۇ ئازاپ قوشۇلۇپ كېچىچە ئۇخلىيالماي قالماي...
ماقۇل ئەمىسە! مانا نەچچە كۈندىن نېمىلەرنى يازماقچى بولغىنىىمنى بىلدىڭلار! ئەمدىغۇ كەڭسايكامدىن ئۆچۈمنى ئېلىپ بېرەرسىلەر؟
تېز بولاي، قېنى ئېنتېر كونۇپكىسى؟؟؟ مانا كەتتى!!