باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 531 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۆت تادۇنىڭ پەلسەپىۋىلىكى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 72
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە72دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 742 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 18:59

تۆت تادۇنىڭ پەلسەپىۋىلىكى

تۆت تادۇنىڭ پەلسەپىۋىلىكى
پەلسەپە دىسە خەت قەغەزدە ، كەپتەر پەغىزىدە دەپ ئانچە سەنەكەپ كەتمەيمىز.بىلگەنلەر پەلسەپىنىڭ بىر قەۋىمنىڭ تەپەككۇرىدا ناھايتى مۇھىم  قىممىتى بارلىقىنى ئىچىنىش ئىچىدە قەيىت قىلىشىدۇ. بىلمىگەنلەر  كۇزىگە كۇرۇنگىنىنى دەپ بىلگىنىچە باھا بىرىدۇ. بەلكىم شۇنداق دىسەك چۇشۇنۇشلۇك بۇلا،  پەلسەپە دىگەن تەپەككۇرنىڭ كۇزى،ئەقىلنىڭ ھۆنىرى،يەر ئۆرۇشكە كەتمەن كىتىدۇ.تەپەككۇر قىلىش ئۇچۇنمۇ شۇنداق پەلسەپە لازىم بۇلىدۇ.پەلسەپە بىلەن ماڭغان ئاڭ مۇساپىسى ئايرۇپىلاندا ئۇچقانغا قىياس قىلىنسا، پەلسەپىسىز سەپەر يالاڭ ئاياق يۇرگەنگە ئوخشايدۇ.
پەلسەپە –دۇنيا قاراش مىتىدولۇگىيە دەپ ئالىمىز. دۇنيا قاراش ، ئىنسان ئۆزمەۋجۇتلىقى ئۆزلىكى بۇيىچە،كۆز ئالدىدىكى ئۆزگۇرۇشلەرگە بولغان قارشىنى كۆرسەتسە،مىتىدولوگىيە پىكىر ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.دۇنيا قاراشنى تاتىلىساق،بەزىلىرى ئەقلى تەپەككۇر بۇيىچە دۇنيانى خەلىق ئەتكەن تەڭداشسىز بىر ئەقىلگە ئىشەنسە،بەزىلىرى يەرتىگىدىكى تاش دەپنىلەرنى ،ياكى ئاللاقانداق پىلانىت جانلىقلىرىنى ھايات مەنبەسىگە ئۇلاپ،ئۆزى ھەققىدىكى سۇئالنى تەسكىن ئىتىدۇ.قىسقىسى بۇنىڭ نىشانىنى ئەقىل بەلگۇلەيدۇ دىگەندىن كۆرە  كۆڭۇل يىتىلەيدۇ دىگەن تۇززۇك.پىكىر ئۇسۇلىغا كەلسەك،دۇنيا ھەرخىل مەۋجۇداتلاردىن تەيىن ئەتكەنگە ئوخشاش.ئادەم باللىرىمۇ ھەر خىل ئىممەت،ھەر خىل قەۋىم بۇلۇپ،مۇناسىۋەت پەرىقلەرنىڭ ھەلەكچىلىكىدەدەۋىر چاقىغا ماس ئايلىنىۋاتىدۇ.بەزىلىرى تۇپراق بىلىش سۇپەتتە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش سەپىرىنى ئىنچىكە يوللارغا باشلىسا، بەزىلىرى ئوت ئادىللىقنىڭ تونىنى كىيىپ ، ۋاقىتنىڭ زاماننىڭ رولىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىۋاتىدۇ.يەنە بەزىلىرى سۇ ياخىشلىقنى مىزان قىلىپ كۆڭۇللەرنى باغلىسا،بەزىلىرى ھاۋا تەقۋادارلىق سۇپەتتە ساۋاقنىڭ تەمىنى تىتىماقتا. ئۇلاردىكى خاسلىق پەرىق ئۆزگىچە گەۋدىلەنگەن بۇلۇپ،يۇرۇش تۇرۇش ئۆرۇپ ئادەت بىلەنلا چەكلەنمەستىن بەلكى پىكىر ئۇسۇلىغىچە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.مەسلەن،ياۋرۇپالىقلاردا لوگىكىلىق تەپەككۇرمايىللىقى ئەكىس ئەتكەن بۇلۇپ،باغلىنىشچان سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتى بۇيچەپىكىر قىلىدۇ. شەرىقلىقلەر تەجىربىنى ئاساس قىلىپ ئوبرازلىق پىكىر قىلىشقا ماھىر كىلىدۇ.ئوخشۇتۇپ پىكىر قىلىدۇ. پالانى ماۋۇ ئىشنى مۇنداق قىلىپ ياخشى بولغان بۇ ئىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ دىگەندەك.ئوتتۇرا ئاسىيادىكىلەر دە باغلاش تىپى ئەكىس ئەتكەن بۇلۇپ،لوگىكىلىق ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇرنى يۇغرۇپ باغلاش سىڭدۇرۇش ھەزىم قىلىش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنىدۇ.
تۇپراققا سۇنى ئارلاشتۇرۇپ تازا لاي بولغاندا كىسىپ چاسىلاپ،قۇرتۇپ خۇمدانغا سالسا خىش بولۇپ چىقىدۇ.ئادەممۇ مۇشۇنداق ياسالغان. تۇپراققا ،سۇ ئوت ھاۋا قاتارلىق تادۇلارنى ئەقىل يەتكۇسىز تىخنىكىلاربىلەن مۇجەسسەملەپ روھ پۇدەلگەن. ئىنسان جىسمى تۆت تادۇدىن تۇزۇلگەنگە ئوخشاش روھىيتىمۇ ‹‹بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىق›› تىن ئىبارەت تۆت تادۇدىن تەركىپ تاپىدۇ.بەزىسى ئىينىشتىن ئىدىسونلاردەك بىلىش،ئىجادىيەت بايقاش بىلەن سۇپەتلەنسە،بەزىسى ئىسكەندەر چىڭگىزلارغا ئوخشاش ئادىللىق بىلەن نام قازانىدۇ. بەزىلىرى ئىبىن سىنا يۇسۇپلەردەك پەزىل بىلەن داۋا ئىستىسە،نەچچىسى تائەت قانائەت دەشتىلىردە نامسىز كىتىدۇ.بۇھال شەخىس بىلەنلا چەكلەنمەستىن ئائىلە جامائە يۇت  قەۋىم ئىممەتكىچە كىڭەيگەن بۇلۇپ، ئىنساندىكى تۆت تادۇ، تۆت خىل روھىي پائالىيەت، پۇتكۇل ئىنسانىيەتنىڭ تۆت خىل روھىي پائالىيتنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ، مەدىنىيەتنىڭ مەزمۇن شەكىل خۇسيەت ئالاھىدىلىكىنى تۇزۇپ چىققان. مەسلەن؛يەھۇدىيلاردا بىلىش ئەكىس ئىتىدۇ ، نىسارالاردا ئادىللىق ، ئىسلام ئۇممەتلىرىدە ياخشىلىق ،بۇددىسىتلاردا تەقۋادارلىق كۇنەگ ئاساس بولغان.بۇھال ھەرخىل مەدىنىيەت بىلەنلا چەكلەنمەستىن،يەنە بىر خىل مەدىنىيەت شەكلىمۇ مۇشۇ بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت تۆت تادۇدىن گۇللەنگەن ھەم تۇزۇلگەن بولىدۇ.مەسلەن؛ ئەبۇبەكرى بىلىش ‹تۇپراق›، ئۇمەرئادىللىق شەرىئەتكە‹ئوت›.ئوسمان ياخشىلىققا‹سۇ›، ئىلى تەقۋادارلىق ‹ھاۋا›. ھىجاز ئەرەپ رايۇنلىرى بىلىش ،ئىمان،بەخىتكە يەنى تۇپراققا ۋەكىللىك قىلسا.مىسىر ئەتراپىدىكى خاۋارىجلار ئادىللىق قانۇنغا يەنى ئوتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.‹ياخشىلىقنىڭ بىلىشى،ياخشىلىقنىڭ ئادللىقى دىگەندەك›ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى تۇرۇكلەر ياخشىلىق يەنى سۇبىلەن خاراكتىرلەنسە.پارىسلار  تەقۋادارلىق يەنى ھاۋابىلەن زىننەتلەنگەن.دۇنيانىڭ روھىي خۇي خەرىتىسىنى مۇشۇنداق سىزىشقا بۇلىدۇ.

بىلىش تەبىئەتتىكىلەر تۇپراق بولغاچ مەسىللەرنىڭ ماھىيتىنى تۇپراق نەزەردە ماكان نوختى نەزىرى بۇيىچە ئىزدىنىشنى چىقىش قىلىدۇ. ماكان بۇيىچە قارايدۇ. يىپەك يۇلىنىڭ زاۋاللىققا يۇزلىنىشىنى ، دىڭىز يولىنىڭ ئىچىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەكۇنلەنگىنى مىسال قىلىشقابۇلىدۇ.  ياكى ماددىي شارائىتلارنىڭ روھىي تۇنۇشلارنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بەك كۇچەيدۇ.ئادىللىق ئوت تەبىئەتتىكىلەر زامان نۇختىنەزىرىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.تارىخ تارىخىي چىنلىق بۇيىچە ھاق ناھاق ئىزدىشىدۇ. قانۇن قۇرال كۇچ ئىڭى كۇچلۇك بۇلىدۇ.سۇ ياخشىلىق تەبىئەتتىكىلەر ئىنسان نوختىسى، ئىنسان بۇيىچە قاراشقا مايىل كىلىدۇ.ئادەم بالىسىنىڭ قىممىتى ھۇش ئەقىل پەزىلەت بىلىم بىلەن دىگەندەك. ھاۋا تەقۋادارلىقتا دىنىي ھۇكۇم ئاساس بۇلىدۇ،چۇنكى كىتاپتىن چىققىنى مۇتلەق ھۆكۇم ھىساپلىنىدۇ.

 

ئىنسانىيەت روھىيتىمۇ ماكان زامان ئىنسان دىندىن ئىبارەت تۆت تادۇنىڭ باشلاش چەكلەش باغلاش تاسقاشلىرىدىن ئۇزلۇكسىز تاۋلىنىپ تۇرىدۇ. تۇپراق ئوت سۇ ھاۋادىن تۇزۇلگەن ماكان تۆت پەسىل بۇيىچە ئايلىنىپ تۇرىدۇ.ھەرخىل ئىقلىم تەبىئى شارائىتلار بۇلىدۇ. بۇھال روھىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىنسان بۇرۇن ‹مىڭە› كۆز قۇلاق ئىغىزدىن ئىبارەت تۆت نىممەتنىڭ ياردىمىدە مەخلۇقات ئىچىدىكى ئۇستۇنلىكىنى جەۋلان قىلىپ ئۆز قىممىتىنى ياكى نامە ئەمالىنى يازىدۇ.مەدىنىيەتمۇ ئىنسانىيەتنى ئادەم ئاتىغا بارلىق شەيئىلەرنىڭ نامىنى بىلدۇرگەندەك گايى بىلىشكە باشلىسا،گاھ نوھ توپان بالاسى بىلەن كىسىپ تۇزەيدۇ.ئاندىن ئىبراھىم ئۇغۇللىرى ئارقىلىق بىر مەزگىل ياخشىلىققا  يىتىلىسە، مانا ھازىر تەقۋادارلىق بىلەن كۆندۇرۇپ ،زامانى ئاخىرنىڭ ھەرەڭ سەرەڭلىرىدە تاسقاۋاتىدۇ.دىمەك دۇنيا تادۇدىن تۇزۇلگەن . ۋاقىت دۇنيانى تادۇ بىلەن ئۆلچەيدۇ.ئىنسان تادۇلىرى بىلەن قىممەت تاپىدۇ.مەدىنىيەت تادۇلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنى مۇكەممەل قىلىدۇ.
مەنبە ؛ ئۆزۇم


دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2357
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2357دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29056 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-31

ساقلىۋالاي، ئالدىراش بوپ قالدىم.
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 72
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە72دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 742 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-03-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-12 05:06

ھازىرقى ئەھۋالاتلارنى چىقىش قىلساق، رەسۇلىللادىن ئوسمان ئىمپىريىسىنىڭ زاۋاللىقا يۇزتۇتۇشىغىچە  تەقۋادارلىق دەۋرىنىڭ بىر ىنچى باسقۇچلۇق ئاياقلىشى  يەنى تەقۋادارلىقنىڭ بىلىش دەۋرى دىسەك،داۋنىچنىڭ رەسىمىنى سىزغانلىقى، ياۋرۇپا سەنئەت گۇللىنىشىنى ئىككىنچى باسقۇچ ئادىللىق دەۋرىنىڭ بىلىشى، شۇچاغلاردىن ئىككى دۇنيا ئۇرشىغىچە قۇرال تەرەققى قىلغان. ئادىللىق دەۋرى دىيىشكە بۇلىدۇ. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشىدىن ھازىرغىچە تىلۋوزور تىلپۇن ماشىنا تەرەققى قىلىدى بۇنى ياخشىلىق دەۋرى دەيمىز.ئەمدى كۆزئالدىمىزدىكى تەقۋادارلىق بۇلىدۇ. بۇدەۋىلەردە كىلىمات بىلەن ئىنىرگىيە ئۆز كۇچىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن كىيىن تەقۋادارلىق سۇپەتتىكى 4-ئىرانىڭ 3-سى ياخشىلىققا ئۆتىمىز.
مۇنداقچە دىگەندە 4- ئىرانىڭ بىلىش دەۋرىدە تۇپراق خۇسيەتتىكى ئىنسانلارتوپى گەۋدىلەنگەن بولسا، ئادىللىق دەۋرىدە بۇرۇج ئادىللىق خۇسيەتتىكى نىسارا لار بىلەن گەۋدىلەندى. قۇرال بەلگىلىدى. كىمنىڭ قۇرالى كۇچلۇك بولسا شۇنىڭ گىپى ئورۇنلۇق بولدى. ئالدىمىزدىكى ياخشىلىق دەۋرىدە بەلكىم پەزىلەت گەۋدىلىنىشى مۇمكىن. ھازىرمۇ ئىنسانىيەت پەزىلەت دىگەن تادۇنى تۇنىماقتا.

ھەرنەرسىنىڭ ئۆلچىمى بار. ۋاقىت زامانمۇ تادۇ بۇيىچە ماڭىدۇ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 72
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە72دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 742 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-03-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-12 05:15

بىلىش
ئادىللىق
ياخشىلىق
تەقۋادارلىق---بىلىش. ئادىللىق ، ياخشىلىق، تەقۋادارلىق .
بۇنىڭ بىلىشى <رەسۇلىللادىن ئوسمان ئىمپىريىسى زاۋاللىقىغىچە> ئادىللىقى ،  داۋنىچ رەسىمىدىن............ھازىغىچە تىخى بىسىپ بۇلالمىدۇق.
مۇشۇ ئادىللىقنىڭ بىلىشى داۋنىچ رەسىمىدىن دۇنيا ئۇرشىغىچە، ئادىللىقى ئىككى دۇنيا ئۇرشى، ياخشىلىقى تىلۋوزور تىلپون دىگەندەكلەر . تەقۋادارلىقى ئالدىمىزدا .