بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى بۇلاقبىشى نىڭ 2012-01-04 19:17 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بۇلار ناھايىتى ياخشى رەسىملەر ئىكەن ئاستىدىن سانىغاندا4-رەسىمدىكىى مەن تۇغۇلۇپ ئۈسكەن مەھەللەمنى كۈرۈپ كۈزلېرىمگە ئسسىق ياشلار كەلدى!!!(مەن قەشقەردىن ئايرىلغىلى بىر قانچە يىللاربولدى) بۇكوچىلارنى ئىزاھلاپ قويغۇم كەلدى.بۇقەشقەر شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ(ئەسلىدىكى خانلىق مەدرىسە) ئۇدۇلىدىكى ئوردا ئىشكىى كوچىسى،بۇكوچىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۈيى جايلاشقان كونا ئوردا كوچىسى بار.سول تەرىپىدە "قوش مەسچىت"ھىكايىسىدە تەسۋىرلەنگەن ئوي كوچا(ئاي كوچا)بار،(ھىلىھەم بىر كوچىدا ئىككى مەسچىت بار) .ئوردا ئىشكى كوچىسىدىن 72پەلەمپەي بىلەن ئابدۇرىھىم نىزارى ياشىغان بۇلاق بىشى مەھەللىسىگە چۈشكىلى بولىدۇ. سۈرەتتىكى سولدىن بىرىنجى ئۈي 20-ئەسىردىكى تارىخى شەخس سابىت داموللامنىڭ ئۈيى ، ئابدۇغوپۇر (شاپتۇل) داموللىنىڭ ئۈيى ئوي كوچىنىڭ ئىغىزىدا ، ئوردا ئىشكى كوچىسىدىن ئۇدۇل ماڭسا يۈسۈپ زىيا (تارىخى شەخس) نىڭ كاللا مەھەللىسى (ۋەلى خوجا بۇ يەردەئادەم كاللىسىدىن مۇنار تىكلىگەن )گە تۇتىشىدۇ،بۇ مەھەللىلەر پۈتۈنلەي چىقىلىپ كەتسە مەنمۇ ئۇنتۇپ قىلىشىم مۇمكىن.يەنە بىر رەسىم ئۈستەڭبويى پاختا بازىرىدەك قىلىدۇ. مەھەللەمنى بەكمۇ سېغىندىم ،،،،،،،،،،،،،،،،،