بۆشۈك---ئەجدادلىرىمىز كۆچمەن چارۋىچىلىق ھاياتىنى باشتىن كۆچۈرۇۋاتقان زامانلاردا ئىجاد ئېتىلگەن،ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ نەمۇنىسى ئىدى. مىڭلاپ يىللارچە ئىلگىرىكى بەزى ئەنئەنىۋى تۇرمۇش بويۇملىرى يېڭىلىنىدۇ،ئىسلاھ قىلىنىدۇ،تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلىشىدۇ. بۆشۈكنىڭ ئىستېمالدىن قېلىشى--ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇدلۇقى ياكى يوقىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش ئەمەس.
ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قېلىشى،ئائىلە تىلىغا ئايلىنىپ قېلىشى،كۈنسېرى بويۇن قىسىپ قېلىشى-- ئەنسىرەشكە،جىددى ئامال-چارە ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك ئىش.