زېرىكىشتىن تۇنجىققان ھىسلار ،
تىنىپ قالدى بىر مەھەل تىمتاس .
شامال ئۇچۇرۇپ يەلپۇندى چاچلار ،
ئۆزگىلەرگە قىلمايمەن ھەۋەس .
قىزىپ كەتكەن ئاسفالىت يولدا ،
سەزگۈم بىلەن ئىزدەيمەن ئىلھام .
كۆرىنىدۇ چەكسىز پايانسىز ،
نىشانلىرىم ئىنىق ھەم داغدام .
يەنە دەيمەن بار ئاۋاز بىلەن ،
ھاياتلىقتا سۆيگۈ مۇقەددەس.
ئانا يەرنى سۆيدۇم چىن دىلدىن ،
سۆيەلمىسەم مەن ئادەم ئەمەس .
بارا ماتور بارغانچە قىزىپ،
تۇيغىلىرىم سازلىشار دەمدە .
ئىنسان ئۆمرى چەكلىك ساناقلىق ،
قىنىۋالاي جان ئانا يەرگە .
دەرىزىدىن باقسام چوللەرگە،
كۆرىنىدۇ تارىخ ئىزلىرى .
قەت كۆتەرگەن ھەيۋەت تاغلاردىن ،
ئەكىس ئىتەر ئەجدات سۆزلىرى .
قورام تاشقا تۆكۇلگەن قانلار ،
قان بىلەنلا يېزىلغان تارىخ .
بىلىپ بىلمەي قايتىلاپ قويار ،
تەغدىر قىقىپ يۈرەكلەرگە مىخ.
قارا ئەنە قارايغان زىمىن ،
ئۇچۇپ تۇرار ھاياتلىق غىمى .
يەلكىلەرنى باستى تەشۋىشلەر ،
زۇۋاندازنىڭ بىسىلدى ئۇنى .