باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 528 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: چىكىنمە لالە!~
دوستلىشىش
arkaturuk
ئەركەتۈرۈك
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 462
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە462دانە
ئۆسۈش: 5340 %
مۇنبەر پۇلى: 8745 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2012-01-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 19:36

چىكىنمە لالە!~

رەسىم:
[چىكىنمە لالە!~
5-ئاينىڭ 21-كۈنى،كەچ سائەت 20:11ئەتراپىد
لالە قوللىرىنى سۈرتكەچ ئۈستەل ئۈستىدىكى تېلفۇنىغا قارىدى.ئايرىلىپ كەتكەندىن بېرى ئۇ كۈندە نەچچە قېتىم تېلفۇنىغا قارايدىغان بوپقالغانىدى،ھازىرمۇ كۈندىكى ئادىتى بويىچە تىلفۇنىغا مۇنداقلا  بىر قارىۋىدى مۇنۇ تۇنۇش نۇمۇرنى كۆرۈپ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇپ كەتتى،«ئاھ خۇدا ،ئەكبەركەنغۇ بۇ~».لالە مىڭ خىيالنى كالسسىدىن ئۆتكۈزگەچ  ئۇنىڭدىن كەلگەن ئۇچۇرنى ئۇقۇشقا باشلىدى.«ياخشىمۇ سىز؟ سىزگە تىلفۇن قىلسام بولامدۇ؟»ئۇنى ئوقۇپ تۇرىشىغا يەنە بىرى كەلدى:«گەپ قىلىڭە ،مەن بەك قىينىپ كەتتىم~...»لالە بۇلارنى كۆرىۋىتىپ كۆزىگە ياش كەلدىيۇ لىكىن بىردىنلا شەيتىنى تۇتۇپ كۈلگۈسى كىلىپ كەتتى ،قارىغاندا بۇ يىگىت تازا قىينالغان ئوخشايدۇ؟ھا...،ھا.....[
لالە خەت قايتۇردى«مەن ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن،سىزچۇ؟»
ئەكبەر خەتنى كۆرۈپ بەك خوش بولدى بولغاي تېزلا تىلفۇن قايتۇردى.
-لالە ~بارمۇ سىز؟مىنى كەچۈرۈڭ،راستىنلا خاتا قىپتىمەن،بىردەملىك ئاچچىقتا سىزگە ئازار بەرگەنلىكىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن،مىنى كەچۈرۈڭ بولامدۇ،لالە؟
لالە كۈلىۋىتەي دىسە تېخى ،كۈلمەي دىسە تېخى،دىمىسىمۇ ئۇ بەش كۈندىن بېرى سىرتىدا چاندۇرمىسىمۇ،كىچىلەردە ،يالغۇز قالغانلاردا يېغلىغۇسى كىلىپلا تۇراتتى،ئۇ ئاللادىن ئەكبەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ،ئاغزىغا ئىمان تىلەيتى.ئەكبەرنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ ئۆزىدىن كەچۈرۈم سورىشىنى ئۈمىد قىلاتتى،ئاللاھ~راستىنلا ئۇنىڭ تىلىگىنىنى بەردى،مانا ھازىر ئەكبەر ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراۋاتاتتى.
-لالە بەش كۈندىن بېرى قانداق يۈردۈم بىلەمسىز؟ئاسماندىن چۈشۈپ كەتكەندەك بوپ كەتتىم.تىلفۇنغا ئاز دىگەندىمۇ كۈندە يۈز قېتىمدىن ئارتۇق قارايدىغاندىمەن،ھېلىمۇ سىز چىداشلىقكەنسىز،بىرەر قېتىممۇ ئۇچۇر ياكى تىلفۇن قىلىپ قويمىدىڭىز.
-مەن نىمە دەپ قىلاتتىم ،مىنى كەچۈرۈڭ،بۇندىن كىيىن ئۇنداق قىلماي دەپما؟
-بولدى بولدى،خېنىم ،ئەمدى ئاچچىقلىماڭ ،سىز ئاچچىقلىسىڭىز مەن چىدىماي قالىدىكەنمەن.بىر تەلىپىم بار بىلمىدىم قۇشۇلامسىزكىن؟
لالە ئەكبەرنىڭ  نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي:
-ئاۋال سىز دەپ بىقىڭ ،ئاڭلاپ باقاي.
-مۇشۇ ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ماڭىمۇ سۆزلەپ بىرىڭ.مىنىمۇ يىتەكلەپ ماڭسىڭىز دىگەن ئۈمىدتىمەن.
لالە ئىككىلەنمەيلا:
-بولىدۇ،لىكىن مىنىڭ دىگەنلىرىمنى چوقۇم قىلىشىڭىز كېرەك .بەش ۋاق نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇيسىز،بىكار ۋاقىتلىرىڭىزدا كىتاپ كۆرىسىز،بۇندىن كىيىن ماڭا گەپ قىلغاندا دىققىت قىلىپراق گەپ قىلىڭ،چۈنكى گەپ سۆزلەرگىمۇ دىققەت قىلمىساق بولمىغۇدەك.
-ئۇنداقتا سىزنى نىمىدەپ چاقىرىمەن؟
-ئىسمىمنى چاقىرىڭ .
-نىمە؟..ۋاي ..مەن..بۇ..كۈنۈپ قاپتىكەنمەن.
ئەكبەر بۇرۇن لالەنى «جېنىم»دەپ چاقىراتتى.(قىززىق ~..ئەمدى بۇنىڭغا تەس بولىدىغان بولدى)
-ئامال يوق ئەكبەر،ھەر ئىككىلىمىز تىرىشايلى.
-بولىدۇ لالە خېنىم،نىمە دىسىڭىز شۇنى قىلاي مەن.
-ماقۇل ئەمسە ،بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن،ئاللاھقا ئامانەت.
-مەن...ماقۇل ..ئاللاھقا ئامانەت،- دىدى ئەكبەر قىيمىغان ھالدا .
لالە تىلفۇننى قويۇپ تۇرىشىغا يەنە ئەكبەردىن ئۇچۇر كەلدى.«نىمە كىتاپنى كۆرىمەن،دىمەكچى بولغىنىم قايسى كىتاپنى،<لالە>؟»
ئەكبەر قەستەن لالەنى جىلە قىلماقچى بولىۋاتاتتى.
-ھازىرچە ئۆيۈڭلاردا «ياخشىلار باغچىسى » دىگەن كىتاپ بولسا   شۇنى ئوقۇپ تۇرۇڭ.
  شۇندىن كىيىن لالە ئەكبەرگە ئۆگىتىشىكە باشلىدى.ئايەتلەرنى سۆزمۇ -سۆزدىن ئۆگىتەتتى،كىتاپلارنى ئەچىقىپ ئوقۇپ بىرەتتى.ئىككىسىدە بار ئىللەتلەرگە دائىر ھۆكۈملەرنى ۋە ئالاقىدار ھەدىسلەرنى ئوقۇپ چۈشەندۈرەتتى.ئەكبەر ئەمدى بارغانچە قىزىقىپ قېلىۋاتاتتى،توختىماي لالەدىن سوئال سورايتتى،بەزىدە لالە نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشكە ئامالسىز قالاتتى ۋە شۇ ھامان كىتاپ ئاختۇرۇپ شۇنىڭغا جاۋاپ تاپاتتى. لىكىن بۇ ئەكبەرنىڭ بۇرۇنقى شوخلۇقلىرى يەنە بار ئىدى.
-لالە ،ماڭا ھېلىقى سۈرىنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن.
-ماقۇل،قۇلاق سېلىڭ ئەمسە،بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم.......»
ئەكبەر نەچچە قېتىم  ئەگىشىپ ئوقىدى.ئاخىردا:
-ئەمدى سىز يەنە بىر قېتىم ئوقۇڭ ،مەن لىنتىغا ئېلىۋىپ يادلىغاچ ياتاي.
-بولىدۇ،-لالە ئوقۇشقا باشلىدى،ئوقۇۋىتىپ تۇرۇپلا  كاللىسىغا بىر سوئال كەلدى.
-ھەي!باياتىنلا مۇشۇنداق قىلساق بولمامتى؟ئادەمنى شۇنچە ئۇزۇن ئوقۇتقىچە،يەنە كىلىپ كىتاپتا ھەممىسى بار ئىدىغۇ؟!
-ئاۋازىڭىزنى جىقراق ئاڭلىۋالاي  دىدىم ،«ساۋاقداش  لالە خېنىم»،ئەمسە خوش،ئاللاھقا ئامانەت.
ئەكبەر لالەنىڭ يەنە كوتۇلدىشىدىن قورقۇپ تىلفۇننى تېزلا قۇيۇۋالدى.
    شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەنە ئەپلىشىپ قالدى.لىكىن ئىكىلىسى بۇرنقىدىن بەكرەك دىققەت قىلىدىغان بولۇپ كەتكەنىدى.بەزىدە ئەكبەر تېخى لالەدىن بەكراق تەقۋالىشىپ كىتەتتى.
بۈگۈن ئەتىگەن سەھەردە ئەكبەر لالەگە تىلفۇن قىلدى.
-قوپۇڭ ،تېخى ئويغانمىدىڭىزما؟شۇنچە ئۇخلىغان نەدە بار؟
-ئاخشام بەك كەچ ئۇخلىغان،ئەتىگەن نامازدىن كىيىن ئازراق ئۇخلىۋالاي دەپ ....
-قوپۇڭ «يولداش لالە»،مەن سىزگە دەرس ئۆتىمەن ئەمدى،قولتۇقىمدا كىتابىم ئايرىلمايدۇ ھازىر.ئاخشام خېلى جىق نەرسە ئۆگەندىم.قوپۇڭ،قوپۇڭ،كۆزىڭىزنى ئېچىڭ!
-ماقۇل...،-لالە شۇنداڭ دەپ يەنە ئۇيقىغا كەتتى.بىر دەمدىن كىيىن يەنە تىلفۇن سايرىۋىدى ئۇيقۇسى ئېچىلىپلا كەتتى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،نىمە بولدى ئەتتىگەندە؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،سىزگە ئۆگەنگەنلىرىمنى سۆزلەپ بىرەي دىدىم شۇ.
-ماقۇل،ماقۇل ھاجىم ،قېنى سۆزلىسىلە.
-.......ھېلىقى..ھېلىقى..ئوبدان بولدىمۇ،ئۇنتۇپ قالدىم ئەمدى.ئاران بىر ئۈگەندە كىشى.
-ئەمسە يەنە بىر كۆرىۋىلىپ سۆزلەپ بەرسىلە،خوش،ئاللاھقا ئامانەت.
-مۇشۇنداقلا خوشما؟
-ئەمسە قانداق بولاتتى؟ئېشىپ كەتمەيلى «يولداش ئەكبەرجان»!
-ۋاي ماقۇل خېنىم،ماقۇل.خوش ،ئاللاھقا ئامانەت.
     
     كۈنلەر مانا مۇشۇنداق ئۆتمەكتە.
    نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا لالە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە ھىجاپلانغانىدى،ئەكبەر بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى.گەرچە ئۇنىڭ ھىجابلىنىشى ئۆيدىكىلىرىنىڭ سەل قارشىلىقىغا ئۇچىرسىمۇ،لالە يەنىلا چىكىنمەستىن ئالغا ئىلگرلەۋاتاتتى.
-...ماقۇل دادا،گىپىڭىزنى ئاڭلايمەن،خاتىرجەم بولۇڭ.سىز دىگەندەك قىلىمەن.
لالە مۇشۇنداق دەپ ئاتا-ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىپ قوياتتى.ھەمدە كۈندە نامىزىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشىنى تىلەيتتى.ئاللاھ خالىسا بۇمۇ بىر كۈنى ئەمەلگە  ئېشىپ قالار،لالە شۇنىڭغا ئىشنەتتى ۋە پات-پات ئۆز-ئۆزىگە شۇنداق دەپ پىچىرلايتتى:«چىكىنمە لالە~ئاللاھ ساڭا ياردەم قىلىدۇ،شۇنداق تۇرۇقلۇق سەن يەنە نىمىدىن ئەنسىرەيسەن؟غەيرەت قىل....»

مەنبە؛تور دۇنياسىدىن
ئەسسالام قېرىنداش يولۇڭ تۈز بولسۇن ،
ياخشى ئىش ئىزلىرىڭ ئىبرەت بوپ قالسۇن .
باشلىغىن دوسلارنى ياخشى يوللارغا ،
بۇنىڭدىن دوسلارمۇ ھەق يولنى تاپسۇن.
دوستلىشىش
بىگان
جاننى كىم بەردى؟قانداق قايتۇرىمىز؟!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 361
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە361دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 3854 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-01-04

بۇ مۇھەببەت ھىكايىسىمۇ يا؟ چۈشەنمەي قالدىمغۇ؟ ئاپتور چۈشەنچە بىرىڭ!
<ئىلىپ>نى بىلىپ،<بەر>نى ئۇنۇتماڭلار!ھاياتنى كىم بەرگەن؟قانداق قايتۇرىمىز؟
ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 170
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە170دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 1971 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-18
ئاخىرقى: 2012-01-03
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 21:34

ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
نىمە دەپ ئىنكاس يېزىشنى بىلمەي قالدىمغۇ؟! يازاي دىسەم بەكمۇ جىق يازىدىغاندەك تۇرىمەن، يازماي دىسەم يازغۇم كىلىدۇ. ئەڭ ياخشى مۇشۇ چەكسىز چىكىتلەر بىلەن گىپىمنى ئاياقلاشتۇراي...........................................
Allah is enough for me!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9499
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-04
ئاخىرقى: 2011-12-22
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 21:46

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،چۈشىنەلمەي قالدىمغۇ بۇ ئارقىلىق نېمىنى ئىپادىلىمەكچى؟؟؟
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 2091
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2091دانە
ئۆسۈش: 4780 %
مۇنبەر پۇلى: 24948 سوم
تۆھپىسى: 172 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-03
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 22:18

تازا قاملاشمىدىمۇ نىمە؟    
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 941
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە941دانە
ئۆسۈش: 1220 %
مۇنبەر پۇلى: 10524 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-01-03
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 22:28

تۈrۈك قارى يۇقاپ كىتىپ  ئەمدى توككىدە ..............d
[ بۇ يازمىنىsaifulla 2012-01-02 17:50قايتا تەھرىرلىد ]
ئەتە ئۈلۈم!
دوستلىشىش
بىگان
جاننى كىم بەردى؟قانداق قايتۇرىمىز؟!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 361
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە361دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 3854 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-01-04
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 23:11

بۇ ئارقىلىق ئىسلامدىكى قىىز -ئوغۇلنىڭ مۇھەببىتى تەسۋىرلەندى،ئاتا-ئانىسى قارشى تۇرسىمۇ،قىز بەل قويۋەتمەي ئىمان خىزمىتنى داۋام قىلدى.ئاساسلىق تەسۋىرلەنگىنى قىز ئاللىقاچان .ئوغۇلغا كۆيۈپ بولغان.خۇددى مەن شەھلانىڭ يازمىسىدا ئىيتىپ ئۆتكەندەك<گۇناھ تۇيغۇسى>بىلەن ئوغۇلدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي،يەنە داۋاملىق مۇھەببەتلىشىش  ئىستىكى تولىمۇ روشەن ئىپادىلەنگەن.بۇ ئىنتايىن تەبئي.ئوغۇلدىمۇ شۇنداق.
ئەسەردىن قارىغاندا قىز ئوغۇل ناماز ئوقۇمىغاچقا ئايرىلىپ كىتىشنى نىيەت قىلغان.ئوغۇل قىزنىڭ مۇھەببىتىگە ئىرىشىش ئۈچۈن،مۇھەببەتلىشىشنى داۋام قىلىش ئۈچۈن قىزدىن ئەپۇ سورىغان.قىز -ئوغۇل دەسلەپتە  بەلكىم ئاللاھ رازىلىقى بىلەن ياخشى كۆرۈشنى بىلمىگەچ شۇنداق يۈرۈشكەن.كىين قىز ھىجاپلانغان،بۇ قىزنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.دىمەك ھىكايىنىڭ يىشىمىنى ئوقۇرمەنلەرگە قويغان.ئۈچ خىل يىشىم بىلەن پەرەز قىلشى مۇمكىن.
1-قىز ئىسلامدا قىز-ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەتلىشىشىنىڭ چەكلىنىدىغىنىنى بىلىپ يىتىدۇ ھەم ئۇنداق قىلسا گۇناھ بولدىغىنىىنى بىلگەندىن كىين،ئوغۇلغا يەنە ئايرىلش تەكلىپى بىرىدۇ،ئەمدى قىز سەل ئازاپلانسىمۇ،يۇقارقىدەك بوپ كەتمەيدۇ،چۈنكى قىز ھەقىقي سۆيگىنىنى  تاپتى،ئۇ بولسىۇ-ئاللاھ.
2.قىز بەلكى ھىجاپلىق يۈرگىنى بىلەن،ھازىرقى بەزى قىزلىرىمزغا ئوخشاش،مۇھەببەتلىشىشنى تاللايدۇبەلكى يۇقارقىدەك دىققەت قىلىشلار بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى ئىسلامي مۇھەببەت دەپ تونۇپ،ئۆزلىرىنىڭ خاتا قىلىۋاتقىنىنى سىزىشمەيدۇ.كۈنلەر شۇ تەەرىقىدە ئۆتىدۇ.
3.ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشىلىشى ۋە ھەرخىل بىسىم سەۋەبلىك،شۇنداقلا(قارىسام،يۇقاردىكى ئوغۇل بالدا شەيتان كۈچلۈك ئوخشايدۇ)يىگىتنىڭ ئاستا-ئاستا ئازدۇرىشى بىلەن يەنە قايتىدىن ئىزىپ كىتىشىمۇ مۇمكىن.
<ئىلىپ>نى بىلىپ،<بەر>نى ئۇنۇتماڭلار!ھاياتنى كىم بەرگەن؟قانداق قايتۇرىمىز؟
دوستلىشىش
下站幸福
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10161
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-02
ئاخىرقى: 2012-01-03
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ناھايتى ياخشى بوپتۇ ئاللاھ قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن
دوستلىشىش
نەزەرسالسام
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9669
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 42
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە42دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 420 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2012-01-03
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ئاللاھ قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن
نەزەر