ساي مۇخبىرىمىز بىگاننىڭ ئۆزىنى سوراپ <جوڭگو خەۋەرلەر تورى>دىن كىسىپ ئەكەلگەن ھىندىستان قىزىق نۇقتا بولغان خەۋىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.خەۋەرلىرىمىزنىڭ تەپسىلي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
خەلىق تورىنىڭ 12-ئاينىڭ21-كۈنىدىكى سىتاستىكا ئەھۋالىدىن قارىغاندا،ھىندىستاندا ئەرلەرنىڭ نوپۇسى ئاياللارنىڭ نوپۇسىدىن توپتوغرا 4000تۈمەن نوپۇس ئاشقان،يىڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقنىڭ سانى قىز بوۋاقتىن يەنىلا يۇقىرى.جەمىيەتنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىنى پەرەز قىلىش قىيىن ئەمەس.
خەلىقئارا ئقىتىساد گىزىتىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا،ھىندىستان 80 يىللاردىن باشلاپلا تاللاش خاراكتىرلىك بالا چۈشۈرگەن ۋە 4000تۈمەن قىز بوۋاقنى ئۆلتۈرگەن.ھىندىستان جەمىيىتىنىڭ قىزلارنى تۆۋەن كۆرۈش خائىشى سەۋەبلىك ھەر يىلى تەخمىنەن100تۈمەن قىز بوۋاق ئۆلتۈرلىدىكەن،ھەر ئايدە 5تۈمەن قىز بوۋاق چۈشۈرۋىتىلىدىكەن.
ھىندىستاندا،ئاياللار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىلىرىدا ھامىلە جىنىسىنى تەكشۈرتۈش ئومۇمي يۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلانغان.گەرچە ھامىلىنى ئولتۇرا ئاۋاز دولقۇنى بىلەن جىنىسىنى ئايرىپ چىقىشى شۇنداقلا بالا چۈشۈرۋىتىش قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ،ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە قانۇن ئورگانلىرىدىمۇ باشقا كىشلەرگە ئوخشاش قىزلارنى تۆۋەن كۆرۈش خائىشى مەۋجۇت.
جەمىيەت ھەركىتى ئەزاسى رۇچىرا گۇپتا خانىم ئىزچىل تۈردە ھىنسدىستان ئاياللىرىنىڭ كىشلىك ھوقۇقى ئۈھۈن كۈچ سەرىپ قىلىپ كەلمەكتە.ئۇ مۇنداق بىلدۈردى:بىزنىڭ قىز-ئاياللىرىمزنىڭ ھىندىستاندا ھىچقانداق قەدر-قىممىتى يوق،ئۇلار تۇغۇلىشىدىن تارتىپ ئۆلۈپ كەتكۈچە خەتەر ئىچىدە ياشايدۇ.ھامىلدار ئاياللار بالىنى چۈشۈرۋەتكەن تەقدىردىمۇ،ھامىلىنڭ قىز بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك دۇمبال يەپ،ھەتتا ئۆلتۈرلىشى مۇمكىن.
يۇقارقىدەك ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان تۈپكى سەۋەب-پۇل.ھىندىستاندا قىزلار ئۆيلەنگەندە،قىز تەرەپ قىز مىلى ئۈچۈن ئوغۇل تەرەپكە نۇرغۇن پۇل چىقىم قىلىدۇ.بىراق ئوغۇل تەرەپ ئۇنداق ئەمەس،ئەكىسچە ئۆيگە قىز تەرەپنىڭ بايلىقىنى ئەكىلىدۇ.ئەھۋال شۇنداق بولغاچقا،ھىندىستانلىقلار قىزنى<پۇل تۆلەيدىغان مال>ئورنىدا كۆرىدۇ.بۇ دەل نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ تاللاش خاراكتىردىكى بالا چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتىكى سەۋەب.قىز مىلى يىل بويى ئۆرلىمەكتە،ئەگەر قىز تەرەپ قىز مىلى چىقىمنى تۆلىمىسە،ئوغۇل تەرەپنىڭ ھاقارىتىگە،ئازابلىشىغا،دۇمبالىشىغا،ھەتتا كۆيدۈرۋىتىلىشىگە ئۇچراش ئىھتىمالى كۈچلۈك.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى،نۇرغۇن ئەھۋالدىن بىخەۋەر كىشلەر پەقەت كەمبەغەل كىشلەرلا تاللاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بالا چۈشىرىشى مۇمكىن دەپ ئويلايدۇ،ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا قاتلامدىكى ۋە خىلى تەربىيە كۆرگەن ئائىلىلەر بۇ خلىنى ئۇسۇلنى تىخىمۇ ئومۇمىىي يۈزلۈك ئىشلىتىدۇ.يىقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل ئەھۋال تىخمۇ ئېغىرلىماقتا،ھەتتا بەزى رايۇنلاردا قىز-ئوغۇللارنىڭ نوپۇس نىسپىتى ئاران 10:3 پىرسەنتكە يىتىدۇ.
ھىندىستاننىڭ شىمالي رايۇنىدا نۇرغۇن دارلىتام بار،نۇرغۇن تاشلىۋىتىلگەن قىز بوۋاقلار بۇ دارلىتاملارغا ئىلىپ كىلىنىدۇ...بىراق كۆپىنچە قىز بوۋاقلار يىرىم ئۆلۈك ھالەتتە يىغۋىلىنىدۇ،چۈنكى نۇرغۇن ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگلىدىلا بالا چۈشۈرۈش دورىلىرىنى ئىستمال قىلىدۇ.
ساي مۇخبىرىمىز بىگان ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىرىدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالدى،تەپسىلىي مەزمۇنى مۇنداق:قەدىرلىك شىنجاڭلىق كىچە-كۈندۈز ھىندىستان كىنو-فىلىملىرىدىكى بىگانە چولپانلارغا ئەسىر بولۇپ،ھىندىستانلىق ئەرگە تەگمەكچى بولغان،شۇنداق خىياللارغا غەرق بولغان نادان قىزلار!ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ھىندىستانلىققا تەگمەكچى بولساڭلار،قىز تۇغماي ئوغۇل تۇغۇشقا كۆزۈڭلار يەتسە تىگىڭلار،بولمىسا تىگىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلار،كىنودا مۇھەببەت فىلىمىدەك مۇلايىم تۇرغان بىلەن،ئۆيدە بوكۇس خالتسى بولىسىز،دۇش-دۇش قىلىپ<ئوغۇل تۇغمىدىڭ>دەپ بىقىنىغا ئۇرۇۋاتقان.<قويى بارئادەم گۆش يەيدۇ،ئېرى بار ئادەم مۇش يەيدۇ>دەپ ماختىنىپ ئولتۇرماڭلار،ئېرىڭىز بولمىسىمۇ يەۋىرىسز دۇمبالنى،تاياق سىغىنىپ قالغان بولسىڭىز سىز كىلىڭ،مەن كىتەي،ئاڭلىسام ئۇيغۇر يىگىتلەر بەك ياخشىمىش،خوتۇن ئۇرمايمىش،بۇ يەردىكى بىلەن ئەكىسچە ئىكەن،ئۆيلەنسە قىز تەرەپكە پۇل تۆلەيدىكەن.يەنە ئاڭلسىام ياخشى يىگتلەر ياخشى قىزلارنى تاپالماي ئاۋارىمىش،ياخشى قىزلارمۇ ياخشى ئوغۇللارنى تاپالماي يۈرگىدەك،يۈزى قىلىن دىسەڭلارمۇ ھەقىقي ئۇيغۇر ئوغلانىغا تەگكۈم بار،ھىچ بولمىغاندا ۋاپادار،ساداقىتىم بار،كۆتۈرۈشلۈكمەن.كۆڭۈل سۆزۈمنى كەڭسايدا ئىيتىۋالغىنىمدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم،رەھمەت سىزلەرگە>
خەۋەرلىرىمىزگە داۋاملىق نەزەر تاشلىغايسىزلەر...
سىرىتقى ئاخباراتنىڭ22-كۈنىدىكى ئىگەللىنىشىچە،ھىندىستاننىڭ غەربي شىمالىدىكى بىر كىچىك بالاتىپۇر بازىرىدا ھازىرقى قەدەر كۆرۈمسىز ئۆرۈپ-ئادەت مەۋجۇتكەن،ئۇ بولسىمۇ بۇ يەردە قىزلار تىخى غۇنچە ھالىتىدىكى يىشىدىلا ئائىلىسدىكلەر تەرپىدىن<جىنسي قۇل>قىلىپ سىتىۋىتىلىدىكەن،ياكى بولمىسا قىزلار ئۆزى سىرتقا چىقىپ پاھشىلىق بىلەن ئۆينى قامدايدىكەن.
بۇ يەردە تۇرۇشلۇق بىر موماي دەل مۇشۇ ئۆرپ-ئادەتنىڭ قۇربانى بولغان.ئۇ ئۆزىنىڭ 20 يىل بۇرۇن بىر تۇغقان قېرىندىشى تەرپىدىن پاھىشە ئورنىدا سىتىۋىتىلگەنلىكىنى،چۈنكى شۇ چاغدا ئۆيدە پۇلغا يارايدىغان پەقەتلا ئۆزىنىڭلا قالغانلىقىنى ئىيتقان.كىيىن بۇ پاجىئە ئۆزى بىلەنلە قالماي،قىزىمۇ كونا مۇقامغا دەسسەپ پاھىشە بولغان،پاھىشە قىلىپ تاپقان پۇل بىلەن ئائىلىنى قامدىغان.گەرچە بۇ موماي قاتتىق ھەسرەتلەنگەن بولسىمۇ،ئەمما ئائىلىنى قامداش ئۈچۈن ئامال يوق.بۇ كەنتتە ئاساسەن ھەممە قىز-ئايال<جىنسىي قۇل>،ھىچقانداق قىز-ئاياللار بۇ قىسمەتتىن قۇتۇلالمىدى.(بىگاننىڭ كۆز ئالدىغا ئىراق ۋە ئاففىغانىستاندا ئۇرۇش ئاسارتىدا قاغجىراپ،ۋەيران بولغان ئائىلەرنىڭ ئاچا-سىىڭىللىرىنى،-قىز-ئاياللىرىنى پاھىشىۋازلارغا سىتىۋىتىشكە مەجبۇر بولغانلىرى كەلمەكتە...)
<بۇ بىر ئۆرپ-ئادەت،ھىچقانداق بىر ئائىلە بۇنداق ئىشنى خاتا دەپ قارىمايدۇ،ئۇلار بۇنى ئۆزىنى تەقدىم قىلىش دەپ بىلىدۇ.> كۆپ قىتىم بۇ يەردە تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان جاپۇر دىدى.ئىككى يىل بۇرۇن بۇ يەردىكى قىز بەك ئاز ئىدى،كۆپىنچى قىز-ئاياللار يىڭى دېھلى ۋە بومبايدا پاھىشىۋازلىق قىلىپ تاپقان پۇلىنى قايتىپ كىلىپ ئائلىسىدىكىلەرگە بىرەتتى.
بىراق،ھىندىستان ھۆكۈمىتى ھازىر <ئەر ئايال باراۋەر> دىگەن شۇئارنى توۋلاپ،مۇشۇنداق قىلمىشلارنى توستى.نۆۋەتتە بۇ خىل ئەھۋال تۇنجى قەدەمدە كونترول قىلىنماقتا.
ساي مۇخبىرىمىز بىگان گازىر چاققاچ ئۇدۇل تەرجىمە بىلەن خەۋەر بەردى.