باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 500 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاتا(شەھلا)
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 559
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە559دانە
ئۆسۈش: 1755 %
مۇنبەر پۇلى: 6783 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-01-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 10:29

ئاتا(شەھلا)

ئاتا

سىز ئۆزىڭىزنى ئانىغا بەكراق يېقىن دەپ قارامسىز ؟
قازان بېشىدا چۆرگىلەپ ،تەملىك تاماقلارنى ئېتىپ بەرگىنى ئۈچۈن ، ھالىڭىزدىن خەۋەر ئىلىپ ،غېمىڭىزنى يىگىنى ئۈچۈن ، ئوتىڭىزدا كۈيۈپ سۈيىڭىزدە ئاققىنى ئۈچۈنمۇ ؟
ياق ...............
ئەڭ مۇھىمى توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغىنى ئۈچۈن شۇنداقمۇ ؟
دەرھەقىقەت ئانىلار ئۇلۇغلىنىشقا ھەقلىق.
بىراق ئاتىچۈ؟
دائىم ئانىلار ئۈچۈن مەدھىيىلەر ياڭراتقان ۋاقتىمىزدا ، دائىم بىر چەتتە بىزگە كۆلۈمسىرەپ قاراپ تۇرغان ئاتا دەقىق ئۇنتۇلىدۇ ،ئۇنىڭ جۆرىسىنىڭ مەدھىيىلەردىن شاتلانغان تۇرقىغا سۆيۈنۈش بىلەن قاراشلىرى ، پەرزەنىتلىرىنىڭ ۋاپادارلىقىغا مەستلىكى كىلىشلىرى ، ئەركەكلەرچە كەڭ قوساقلىقى ، مىننەتسىز ئەجرى دۇنيادا بىباھا ئىدىغۇ !
ئۇنتۇپتىمىز ،،،،،،،
تومۇرىمىزدا ئاققان قان ، زۇلپىقارنىڭ ھىمايىسىدە ئەزىزلەنگەن جان ، تاغنىڭ ھىمايىسىدە پاناھلانغان تەن ئاتىنىڭ ئىلتىپاتى ئىدىغۇ !
چەكسىز مېھرى -مۇھەببىتى بىلەن غورورىمىزنى ئەيلەپ ، تارام تارام قان-تەرى بەدىلىگە مەئىشەتلىرىمىزنى غەملەپ ، زىمىستاندا گۈلخان ، تومۇزدا سايىدار سۇۋادان بولغان ئاتا ئىدىغۇ !
تۇغۇلۇپ ئېغىزلانغان تۇنجى نان ، ئادىمىلىكتە يۆگەلگەن تۇنجى يۆگەك ئاتىنىڭ ئىدىغۇ !
ئاتىنىڭ كەڭرى يەلكىسىگە بېشىمىزنى قويۇپ ، كۈچلۈك بىلەكلىرىگە مىنگىشىپ چوڭ بولغان ئىدۇققۇ .
چوڭ بولدۇق ، ئاق-قارىنى پەرىق قىلدۇق ،
باغرى يۇمشاق كۈيۈمچان ئانا ئارقىسىدىكى ، قاپىقى يامان لېكىن مېھرى دېڭىز ئاتىدىن ئەيمەندۇق ،
ئانىغا ھاردۇق يەتتى ، جاپاكەش جىسمىنى كىسەل يېقىتتى ، تەشۋىشكە چۈشتۈق ، پەرۋانە بولدۇق ، داۋالاتساق ، ئاسرىۋالساق ،،،،،،،،،،،،،، پەققەت شۇنىلا ئويلىدۇق ،
بىراق ،،،،،،،،،،،،،،،
ئېغىر ھارۋىنى كۈچۈنۈپ سۆرىگەن ئاتا ، تۇرمۇش غېمىدا چېقىلغان ئاتا ،  شەمشاد كەبى غولاپ چۈشتى .
قارا تۇپراقتا يېڭى قاتقان قەبرىگە قاراپ نۇرغۇن ،،نۇرغۇن ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، بەك نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالغانلىقىمىزنى ئېچىنىش ئىچىدە ھىس قىلدۇق.

  

ئىللەت تۇزەلمىسە، مىللەت تۇزەلمەيدۇ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4482
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 320
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە320دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 3561 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-07
ئاخىرقى: 2012-01-06
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 14:01

رەسىم:
پاھ....قالتىس تىما بوپتۇ..............يۇرەكلىرىمنىڭ بىرقات تىرەىسى  سۇيلۇپ كەتتا...... شەھلا چوڭ ئانا   
بىز نۇمۇس قىلىشىمز كىرەك...