查看完整版本: [-- ئاتا(شەھلا) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ئاتا(شەھلا) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

xahla91 2011-12-22 10:29
ئاتا

سىز ئۆزىڭىزنى ئانىغا بەكراق يېقىن دەپ قارامسىز ؟
قازان بېشىدا چۆرگىلەپ ،تەملىك تاماقلارنى ئېتىپ بەرگىنى ئۈچۈن ، ھالىڭىزدىن خەۋەر ئىلىپ ،غېمىڭىزنى يىگىنى ئۈچۈن ، ئوتىڭىزدا كۈيۈپ سۈيىڭىزدە ئاققىنى ئۈچۈنمۇ ؟
ياق ...............
ئەڭ مۇھىمى توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغىنى ئۈچۈن شۇنداقمۇ ؟
دەرھەقىقەت ئانىلار ئۇلۇغلىنىشقا ھەقلىق.
بىراق ئاتىچۈ؟
دائىم ئانىلار ئۈچۈن مەدھىيىلەر ياڭراتقان ۋاقتىمىزدا ، دائىم بىر چەتتە بىزگە كۆلۈمسىرەپ قاراپ تۇرغان ئاتا دەقىق ئۇنتۇلىدۇ ،ئۇنىڭ جۆرىسىنىڭ مەدھىيىلەردىن شاتلانغان تۇرقىغا سۆيۈنۈش بىلەن قاراشلىرى ، پەرزەنىتلىرىنىڭ ۋاپادارلىقىغا مەستلىكى كىلىشلىرى ، ئەركەكلەرچە كەڭ قوساقلىقى ، مىننەتسىز ئەجرى دۇنيادا بىباھا ئىدىغۇ !
ئۇنتۇپتىمىز ،،،،،،،
تومۇرىمىزدا ئاققان قان ، زۇلپىقارنىڭ ھىمايىسىدە ئەزىزلەنگەن جان ، تاغنىڭ ھىمايىسىدە پاناھلانغان تەن ئاتىنىڭ ئىلتىپاتى ئىدىغۇ !
چەكسىز مېھرى -مۇھەببىتى بىلەن غورورىمىزنى ئەيلەپ ، تارام تارام قان-تەرى بەدىلىگە مەئىشەتلىرىمىزنى غەملەپ ، زىمىستاندا گۈلخان ، تومۇزدا سايىدار سۇۋادان بولغان ئاتا ئىدىغۇ !
تۇغۇلۇپ ئېغىزلانغان تۇنجى نان ، ئادىمىلىكتە يۆگەلگەن تۇنجى يۆگەك ئاتىنىڭ ئىدىغۇ !
ئاتىنىڭ كەڭرى يەلكىسىگە بېشىمىزنى قويۇپ ، كۈچلۈك بىلەكلىرىگە مىنگىشىپ چوڭ بولغان ئىدۇققۇ .
چوڭ بولدۇق ، ئاق-قارىنى پەرىق قىلدۇق ،
باغرى يۇمشاق كۈيۈمچان ئانا ئارقىسىدىكى ، قاپىقى يامان لېكىن مېھرى دېڭىز ئاتىدىن ئەيمەندۇق ،
ئانىغا ھاردۇق يەتتى ، جاپاكەش جىسمىنى كىسەل يېقىتتى ، تەشۋىشكە چۈشتۈق ، پەرۋانە بولدۇق ، داۋالاتساق ، ئاسرىۋالساق ،،،،،،،،،،،،،، پەققەت شۇنىلا ئويلىدۇق ،
بىراق ،،،،،،،،،،،،،،،
ئېغىر ھارۋىنى كۈچۈنۈپ سۆرىگەن ئاتا ، تۇرمۇش غېمىدا چېقىلغان ئاتا ،  شەمشاد كەبى غولاپ چۈشتى .
قارا تۇپراقتا يېڭى قاتقان قەبرىگە قاراپ نۇرغۇن ،،نۇرغۇن ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، بەك نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالغانلىقىمىزنى ئېچىنىش ئىچىدە ھىس قىلدۇق.

  
[attachment=14046]

maslakdax 2011-12-22 10:51
يائئاللا شەھلا خان.شېئىرلا يازامدىكىن دىسەم  نەسىرنىمۇ يىرتىپ قويىدىكەنسىزغۇ،يۈرەككە تەگدى.رەھمەت.

anjura 2011-12-22 11:07
ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
يۇرت،ئاتا-سېغىنىشىدا ئارانلا تۇرغاندا ماۋۇ تىما يۈرۈكۈمنى تېخىمۇ ئېيچىشتۇرۋەتتى-يا؟! ئەمدى شەھلا ھەدەم يېشىمنى سۈرتۈپ قويمىسا ئاسانلىقچە بۇ ياشنى توختىتالمايدىغاندەكمۇ تۇرىمەن.........

دىمىسىمۇ شۇنداق، ئاتا تولىمۇ جاپاكەش ئىنسان، ئانىغا ئوخشاشلا شۇ پەرزەنتنى قاتارغا قوشۇش ئوچۈن ئوخشاش ئەجىر سىڭدۈرىدۇ،بالام ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشىپ بەختلىك بولسىكەن دەيدۇ. سىرتلاردا ئىسسىقنى ئىسسىق، سوغوقنى سوغوق دىمەي جاپا چىكىپ ئۆزى يىمەي-ئىچمەي تۇرۇپ ئائىلىسىگە ئەكىرىدۇ. ئايالى،باللىرىنىڭ يىگىنى-كەيگىنى كۆرۈپ خۇشال بولىدۇ.........
شۇتاپ جاپاكەش ئاتامنىڭ ئېتىزدىن ھىرىپ-ئېچىپ ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن بىزلەر بىلەن خۇشال-خۇرام ھەمداستىخان بولۇپ باللىرىنىڭ ئۇماق،تاتلىق قىلىقلىرىدىن ھاردۇقىنى چىقىرىپ تامغا يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان ھالىتى ،شۇنداقلا ھىلىھەم ياقا-يۇرتلاردا مۇساپىر بولۇپ ئوقۇۋاتقان بالىللىرىم نىمە يەۋاتقاندۇ؟ تىنى سالامەتمىدۇ؟ قېينىلىپ قېلىۋاتقانمىدۇ؟ يانچۇقىدا خەجلىگۈدەك پۇلى بارمىدۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ بىز ئۈچۈن باش قاتۇرۋاتقان، ئىزدىنىۋاتقان ھالەتلىرى كۆز ئالدىمغا كىلۋاتىدۇ.
ئۇلۇغ رەببىمدىن شۇ جاپاكەش ئاتام شۇنداقلا مىھرىبان ئانامنىڭ ۋە يەنە دۇنيادىكى بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆمرىگە بەركەت بىرىشىنى، تىنىنى سالامەت قىلىشىنى، ئىككى ئالەمدە بەختلىك بولغۇچىلار قاتارىدىن قىلىشىنى تىلەيمەن!!!

DOST 2011-12-22 11:16
ھەي.......، يۈرەككە بەك  تەگدى جۇمۇ، كۆڭلۇم بەك يېرىم بولدى ...


ئاتا-ئانىلارنى قەدىرلەيلى، ئۇلار نىڭ كۆڭلى ھەرگىزمۇ  ئازار يېمىسۇن.





مۇمكىن بولسا ئاۋۇ سۈرەتلىك شېئىر نى ئەۋەتىپ بەر سىڭىز، ساقلىۋالاي دىگەن، رەھمەت.

anjura 2011-12-22 11:34
دىھقان بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ ئاتاڭ.........
موزدوز بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ ئاتاڭ..........
يوقسۇل بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ ئاتاڭ.........
باي بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ ئاتاڭ.............
باشلىق بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ ئاتاڭ.........
پادىشاھ بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ ئاتاڭ.......
....................................................
مەيلى قانداق بولسۇن ئۇ سىنىڭ ئاتاڭ، سەن بۇ ھەقىقەتنى مەڭگۈ ئۆزگەرتەلمەيسەن،!!!پەقەت ۋە پەقەت سىنىڭ ئاتاڭ بولغانلىقى، سىنىڭ بەدىنىڭدە ئېقىۋاتقان ئۇنىڭ قېنى بولغانلىقى سىنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشۈڭ، ئاسرىشىڭ، قوپال گەپ-سۆزدە بولماي بىر ئېغىز <بۇغداي سۆزۈڭ> بىلەن بولسىمۇ كۆڭلىنى ئېلىشىڭغا يىتەرلىكتۇر.....

oguzhan 2011-12-22 12:42
مۇشۇ ئەسىردە ئاشۇ دىھقان ئاتالىرمىزنىڭ ئولتۇرغان ئويلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ  كۆزۈمگە لىق ياش ئالدى

xahruh 2011-12-22 13:02
مەنمۇ تەسىرلەندىم ،،،،راسىت گەپ قىلسام بۇرۇن دادامغا نسپەتەن ئۇنداق چوڭقۇر
ھېسىياتلاردا بوپ باقمىغان ،ئاددىسى تەتىل بۇلۇپ يۇرتقا قايىتقان چاغلىرىمدىمۇ
ھەر دائىم ئاپامغا سوۋغات ئالىمەنيۇ دادامغا ھېچنەرسە ئالمايىتتىم  ،شۇنداقتىمۇ ئۆيگە
قايىتقىنىمدا ئاپامدىن بەكرەك دادام خۇش بۇلاتتى ،،،،،لېكىن مۇشۇ كۈنلەردە نىمىشقىدۇر
دادامغا شۇنداق ئىچىم ئاغرىيدىغان ، دادامدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ تۇلا
خىيال قىلىدىغان بوپ قالدىم ،،،،،،،
دادىنىڭ يۈكى ئانىدىن ئېغىر ، ئەر كىشىنىڭ  ئۆمرى ئايال كىشىدىن قىسقا
بۇلىشىنىڭ سەۋەبى شۇ بولسا كىرەك ،،،

ahlak 2011-12-22 14:01
پاھ....قالتىس تىما بوپتۇ..............يۇرەكلىرىمنىڭ بىرقات تىرەىسى  سۇيلۇپ كەتتا...... شەھلا چوڭ ئانا   

جەڭچى 2012-01-03 00:02
شەخلا چوڭ ئانمىزكەندە ئەسلى.


查看完整版本: [-- ئاتا(شەھلا) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.044800 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us