خىزمەتتە ياكى ئۈگىنىشتە بولسۇن، كۆپىنچە ھاللاردا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش يۇمتالى قاچىلانمىغان كومپيۇتېرلاردا ئۇيغۇرچە ماتېرىياللىرىمىزنى بېسىپ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. بەزى كومپيۇتېرلارغا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش يۇمتالىنى قاچىلانغان بولسىمۇ، لىكىن ماتېرىيالىمىزنىڭ خەت نۇسخسىنى تونۇيالماي، ھەرپلەر ئۇلاشماي چىقىۋالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا جىددىيلىشىپ ئىككىلىنىپ قالماڭ، دەرھال تۆۋەندىكى ئەپچىل ئۇسۇلنى سىناپ كۆرۈڭ، سىزگە چوقۇم ئەسقىتىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئاۋال كومپيۇتېرىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە Word ماتېرىيالىڭىزنى ئېچىپ ctrl+a نى بېسىپ بارلىق مەزمۇننى تاللايسىز، ئاندىن ( 工具(Tنى بېسپ 选项 تۈرىنى ئاچىسىز.
تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قىزىل كاتەكچىدىكى تۈرنى تاللاپ، ئاخىرىدا 确定 نى بېسىپ جەزىملەشتۈرىسىز. ئاندىن ماتېرىيالىڭىزنى بارماق دېسكىغا ساقلىۋىلىپ، كېرەك بولغاندا ئۇيغۇرچە تونۇمايدىغان ھەر قانداق كومپيۇتېرغا تونۇتۇپ بېسىپ چىقىرىش مەقستىگە يېتەلەيسىز.

[ بۇ يازمىنىalmiliq 2011-12-21 23:40قايتا تەھرىرلىدى ]