查看完整版本: [-- ئۇيغۇرچە تونۇمايدىغان كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە Word ماتېرىيالى بېسىپ چىقىرىش --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كومپىيوتېر تور بىلىملىرى -> ئۇيغۇرچە تونۇمايدىغان كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە Word ماتېرىيالى بېسىپ چىقىرىش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

almiliq 2011-12-21 23:31
خىزمەتتە ياكى ئۈگىنىشتە بولسۇن، كۆپىنچە ھاللاردا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش يۇمتالى قاچىلانمىغان كومپيۇتېرلاردا ئۇيغۇرچە ماتېرىياللىرىمىزنى بېسىپ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. بەزى كومپيۇتېرلارغا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش يۇمتالىنى قاچىلانغان بولسىمۇ، لىكىن ماتېرىيالىمىزنىڭ خەت نۇسخسىنى تونۇيالماي، ھەرپلەر ئۇلاشماي چىقىۋالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا جىددىيلىشىپ ئىككىلىنىپ قالماڭ، دەرھال تۆۋەندىكى ئەپچىل ئۇسۇلنى سىناپ كۆرۈڭ، سىزگە چوقۇم ئەسقىتىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئاۋال كومپيۇتېرىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە Word ماتېرىيالىڭىزنى ئېچىپ ctrl+a نى بېسىپ بارلىق مەزمۇننى تاللايسىز، ئاندىن ( 工具(Tنى بېسپ 选项 تۈرىنى ئاچىسىز.

تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قىزىل كاتەكچىدىكى تۈرنى تاللاپ، ئاخىرىدا 确定 نى بېسىپ جەزىملەشتۈرىسىز. ئاندىن ماتېرىيالىڭىزنى بارماق دېسكىغا ساقلىۋىلىپ، كېرەك بولغاندا ئۇيغۇرچە تونۇمايدىغان ھەر قانداق كومپيۇتېرغا تونۇتۇپ بېسىپ چىقىرىش مەقستىگە يېتەلەيسىز.
[attachment=14044]

ئۆمەرئىلى 2011-12-22 20:12
رەھمەت بۇرادەر راسلا شۇنداققەن ئۇگۇنىۋالدىم ، رەھمەت سىزگە..

oglan 2012-01-03 18:04
بۇ ئەسقاتىدىغان ھۇنەركەن!

adiham 2012-01-03 18:49
نەچچە كۈن ئاۋال  مەلۇم بىر ماتىريالنى سىرتتا  رەڭلىك بېسىپ چىقىرىش ھاجىتى بىلەن ماڭىمۇ بۇ مەسىلە يولۇقتى. لېكىن مەن بۇ ئامالنى ئىشلەتسەم ۋوردتىكى ھەممە خەتنى تونۇپ ، ئۇنىڭدىكى رەسىم ئۈستىگە كىرگۈزگەن خەتنى تونىمىدى.
مەن بۇ جەرياندا ماۋۇ ئامالنىمۇ بايقاپ قالدىم. يەنى سىز wps يېڭى نەشرىنى قاچىلايسىز . (بۇ دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى توردا كۆپ ،سىغىمىمۇ جىق ئەمەس)WPS文字 نى ئېچىپ،  ئاندىن ھۆججەت 文件 دېگەن يەرنى چېكىسىز . 、ئۇ يەردىن 输出PDF格式 نى تاللىسىڭىز بولدى . يەنى ئۇنى ئىلكىتاپ شەكلىدە ساقلىۋالىسىز . بۇ چاغدا خەت نۇسخىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى قاتارلىقلاردىن ساقلىنالايسىز.،


查看完整版本: [-- ئۇيغۇرچە تونۇمايدىغان كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە Word ماتېرىيالى بېسىپ چىقىرىش --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.124821 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us