باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 474 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كەچۈر ئانا تىلىم
دوستلىشىش
kepterwaz
ئىسلامى يۇمتاللار،http://shirinbulaq.com/
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 71
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە71دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 919 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-21 23:23

كەچۈر ئانا تىلىم

كەچۈر ئانا تىلىم

ئوسمانجان ئىسمائىل (دولانى)
ئانا تىلىم، مېنى كەچۈر ...

   ئانا تىلىم، سەن مېنى باغرىڭغا باستىڭ، ئۆزۈڭنىڭ روھى ئوزۇقۇڭ بىلەن مېنى پەرۋىش قىلدىڭ، مەن سېنىڭ ئىللىق باغرىڭدا ئوزۇقلاندىم، تەربىيلەندىم...

   ئانا تىلىم مەن سەن ئارقىلىق ئۆزۈمنى تونۇدۇم ،يۇرتۇمنى تونۇدۇم ،ئاتا-ئانامنىڭ مۇبارەك نامىنى سەن بىلەن بىلدىم .سەن ئارقىلىق مىنى ياراتقۇچنىڭ مۇقەددەس ھەدىسلىرىنى بىلدىم ،نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىدىم قانداق ئادەم بولۇش كىرەكلىكىنى ئۈگەندىم .

   ئاناتىلىم، مەن سەن ئارقىلىق  ئۆز بۇرچۇمنى ،مەسئولىيتىمنى بىلدىم ،سەن ئارقىلىق كىيىنكى نىشانلىرىمنى بىكىتتىم،ئۆزۈمنىڭ قايسى يولدا مىڭىشىم كىرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم .

   ئانا تىلىم مەن  ئۆزۈمنىڭ قانداق قىلغاندا ياخشى ئادەم بولالايدىغىنىمنى سىنىڭ ئاشۇ  نەپىس تىللىرىڭ بىلەن،ئۈنچە-مارجاندەك تاۋۇشلىرىڭ بىلەن تونۇپ يەتتىم .

   ئىھ،ئانا تىلىم ،سەن مەن ئۈچۈن ئاز بولمىغان ئەجىرلەرنى سىڭدۈردۈڭ ، ئەمما مەن سىنىڭدەك بىر مىھرىبان ئانىنىڭ مەندەك بىر ۋاپاسىز،بېلى بوش پەرزەنتىڭدىن كۈتكەن ئۈمۈدۈڭنى ئاقلىيالمىدىم ،ئەكىسچە مەن سىنىىڭ ئاشۇ ئوماق تاۋۇشچاقلىرىڭنى ،مۇنچاق -مۇنچاق سۆزلىرىڭنى ،مەردانە جۈملىلىرىڭنى ،قوغداپ قالالمىدىم ،ھەم شۇنداقلا باشقا قىرىنداش مىللەتلىرىمىز نىڭ گەپ سۆزلىرىنى  شۇ پىتى ئۇلارغا ئارلاشتۇرۇپ تاشلىدىم .شۇنىڭ بىلەن بىر بىلەن ‹‹پەمىدۇر››دىگەن سۆز ‹‹شوخلا››،‹‹تىلىۋىزور›› دىگەن سۆز ‹‹دىيەنشى››،‹‹كىرئالغۇ››دىگەن سۆز ‹‹شىجى››،‹‹يان تېلفۇن››دىگەن سۆز‹‹شوۋجى››...دىگەندەك بىر قىسىم چۇشۇنۇكسىز گەپلەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەۋج ئىلىپ كەتتى .

   ئانا تىلىم  ، ئەسلىدە سېنىڭ ھەربىر تاۋۇشلىرىڭدا بىر ئاڭلاپلا چۈشەنگۈدەك  مەنە چىقىپ تۇرىدۇ ،بىر ئاڭلىغان ياكى كۆرگەنلەر شۇ ھامان مەنىسىگە يىتەلەيىتتى،ئەمما ھىلىقىدەك گەپلەرنىچۇ ،ئۇنى ھىچكىم بىر قاراپ ياكى كۆرۈپ چۈشۈنۈپ بولالمايدۇ.بۇنداق گەپ سۆزلەر سەن ئۈچۈن بىرتوپ پارازىت قۇرتلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەمما ئۇلار توختىماستىن كۆپىيىۋاتىدۇ ،ئوغلۇڭ بولغان مەن ئۇلارنى توسۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكىسچە ئۇنىڭغا يول قويىۋاتىمەن .

بۇنداق بولىۋەرسە بىزدىن كىيىنكى ئەۋلاتلارغا نىمە قالىدۇ ،بىرتوپ ئەخلەتلەرمۇ؟!

   ئىش شۇنداق تۇر سا مەن تۇزكور ،ۋاپاسىز بولماي يەنەكىم ۋاپاسىز بولسۇن؟!

ئاناتىلىم، جىنىم ئاناتىلىم مېنى راستىنلا كەچۈرگىن !
ئىسلامى يۇمتاللار ماكانى-شىرىن بۇلاق تورى http://shirinbulaq.com/
قالدى، نى-نى ئارىسلانلار دەشتى چۆلدە قەۋرىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1210
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1210دانە
ئۆسۈش: 2520 %
مۇنبەر پۇلى: 14087 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-03-28

ئانا تىلسىز ماڭا دۇنيا يالغاندەك،
تىلىمنى بىرسى يۇلۇپ ئالغاندەك.
تۇيۇلىمەن ئۆزۈمگە  بىر ھايۋاندەك.،
مەن ئۆلىمەن ئانا تىلىمدىن ئايرىلسام.