باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 574 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇرلار ۋە تۆت تادۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-01-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-21 16:57

ئۇيغۇرلار ۋە تۆت تادۇ

ئۇيغۇرلار ۋە تۆت تادۇ

تارىخىي خاتىرلەردە ،قەدىمقى ئەجدادىمىز ساك- سىكف، ئارىيان،تۇران، ھون،تۇرۇك ،ئۇغۇز قاتارلىق ئىسىملار بىلەن خاتىرلەنگەن بولسا،  ئۇيغۇر دىگەن بۇ ئىبارە يىقىنقى يىللاردىن بىرى، ئۇيۇشقاق دىگەن سۆز بىلەن مەنىداش قەيىت قىلىنىپ،ئۇچ تاغ ئارسىدىكى چۆلدە بوستان خەلىقلىرىنى كۆرسەتتى.نىمىلا دىمەيلى، زامان چاخپىلىكى ئايلىنىپ بۇيەرگە كەلگەندە، ئۇيغۇر دىگەن مۇبارەك نام. بىر ئۇممەتنىڭ تەركىۋىي ھەم بىر قەۋىمنىڭ ھاسىلى بۇلۇپ، ماكان زامان ئىمان ئىنسان نوختىسىدىن ئۆز خۇسسىيەت ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن زىمىن سەھىپىسىدە پۇت تىرەپ تۇرالىدى. پەن تىخنىكىنىڭ يۇكسەك دەرجىدە تەرەققىي قىلىشى،دۇنيا ئىختىسادىنىڭ بىرگەۋدىلىنىشى،بىر مەھەل ماتىريالىستىك نوختى نەزەرنى ئىلگىرى سۇرۇپ،ئىسپاتلاش پەرىقلەندۇرۇشتە،قۇۋەت ئالىمىنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىرىگەئايلانغاچ،ئىدىيال قاراشلارمۇ ماتىريال بۇيىچە شەرھىلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيىتلەردە، ئۇيغۇرلار دۇنيا سەھنىسىدە،رىقابەتلەشكۇچى، رىپىر ياكى تاماششابىن ۋەياكى توپتىن ئىبارەت مۇشۇ سۇپەتلەردىن لايىقىنى تاللاش يولىدا،زامانىۋىلاشقان جەمىيەت  بىلەن ئۆز ھالىغا يارشا كۇچ سىناشماقتا.

ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيادىكى شەرىق غەرىپ قۇرۇقلۇق يولىنىڭ مەدىنىيەت ئىختىساد يۇرۇشىشىدىكى ئىستىراتىگىيلىك يول بويلىرىغا جايلاشقان .تاغلىق قۇملۇق تۇپرىقى ۋە يول بويلىرىدىكى بوستانلىقلار ئاساسەن دەريا سۇيى ئارقىلىق كۆكىرىدۇ.تۆت پەسلى ئىنىق.دىھقانچىلىق ۋەچارۋىچىلىق شارائىتى تۆۋەن .يول بۇلىكىدە بولغانلىقى تىرىكچىلىكتە سودا سانائەتنىڭ يىتەكچى بۇلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش بىلەن بىرگە،تەبىئى شارائىتنىڭ پەسىل خاراكتىرى ،شۇنىڭغا ماس پۇرسەتكە قاراپ ئىش تۇتىدىغان. ھەرخىل مەدىنىيەت تىپلىرىنى تىز قۇبۇل قىلىپ،تىز تاشلاپ.باغلاپ يۇقتۇرۇپ ھەم ئەيلەپ يىغىنچاقلايدىغان ماسلاشتۇرۇش خاراكتىرنى يىتىلدۇرگەن.شۇنىڭغا ئوخشاش ئىتىز ئىرىقنىڭ ئىشى چىققاندا تىرىقچىلىق بىلەن،ئىش تۇگىگەندە سودا تىجارەت. بىر ساھادە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا قارغاندا كەڭ دائىرلىك بىلىم ئىلىشقا ماسلاشتۇرۇشقا ماھىرلىق،شەكلىنى تىز قۇبۇل قىلىپ رەڭگارەڭ بۇلۇش، ئاندىن ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تىپىۋىلىشتەك خۇي ھالەتلەر كۆپ ئۇچىرايدۇ.

ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەردە ،مۇئەللىپلىرىمىز چارۋىچىلىق مەدىنىيتى،بوستان مەدىنىيتى، سودا ،ئىلاھىي مىللەت،ناخشا ئۇسۇل مىللىتى، دىگەندەك نۇرغۇن سۇپەتلەردە تەھلىل  قىلغان بولسىمۇ،بىرلىككە كەلگەن ياكى بىرىككەن بىرەر خۇسسىيەت ئالامىتىنى تەمىن ئىتەلمىدى.دىمىسىمۇ بىزدىن شۇ سۇپەتلەرنىڭ ھەممىسى تىپىلىدۇ.خۇددى پاششىمدىكى‹مازار› چوڭ مىس قازاندەك، ھەر خىل مەدىنىيەتلەر يۇغۇرلۇپ قايناۋاتقان كۆرنۇش، بۇ مىللەتنىڭ تىلنى دىلنى بىلىشتە، ماتىدىل ھايات دۇرىسىنىڭ تەركىپ ئانالىز سىخىمىسىنى سىزغىلى بولمىغاندەك ناھايتى قۇلايسىزدىيىشكە بۇلىدۇ.


ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدىنىيتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ئىچىدە تۆت تادۇ ھەم سودا مۇھىم سالماقنى ئىگەنلەيدۇ.ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەدىمدىن تۆت تادۇ تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن بىلىش مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كىڭەيتىپ،پىكىردىكى يىتۇكلىكى بىلەن دۇنيا مەدىنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.شۇنداقلا ئۆزىگەخاس مىللىي مەدىنىيەت بەرپاچىسى بۇلۇپ،زىمىن سەھىپىسنى قىممەتلىك ئىزلاربىلەن تۇتاشتۇرغان. مەسلەن ؛ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىريە ئاساسى، شەرىق تىبابىتىنى كۇچلۇك ئاساس بىلەن قامداش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەتنى داۋالاش ھەم داۋالاش ساھاسىنىڭ تەجىربىچىلىكتىن تەتقىقاتقا ئۇتۇشتىكى مۇھىم ئۆتكىلى بولغان بولسا ،قۇتادغۇبىلىگدىن ئىبارەت شاھانە ئەسەردە جەمىيەت، تۆت تادۇ بىلەن شەرھىلىنىپ،سىياسەتچانلىقى پەلسەپىۋىلىكى بىلەن مىللەت ۋە مەدىنىيەتنى مۇۋاپىقىيەتلىك بىرىكتۇرۇپ، ھازىرمۇ مۇھىم تەتقىقات تىمىسى ئۆرنەك قىممىتىنى ساقلىماقتا.ئۇيغۇر خەلقى ئىزچىل تۆت تادۇنىڭ ۋارىسلىرى سۇپىتىدە،قان قىنىغا سىڭگەن تادۇلىرى بىلەن ھايات رىسالىلىرىنى بوياپ،رىسىق ئىزدەۋاتقانلىقىنى مەنزىللىرى، قەدەملىرى، بىر لوقما تائاملىرىغىچە ئىجتىمائىي ئەمىلىيەت پاكىتلايدۇ

دىمەك ،ئەمىلىي قوللىنىشچانلىقى ماكان پاكىتى ،قۇتادغۇ بىلىگ زامان پاكىتى،ئۇيغۇر تىبابىتى ئىنسان پاكىتى ،ئۇيغۇرچە مىللى مەدىنىيەت ئىمان پاكىتى بۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تۆت تادۇنىڭ ئىگىلىرى ئىشتىراكچىلىرى ئىكەنلىكىنى كۇچلۇك ئاساس بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.

تۆت تادۇ دىگەنلىك،تۇپراق ئوت سۇ ھاۋا.دۇنيا مۇشۇ تادۇلاردىن تۇزۇلگەن.تادۇسىز ھىچ ھاياتلىق چىن بولمايدۇ.تۇپراق ئۇزۇقلۇقنى بىلدۇرسە،ئوت تىمپىراتۇرانى.سۇ نەملىكنى،ھاۋا ئوكسىگىننى كۆرسىتىدۇ. تۆت تادۇدىن تۇزۇلگەن ئىنساندا،ھامان بىرى ئىرسىي خاراكتىردە يىتەكچى بولىدۇ.مەسلەن ،قان سەپرا بەلغەم سەۋدا دىگەندەك.بەزى رايۇنلارنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت بولسا،بەزى رايۇنلارنىڭ ئوتى كۇچلۇك،بەزى يەرلەر سۇلۇق بولسا،بەزى رايۇنلارھاۋالىق بولىدۇ.نەتىجىدە ئىر سىي خاراكتىردىكى ئىنسان تەبىئىتى بىلەن شارائىتنىڭ ماسسلىشىشى ، ئوخشىمىغان خۇي پەيلىدىكى مەدىنىيەت بىلەن گەۋدىلىنىپ، تۆت تادۇغا ئوخشاش بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىق خاراكتىردىكى ئىنسان توپىنى بەرپا قىلىدۇ.بىر مەزگىل، بىرى تۇپراق بىلىش سۇپەتتە ئىنسانىيەتنى يىتەكلىسە، بىرى  ئوت ئادىللىق سۇپەتتە كىسىپ چاسىلاپ تۇزەيدۇ، بىرى سۇ ياخشىلىق سۇپەتتە سۇغۇتۇپ ئارلاشتۇرۇپ پەزىلەت بىلەن تەڭشىسە،بىرى ھاۋا تەقۋادارلىق سۇپەتتە بوي سۇنۇشقا يىتەكلەپ كۆندۇرىدۇ.ئىنسان بۇكۆرنۇشلەردە ھەقىقى چىن مەنىدىكى رولچى سۇپىتىدە قىممىتىنى ئەكىس ئەتتۇردۇ.دىمەك دۇنيا تۇپراق ئوت سۇ ھاۋادىن تۇزۇلگەنگە ئوخشاش ،ئىنسان روھىيتى ۋە تۇزۇپ بەرپا قىلغان جەمئىيتى،بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت تۆت تادۇنىڭ باشلىشىغا،تۇزىشىگە،تەڭشەپ،تۇراقلاشتۇرشىغا مۇھتاج بولىدۇ.  

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ قۇرۇلمىسىدىكى تۆت تادۇنىڭ سىماسىنى ئىزدىسەك ،گەرچەزىيالىيلار ئارسىدا ھازىرقى زاماندىكى پىكر ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلدىغانلار،سىرىتنىڭ ئىلغارقاراشلىرى بىلەن ئۇچىرشىدىغانلار،چوڭلارنىڭ تەلىپى بۇيىچە تەربىيە يۇرگىزىلىنۋاتقانلار بولسىمۇ،شۇخىل ئۇسلۇپنى چۇشۇنىدىغانلار كۆپكە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.چۇشەنسىمۇبۆلەك ھالىتىدە چۇشۇنۇپ،چوڭقۇرلۇق سىستىمىلىق ئەمىلىيەتچىللىكتە ئۇنۇم ھالىتىدە ئەمەس.كۇپۇنچە تەتقىقاتچىلار، بەزى پەيلاسوپ قەلەمكەشلەر ۋە شۇ پەندىكى تەربىيەتچىلەر دائىرىسىدە چەكلىنىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ئۇستىگە نەزىريە بارىسىدىكى ئەسەرلەرگە قارغاندا، ئۆزتەگ پىكىر ئۇسۇلىغا يىقىن، ھىكايە رومان شىر قوشاق ماقال تەمسىل ئىپىزۇت يۇمۇرلار بازارلىق بولىۋاتىدۇ.بۇ تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى،يەنە كىلىپ نەزىريەگە ماسلاشمىغانلىقىنى پاكىتلايدۇ. ھۆكۇمالىرىمىزنى ئالساق، كۇپۇنچىسى دىنىي ئىلىملەر بىلەن تىبابەتچىلىكتە تەڭ ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ.قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى بىلەن، بىۋاستە ئانا تىلىدا پىكىر قىلىپ ئىزدىنىدىغانلارمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگىلىمەكتە.يىڭىلىق تەرەپدارلىرى،كونا ئىقىم تىپى،سوپىستىك تەقۋادارلىق قاراشتىكىلىرى،ماسلاشتۇرۇش تىپىدىكىسى قاتارلىقلار ئۇچرايدۇ.بۇلاردىكى ئىختىلاپنى تۇگۇتۇشتە،تۆت پاچاقنى تەڭ ئويلايدىغان تۆت تادۇغا تايانماي بولمايدۇ. سودا كەسىپكارلار دۇنياۋىي سەۋىيدىن يىراق بولسىمۇ،كۆپۇنچىسى ئۆزىدىكى تۇغما يەرلىك پىكىر ئۇسۇلى بىلەن ئىش ئوقەت قىلىدۇ.كەسىپ ئۇگەنگەنلىرىمۇ ئەمىلىيەتكە تەدبىقلاش جەريانىدائۆز ئىڭى بىلەن بىللە ئىستمال قىلىدۇ.  دىھقان چارۋىچىلىرىمىز ئاساسەن دىگۇدەك تادۇ بۇيىچە پىكىر قىلىدۇ. ئائىلەردىمۇباللىرىمىزنىڭ مىجەز خۇلىقى چىقىش قىلىنىدۇ.داۋالىنىش تاماق رىسالىلىرىمىزدىمۇ ئىسسىق سۇغۇق ئايرىلىدۇ.  
دىمەك بەزىلىرىمىز قەلەمنى چوڭ بىلسەك،بەزىلىرىمىزھۆكۇمنى چوڭ قىلىمىز.بەزىلىرىمىزگە ياخشىلىق ئۇز كۇرۇنسە،بەزىلىرىمىز تەقۋادارلىق بىلەن باھالايمىز.بۇ بىزدىكى ئاڭ قۇرۇلمىسىنىڭ مۇرەككەپ كۆپ خىللىقىنى ئىپادىلىسە.يەنە بىر جەھەتتىن ،بىزدىكى ئىرسىي پىكىر ئۇسۇلى ئانا تىل ئارقىلىق ئۆزلەشكەن مىتىدىلوگىيەنىڭ ئاڭلىرىمىزغاچوڭقۇر سىڭگەنلىكىنى، مۇنداقچە دىگەندە، ئىنسان ئانا تىلدا تەپەككۇر قىلىدىغانلىقىنى، ئۆز ئىڭىدىن ئايرىلسا قەدەملىرىنىڭ ئاستىلاپ،قۇشسىز قاناتتەك ئىنىرگىيدىن مەھرۇم قالدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. خۇلاسىلىغاندا مەدىنىيەتتىكى كۆپ خىللىق، تەبىئىي شارائىت،ئىرسىيتىمىزۋە ھازىرقى ئەمىلىيتىمىز تۆت تادۇنى يەنى تادۇچە پىكىر ئۇسۇلىنى كۇچلۇك تەقەززا قىلىدۇ. قاچانكى تادۇلىرى قىممەت تىپىپ ، پەرۋىشكە ئىگە بولسا،ئۇيغۇرنىڭ تۆت قىرلىق دوپپىسىنىڭ غەم غۇسسى تۇگەيدۇ.تۆت قۇلاقلىق قازىنىدا ئاش قاينايدۇ.ئەكسىچە ئەمىلىيتىمىز چىقىش قىلماي،ئىتىزغا ئاپلىسىن تىرىساق، شاخ شۇمبا ئۆسىدۇ. 
مەنبە؛ ئۆزۇم  
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-01-03
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 03:14

ئەسلى مەنبە ؛ئەخمەتجان ئسمايىلنىڭ كىتابىغۇ  دەيمە
ئۇمەر ئەپەندى. ئەخمەتجان ئىسمايىل دىگەن كىشىنى مەن تۇنىمايمەن، كىتاۋىنىمۇ ئوقۇپ باقمىغان. مەنبە ئۆزۇم .ئۇنىڭ ئۇستىگە ئوقغان كىتاپنىڭ كۆپلىكىدە بەزى بايانلارنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ بۇلالمىدىم.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام تاھىر بەگ ئەپەندى. تۆت تادۇغا يۇلاققاندىن بىرى مەندە نۇرغۇن چىگىش مەسىللەر يۇرۇشقا باشلىدى.يازما ئىنكاسلىرىمنى ئازدۇر كۆپتۇر ئوقىغان ئوخشايسىز.گەپلىرىم مۇشۇنداق چۇشۇنىكسىزراق، چۇنكى تۆت تادۇغا سالىمەن ئەمەسمۇ. ئازىراق تادۇچە كاللا بولسا ئەمىلىيەتتە ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس. دۇنيا مەدىنىيتىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى تەكتىماكانغا كۇمۇلگەن دەپ ئۇچىراتقان ئىدىم. تارىختا ئەجداتلىرىمىز تۆت تادۇ بىلەن پىكىر قىلاتتىكەن.ئالتۇن ئاچقۇچنىمۇ شۇنىڭ بىلەن قىزىش كىرەك دەپ ئويلايمەن.
مەسلەن  مىللەتكە كەلسەك ، ھەر خىل قىياس قىلدۇق. لىكىن بىرەر مەدىنىيەت ئالاھىدىلىكىنى تەمىن قىلالمىدى. دىمەك ھازىرقى زاماندىكى شەرھى ئۇسۇلى بىلەن بۇنى چۇشەندۇرگىلى بولمايدۇ. ھەم چۇشۇنۇكسىز. كۆپلەر چۇشۇنەلمەيدۇ. بىراق تۆت تادۇ بۇيىچە ناھايتى ئاددىي چۇشۇنۇشلۇك مۇنازىرسىز چۇشەندۇرگىلى بولدۇ. دىيارىمىزنىڭ يەر تىگىدىكى دەپنىلىرىنى مىساللىساق ھەرخىل مەدىنىيەتلەر ھەممىسى ئۇچرايدۇ. بۇنى ھەرخىل قىياس قىلىشىدۇ. تۆت تادۇ بۇيىچە ئۇيغۇرلار سۇغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. سۇدىگەن قازانغا كىرىپ قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كىرەك. شۇڭا ھەرخىل مەدىنىيەت بىلەن ئۇچۇرشۇپ نەزەر دائىرىسىنى كىڭەيتىشى كىرەك شۇڭا ھەرخىل مەدىنىيەتلەر ئۇچرايدۇ. بۇ خۇيى.مۇنداق دىسەك ياخشى ھەم چۇشۇنۇشلۇك بۇلىدۇ.
ئەھۋاللىشامىز.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-01-03
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 15:38

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئادىيات تاھىر بەگ ئەپەندىلەر.
گەپنى چوڭراق قىلمىسا بولمايدىكەن. ئەمىلىيەتتىمۇ بۇبىر چىتىلىش ساھاسى كەڭرى بىر گەپ. مەنمۇ شۇ ھەرقايسىلىرىغا ئوخشاش نامە ئەمال يىزىۋاتقاننىڭ بىرسى. تۆت تادۇ توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقىلى سانىسام ۋاختىم بىر يىلغا يەتمەيدۇ.شۇنداقتىمۇ تىرشىۋاتىمەن. قاراپ باقسام تۆت تادۇ توغرىسىدىكى جۇملىدىن پەلسەپىۋىيلىكى  تۇغرىسىدىكى ماتىرياللار قۇتادغۇ بىلىگدىن باشقا ماتىريالنى ئۇچىراتمىدىم. راس گەپنى قىلسام ئاق تامغا قاراپ ئۇزۇم مۇلاھىزە قىلىۋاتىمەن.بەلكىم خاتا كەتكەن يەرلىرىمۇ بۇلىشى مۇمكىن.لىكىن راس ،تادۇ بۇيچە پىكىر قىلغاندىن بىرى قاراشلىرىمدا نۇرغۇن ئىلگىرلەشلەر بولدى. قىسقىسى ھەرقايسىلىرىنىڭ ئازىراق بولسىمۇ نەزىرنى تارىتقانلىقى  ئىستىداتتىن بولماستىن بەلكى تۆت تادۇدىن ئىبارەت بىر پىكىر ئۇسۇلىغا ئىرىشكەنلىكىمدىن دەپ قارايمەن. تۇردى توختى مۇئەللىمنىڭ ھىلىقى ئەسىرىدە سوپىزىم توغرىسىدا سۆزلەر بولدى . بەزىلەر چۇشەنگەندۇ ، سوپىئىزىمنىمۇ تادۇ بۇيچە سۆزلىسە ناھايتى ياخشى چۇشەندۇرگىلى بولىدۇ. ئاشقان كەم يەرلىرىنى ئوبدان بىلگىلى بۇلىدۇ. ھازىرچە بۇ مەزمۇندا سۆزلىگىم يوق. ئەمدى تۆت تادۇغا كەلسەك
ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئىسلام پەلسەپىچىلىك توغرىسىدا ئىزدىنىشلەر بۇلىۋاتىدۇ. ئىزدەنسە ئىزدەنسۇن مىنىڭچە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-01-03
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 16:09

تۆت تادۇ ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ ئاساسى. ئادەم تۇپراقتىن ، جىن ئوتتىن ، ھايۋان سۇدىن، ئۆسۇملۇكلەر ھاۋادىن يارتىلغان.بۇسۆز نىمىنى چۇشەندۇردۇ. بۇ قۇرئان ئاساسى بارلىقىنى چۇشەندۇرىدۇ. قۇرئان ئاساسى بار سۆز ھەرقانداق يەردە ئۆتىدۇ. ئۇيغۇرلار تۆت تادۇنىڭ ۋارىسلىرى  قۇرئان چۇشۇشتىن ئىلگىرلا  تۆت تادۇ ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇت. ئاللا كىتاپنى ئەرەپلەرگە چۇشۇرۇپ، ئاندىن تۇرۇكلەر ئارقىلىق ئۇزۇقلاندۇرغان. شۇڭا مىللەت بىلەن مەدىنىيەتنىڭ بىرىكمىسى تۇرۇكلەردە ناھايتى جانلىق ياخشى ئەكىس ئەتكەن. تادۇ مۇ مەدىنىيەتكە ناھايتى ياخشى سىڭگەن . ئىبىنسىنانى مىسال قىلىشقا بۇلىدۇ.
دىمەك بىر بىرى بىلەن زىچ ئالاقىدار. قۇرئان كىرىمنى تۆت تادۇ بىلەن رەي قىلىشقىمۇ بۇلىدۇ. مەسلەن قۇرئاندا قىساس يولغا قۇيۇلغان.شۇنىڭ بىلەن بىللە خۇنغا ياخشىلىق قىلىش بىكىتىلگەن. ھازىرقى تەپەككۇر يۇلى بىلەن بۇيەردە ئازىراق قارشىلىق بارلىقىنى سىزىمىز. بىرى ئالدىنقىسىغا ئىسىلسا. بىرى كەينىدىكىنى تەرغىپ قىلسا ئىختىلاپ چىقىدۇ. تۆت تادۇ بۇيىچە بولسا بۇنىڭدا ئىختىلاپ قىلغۇدەك يەر قالمايدۇ. بىرى ئادىللىق بۇيىچە توغرا ، بىرى ياخشىلىق بۇيىچە توغرا.ھەرقانداق ۋاقىتنىڭ ئۇزىگە مۇناسىپ ھۇكىمى بۇلىدۇ. تىخى مۇرەككەپ تەقدىر مەسىلىسىنىمۇ تۆت تادۇ بۇيچە زىدىيەتسىز  تەھللىل قىلغىلى بۇلىدۇ.بۇنىڭغا يەنە كىتاپ ئۆرۇشكە توغرا كىلىدۇ. دىمەك تۆت تادۇ پەلسەپىسى ھازىرقى نۇرغۇن پەلسەپىۋىي پىكىرلەرگە قارغاندا يەنىلا رۇشەن ئالاھىدىلىككە ۋە ئاساسقا ئىگە.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-01-03
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 16:35

تادۇ دىگەنلىك  تۆت تادۇنى كۆرسىتىدۇ. تۇپراق ئوت سۇ ھاۋا  بۇ تۆت ماددا كۆز يەتكەن دۇنيانى تۇزگەن. ئىزدىنىشتا بىرنەچچىسى تىخى ساقال يۇلۇپ تەييار بۇلۇپتۇ. كىمدۇ بىرسى ئۇنى ئاغدۇرغان بۇنى ئاغدۇرغان دەپ، تۆت ئەمەلمۇ تۆت تادۇ قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن.ئۆرىۋەتسە تىكلىگىلى بۇلىدۇ. ئەسلىمىزگە كەلسەك، تاھىر بەگ ئىسىق سۇغۇقلارنى ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئازدۇر كۆپتۇر بىلىدۇ. بۇنىڭغا نوقۇل ماتىريال كۇرۇشكە تايانماي كۆپرەك مۇلاھىزە قىلغان ياخشى.مەسلەن  چۇجە چىقىرىشنى دىسەك، تۇپراق ئۇزۇقلۇقنى كۆرسىتىدۇ. تۇخۇم دەل تۇپراق خۇسيەتتىكى ئۇزۇقلۇق شۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا 37.5 گىرادۇسلۇق  تىمپىراتۇرا ئوت ئىسسىقلىق كىتىدۇ. پەنە ماشىنا ئىچىدىكى كاربون 4ئوكسىد 5پىرسەندىن ئىشىپ كەتسە چۇجە تۇرەلمىسى ئۇلۇشكە باشلايدۇ، دىمەك ساپ ھاۋا كىتىدۇ. يەنە نەملىك 70 پىرسەن ئەتراپىدا بۇلىشىكىرەك  مۇشۇنداق شارائىتلار تەق بولغاندا 21كۇندە تۇخۇمدىن چۇجە چىقىدۇ. دىمەك چۇجە چىقىرىش ئۇچۇنمۇ تۇپراق ئوت سۇ ھاۋا كىتىدۇ. ھاياتلىق ئۇچۇن ناھايتى مۇھىم .مۇناسىۋىتىگە كەلسەك تۇپراق بۇزۇلسا ئۆرۇپ ھاۋالاندۇرىمىز. سۇ بۇزۇلسا ئوت بىلەن قاينىتىمىز. ئوت كەتسە سۇچاچىمىز  . ھاۋا بۇزۇلسا ھاك تۇپراق بىلەن داۋالايمىز. دىمەك بىر بىرىنى داۋالايدۇ چەكلەيدۇ. تادۇلاردىمۇ مۇشۇنداق مۇناسىۋەت بار.