باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 295 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تېپىشماق كەتتى ........
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ئاتا قىل& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3033
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 130
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە130دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 1483 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-21 12:36

تېپىشماق كەتتى ........

 

  1_ بىر كۈنى بىلىقچى بىلىق تۇتۇش ئۈچۈن  سەھەردىلا دەريا بويىغا مېڭىپتۇ . بىر كۈن بىلىق تۇتۇپ كەچتە قايتىپ كەپتۇ . مەھەللىگە كىلىشىگىلا مەھەللە دوقمىشىدا تۇرغان كىشىلەر سوراپتۇ ؛
  _ بىلىقچى ئۇستام سىز بۈگۈن قانچىلىك بىلىق تۇتتىڭىز ؟
بىلىقچى : - ئالتىنىڭ قۇيرىغىنى ، سەككىزنىڭ يېرىمىنى ، توققۇزنىڭ بېشىنى تۇتتۇم ، دەپتۇ . كىشىلەر بىر بىرىگە قارىشىپ بىلىقچىنىڭ زادى قانچىلىك بىلىق تۇتقانلىقىنى بىلەلمەپتۇ .

     بىلىقچى زادى قانچىلىك بىلىق تۇتتى ؟

2_ بىر توكۇر غاز يەردە كىتىۋاتسا ، ئاسماندا بىر توپ غاز ئۇچۇپ كىتىۋاتقۇدەك ، شۇنىڭ بىلەن يەردىكى غاز ئاسماندىكى غازلارغا سالام بىرىپتۇ :
 _ ئەسسالامۇئەلەيكۇم يۈز غاز ،
  ئاسماندىكى غازلار يەردىكى غازغا جاۋاپ بىرىپتۇ ؛
  - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، بىز يۈز ئەمەس ، بىزگە بىزدەك ، بىزنىڭ يېرىمىمىزدەك ، يېرىمىمىزنىڭ يېرىمىدەك ، يەنە سەن قوشۇلساڭ ئاندىن يۈز بولىمىز ،_ دەپتۇ .

                    ئاسماندىكى غاز زادى قانچە ؟

 3- ئادەملەر جەمىيەتتە ئانچە مۇنچە ئوخشىشىپ قالىدۇ . بىراق سىز يەنىلا ئاتا ئانىڭىزغا بەكرەك ئوخشايسىز .  قېنى دەپ بېقىڭچۇ ، سىز بۇ دۇنيادا ئەڭ ئەڭ بەكرەك كىمگە ئوخشايسىز؟

 4-بىر خالتىغا ئاق ۋە قارا ئىككى خىل گازىر قاچىلانغان ،ئۇ گازىرلارنى تۆككەندە بىر بىرىگە ئارلىشىپ كەتمەي ئېقى بىر تەرەپكە ،قارىسى بىر تەرەپكە چۈشۈپتۇ ، بۇ نىمە ئۈچۈن ؟

  5_ ماڭسىمۇ ياتىدۇ ،ياتسىمۇ ياتىدۇ ، قوپسىمۇ ياتىدۇ . ..............ئۇ نىمە ؟


 6- ماڭسىمۇ ئولتۇرىدۇ ، قوپسىمۇ ئولتۇرىدۇ .ياتسىمۇ ئولتۇرىدۇ ............بۇ نىمە ؟

                         مەنبە ؛ ئاڭلىغانلىرىم .