qiqak119 |
2011-12-21 12:36 |
1_ بىر كۈنى بىلىقچى بىلىق تۇتۇش ئۈچۈن سەھەردىلا دەريا بويىغا مېڭىپتۇ . بىر كۈن بىلىق تۇتۇپ كەچتە قايتىپ كەپتۇ . مەھەللىگە كىلىشىگىلا مەھەللە دوقمىشىدا تۇرغان كىشىلەر سوراپتۇ ؛ _ بىلىقچى ئۇستام سىز بۈگۈن قانچىلىك بىلىق تۇتتىڭىز ؟ بىلىقچى : - ئالتىنىڭ قۇيرىغىنى ، سەككىزنىڭ يېرىمىنى ، توققۇزنىڭ بېشىنى تۇتتۇم ، دەپتۇ . كىشىلەر بىر بىرىگە قارىشىپ بىلىقچىنىڭ زادى قانچىلىك بىلىق تۇتقانلىقىنى بىلەلمەپتۇ .
بىلىقچى زادى قانچىلىك بىلىق تۇتتى ؟
2_ بىر توكۇر غاز يەردە كىتىۋاتسا ، ئاسماندا بىر توپ غاز ئۇچۇپ كىتىۋاتقۇدەك ، شۇنىڭ بىلەن يەردىكى غاز ئاسماندىكى غازلارغا سالام بىرىپتۇ : _ ئەسسالامۇئەلەيكۇم يۈز غاز ، ئاسماندىكى غازلار يەردىكى غازغا جاۋاپ بىرىپتۇ ؛ - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، بىز يۈز ئەمەس ، بىزگە بىزدەك ، بىزنىڭ يېرىمىمىزدەك ، يېرىمىمىزنىڭ يېرىمىدەك ، يەنە سەن قوشۇلساڭ ئاندىن يۈز بولىمىز ،_ دەپتۇ .
ئاسماندىكى غاز زادى قانچە ؟
3- ئادەملەر جەمىيەتتە ئانچە مۇنچە ئوخشىشىپ قالىدۇ . بىراق سىز يەنىلا ئاتا ئانىڭىزغا بەكرەك ئوخشايسىز . قېنى دەپ بېقىڭچۇ ، سىز بۇ دۇنيادا ئەڭ ئەڭ بەكرەك كىمگە ئوخشايسىز؟
4-بىر خالتىغا ئاق ۋە قارا ئىككى خىل گازىر قاچىلانغان ،ئۇ گازىرلارنى تۆككەندە بىر بىرىگە ئارلىشىپ كەتمەي ئېقى بىر تەرەپكە ،قارىسى بىر تەرەپكە چۈشۈپتۇ ، بۇ نىمە ئۈچۈن ؟
5_ ماڭسىمۇ ياتىدۇ ،ياتسىمۇ ياتىدۇ ، قوپسىمۇ ياتىدۇ . ..............ئۇ نىمە ؟
6- ماڭسىمۇ ئولتۇرىدۇ ، قوپسىمۇ ئولتۇرىدۇ .ياتسىمۇ ئولتۇرىدۇ ............بۇ نىمە ؟
مەنبە ؛ ئاڭلىغانلىرىم .
|
|