باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 298 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تېپىشماق كەتتى ........
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ئاتا قىل& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3033
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 1543 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-21 12:36

تېپىشماق كەتتى ........

 

  1_ بىر كۈنى بىلىقچى بىلىق تۇتۇش ئۈچۈن  سەھەردىلا دەريا بويىغا مېڭىپتۇ . بىر كۈن بىلىق تۇتۇپ كەچتە قايتىپ كەپتۇ . مەھەللىگە كىلىشىگىلا مەھەللە دوقمىشىدا تۇرغان كىشىلەر سوراپتۇ ؛
  _ بىلىقچى ئۇستام سىز بۈگۈن قانچىلىك بىلىق تۇتتىڭىز ؟
بىلىقچى : - ئالتىنىڭ قۇيرىغىنى ، سەككىزنىڭ يېرىمىنى ، توققۇزنىڭ بېشىنى تۇتتۇم ، دەپتۇ . كىشىلەر بىر بىرىگە قارىشىپ بىلىقچىنىڭ زادى قانچىلىك بىلىق تۇتقانلىقىنى بىلەلمەپتۇ .

     بىلىقچى زادى قانچىلىك بىلىق تۇتتى ؟

2_ بىر توكۇر غاز يەردە كىتىۋاتسا ، ئاسماندا بىر توپ غاز ئۇچۇپ كىتىۋاتقۇدەك ، شۇنىڭ بىلەن يەردىكى غاز ئاسماندىكى غازلارغا سالام بىرىپتۇ :
 _ ئەسسالامۇئەلەيكۇم يۈز غاز ،
  ئاسماندىكى غازلار يەردىكى غازغا جاۋاپ بىرىپتۇ ؛
  - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، بىز يۈز ئەمەس ، بىزگە بىزدەك ، بىزنىڭ يېرىمىمىزدەك ، يېرىمىمىزنىڭ يېرىمىدەك ، يەنە سەن قوشۇلساڭ ئاندىن يۈز بولىمىز ،_ دەپتۇ .

                    ئاسماندىكى غاز زادى قانچە ؟

 3- ئادەملەر جەمىيەتتە ئانچە مۇنچە ئوخشىشىپ قالىدۇ . بىراق سىز يەنىلا ئاتا ئانىڭىزغا بەكرەك ئوخشايسىز .  قېنى دەپ بېقىڭچۇ ، سىز بۇ دۇنيادا ئەڭ ئەڭ بەكرەك كىمگە ئوخشايسىز؟

 4-بىر خالتىغا ئاق ۋە قارا ئىككى خىل گازىر قاچىلانغان ،ئۇ گازىرلارنى تۆككەندە بىر بىرىگە ئارلىشىپ كەتمەي ئېقى بىر تەرەپكە ،قارىسى بىر تەرەپكە چۈشۈپتۇ ، بۇ نىمە ئۈچۈن ؟

  5_ ماڭسىمۇ ياتىدۇ ،ياتسىمۇ ياتىدۇ ، قوپسىمۇ ياتىدۇ . ..............ئۇ نىمە ؟


 6- ماڭسىمۇ ئولتۇرىدۇ ، قوپسىمۇ ئولتۇرىدۇ .ياتسىمۇ ئولتۇرىدۇ ............بۇ نىمە ؟

                         مەنبە ؛ ئاڭلىغانلىرىم .
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1224
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1224دانە
ئۆسۈش: 790 %
مۇنبەر پۇلى: 13106 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-01-07
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-21 15:26

1.بېلىقتىن ئاتمىشنى تۇتىدۇ.يەشمە:ئالتىنىڭ قۇيرىقىنى تۇققۇزنىڭ بېشىغا ئۇلىساق يەنە ئالتە بولىدۇ،بۇنىڭغا سەككىزنىڭ يېرىمىنى قوششاق دەل 60 بولىدۇ.

2.بۇنى تورداشلارنىڭ جاۋابىغا قاراپ ئاران چۈشەندىم.فورمۇلانى  خاتا ئىشلىتىپ  قاپتىمەن.ھى..ھى........ھى

3.ئەلۋەتتە ئۆزۈمگە،دۇنيادا ھەرقانداق نەرسە ئۆزىگە ئەڭ ئوخشايدۇ

4.ھەر خىلىدىن پەقەت بىر تاللا بار

5.يىلان
  6. پاقا

تېپىشماق تېپىشقا  مەن  خېلى  ئۇستا جۇما~~~
[ بۇ يازمىنىئەلى 2011-12-21 15:34قايتا تەھرىرلىدى ]
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!