خاتىرەمنى ۋاراقلاۋىتىپ ،قايسىبىر كىتاپتىن كۆچۈرۋالغان < قانداق ماشىنا ھەيدىگىنىڭىز مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى قانچىلىك پىيادە ئادەمنى ماشىنىغا سېلىۋالغىنىڭىز > دىگەن جۈملىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى .
بىز بىر كۈننىڭ قانچىلىك ۋاقتىنى ئۆزىمىز ئۈچۈن ، يەنە قانچىلىك ۋاقىتنى باشقىلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن سەرىپ قىلدۇق ؟ بۇنىڭغا بەلكىم ھېچقايسىمىز ئىنىق جاۋاپ بىرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن .
بىز بۈگۈن بىرەر ھاجەتمەننى رازى قىلدىقمۇ ياكى ئۇنىڭغا تۈگىمەس يوللارنى كۆرسۈتۈپ يولغا سالدۇقمۇ ؟
قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلدۇقمۇ ؟
مىھىر _ مۇھەببەتكە ، كۈيۈنۈشكە مۇھتاجدىللارغا ئازراق بولسىمۇ ئىللىقلىق ئاتا قىلالىدۇقمۇ ؟
ئىشىكلەرگە تەلمۈرۈپ، يولىمىزغا تەقەززا بولغانلارنى ۋاقىت چىقىرىپ يوقلاپ تۇردۇقمۇ ياكى تۈگىمەس ئەتىگە ئارتىپ كىتىپ بارىمىزمۇ ؟
تەسەللىگە مۇھتاج كىشىلەرگە چىن دىلىمىزدىن تەسەللى بىرەلىدۇقمۇ ؟
مەيلى تۇنۇيلى ياكى تۇنۇمايلى ، يېقىملىق كۈلۈمسىرەشلىرىمىز بىلەن سەمىمىي نىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىر بىرىگە يات ئەمەسلىكىنى قارشى تەرەپكە ھىس قىلدۇرالىدۇقمۇ ؟
ئاشۇ بىر كۈن ئىچىدە چىن قەلبىمىزدىن باشقىلارغا رەھمەت رەھمەت ئېيتىپ باقتۇقمۇ ؟
باشقىلارنىڭ قايغۇسىغا تەڭ قايغۇرۇپ ، شاتلىقىغا جۆر بۇلالىدۇقمۇ ياكى باشقىلارنىڭ ئازابى بەدىلىگە شاتلاندۇقمۇ ؟
تۇرمۇشنىڭ ئەگرى توقاي يوللىرىدا تېڭىرقاپ قالغانلارغا توغرا يول كۆرسۈتۈپ بىرەلىدۇقمۇ ؟
يېغلاۋاتقانلارنىڭ كۆز يېشىنى سۈرتۈپ قويالىدۇقمۇ ؟
تۈنۈگۈنكى تەجىربىلەرنى خۇلاسىلەپ ،ئەتە ئۈچۈن پىلان تۈزەلىدۇمۇ ؟
مەنبە : ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى .
بىز بۈگۈن ، ئەتە يېقىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن كۆپ پۇل خەجلەپ ئۈچ ۋاخ تاماق يىدۇق ، لىكىن قىيامەتتە ئازاپقا قالماسلىق ئ.ۈچۈن بەش ۋاخ نامازنى ئادا قىلالىدۇقمۇ ؟
بۈگۈن باللىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ئىسلامى بىلىملەرنى ئۈگەتتۇقمۇ ؟ ئاخىرەتتە ئۆزىمىزنىڭ گۇناھىنى تارتىشامدىمىز ياكى باللىرىمىغا دىنى تەربىيە قىلمىغاننىڭ گۇناھىنىمۇ ؟
قىيامەتتە ، جاپادا تاپقان مال دۇنيالىرىمىزنىڭ ھىسابىنى ئاسانراق بىرىش ئۈچۈن زاكاتنى ئايرىدۇقمۇ ؟ سەدىقە بىرەلىدۇقمۇ ؟