查看完整版本: [-- بۈگۈنىمىز قانداق ئۆتتى . --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> بۈگۈنىمىز قانداق ئۆتتى . [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

qiqak119 2011-12-20 23:35
خاتىرەمنى ۋاراقلاۋىتىپ ،قايسىبىر كىتاپتىن كۆچۈرۋالغان < قانداق ماشىنا ھەيدىگىنىڭىز مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى قانچىلىك پىيادە ئادەمنى ماشىنىغا سېلىۋالغىنىڭىز > دىگەن جۈملىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى .
 
 بىز بىر كۈننىڭ قانچىلىك ۋاقتىنى ئۆزىمىز ئۈچۈن ، يەنە قانچىلىك ۋاقىتنى باشقىلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن سەرىپ قىلدۇق ؟ بۇنىڭغا بەلكىم ھېچقايسىمىز ئىنىق جاۋاپ بىرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن .
بىز بۈگۈن بىرەر ھاجەتمەننى رازى قىلدىقمۇ ياكى ئۇنىڭغا تۈگىمەس يوللارنى كۆرسۈتۈپ يولغا سالدۇقمۇ ؟
قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلدۇقمۇ ؟
مىھىر _ مۇھەببەتكە ، كۈيۈنۈشكە مۇھتاجدىللارغا ئازراق بولسىمۇ ئىللىقلىق ئاتا قىلالىدۇقمۇ ؟
ئىشىكلەرگە تەلمۈرۈپ، يولىمىزغا تەقەززا بولغانلارنى ۋاقىت چىقىرىپ يوقلاپ تۇردۇقمۇ ياكى تۈگىمەس ئەتىگە ئارتىپ كىتىپ بارىمىزمۇ ؟
 تەسەللىگە مۇھتاج كىشىلەرگە چىن دىلىمىزدىن تەسەللى بىرەلىدۇقمۇ ؟
مەيلى تۇنۇيلى ياكى تۇنۇمايلى ، يېقىملىق كۈلۈمسىرەشلىرىمىز بىلەن سەمىمىي نىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىر بىرىگە يات ئەمەسلىكىنى قارشى تەرەپكە ھىس قىلدۇرالىدۇقمۇ ؟
ئاشۇ بىر كۈن ئىچىدە چىن قەلبىمىزدىن باشقىلارغا رەھمەت رەھمەت ئېيتىپ باقتۇقمۇ ؟
باشقىلارنىڭ قايغۇسىغا تەڭ قايغۇرۇپ ، شاتلىقىغا جۆر بۇلالىدۇقمۇ ياكى باشقىلارنىڭ ئازابى بەدىلىگە شاتلاندۇقمۇ ؟
تۇرمۇشنىڭ ئەگرى توقاي يوللىرىدا تېڭىرقاپ قالغانلارغا توغرا يول كۆرسۈتۈپ بىرەلىدۇقمۇ ؟
يېغلاۋاتقانلارنىڭ كۆز يېشىنى سۈرتۈپ قويالىدۇقمۇ ؟
تۈنۈگۈنكى تەجىربىلەرنى خۇلاسىلەپ ،ئەتە ئۈچۈن پىلان تۈزەلىدۇمۇ ؟
            
                      مەنبە : ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى .

    بىز بۈگۈن ، ئەتە يېقىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن كۆپ پۇل خەجلەپ ئۈچ ۋاخ تاماق يىدۇق ، لىكىن قىيامەتتە ئازاپقا قالماسلىق ئ.ۈچۈن بەش ۋاخ نامازنى ئادا قىلالىدۇقمۇ ؟
  بۈگۈن باللىرىمىزغا  ئازراق بولسىمۇ ئىسلامى بىلىملەرنى ئۈگەتتۇقمۇ ؟ ئاخىرەتتە ئۆزىمىزنىڭ گۇناھىنى تارتىشامدىمىز ياكى باللىرىمىغا دىنى تەربىيە قىلمىغاننىڭ گۇناھىنىمۇ ؟
  قىيامەتتە ، جاپادا تاپقان مال دۇنيالىرىمىزنىڭ ھىسابىنى ئاسانراق بىرىش ئۈچۈن  زاكاتنى ئايرىدۇقمۇ ؟ سەدىقە بىرەلىدۇقمۇ ؟

                                     

ۋەسىلە 2012-01-04 00:06
يازمىڭىز ھەر بىر مۇسۇلمانىڭ ئويلۇنىشىغا ئەرزىيدۇ ئەھمىيەتلىك تېمىڭىزغا ئاللا رەخمەت قىلسۇن

uygurkokbora 2012-01-04 12:46
[0-قەۋەتتىكى چىچەككە ]    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قېرىندىشىم چىچەك   قانداق ئەھۋالىڭىز  ياخشىمۇ    سىزنىڭ شۇ قىلغان سۆزلىرىڭىز گە  اللە رەخمەت قىلسۇن...............!


查看完整版本: [-- بۈگۈنىمىز قانداق ئۆتتى . --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.044484 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us