باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 511 قېتىم كۆرۈلدى
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 559
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە559دانە
ئۆسۈش: 1755 %
مۇنبەر پۇلى: 6783 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-01-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-20 23:02

قۇتۇلۇش

قۇتۇلۇش


           مېنى بۇرۇقتۇرمىلىق يېمەكتە، ئەپسانىۋىي چۆچەكلەردىكى غايىۋى پەرىزاتلار، بۈك -باراقسان ئورمانلىقلارنىڭ، ناۋاكەش قۇشلار بەزمە قىلغان، نازۇ-نېمەتلەر ھەر زامان راسلانغان ئېسىل باغلارنىڭ نېرىسىدىكى مۇدھىش چۆلنىڭ ئاجايىپ تىلسىم يېرىگە جايلاشقان كۇيىقاپقا نەزەربەند قىلىنغاندىكى بۇرۇقتۇرمىلىقتەك بىر بۇرۇقتۇرمىلىق مېنى پارچىلاپ يېمەكتە. نە بۇ ھاياتنىڭ پايانى بولسۇن، نە بۇ يۈرەكنىڭ يېشىنىشى بولسۇن، قارا زۇلمەتلەر يىغىلغان تالاي كېچىلەرنىڭ شاھىدى بولماقتىمەن. ئۆكۈنۈش، پۇشايمان، ئون بەش يىللاپ ئاياللىق دۇنيارىمغا باشچىلاپ بارلىقىمنى بېرىپ، ئىنتىلىپ قارىغۇلارچە بۆسۈپ كىرىشلەر مېنى چارچاتتى.  
          19-18 ياشلىق قىزلار بەكمۇ قارام بولىدۇ. ئوتتەك قىزغىن، ئەتتىرگۈللەردەك پۇراقلىق. ئۇلار قىزغىن بىر نەپەس سۆيۈلۈش بەدىلىگە بارلىق ئۆمرىنى تېگىشىۋېتىشكە رازى، بىراق بۇ ھايات نەدىمۇ بىر كۈندە تاماملانسۇن. مۇھەببەتنىڭ قىزغىنلىقى يوقۇلۇپ تۇرمۇش غېمى كىشىلەرنى ئالدىغا سېلىۋالغاندا بولسا دەل مۇشۇ بۇرۇقتۇرمىلىق باشلىنىدۇ. ئەينى چاغلاردىكى يەڭگىلتەكلىكىدىن پۇشايمان قىلىدۇ.
         مەن ئوقۇيمەن، ئۆگىنىمەن... ئۆتۈپ كەتكەن يىللاردا قولدىن كەتكەن بارلىق ماڭا تەۋە بولۇشقا تېگىشلىك ھەممە نەرسىنى ئەسەبىيلەرچە قايتۇرىۋالىمەن. مەنىۋىيىتىمدىكى بوش قالغان جايلارنى كۈچەپ تولدۇرىمەن.  ئۇنىڭ مۆتىۋەرلەرچە خاراكتىردە تۇرمۇشۇمدا پەيدا بولۇشى، تىنچلىقىمنى بۇزۇپ، بۇرۇقتۇمىلىقىمنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىۋەتتى. ئەزەلدىن ئۆز تۇرمۇشۇمغا خاتا جايلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلماقتىمەن. ئەسەبىيلىشىش، ئىپلاسلىق شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، نۇمۇس، ھايا، بىر ياستۇققا باش قويغان نىكاھلىق ئېرىم، ئىككى بالام جىسمى بار ئۆزى يوق نېمىلەرگە ئايلىنىپ قالغىلى خېلى بولدى.
نۇمۇسسىز ئىپلاسلىقىم شۇنچىلىك راھەت ئىدىكى، جانلىرىم شۇ ئىپلاس شەھۋەتلەرنىڭ ئارىسىدا ئارام تاپىدۇ. نۇمۇسنى مەغرۇر دەپسەندە قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ ئەڭ داڭلىق، پەقەت سىرتتىن كەلگەن بايۋەتچىلەر ياتىدىغان مېھمانسارايلاردا كۆرۈشكىنىمدە ھەممىنى ئۇنتۇيمەن. ئۇنىڭدىن ئايرىلغىم كەلمەيدۇ، مۇشۇ دەقىقىلەرنىڭ مەڭگۈ داۋام قىلىشىنى تىلەيمەن !
        كۈندىن–كۈنگە قاراملىشىپ ھېچنېمىدىن قورقماس بولۇپ كەتتىم. ھەپتە ئارلاپ جىمجىتلا كۈنلەپ يوقاپ كېتىشىمگە ئېرىم كۆنۈپمۇ قالغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئەزەلدىن مەندىن گۇمانلىنىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايدۇ. مېنى ئەڭ غەزەپلەندۈرىدىغىنىمۇ دەل مۇشۇ ئىش. ئۇنىڭ قاپاققا سولانغاندەك بىخىرامان يۈرىشى نېرۋىلىرىمنى كۆپۈرۈپ، تەلۋىلىكىمنى قوزغايدۇ. قاچاندا بىر چاغلاردا ئۇنىڭ ياتاقنىڭ ئىشىكىنى تېپىپ ئېچىپ كىرىپ، ماڭا پىچاق سېلىشىنى زارىقىپ كۈتىمەن، ئېرىمنىڭ قان تولغان قىپقىزىل كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا مىقتەك قادىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
         تەڭ قۇراملىق ئىككى ئەرنىڭ بىر-بىرسگە ئۆچمەنلىك بىلەن تىكىلىپ تۇرىشى سىز ئۈچۈن بولسا، ھەتتا ئىسسىق قانلارنى تۆكۈش بىلەن نەتىجىلەنسە، مەن شۇ دەقىقىلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ ياشىماقتىمەن. بىراق بۇ قارا نىيىتىم مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئېرىم يەنىلا شۇنداق خىرامانلىققا ئەسىر، ئۇ خۇددى پىنسىيونېردەك، ئىككى بالىسى، توققۇزى تەل تۇرمۇشىدىن ھوزۇرلىنىپ ياشىماقتا، خۇددى بۇ دۇنيادا ‹خىيانەت› دېگەن بىر ئىش ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغاندەك.
ئۇ شۇنچىلىك بىخەستە ئىدىكى، نېمە ئۈچۈن تېلېفۇنۇمنىڭ ئۆيدە ھەر دائىم ئېتىكلىك تۇرىدىغانلىقىنى، زىننەت بۇيۇملىرىم، كىيىملىرىمنىڭ نېمىشقا بۇنچە جىقىيىپ كېتىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ.
ئەينەك ئالدىدا مازغاپقا پۈركەنگەن ئېڭەكلىرىنى تۈجۈبىلەپ قىرىپ بولۇپ، چىشلىرىنى ئىخلاس بىلەن يۇيىدۇ، بىر مېتىر سەكسەن كېلىدىغان بويىغا كىيىملىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللايدۇ، بەقەسەم يوللۇق كۆينىكىنىڭ يۇقۇرقى ئىككى تۈگمىسىنى قەستەن ئېچىۋېتىپ قىزارغان مەيدىسىنى ئېچىپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. تالاستوپكىسى بىلەن قارا-كۆك پادىچىلار شىمىنىڭ ماسلىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىنچىكىلىك بىلەن ئەينەككە ئاخىرقى رەت قاراپ، ئۆزىنىڭ تۇرقىدىن تامامەن رازى بولغاندىن كېيىن، ئايىقىنى سۈرتۈپ كىيىۋېلىپ پولغا كۈچۈنۈپ دەسسەپ، سىلكىنىپ قويۇپ سىرتقا ماڭىدۇ.
ئۇنى يالغان جىلمىيىپ ئۇزۇتۇپ قويغاچ ئىچىمدە بارغان يېرىدە بىرەر ئايال بىلەن چىقىشىپ قېلىشىنى تىلەيمەن.
بىراق ئۇنىڭ سورۇنىدا ھەر دائىم بىر توپ ئەرلەر بولغان بولىدۇ، ھەيرانمەن، بۇ ئەرلەر خۇددى ئەرلىك مەجبۇرىيەتلىرى تاماملانغاندەك، بىردىن خوتۇن ئېلىپلا ۋەزىپىسى تۈگىگەندەك ئاياللار توغرىسىدا يوق دېيەرلىكلا توختىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دۇنياسىدا سودا، پۇل، تىجارەت تەجرىبىسىدىن باشقا سۆزلەر ئاللىقاچان ئارتۇقچە بولۇپ بولغان، ئۇلار ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكەن. ھەي بىخۇد ئەرلەر، نادان مەخلۇقلار، سىلەرگە يېشىل دوپپا نېمىدېگەن ياراشقان، داۋاملىق كىيىۋېرىڭلار !
        ئېرىمنى كۆزلىرىم بىلەن ئۇزىتىپ قويۇپ، قېلىن پىسخىكا كىتابلىرىنىڭ ئارىسىغا شۇڭغۇيمەن. چەكسىز تىنچلىق، ماڭا تىنچلىق كېرەك. بۇرۇن قولدىن بەرگەن ھەر بىر مەغلۇبىيىتىم ئۈچۈن ھەسسىلەپ بەدەل تۆلەيمەن. «ئۇ» نىڭ يېنىدا چېنىشنى خالىمايمەن، ئۇنىڭ ئۆزگىچە دۇنيا قارىشى، نۇقسانسىزلىقى ھەۋىسىمنى قوزغايدۇ، مەپتۇنلىقىمنى ئاشۇرىدۇ. مۇڭلۇق مۇزىكىلار لەرزان لەيلەپ يۈرىدىغان قەھۋاخانىلاردا، غۇۋا چىراق يورىقىدا ئۇنىڭ ماڭا قاراپ خۇمارلاشقان رەزىل كۆزلىرىگە نېمە دېسەم بۇلار؟
چاقناۋاتقان بۇ كۆزلەر چۆلدىكى بۆرىنىڭكىدەك ۋەھشى، پۈتكۈل دۇنيادا مەندىن باشقا ئايال زاتى قالمىغاندەك، ئاچكۆزلۈك بىلەن ماڭا تىكىلىدۇكى، ئۇنىڭدىن چاقناۋاتقان مەستخۇشلۇق، پىنھان ياتاقلاردىكى يالىڭاچ تەنلەرنىڭ يېمىرلىشلىرىدىن قالغان تاتلىق سېزىمنىڭ خاتىرىلىرىدىن پەيدا بۇلۇپ، ئۇنىڭ قاملاشقان بەردەم گەۋدىسىنىڭ سىلكىنىشىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى سەزگۈچىلىكىم يوق ئەمەس.
ئادەم ئاتا–ھەۋۋادىن كېيىنكى تەنھا ئەر بىلەن ئايال دەل ئىككىمىز. بىراق ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ مۇقەددەسلىكىدىن بۇزۇق، ئىپلاسلىقىمىز، شەرىئەت ئەھكاملىرى بويىچە چالما–كېسەككە لايىقلىقىمىز بىلەن پەرىقلىنىمىز.
مەڭگۈلۈك يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان مۇھەببەتنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ كۆزلەردە قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئاجىزمەن.بۇ نۇمۇسسىز مۇھەببەت ئەسلى دوزاقنىڭ ئەشەددىي ئوتلىرىنىڭ قوش تىللىق ئوت قامچىلىرى ئىدى. ئۇنىڭدىن ھوزۇر ئېلىش مۇمكىن ئەمەس، ئۇ ئاپئاق ئەتلىرىمنى زەرب بىلەن بۆسۈپ ھەر بىر ئىزىدىن قانلىرىمنى شارقىرىتىپ ئېقىتماقتا، قانلار ئەسەبىيلىك بىلەن ئوتنىڭ كۈچىدىن ۋاراقشىپ قايناپ ماڭا نېمە بېرىدۇ؟
بۇ دەل چەكلەنگەن مېۋىنى يېگەندىكى قورقۇنچ ئارلاشقان، دائىم يىتىم قېلىش خەۋپىدە تۇرىدىغان ئاشۇ ئازاپلىق، مەينەت، رەزىل ھوزۇر. بىز شۇنىڭغا خۇمار، ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىش، دوزاققا بېسىلغان بىر قەدەم.
كۆزلىرىمنى ئاچقىنىمدا ئۆزەمنى قېلىن كىتابلار ئارىسىدا كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم. مەن تېخى ئۆيۈمدە ئىكەنمەن، تام سائىتى بىر خىلدا چىكىلداپ مېڭىۋىتىپتۇ. ھەممە نەرسە ئۆز جايىدا، مەن ياقتۇرىدىغان ئىسسىق يېشىل رەڭلىك يىپەك پەردە، قىيا ئېچىلغان دېرىزىدىن كىرىۋاتقان مەيىن شامالدا بوش تەۋرىنىپ تۇرۇپتۇ.
ئىشىك قېقىلدى، ساپما كەشىمنى چاققانلىق بىلەن كىيىپ ئىشىكنى ئاچتىم، مەنىسىز سۆھبەتلىرىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەن ئېرىم ئىلمانلا سالام قىلىپ كىرىپ كەلدى.
         ئۇنى ھېچقاچاندا ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمنى بايقاپ قالدىم. بەلكىم بۇرۇن ياخشى كۆرگەندىمەن، لېكىن قاچان؟ قايسى چاغدا؟ قايسى رەۋىشتە ياخشى كۆرگىنىم ئېسىمدە يوق ياكى ياخشى كۆرمىگەن بولۇشۇممۇ مۇمكىن. بەلكىم شېرىن ئايلىرىمىز ئاياقلىشىپ، ئۇ ئۆزىنى مېنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئىگىدارىم دەپ قاراشقا باشلىغاندىن بۇيان بولسا كېرەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇندۇ، ئىش قىلىپ ئۇ سۆيگۈنۈمدىن ئېرىمغا ئايلانغاندىن باشلاپ، مېنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقىم قاينىغان قازانغا سۇ قۇيغاندەك جىمىققىنى ھەقىقەت. دەل شۇ كۈندىن باشلاپ بىز يىراقلاشتۇق، ئەر ھەم ئايالدىن ئىبارەت مەڭگۈ كېسىشمەس پاراللىللارغا ئايلاندۇق!
        شېرىن تۇزلۇق يامغۇر تىنماي ياغماقتا،شەھەردىن خېلىلا ئۇزاپ كەتتۇق، ياپيېشىل ئېتىزلار، ئارلاپ-ئارلاپ ئۇچراپ قالىدىغان، يىراقتىن ئاق كۆرىنىدىغان پادىلار، چەكسىز ئېتىزلارغا تۇتاشتەك كۆرىنىدىغان كۈچلۈك ئاپتاپ چېقىپ سۇس سارغايغان، تۇرۇپ-تۇرۇپ چىلان رەڭلىكمۇ چېلىقىدىغان تاغ قاپتىلى، قارايغان تاش چوقىسى، زەڭگەر ئاسمان، ئاسماندىكى قىزىل قۇياشنىڭ، لاۋىلدىغان قېلىچتەك نۇرىدا رەڭگارەڭ سۇنۇپ ماشىنا ئىچىگە ھەسەن–ھۈسەندەك كىرىدىغان ئاشۇ نۇرلار ھازىر يامغۇردا بېسىلىپ كەتكەن، ماشىنىنىڭ ئالدى ئەينىكىگە ئۇرۇلىۋاتقان يامغۇر دانچىلىرى، سۈپسۈزۈك رەڭسىز .
ئۇلانبايدىن چىقىپلا ئەنسىزلىكىم بېسىلغان، يېنىمدىكى ئەرنىڭ پاكىزلىقىنى ياقتۇرىمەن، ئويلانغاندەك تەمكىن دېيىلىدىغان سۆزلىرىگە ئامراقمەن،بىراق ئۇ بەكلا كەم سۆز.
         -شىمىشكا چاقامسىز؟-ئەتراپتا ئىنسى جىنمۇ يوق، لېيىپ كەتكەن كۆل بويىغا كېلىپ، قايسىدۇ بىر توي-فىلىم ئىشلەش شېركىتىنىڭ ياساپ قويغان سۈنئىي پورتىدا پۇتلىرىمىزنى ساڭگىلىتىپ يانمۇ يان ئولتۇرۇپ شىمشىكا چاققاچ ئۇنىڭدىن سورىدىم.
         -ياق بولدى، ئۆزەڭ چېقىۋەر!-ئۇ لاي تىنىپ كەتكەن، بىراق يۈزىدە بىر قەۋەت سۈزۈك سۇ جىمىرلاپ تۇرغان كۆلدىن كۆزىنى ئۈزمەي جاۋاپ بەردى.
          -چېقىڭە! ھېچ بولمىسا چىشلىرىڭىزغا دامكىرات قويغىنىڭىز بولۇپ قالار !
مەن دائىم ئۇنى شىمىشكا چېقىشقا زورلايتتىم، بۇ ئۇنى گەپ قىلىشقا ئۈندىگىنىم ئىدى.
ئۇ چاقچىقىمدىن ھوزۇرلىنىپ كۈلدى، كەڭ غۇلاچلىرىنى كېرىپ مۈرەمدىن قۇچاقلاپ ئۆزىگە تارتتى. قانچىلىك ئېچىرقاش، زارىقىش ئارلىشىپ كەتكەن بۇ يېقىنلىشىش ۋۇجۇدىمىزدا قانلىرىمىزنى ماگمىدەك قاينىتىپ كۆك باغرىدىكى خىيانەتتىن مۇستەسنا بىغۇبار بۇلۇتلاردىن قۇيۇلىۋاتقان ۋاپادار يامغۇرنى مەسخىرە قىلغاندەك بەلنىڭ تۆۋىنىگە ئېقىشقا باشلىدى.
        ھەر قېتىم شۇنداق بولىدۇ، مەيلى ياتاقتا بولسۇن، مەيلى خىلۋەت ئورماندا بولسۇن، ئىككىمىز يالغۇز قالغان، ئەسەبىيلىشىپ ھەشقىپىچەكلەردەك يامىشىپ، رەزىللىككە پېتىپ، شەيتان غەلبە قىلىشقا بىرتال قىلدەك ئارلىق قالغاندا ئۇ ئويغۇنۇپ كېتىدۇ، مەندىن يىرگىنىدۇ، بىزار بولىدۇ، سىلكىپ ئىتتىرىۋېتىدۇ. تاراملاپ تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىمغا قارىغىنىدا بولسا، تامامەن ھالسىزلىنىدۇ، يەنە قايتا چىڭ قۇچاقلايدۇ. ئۇنىڭ يۈرەك رېتىمىنىڭ ئىنتايىن تېزلىقىنى، تىنىقلىرىنىڭ ئوتتەك قىزىقلىقىنى ھېس قىلىمەن. تۇنجى نىكاھىدا مەغلۇپ بولۇپ شۇنچە يىللاردىن كېيىن، تامامەن مۇمكىن بولمايدىغان، ھېچ قاچاندا ئېرىشەلمەيدىغان بىر ئايالغا باغلىنىپ قالغانلىقىدىن ئۆكۈنىۋاتقانلىقىنى سېزىمەن.
         ئۆزەمدىن بىزارمەن، ياشىغىم يوق، تاۋىم ئۆلۈمنىلا تارتىدۇ. مۇھەببەت–نەپرەتلىرىمنى بىر يولىلا ئاياقلاشتۇرۇپ جىسمىمنى قەبرىلەر قېتىغا يوشۇرۇپ قويسام دەيمەن، بىراق جۈرئەت قىلالمايمەن.
بۇ دۇنيا شۇنچە گۈزەل، ئۆلۈم ئېسىمگە يەتسىلا ھاياتقا تېخى قانمىغانلىقىمنى ئېتراپ قىلىمەن.قايتا–قايتا ھالسىزلىنىش، ئىپلاس ھەۋەسلەرنىڭ بەربات بولىشى، پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېرىم چەكسىز ھاياجانلىرىمىزنىڭ قاتىلى.
ئۇھ ...تەقدىر، ۋاقىتنى 15 يىل كەينىگە سۈرگىلى بولغان بولسا يەنە بىر-بىرسىمىزنى تاللار ئىدۇقمۇ؟! بەلكىم دوقۇرۇشۇپ قالساقمۇ سۈركىلىشىپ ئۆتەر بولغۇيتۇق.
        چارچىدىم، ئازغان بىر چىغىر يولدىمەن، بۇھايات بوستانلىرىنىڭ ماڭا قاباھەت قاپلىغان قاراڭغۇ ئورمان بۇلۇپ نېسىپ بولغانلىقىدىن ئۆكۈنىمەن. ئونبەش يىللاپ تېنىمنى ئىشغال قىلىپ، قۇرغاق يانتاقتەك ھېسسىياتىمغا چاقماق چاقالمىغان ئېرىمدىن نەپرەتلىنىمەن، قانائەتلەنمىگەن ئاچكۆزلۈكۈم بۇغۇلۇپ يىغلىماقتا. ھالاللىق مۇقامىدا قىزغىن سۆيۈشلەرگە نائىل بولالمىغان لەۋلىرىم يىغلىماقتا، ئېرىمنىڭ قۇچاقلىرىدا سىمابتەك ئېرىشكە، كۈكۈم-تالقان بولۇشقا تەييار تەنلىرىم قاغجىرماقتا. سەندىن نەپرەتلىنىمەن ئەي ئەر ! باغرىڭدا ئېچىلغان گۈل ئىدىم، پەرۋىشلىرىمنى نە ئۈچۈن ئۇنۇتتۇڭ !
مىڭ يىللىق غېرىپلىقىم ياماشقان قورقۇنچلۇق تەپەككۇرۇم ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويۇش ئالدىدىكى بىر ئايالنىڭ قىيامەتلىك ئېتىقادلىرىنى غۇلاتماقتا.
ئۇ ئۆلۈشى كېرەك، ئۆلۈملا ئۇنىڭ مۇكاپاتى، قانسىراپ سولىشىۋاتقان ياشلىقىمنىڭ قىساسى.
         ئېرىمنىڭ قاتناش ھادىسىسىدە ئېغىر يارلانغانلىق خەۋىنى ئاڭلىغىنىمدا بىر مەزگىللىك ئازاپلىرىمغا خاتىمە بېرىلگەندەك بىر خىيال غىل-پاللا ئۆتۈپ كەتتى. جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدە ئۇنىڭ بىھۇش ياتقانلىقىنى، لېكىن ھاياتىغا خەۋپ يوقلىقىنى ئاڭلاپ، تۇيۇقسىز يىنىك تىن ئالدىم، بەلكىم ، تېخى تامامەن ۋەيران بولمىغان كىچىككىنە بىر ھېسسىيات تۇيۇقسىز ئويغىنىپ قالغان بولىشى مۇمكىن. بىراق ئۇنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىشى ھامان يالماۋۇزلۇرۇم مېنى يەنە جاڭگالنىڭ ئىچكىرىسىگە سۆرەشكە باشلىدى. نەق ئىككى ئاي دوختۇرخانىدا سۆرۈلۈپ يۈرۈپ، بۇ مەينەت، جەھەننەم دەرۋازىسىدىن قايتقىنىمىزدا، ئېرىم ئاللىقاچان ساقىيىپ تامامەن ساغلام ھالغا كەلگەن ئىدى .
         چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۇ لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارنى تاماشا قىلغاچ دېرىزە ئالدىدا ئۆرە تۇردى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى تەپەككۇردىن مۇستەسنا، بىغەم تۇرقى ماڭا بەئەينى قەدىرسىز تۈكرۈكتەكلا بىلىنىپ يىرگىنىپ كەتتىم. قاچامنى يىغىشتۇرىۋېتىپ، يەنە كىتابىمنى قولۇمغا ئالدىم، ئۇ يەنىلا شۇ يەردە سىرتقا قاراپ تۇرىۋەردى. ئالاھەزەل ئون مىنۇتلاردىن كېيىن ئۇ ئاندىن ماڭا دىققەت قىلدى:
          -نىمە ئوقىۋاتىسەن ؟
          -كىتاپ .
          -ھە!
ئۇ يەنە سىرتقا قاراپ ھاڭۋاققىلى تۇردى، مەن كەينىدە قاتلىما ئورۇندۇقتا كىتابنى ئېتىكىمگە تاشلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرىمەن.
          -چارچاپ قاپتىمەن،-ئۇ بوش غۇدىراپ قويۇپ يېنىمغا كەلدى.
         -بىردەم ئارام ئالامسەن ئەمسە. مەن سېنى چارچاشتىن قۇتۇلدۇرالايمەن !
         -قانداق قىلىپ ؟
ئۇنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدۇم.
         -كۆزلىرىڭنى يۇم !-تەلەپپۇزۇم ئادەتتىن تاشقىرى يېقىملىق، بىراق قارشى تۇرغۇسىز ھالدا قاتتىق ئىدى، ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ كۆزلىرىنى يۇمدى.
       -ھېچنېمىنى ئويلىما، تامامەن ئەركىن ھالغا كەل!
ئۇ شۇنچىلىك يۇۋاش ئىدىكى، ماڭا تامامەن ئىشىنىپ كەتكەچكە ھېچنېمىدىن گۇمان قىلمايتتى، ئۇ كۆرسەتمەمگە شۇنچە تەبىئىي ماسلىشاتتى. ماڭا كېرىكىمۇ مۇشۇ ئىدى، ئۇ ناھايىتى تېزلا گېپنوز ھالىتىگە كىردى، يېنىك پۇشۇلداپ ئۇيقىغا كەتتى. مەن ئۇنىڭغا يەنىلا ھېلىقى يېقىملىق ئاۋازدا نۇرغۇن ئەسلىمىلەرنى ئەسلەتتىم، نېمە ئۈچۈن بۇنچە جىق سۆزلىگىنىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن.
       -قارا ئالدىمىزدا بىر دېرىزە بار، سەن ئۇنىڭدىن چىقساڭلا ئاسمانغا چىقالايسەن، باشقىلا بىر دۇنياغا بارىسەن. ئۇ يەردە چارچاش يوق، قېنى تۇرغىن !
ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇردى، كۆزلىرى يەنىلا شۇنداق يۇمۇق ھالدا ئىدى.
بىر قەدەم... ئىككى قەدەم...
ئۇ دېرىزە يېنىغا باردى.
      -ئىككىلەنمە ! قېنى يامىشىپ چىققىن، پەقەت بىردەمچىلىكلا ھېچنېمىنى سەزمەيسەن، ئۇ يەردە ئاغرىق يوق، ساڭا خىيانەت يوق، چارچىمايسەن!
ئۇ دېرىزىنىڭ تۇتقۇچلىرىنى تۇتۇپ بار كۈچى بىلەن تىركەشتى بىراق چىقالمىدى،
مەن دەرھال تازلىق ئۆيىدىكى كىچىك ئورۇندۇقنى ئەكىرىپ ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ يېنىغا قويۇپ بەردىم.
      -قېنى چىققىن، ئاسماندا پەرۋاز قىل، ھەممە مەينەتلىك، ئىپلاسلىق سەندىن پەستە قالىدۇ...
مەن يەنىلا ئاشۇ قورقۇنچلۇق ۋەزمىن ئاھاڭدا ئۇنىڭغا سۆزلەيتتىم.
ئۇ ئاخىرى دېرىزىگە چىقتى، ھەم تۇتقۇچنى بۇرىدى. يۈرۈكۈم...مېنىڭ مۇشۇ قارا يۈركۈم تېپىچەكلەپ كەتتى،كۆزلىرىمنى يۇمىۋالدىم.
     -سەكرە!
كۆزلىرىمنى ئاچقىنىمدا بولسا داغدام ئېچىلغان دېرىزىدىن كىرىۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى بىلەن بۇ ئۆيدە زىيانلانغۇچىغا قولىنىڭ ئۇچىمۇ تەگمىگەن بىر قاتىلدىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىدى.
چۈشىنىكسىز بىر كۈچ مېنى دەرىزە تۈۋىگە ئاتتى. پەستە قانغا مىلانغان ئېرىم يەنىلا ئاشۇ خاتىرجەم تۇرقىدا جىمجىت ياتماقتا.
مەن مۇرادىمغا يەتتىم ، غەلبە قىلدىم، بىراق نېمىدىن؟ تام سىرتىدىكى بىر ئەر مېنىڭ غەلبەمگە تەڭ شېرىك، تۇيۇقسىز قەلبىم چەكسىز بوشلۇققا ئايلاندى، ھېچنېمەم قالمىدى، قەلبىمدىكى قاراڭغۇلۇق، ئىنسان بايقىمىغان، كۈن نۇرى چۈشۈپ باقمىغان غايەت زور ئۆڭكۈرلەردەك مېنى يالمىماقتا، ئۇنىڭ نە چېكى بولسۇن، بەئەينى يالماۋۇز تىلسىمدىن باشقا نېمە ئەمەس، ھاياتىمدىكى ئىككى ئەرنىڭ بىرسىنىڭ ئۆلۈشى بىلەن يەنە بىرسىمۇ ھېچنېمىگە ئايلاندى، توزغاقتەك توزۇپ كەتتى.
         مەن ئەمدى شەرمەندىلىكىمنى كىمگە نامايىش قىلىمەن، ئىپلاسلىقىمنى كىمگە بىلدۈرىمەن. ئورۇندۇقنى بىمالال دەسسەپ دېرىزىگە چىقتىم، سۇر رەڭلىك ئاسمان قاپاقلىرىنى تۈرۈپ ماڭا ھومايماقتا، يىراقتىن بىر توپ كەپتەر نېمىدىندۇر ئۈركۈپ ئۇچتى، ئۇلارغا ئېسىلغان قوڭغۇراق ئاۋازى قەلبىمدىكى چەكسىز ئۆڭكۈرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى، يىراق-يىراقلاردىكى ئىس چىقىۋاتقان مورىلار، بۇ دۇنيانىڭ ئاسمانلىرىنى يەنىمۇ قاباھەتلىك تۈسكە كىرگۈزۈشكە ھەسسە قوشماقتا، پەستە بىر قانچە ئادەم ئېرىمنىڭ يېنىغا يىغىلىپ بىر نېمىلەر دېيىشىۋاتىدۇ، قارىغۇچىلىكىم قالمىدى.
        دۇنيا ئەزەلدىن ماڭا تەۋە ئەمەستى، ھېلى ھەم مېنىڭ ئەمەس، جاھانغا تۆۋرۈك بولغان كىم بار ، ئۆلمىگەن كىم بار، ئەلۋىدا... تۆتىنچى قەۋەتتىن ئۇچۇپ چۈشۈۋېتىپ ئەجەل ھودۇقىشىدا قەلەملىرىم خاتىرلەشتىن قالدى.

تۈگىدى
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 968
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە968دانە
ئۆسۈش: 1220 %
مۇنبەر پۇلى: 10794 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-01-08

bixini ukupla xahlaga nim bolgandu dap kap timan tihi   
ئەتە ئۈلۈم!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 559
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە559دانە
ئۆسۈش: 1755 %
مۇنبەر پۇلى: 6783 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-01-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-21 01:51

ئاندىن داۋامىنى ئوقىمىدىڭىز ؟
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 968
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە968دانە
ئۆسۈش: 1220 %
مۇنبەر پۇلى: 10794 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-01-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-21 02:14

baxlikka nimbolgandu dap ukuymizda alwaua
ئەتە ئۈلۈم!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 559
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە559دانە
ئۆسۈش: 1755 %
مۇنبەر پۇلى: 6783 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-01-08
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-21 03:03

ئاندىن نىمە بوپتۇ؟
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 968
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە968دانە
ئۆسۈش: 1220 %
مۇنبەر پۇلى: 10794 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-01-08
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-21 10:20

andin derezidin ozigizni itiwap siz xu  .  yaxtigz tihi   apsuuuussssss
ئەتە ئۈلۈم!
دوستلىشىش
بىگان
جاننى كىم بەردى؟قانداق قايتۇرىمىز؟!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 417
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە417دانە
ئۆسۈش: 270 %
مۇنبەر پۇلى: 4434 سوم
تۆھپىسى: 13 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-01-09
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-21 14:09

ئايالغا بارىكاللا! ئىرىنىڭ دەيۈزلىكىدىن ھۇجۇدى ئۆرتىنىپتۇ.ئەسەر ئاياللارنىڭ ئىچكى ھىسياتىنى يۈرەكلىك ھالدا جاكارلىغان.بۇ تەرپى ماختاشقا ئەرزىيدۇ.
ئەمما  ئىككى بالىنى يىتىم قىلىپ ياخشى قىلماپتۇ،بار تارتقۇلۇقنى ئىككى بالا تارتىدىغان بوپتۇ.
بەلكىم بەزىلەر مۇھەببەتسىز  بىختىن تۆرەلگەن ئۇرۇق نىمىگە ھىساپ دىيىشى مۇمكىن،ئۇ ئۇرۇقنى كىم بەرگەن؟ خالىغانچە تاشلىىتىدىغان ياكى يوق قىلىدىغان ھىچكىمدە ھوقۇق يوق.
<خىيانەت>يوق،سەكرە! ...
ئەمدى ئويلايلى قېرىنداشلار،زادى قايسى<خىيانەت>چوڭ؟ قايسىنى تاللىسا توغرا بولىدۇ؟! جان ياكى خىيانەتكە تولغان ھاياتلىق؟
ئەڭ قايىل قىلارلىقى ئىنساندا مەۋجۇد بولغان،ئەڭ مۇرەككەپ بىر ھىسيات بار،بۇ ھەممىدە ئورتاق.قانداق شەرھلەشنى ئۇقمىدىم.
قوپال ئاڭلانسىمۇ دەپ باقاي<خائىنلىق تۇيغۇسى>ياكى<ئۆكتىچى ھىسيات>...يۇقارقى ئەسەردە تولىمۇ ئىنىق گەۋدىلىنىپتۇ.
سۆيۈش بىلەن ئېرىشىش ئىككى ئشتۇر!سۆيگىنىڭ بىلەن ئىرىشەلىشىڭ ناتايىن.ئەمما ئىرىشكىنىڭنى سۆيەلەيسەن...
تەپەككۇر قىلغىن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9650
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 43
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە43دانە
ئۆسۈش: 270 %
مۇنبەر پۇلى: 630 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2011-12-22
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-21 14:36

سىز نى كەڭ سايدىلا كوردۇم، سىز نىڭ ئۇچۇرىڭىز نى بىلمىدىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10181
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 630 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-03
ئاخىرقى: 2012-01-05
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 23:35

ئۆزگىچە  بايان ....  پەرھات تۇرسۇننىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىغا ئوخشاپ قالدىكەن   ، يېزىقچىلىق تالانتىڭىز مىنى قايىل قىلدى .