باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 271 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قىسقا ھېكايىلەر
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1198
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1198دانە
ئۆسۈش: 790 %
مۇنبەر پۇلى: 12846 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-01-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-20 15:38

قىسقا ھېكايىلەر

قىز ۋە كېلىن

ئىككى ئايال باغچىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ،بىرسى يەنە بىرسىدىن :
-ئوغلىڭىز ئايالى بىلەن قانداقراق ئۆتىۋاتىدۇ؟-دەپ سوراپتىكەن،ھېلىقى ئايال:
-ۋاي،ئۇنىڭ بىتەلەيلىكىنى دېمەيلا قويۇڭ،ئالغان خوتۇنى بەك ھۇرۇن چىقىپ قالدى.ئۇ يا ئۆي سۈپۈرمەيدۇ،يا كىر يۇمايدۇ،بالىغا قاراشقۇ يۇقلا گەپ.كۈن بويى ئۇخلىغىنى ئۇخلىغان،ئوغلۇم ناشتىلىقنىمۇ ئۇنىڭ كارۋىتىغا ئاپىرىپ بېرىدىكەن،دېگىنىچە يىغلاپ كېتىپتۇ.
-ئۇنداقتا قىزىڭىزچۇ ،-دەپ سوراپتۇ ھېلىقى ئايال يەنە.
-ئۇنىڭ پېشانىسى ئوڭ ئىكەن،-دەپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپتۇ ھېلىقى ئايالنىڭ،-ئۇ يامان ئەمەس ئەرگە تەگدى.قىزىمغا ئۆي ئىشىنى قىلدۇرمايدىكەن،تاماق ئېتىش،ئۆي سۈپۈرۈش،كىر يۇيۇش،بالىغا قاراش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېرى قىلىدۇ،تېخى ئەتتىگەنلىك ناشتىنى كارۋېتىغا ئەكىلىپ بېرىدىكەن،-دەپتۇ.

تۇرميشىمىزدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ئىنتايىن كۆپ.ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن بىزنى بىئارام قىلىدىغان مەسىلىلەر ئۆزىمىزنى مەركەز قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.ھەر بىرىمىزقارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنى قويۇپ تۇرۇپ ئويلىغاندا نۇرغۇن ئىشلارنىڭ باشقىچە ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى بىلىۋالىمىز.



تىلنىڭ قېلىپ چىشنىڭ يوقىلىشى

ئېيتىلىشىچە چاڭزۇڭ لاۋزىنىڭ ئۇستازى ئىكەن.بىر قېتىم چاڭزۇڭ ئاغرىپ قېلىپ،لاۋزى ئۇنى يوقلاپ بېرىپتىكەن.چاڭزۇڭ ئاغزىنى ئېچىپ لاۋزىغا:
-تىلىم بارمىكەن؟-دەپتۇ.لاۋزى:
-باركەن،-دەپتۇ.چاڭزۇڭ يەنە :
-چىشىمچۇ؟-دەپتۇ.لاۋزى:
-يوقكەن،-دەپتۇ.
-بۇنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلدىڭمۇ،-دەپ سوراپتۇ چاڭزۇڭ.
لاۋزى:
-تىلنىڭ قېلىشى يۇمشاقلىقىدىن،چىشنىڭ قالمىغانلىقى قاتتىقلىقىدىن،توغرىمۇ؟-دەپتۇ.
-ھەببەللى،شۇنداق ،-دەپتۇ چاڭزۇڭ.

بەزى ۋاقىتلاردا يۇمشاقلىق ھەقىقەتەن قاتتىقلىقتىن بەكرەك ئۈنۈم بېرىدۇ.يەنە بەزى ۋاقىتلاردا بولسا ئىككى قەدەم ئىلگىرلەش ئۈچۈن بىرقەدەم چېكىنىشكە توغرا كېلىپمۇ قالىدۇ.مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا چېكىنىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئىلگىرلەشتۇر.
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
ئىللەت تۇزەلمىسە، مىللەت تۇزەلمەيدۇ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4482
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 319
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 3551 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-07
ئاخىرقى: 2012-01-06
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-20 17:30

    
بىز نۇمۇس قىلىشىمز كىرەك...