قىز ۋە كېلىن
ئىككى ئايال باغچىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ،بىرسى يەنە بىرسىدىن : -ئوغلىڭىز ئايالى بىلەن قانداقراق ئۆتىۋاتىدۇ؟-دەپ سوراپتىكەن،ھېلىقى ئايال: -ۋاي،ئۇنىڭ بىتەلەيلىكىنى دېمەيلا قويۇڭ،ئالغان خوتۇنى بەك ھۇرۇن چىقىپ قالدى.ئۇ يا ئۆي سۈپۈرمەيدۇ،يا كىر يۇمايدۇ،بالىغا قاراشقۇ يۇقلا گەپ.كۈن بويى ئۇخلىغىنى ئۇخلىغان،ئوغلۇم ناشتىلىقنىمۇ ئۇنىڭ كارۋىتىغا ئاپىرىپ بېرىدىكەن،دېگىنىچە يىغلاپ كېتىپتۇ. -ئۇنداقتا قىزىڭىزچۇ ،-دەپ سوراپتۇ ھېلىقى ئايال يەنە. -ئۇنىڭ پېشانىسى ئوڭ ئىكەن،-دەپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپتۇ ھېلىقى ئايالنىڭ،-ئۇ يامان ئەمەس ئەرگە تەگدى.قىزىمغا ئۆي ئىشىنى قىلدۇرمايدىكەن،تاماق ئېتىش،ئۆي سۈپۈرۈش،كىر يۇيۇش،بالىغا قاراش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېرى قىلىدۇ،تېخى ئەتتىگەنلىك ناشتىنى كارۋېتىغا ئەكىلىپ بېرىدىكەن،-دەپتۇ.
تۇرميشىمىزدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ئىنتايىن كۆپ.ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن بىزنى بىئارام قىلىدىغان مەسىلىلەر ئۆزىمىزنى مەركەز قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.ھەر بىرىمىزقارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنى قويۇپ تۇرۇپ ئويلىغاندا نۇرغۇن ئىشلارنىڭ باشقىچە ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى بىلىۋالىمىز.
تىلنىڭ قېلىپ چىشنىڭ يوقىلىشى
ئېيتىلىشىچە چاڭزۇڭ لاۋزىنىڭ ئۇستازى ئىكەن.بىر قېتىم چاڭزۇڭ ئاغرىپ قېلىپ،لاۋزى ئۇنى يوقلاپ بېرىپتىكەن.چاڭزۇڭ ئاغزىنى ئېچىپ لاۋزىغا: -تىلىم بارمىكەن؟-دەپتۇ.لاۋزى: -باركەن،-دەپتۇ.چاڭزۇڭ يەنە : -چىشىمچۇ؟-دەپتۇ.لاۋزى: -يوقكەن،-دەپتۇ. -بۇنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلدىڭمۇ،-دەپ سوراپتۇ چاڭزۇڭ. لاۋزى: -تىلنىڭ قېلىشى يۇمشاقلىقىدىن،چىشنىڭ قالمىغانلىقى قاتتىقلىقىدىن،توغرىمۇ؟-دەپتۇ. -ھەببەللى،شۇنداق ،-دەپتۇ چاڭزۇڭ.
بەزى ۋاقىتلاردا يۇمشاقلىق ھەقىقەتەن قاتتىقلىقتىن بەكرەك ئۈنۈم بېرىدۇ.يەنە بەزى ۋاقىتلاردا بولسا ئىككى قەدەم ئىلگىرلەش ئۈچۈن بىرقەدەم چېكىنىشكە توغرا كېلىپمۇ قالىدۇ.مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا چېكىنىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئىلگىرلەشتۇر. |