سىلەر (يۈسۈپچان قىيۇم )
ئۇچراشتۇرغان سىلەرنى تەڭىرىم
شۇڭا بەخىت گىياھى سىلەر
تاھىر- زوھرە لەيلى -مەجنۇننىڭ
ھاياتتىكى ئىزناسى سىلەر
سىلەرنى دەپ چىچى ئاقارغان
ئەمگەك قىلىپ قولى قاپارغان
نە- نەلەرگە يۈدۈپ ئاپارغان
چىرايلىرى تامدەك تاتارغان
پەقەت سىلەر ئۈچۈن يارالغان
داداڭلارنىڭ بارلىقى سىلەر .
ھالسىراتقان تۇرمۇش تۈگمىنى
ئۆزى قىلغان يۈرتنىڭ غىمنى
ساڭا بەرگەن تاپقان نىنىنى
سىلەر ئۈچۈن ئاتاپ جىنىنى
بەرسەم دىگەن ئالسا ھەممىنى
داداڭلارنىڭ خوشلىقى سىلەر
بىرىپ شۇنداق ئوغۇز سۈتىنى
تاڭغا ئۇلاپ تالاي كىچىنى
چوڭ قىلىغۇچە ئۇنى ۋە سىنى
ھاسىراتقان تۇرمۇشنىڭ غىمى
ئاپاڭلارنىڭ خوشلۇغى سىلەر
بالام دىگەن سۆيگۈگە تولغان
بەزەڭ ئانا ھەم دادا بولغان
يۈزلىرىگە قورۇقلار قونغان
شەربەت تاپسا بالىغا سۇنغان
دائىم باقساڭ خىيالچان ئويچان
ئاپاڭلارنىڭ يۈرىكى سىلەر
سىلەر شۇنداق قىرىندىشىڭلار
كۆككە يەتسۇن ئەزىز تىنىڭلار
بۇ تۇرمۇشتا ئاقماي يىشىڭلار
بىللە-ياشاپ بىللە قىرىڭلار
چاقارغاندا بىللە كىلڭلار
ھەدەڭلارنىڭ خوشلىقى سىلەر