查看完整版本: [-- دس --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ساياھەت كۆڭۈل ئېچىش -> دس [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

شەھرىزات 2011-12-20 15:11
سىلەر (يۈسۈپچان قىيۇم )

ئۇچراشتۇرغان سىلەرنى تەڭىرىم
شۇڭا بەخىت گىياھى سىلەر
تاھىر- زوھرە لەيلى -مەجنۇننىڭ
ھاياتتىكى ئىزناسى سىلەر

سىلەرنى دەپ چىچى ئاقارغان
ئەمگەك قىلىپ قولى قاپارغان
نە- نەلەرگە يۈدۈپ ئاپارغان
چىرايلىرى تامدەك تاتارغان
پەقەت سىلەر ئۈچۈن يارالغان
داداڭلارنىڭ بارلىقى سىلەر .

ھالسىراتقان تۇرمۇش تۈگمىنى
ئۆزى قىلغان يۈرتنىڭ غىمنى
ساڭا بەرگەن تاپقان نىنىنى
سىلەر ئۈچۈن ئاتاپ جىنىنى
بەرسەم دىگەن ئالسا ھەممىنى
داداڭلارنىڭ خوشلىقى سىلەر

بىرىپ شۇنداق ئوغۇز سۈتىنى
تاڭغا ئۇلاپ تالاي كىچىنى
چوڭ قىلىغۇچە ئۇنى ۋە سىنى
ھاسىراتقان تۇرمۇشنىڭ غىمى
ئاپاڭلارنىڭ خوشلۇغى سىلەر

بالام دىگەن سۆيگۈگە تولغان
بەزەڭ ئانا ھەم دادا بولغان
يۈزلىرىگە قورۇقلار قونغان
شەربەت تاپسا بالىغا سۇنغان
دائىم باقساڭ خىيالچان ئويچان
ئاپاڭلارنىڭ يۈرىكى سىلەر

سىلەر شۇنداق قىرىندىشىڭلار
كۆككە يەتسۇن ئەزىز تىنىڭلار
بۇ تۇرمۇشتا ئاقماي يىشىڭلار
بىللە-ياشاپ بىللە قىرىڭلار
چاقارغاندا بىللە كىلڭلار
ھەدەڭلارنىڭ خوشلىقى سىلەر

شەمشىدىن 2011-12-20 18:24
دس دىگەن نىمە گەپ ئۆزى؟

رەشىدە 2011-12-20 20:20
مەنمۇ بىلمىدىم
چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىزچۇ؟ شەھرىزھات قېرىندىشىم.

xahruh 2011-12-21 09:51
شىئېر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ :
بۇ بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان بىر تۇققان قېرىنداشلارنىڭ ، ئۆي ئايرىپ تۇرمۇشقا \
چىققاندىن كىيىن قېرىنداشلىق مىھرىنىڭ سۇسلىشىپ كەتمەسلىكىگە قارىتىلغان ،
شۇنداقمۇ يۈسۈپجان ؟
لېكىن تېمىسىنى ئىنگىلىزچە قويماي ، ئۇيغۇرچە قويغان بولسىڭز بوپتىكەن ،
مەن قۇيۇپ بېرەيمۇ يا ؟؟


查看完整版本: [-- دس --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.041766 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us