سول قولىنىڭ ئورنىدا چاپىنىنىڭ يېڭى لەپىلدەپ تۇرغان بىر تىلەمچى بىر قورۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ،ئايال خوجايىندىن سەدىقە سوراپتۇ.بىراق،ئايال خوجايىن تىلەمچىنىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ سەدىقە بېرىشنىڭ ئورنىغا،تۇزۇت قىلمايلا تىلەمچىگە ئىشىك ئالدىدىكى خىشلارنى كۆرسىتىپ:
_ماڭا ياردەملىشىپ بۇ خىشلارنى ئارقىغا يۆتكىشىپ بەرسىڭىز سىزگە 20يۇەن بېرىمەن،_دەپتۇ.
تىلەمچى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاچچىقى بىلەن:
_مېنىڭ پەقەت بىر قولوملا تۇرسا،مەن قانداق خىش تۇشۇيالايمەن؟بۇ قاراپ تۇرۇپ ئادەمنى ئەخمەق قىلغىنىڭىز ئەمەسمۇ؟_دەپتۇ.
ئايال خوجايىن گەپ قىلمايلا خىش بار تەرەپكە بۇرۇلۇپ،قەستەن بىر قولىدا خىشنى يۆتكەشكە باشلاپتۇ ۋە:
_كۆرگەنسىز،مەن .ئىككى قولۇمدا ئىشلىمىگەندىمەن!مەن قىلالىغاننى سىز نىمىشقا قىلالمايسىز؟
تىلەمچى ،ئايال خوجايىنغا بىر پەس قاراپ تۇرغاندىن كېيىن،بۇرۇلۇپلا بىر قولى بىلەن خىشلارنى يۆتكەشكە باشلاپتۇ،يۆتكىگەندىمۇ بىر قېتىمدىلا ئىككىدىن يۆتكەپتۇ.ئۇ توپ-توغرا ئىككى سائەتتە خىشلارنىڭ ھەممىسىنى يۆتكەپ بوپتۇ،لېكىن ھاسىرىغىنىدىن تىنىقلىرى يېتىشمەي،يۈزلىرى توپا-چاڭغا كۆمۇلۇپ كېتىپتۇ.
ئايال ئۇنىڭغا بىر ئاپئاق لوڭگىنى ئۇزىتىپتۇ.ئۇ يۈز-كۆزلىرىنى پاكىز سۇرتۇپ بولغاندىن كېين،لوڭگە قاپ-قارا بولۇپ كېتىپتۇ.
ئايال تىلەمچىگە دىيىشكىنى بويىچە 20 يۇەن پۇل بېرىپتۇ.تىلەمچى پۇلنى ئېلىپ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا:
_رەھمەت،-دەپتۇ.
_ماڭا رەھمەت ئېيتماڭ،بۇ سىزنىڭ جاپالىق ئىشلىگىنىڭىزنىڭ ھەققى!-دەپتۇ ئايال.
_مەن سىزنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن،بۇ لۆڭگىنى ماڭا خاتىرە ئورنىدا سوۋغا قىلسىڭىز،-دەپتۇ تىلەمچى.ئايال خوشاللىق بىلەن ماقۇل كۆرۇپتۇ،تىلەمچى ئايالغا ئېگىلىپ تازىم قىلغاندىن كېيىن،يولىغا راۋان بوپتۇ.
ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۇپ،بۇ قورۇنىڭ ئالدىغا يەنە بىر تىلەمچى كەپتۇ.ھېلىقى ئايال بۇ تىلەمچىنىمۇ ھويلىغا باشلىغاندىن كېيىن،خىشلارنى كۆرسىتىپ،بۇ ىىشلارنى ئۆينىڭ ئالدىغا يۆتكەپ بەرسە 20يۇەن بېرىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ.پۇتۇن بەدىنى بېجىرىم بۇ تىلەمچى 20 يۇەن پۇلۈا پىسەنتمۇ قىلماي،غودۇرىغىنىچە كېتىپ قاپتۇ.ھىچنىمىنى چۇشۇنەلمىگەن ئوغلى ئانىسىدىن سوراپتۇ:
_ئۆتكەنكى قېتىمدا سىز تىلەمچىنى چاقىرىپ،خىشلارنى ئوينىڭ ئالدىدىن كەينىگە يۆتكەتكەنتىڭىز،بۇ قىتىم يەنە تىلەمچىگە بۇ خىشلارنى ئوينىڭ ئادىغا يۆتكەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىسىز،خىشنىڭ ئوينىڭ ئالدىدا تۇرۇشى بىلەن كەينىدە تۇرۇشىنىڭ نىمە پەرقى بار؟
_خىش ئوينىڭ ئالدىدا تۇرسىمۇ كەينىدە تۇرسىمۇ بولىۋېرىدۇ،بىراق يۆتكەش -يۆتكىمەسلىك تىلەمچىگە نىسبەتەن ئوخشاش بولمايدۇ ،-دەپتۇ ئانىسى.
بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر نەچچە تىلەمچى كېلىپ ئاشۇ خىشلارنى بىر نەچچە قېتىم ئۇ ياندىن بۇ يانغا توشۇپتۇ.
ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بىر كېلىشكەن ئادەم بۇ قورۇنىڭ ئالدىغا كەپتۇ،ئۇ ئادەم شۇنچىلىك مەغرور،كىيىنىشلىرى بوزۇر كۆرۈنسىمۇ ، لېكىن پەقەت ئوڭ قولىلا بار بولۇپ،يەنە بىر قولىنىڭ ئورنىدا چاپىنىنىڭ يېڭى پۇلاڭلاپ تۇراتتى.
ھېلىقى ئادەم ئايال خوجايىنغا سالام قىلغاندىن كېيىن بىر قولىنى چىقىرىپ مۇنداق دەپتۇ:
_ئەگەر سىز بولمىغان بولسىڭىز،مەن يەنىلا تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرىۋەرگەن بولاتتىم.مانا ھازىر مەن بىر شىركەتنىڭ لېدىرى بولۇپ قالدىم.
ئايال ئۇ كىشىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىمۇ دەرھال يادىغا ئېلىپ:
بۇ پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق قولغا كەلگەن،-دەپتۇ.
كېيىن بۇ مىيىپ لېدىر بۇ ئايالنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۇچۇن شەھەردىن ئۆي ئېلىپ ئايال خوجايىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى شەھەرگە كۆچۇرۇپ،تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۇرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىدا ئايال:
_رەھمەت،ئەمما بىز قوبۇل قىلالمايمىز ئائىلىمىزدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ بىر جۈپ قولىمىز بار،-دەپتۇ.
لېدىر ئايالنىڭ بۇ سۈزىدىن تەسىرلىنىپ:
-خانىم،سىز ماڭا ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۇگەتتىڭىز،نىمىنىڭ ئادىمىلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقى تونۇتتىڭىز،مېنى تەربىيەلىگىنىڭىزگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن!-دەپتۇ.
ئايال بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۇلۇپ تۇرۇپ:
_ئۇنداقتا ئۇ ئۆينى بىرمۇ قولى يوق ئادەملەرگە بېرىۋېتىڭ!-دەپتۇ.
شۇنداق،بارلىق پەيلاسوپلارنىڭ ئادىمىلىككە بولغان تونۇشى ئوخشاش.
ئۇ بولسىمۇ ئەمگەك ۋە تەپەككۇر.