مۇھەممەد رەھىم شېئىرلىرىدىن مەيلى دەيتتىم، گەپمۇ قىلمايتتىم
قارچۇغىنى قۇرغۇي دېسىڭىز.
كۈلۈپ كەتتىم غىدىقىم كېلىپ
ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇرغۇي دېسىڭىز. سىزگە شۇنداق ئۆگەتكەنمىدى
ئۇستازىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز؟
ناچارمىدى سىزنىڭ باشتىلا
تىل دەرسىدىن ئىمتىھانىڭىز.
ناچار بولسا، ئۆزىڭىزدە گەپ،
ئارتماڭ ئۇنى مىللىتىڭىزگە.
ئۇيغۇر تىلى سۈكۈت قىلالماس
«
ئۇرغۇي» دىگەن ئىللىتىڭىزگە.
ئىسمىڭىزنى خاتا ئاتىسام،
ئاچچىقىڭىز كېلىدۇ راسا.
خاتا ئاتاپ مىللەت نامىنى،
ئوخشاشقۇ دەپ ئويناتماڭ ھاسا.
«
ئۇيغۇر»دىگەن ئۇلۇغ نام بىلەن
ماختىنىشقا سىزمۇ تەلەپكار.
«ئۇرغۇي» ئەمەس«ئۇيغۇر»دېيىشكە
بۇ شېئىرىم بولسۇن مەدەتكار.
«
جان تەسەددۇق» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.
ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى:
يازما مەنزىلى: ئۇرغۇي ئەمەس، ئۇيغۇر