باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2228 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: گۈزەل ئەسلىمىلەر
بىلىمنى بۈيۈك بىل ئوقۇشنى ئۇلۇغ، بۇ ئىككى يۈكسەل ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5984
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 96
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە96دانە
ئۆسۈش: 880 %
مۇنبەر پۇلى: 1651 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-30
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-14 22:42

گۈزەل ئەسلىمىلەر

باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(arzuyum) ئەھمىيەتلىك& ..
  • ئىنسان نىمنى ئويلىسا شۇ بولامدۇ
    بۇ زادى نېمىدۇ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1420
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1420دانە
    ئۆسۈش: 910 %
    مۇنبەر پۇلى: 15153 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-14
    ئاخىرقى: 2012-03-27
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-15 12:30

    بالىلىق چاغلار  راسلا بەك كۆڭۈللۈك  ئىدى.ئويۇنلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكىدە كۈندە مەكتەپتىن يېنىپلا ئويۇنغا چاپاتتۇق.بىر يىغىلىشىمىزدا بىردەمدە 40-50 بالا بولۇپ كېتەتتى.كىچىك چاغلاردا كەڭرى ئېتىزلىقلار،كونا ،ئادەم ئولتۇرمايدىغان ئۆيلەر كەڭرى كەتكەن بوش يەرلەر كۆپ ئىدى.قانغۇچە گاگار،مۆكۈممەك(يوشۇنماق) ،قىش(نۇر)،چانا ئىشقىلىپ ھەممە ئويۇننى ئوينايتتۇق.بەزىدە بوغۇننىڭ ئۆيلىرىنى بۇزۇپ ئوينىساق كەينىمىزدىن قوغلاپ يۈرۈپ چېقىۋالاتتى.لەگلەك ئۇچۇرۇشۇپ ئويناشلار بەك كۆڭۈللىك ئىدى.
    بىراق ھازىرقى بالىلارغا ئۇنداق ئويۇنلار قالمىدى،تور ئويۇنى ھەممىنىڭ ئورنىنى ئالدى.
    سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
    بۇ زادى نېمىدۇ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1420
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1420دانە
    ئۆسۈش: 910 %
    مۇنبەر پۇلى: 15153 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-14
    ئاخىرقى: 2012-03-27
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-15 14:22

    5-قەۋەت (تاھىربەگ) نىڭ يازمىسىغا

    نىمىلەرنى دەپ كېتىپ بارىدۇ ما تاھىرقان.بىزدە ئۇنداق قابىلىيەت يوق دەيمەن.بىراق كىچىك ۋاقتىمدا ئۆزىمىز قۇرىۋالغان مەھەلىدىكى كىچىك گۇرۇھنىڭ ئاتامانى ئىدىم.بالىلارنى مەشىق قىلدۇرۇشقا مەسئۇل ئىدىم.يەنە كېلىپ بۇ گۇرۇھىمىزغا قاتناشقان بالىلاردىن نەچچە موچەن پۇل ئالاتتۇق.ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇت قولى چاققان بالىلارنى ئالاتتۇق تېخى،ئەگەر گۇرۇھتىن چېكىنسە پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرەتتۇق.ئۆتكۈزىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىمىز بار ئىدى.خېلى تىك ساي سايلاردىن ۋېلىسپىت(بىز تۆمۈت ئات دەيمىز) بىلەن چۈشۈس مۇسابىقىسى قىلاتتۇق،ساي سەل تىك،ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمشاق قىزىل توپا بولغاچ رولىنى ياخشى باشقۇرمىسا نەچچە موللاق ئېتىپ  تۆمۈر ئېتى بىر يەردە ،ئۆزى بىر يەردە يېتىپ قالاتتى.يەنە ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ چىگۇڭ(ئۇيغۇرچە نىمە دەيدىكىن بىلمىدىم،ئىشقىلىپ بىز شۇنداق ئاتايتتۇق،بەلكىم خەنزۇچىدىكى چىڭ گوڭ دىگەن  گەپ بولسا كېرەك) ئوينايتتۇق،بۇ ئويۇندا قولنى پەقەت قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇشقىلا ئىشلىتىشكە بولاتتى،ئاساسلىقى پۇت ئىشلىتەتتۇق.باشتىن باشقا ھەر قانداق يەرگە ھۇجۇم قىلسا بولاتتى.ئۇ چاغلاردا خېلى يامان ئىدىم.تۈرلۈك پۇتبول،ۋالىبول مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇراتتۇق.يۈگرەش،تامدىن سەكرەش(بويىمىزدىن خېلىلا ئېگىز تاملاردىن قىينالمايلا ئۆتۈپ كېتەتتۇق)،دەرەخكە يامىشىش،جۈجەم(ئۈژمە)دەرخى ئۈستىدە چىگۇڭ ئويناش...........ئىشقىلىپ ئويۇننىڭ تۈرى بەكلا كۆپ ئىدى.ھە راس مۇنداق بىر قىزقارلىق ئىش يۈربەرگەن.
    بىز مەھەلىدىكى بالىلار سۇ تاپانچىسى بىلەن سۇ چاچرىتىشىپ ئويناۋاتقانىدۇق،بىراق بىر قانچە چوڭ بالىلار كېلىپ قوشۇلۇپ ئويناپ،كىيىملىرىمنى ھۆل قىلىۋەتتى ،بولدى قىلىڭلار دېسەممۇ ئۇنىماي داۋاملىق قوغلاپ يۈرۈپ سۇ چاچرىتىىۋەدى.ئۇلارنىڭ قىلغىنى ئويۇن بولسىمۇ نەچچىسى بىرلىشىپ ماڭا ھۇجۇم قىلىشى ۋە ئۇنداق ئاشۇرۋېتىشى ئاچچىقىمنى كەلتۈردى،بىراق نىمە ئامال،تاقابىل تۇرۇشقا ئاجىزمەن.ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى ئويۇن دەپ بىلگىنىم ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئويناي دەپ ئويۇننى مەن باشلىدىم.ھەممىسى يەنە يۈگرەپ كېلىپ سۇ چاچراتقاندا ئۆزۈمنى مانا ئەمىسە دەپ گۈپلا قىلىپ يەرگە ئاتتىم دە،جىممىدە يېتىۋالدىم،بىرى كېلىپ تۇرە  بولدى دەپبەدىنىمنى چايقىدى جىم يېتىۋالدىم.نىمە بولغاندۇ دىيىشىپ قولىنى بۇرنۇمدىنىڭ ئاستىغا ئەكەلدى،شۇنداق قىلىشىنى بىلگەچكە نەپەس ئالماي تۇرۇۋالغان،ئۇلارنىڭ ھەممىسى قورقۇپ كەتتى،ھوشىدىن كېتىپتۇ،قانداق قىلىمىز دىيىشىپ ھەممىسى ئالاقزادە بولۇپ كەتتى.ئارىدىن چوڭراق بىرى بۇرنۇمنىڭ ئاستىنى شۇنداق قاتتىق ئۇۋلىدى،ئاخىرى ئاغرىققا چىدىماي كۆزۈمنى ئاچتىم.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ماڭا ئۇنداق قىلماسلا بولدى.چۈنكى شۇ چاغدا مېنى راس قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ بەك قوقۇپ كېتىپتىكەن.
    ئىشقىلىپ بالىلىقىم بەك خوشال ئۆتۈپتىكەن  جۇما
    سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
    بۇ زادى نېمىدۇ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1420
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1420دانە
    ئۆسۈش: 910 %
    مۇنبەر پۇلى: 15153 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-14
    ئاخىرقى: 2012-03-27
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-15 14:44

    ۋوي  يەنە بىر مۇھىم قاباھەتلىك ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.قورقۇپ كەتمەڭلار ھە،تۆت ياشقا كىرگەن يىلىم دەل ئاكامنىڭ سۈننەت تويى بولغان كۈنى يىڭى كىيىملەرنى كىيىپ يول بويىدا مەھەلىدىكى بالىلار ئويناۋاتتىم.كەچقۇرۇن بولغاندا نەدىن كەلدى بىر چالا مەس،تۆمۈر ئات بىلەن مېنىپ كەلدى،ئۆزۈمنى دەرھال چەتكە ئالدىم،بىراق شۇنچە يول ياقىسىدا تۇرساممۇ،ماڭا قاراپلا كېلىۋاتاتتى،شۇنىڭ بىلەن قوقۇپ يولنىڭ ئۇ يېقىغا يۈگۈردۇم ئۇمۇ شۇ تەرەپكىلا ماڭدى،بىر چاغدا تۆمۈت ئاتنىڭ تىرىگۈچىنىڭ ھېلىقى پورژۇنلۇق بىر نەرسىسى پۇتۇمغا ئىلىشىپ قالدى،قانداق بولۇپ كىرىپ كەتتى بىلمىدىم،ئىشقىلىپ پۇتۇمنى تېشىپلا كىرىپ كېتىپتۇ،يا ئۇكىشى توختىمىدى،مەن شۇ كىشىنىڭ تۆمۈر ئېتىغا سۆرۈلۈپ ئوننەچچە مېتىر ماڭغاندا ئاندىن توختاپ مېنى كۆتۈردى.بەلكىم ئۇ ۋاقىت ماڭا بەك تەسىر قىلغان ھېغى كىچىك بولساممۇ ھەر بىر كۆرۈنۈش شۇنداق ئېسىمدە سۆرۈلۈش جەريانىدا پۇتۇمنىڭ گۆشى تىلىنىپ مېڭىپتىكەن.توختىغاندا قارىسام ئۇستىخىنىم كۆرۈنەيلا دەپ قاپتۇ.ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئاكام كېلىپ قالدى، ئاكام ھېلىقى بالىنى بىر مۇش سېلىپلا مېنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.شۇندىلا ئاكامغا قولىدا كۆزۈمنى يۇمۇپ ئويغانسام دوختۇرخانىدا ئىكەنمەن.
    ئىشقىلىپ كىچىكىمدە بەك مۇشۇنداق ئۇشلارغا تولا ئۇچراپتىكەنمەن،تۇرۇپ ئىشىك بېسىۋالغان،تۇرۇپ تونۇرغا چۈشۈپ كەتكەن.
    تۇغۇلغاندا شۇنداق كىچىك تۇغۇلۇپتىكەنمەن.رەھمەتلىك بوۋام ئاپامغا:<< بەك ئەتىۋارلاپ كەتمە،قارىسام بۇ بالا ئەي بولمايدىغاندەك قىلىدۇ،قارا جېنى ئارانلا تۇرىدۇ>>دەيدىكەنتۇق.دېمىسىمۇ بەك كىچىك ،ئورۇق ئىكەنمەنتۇق،كۆرگەن كىشى ۋوي بۇ بالا ئۆلۈپ قالىدىغاندەكلا تۇرىدىغۇ دېگۈدەك دەرىجىدە ئىكەنمەن.سەللا چوڭ بولۇپ قوناق شېخىدەك بىر ئاينىغىلى تۇردۇم.كۆرگەنلا كىشى ئادەمنى ۋوي سېنى نىمە بېرىپ بېقىۋاتىدۇ،ئامېرىكا ئوغۇتى ئىشلەتمەۋاتقاندۇ دەپ چاقچاق قىلاتتى.ئۆيدىكىلەرمۇ بەك ئۆسۈپ كەتتىڭ دەيتتى،دېمىسىمۇ ئۆيدىلا ئەمەس تەڭتۈشلىرىمنىڭ ئىچىدىمۇ خېلىلا ئېگىز ئىدىم.ھەممە ئادەم شۇنداق دەۋېرىپ ئاچچىقىم كېلىدىغان بولدى بويۇڭ ئۇنداق مۇنداق دېسە،تولۇقسىز 3 كە چىقىپ بىر توختىدى بويۇم،تا ھازىرغىچە شۇ پېتى دەيمەن.بىراق ئەمدى راسلا ئۆسكۈم كېلىۋاتىدۇ.تېخى ئۆيدىكىلەر تەتىلدە بارسام كىچىكلەپ كېتىپسەن،ئوقۇش ئېغىر كەلدىمۇ يا ئۇ يەردە قىينىلىپ قالدىڭمۇ دەپ كېتىدۇ....
    سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!