اللە قۇرئاندا كافىر-مۇشرىكلارغا قارىتىپ نۇرغۇن ئايەتلەردە (ئۇلار بىلمەمدۇكى................... ، ئۇلار قارىمامدۇكى.........................) دىيىش ئارقلىق ئۆزىنىڭ كائىناتتىكى مۆجىزىللىرىنى تەتقىق قىلىشقا چاقىردۇ، (مۇشۇ نوقتىدىن اللە نىڭ ئۆز مۆجىزىللىرىنى تەتقىق قىلىشقا مۇئمىن-مۇسۇلمان بەندىللرىدىن بەكرەك كافىر-مۇشرىكلارنى تەكلىپ قىلىشى ھازىرقى مەيلى ئالەم تېخنىكىسى، مەيلى داۋالاش، ياساش ساھەلىرىدە بولسۇن كافىر-مۇشرىكلارنىڭ مۇئمىن-مۇسۇلمانلاردىن يۇقرى ئورۇندا تۇردىغان سەۋىيەسىنى اللە نىڭ ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇشتەك ھىكمىتى مېنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ) قىزىقارلىقى كافىر-مۇشرىكلار ئاشۇ مۆجىزىلەر يېنىدىن قارىغۇلارچە ئۆتۈپ كىتىدۇ.
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام؛ مەندىن كىيىنكى دەۋىرلەردە تۇغۇلۇپ مېنى كۆرمەي تۇرۇپ ماڭا ئىمان ئېيتقان، ماڭا ئەگەشكەنلەرگە خۇش بىشارەت بولسۇن! دىگەن ئىكەن.
اللە بىزلەرنى -مەن بىرەر مۆجىزە كۆرمەي تۇرۇپ ئىمان ئيتمايمەن دەپ، مۆجىزە كۆرگەندىن كېيىنمۇ ئازغۇنلىقىدا ياشاۋەرگەن كاج، جاھىللاردىن قىلمىسۇن! ئۆزى رازى بولدىغان مۆئمىنلەردىن قىلسۇن!