بۇرۇن بىر سودىگەر تۆگە سېتىۋالماقچى بوپتۇ ،تۆگە بازىرىدا بىر بوزغا كۆزى چۈشۈپتۇ . سېتىۋالماقچى بولغاندا تۆگە ساتقۇچى سودىگەرگە ؛
 - بۇ تۆگىنىڭ بىر ئەيىپى بار ،دىمىسەم سودام ھارام بولىدۇ دەپتۇ .
 سودىگەر قىزىقىپ ،_ قېنى ئاڭلاپ باقاي ، قانداق ئەيىپى باركىن ؟ _ دەپتۇ .
 تۆگە ساتقۇچى - بۇ تۆگىدە ھېچقانداق ئەيىپ يوق ،شۇغىنىسى ئۇنىڭ ئانىسى دەريانىڭ ئوتتۇرسىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز چۆكىۋالىدىغان بىر خۇيى بار ئىدى ،ئۇنىڭ خۇيى بالىسىغا ئۇدۇم قالغان بولسا ، ئۆزلىرىنى نادامەتتە قويامىكى دەيمەن ، دەپتۇ .
 سودىگەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىككىلىنىپ قاپتۇ ، لىكىن بۇ بوز ئۇنىڭ كۆزىگە بەك چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتكەچكە ، سودىگەر < ئانىسىنىڭ خۇيى بالىسىغا ئۇدۇم بۇلۇپ قېلىشى ناتايىن > دەپ ئويلاپ  ، تۆگىنى ئېلىپ قايتىپ كەپتۇ .
  ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ كىتىپتۇ .بۇ جەرياندا سودىگەر بۇ بوزنى مىنىپ نۇرغۇنلىغان مۈشكۈل سەپەرلەرگە ئاتلىنىپتۇ .چوڭ دەريالاردىنمۇ ئۆتۈپتۇ ، تۆگىدە ھېچقانداق بىنورمال ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلمەپتۇ .بارا بارا تۆگە ساتقۇچىنىڭ سۆزى ئىسىدىن كۆتۈرلۈپ كىتىپتۇ .بىر كۈنى سودىگەر بوزنى مىنىپ بىر ئەزىم دەريادىن ئۆتۈپتۇ . دەريانىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە ، تۆگە تۇيۇقسىز چۆكىۋاپتۇ . سودىگەرنىڭ تۆگىگە ئارتقان ماللىرى ئېقىپ تۈگەپتۇ .مالايلىرى سودىگەرنى مىڭ بىر جاپادا ئاران قۇتقۇزىۋاپتۇ .
 سودىگەر قىرغاققا چىقىپلا مالىيىغا - سەن دەرھال تۆگە بازىرىغا بېرىپ بۇ تۆگىنى ساتقان ئادەمنى تاپ ،ئۇنىڭغا ماۋۇ بىر ھەميان تىللانى ھەدىيە قىلغانلىقىمنى ئېيتقىن ، ئاندىن ئۆيۈمگە بېرىپ خوتۇنۇمغا مىنىڭ ئۇنى تالاق قىلغانلىقىمنى ئېيتقىن ،ئۆيدىن خالىغىنىنى ئېلىپ دەرھال يوقالسۇن ، _ دەپتۇ .
  مالاي ئىشنىڭ تىگىگە يىتەلمەي تۆگە ساتقۇچىغا تىللانى بىرىپتۇ . ئاندىن سودىگەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سودىگەرنىڭ سۆزىنى خوتۇنىغا  يەتكۈزۈپتۇ .
    ئايال ھۇدۇققان ھالدا _ ئەينى ۋاقىتتا ئانام دادامغا خىيانەت قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغاندا ،ئېرىم بۇ ئاناڭنىڭ خاتالىقى ، سەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دەپ مىنى ئەمرىگە  ئالغان ،ئەمدىلىكتە بۇ قانداق ئىش ؟- دەپ تۇرۇپ قاپتۇ .
 مالاي سودىگەرنىڭ قېشىغا كېتىۋىتىپ توساتتىن ئايال تۇرغان ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن ، بىر يالىڭاپ ئەرنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى سىزىپ قاپتۇ . 
                        مەنبە ؛ چوڭلار ئاغىزىدىن .
  شۇڭا يىگىتلەر قىز تاللىغاندا ، دىيانەتلىك ، ئىمانلىق ، ئەخلاقلىق  ، ھايالىق قىزلارنى تاللىشى كىرەك . بۇنداق ئاياللارنىڭ تەربىيلىگەن پەرزەنتلىرىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بولىدۇ .