查看完整版本: [-- بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تاغدىن-باغدىن -> بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

qiqak119 2011-12-13 20:42
بۇرۇن بىر سودىگەر تۆگە سېتىۋالماقچى بوپتۇ ،تۆگە بازىرىدا بىر بوزغا كۆزى چۈشۈپتۇ . سېتىۋالماقچى بولغاندا تۆگە ساتقۇچى سودىگەرگە ؛

 - بۇ تۆگىنىڭ بىر ئەيىپى بار ،دىمىسەم سودام ھارام بولىدۇ دەپتۇ .
 سودىگەر قىزىقىپ ،_ قېنى ئاڭلاپ باقاي ، قانداق ئەيىپى باركىن ؟ _ دەپتۇ .
 تۆگە ساتقۇچى - بۇ تۆگىدە ھېچقانداق ئەيىپ يوق ،شۇغىنىسى ئۇنىڭ ئانىسى دەريانىڭ ئوتتۇرسىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز چۆكىۋالىدىغان بىر خۇيى بار ئىدى ،ئۇنىڭ خۇيى بالىسىغا ئۇدۇم قالغان بولسا ، ئۆزلىرىنى نادامەتتە قويامىكى دەيمەن ، دەپتۇ .
 سودىگەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىككىلىنىپ قاپتۇ ، لىكىن بۇ بوز ئۇنىڭ كۆزىگە بەك چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتكەچكە ، سودىگەر < ئانىسىنىڭ خۇيى بالىسىغا ئۇدۇم بۇلۇپ قېلىشى ناتايىن > دەپ ئويلاپ  ، تۆگىنى ئېلىپ قايتىپ كەپتۇ .

  ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ كىتىپتۇ .بۇ جەرياندا سودىگەر بۇ بوزنى مىنىپ نۇرغۇنلىغان مۈشكۈل سەپەرلەرگە ئاتلىنىپتۇ .چوڭ دەريالاردىنمۇ ئۆتۈپتۇ ، تۆگىدە ھېچقانداق بىنورمال ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلمەپتۇ .بارا بارا تۆگە ساتقۇچىنىڭ سۆزى ئىسىدىن كۆتۈرلۈپ كىتىپتۇ .بىر كۈنى سودىگەر بوزنى مىنىپ بىر ئەزىم دەريادىن ئۆتۈپتۇ . دەريانىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە ، تۆگە تۇيۇقسىز چۆكىۋاپتۇ . سودىگەرنىڭ تۆگىگە ئارتقان ماللىرى ئېقىپ تۈگەپتۇ .مالايلىرى سودىگەرنى مىڭ بىر جاپادا ئاران قۇتقۇزىۋاپتۇ .

 سودىگەر قىرغاققا چىقىپلا مالىيىغا - سەن دەرھال تۆگە بازىرىغا بېرىپ بۇ تۆگىنى ساتقان ئادەمنى تاپ ،ئۇنىڭغا ماۋۇ بىر ھەميان تىللانى ھەدىيە قىلغانلىقىمنى ئېيتقىن ، ئاندىن ئۆيۈمگە بېرىپ خوتۇنۇمغا مىنىڭ ئۇنى تالاق قىلغانلىقىمنى ئېيتقىن ،ئۆيدىن خالىغىنىنى ئېلىپ دەرھال يوقالسۇن ، _ دەپتۇ .
  مالاي ئىشنىڭ تىگىگە يىتەلمەي تۆگە ساتقۇچىغا تىللانى بىرىپتۇ . ئاندىن سودىگەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سودىگەرنىڭ سۆزىنى خوتۇنىغا  يەتكۈزۈپتۇ .
    ئايال ھۇدۇققان ھالدا _ ئەينى ۋاقىتتا ئانام دادامغا خىيانەت قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغاندا ،ئېرىم بۇ ئاناڭنىڭ خاتالىقى ، سەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دەپ مىنى ئەمرىگە  ئالغان ،ئەمدىلىكتە بۇ قانداق ئىش ؟- دەپ تۇرۇپ قاپتۇ .
 مالاي سودىگەرنىڭ قېشىغا كېتىۋىتىپ توساتتىن ئايال تۇرغان ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن ، بىر يالىڭاپ ئەرنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى سىزىپ قاپتۇ .
                        مەنبە ؛ چوڭلار ئاغىزىدىن .
  شۇڭا يىگىتلەر قىز تاللىغاندا ، دىيانەتلىك ، ئىمانلىق ، ئەخلاقلىق  ، ھايالىق قىزلارنى تاللىشى كىرەك . بۇنداق ئاياللارنىڭ تەربىيلىگەن پەرزەنتلىرىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بولىدۇ .  

ئەلى 2011-12-13 21:03
ھارۋىنى بۇزغان تانىسى،قىزنى بۇزغان ئانىسى.

ئۆركەش 2011-12-13 21:05
ھاھااھاھاھاھا توغرا دەيسىز....

نەزەرسالسام 2011-12-13 21:14
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم،

ۋولقان 2011-12-13 21:57
ياخشى تېمىكەن

تاھىربەگ 2011-12-13 22:27
ئەلى قان توغرا دەيدۇ

alim20 2011-12-13 22:56
ئالا  ئىنەكنىڭ  بالىسى چار  قۇيرۇق. شۇڭا  چوڭلار  ئانىغا  بېقىپ  قىزئال دېگەن ھېكمەتنى  قالدۇرغان.

sad~da 2011-12-13 23:57
شۇنداق قىلىپ ئانسىنىڭ سۇرىغا قىزى كەتتى دەڭلا .............مەن بۇخىل پىكىرگە قارشى بىزگە ئانسى ئەمەس قىزى كىرەك قىزى دىيانەتلىك بۇلدىكەن ئانسى بۇزۇق بولسىمۇ كارايىتى چاغلىق

تەۋىپىق 2011-12-14 00:03
ياخشى تېمىكەن!

asad0999 2011-12-14 00:22

natsist 2011-12-14 00:53
ھىندىستاننىڭ بىر كىنوسى ئىسىمگە كەپ قالدى

muzepper 2011-12-14 03:10
مەن بۇرۇن پەقەت ئاڭلىماپتىكەنمەن. قىزىقارلىق، ھەقىقەتەن ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك تېما ئىكەن.

مۇسلىم، 2011-12-14 08:38
قىزقارلىقكەن ئۇ ئانىسنىڭ سۇرىغا كەتكىنى يوق ئۆزىمۇ شۇنداقكەنغۇ ئەنە يېزلىپتۇ شۇنداق دەپ ......
رەخمەت تەشەككۈرلەر بولسۇن ...!!!   

amatullah 2011-12-14 10:32
بۇ ئىشلارغا نېمە دېگۈلۈك؟    ئاللاھتىن پاناھ تىلىمەي نېمە ئامال؟  

aces 2011-12-14 10:55
"قاندا بار " دىگە ن شو.

199421 2011-12-14 12:50
ئالامەت يىزىپسىز

راسچىل 2011-12-14 14:29
تۇگە  ساتقۇچى  ھەقىقەتەنئادىل  سودا  قىلىدىغان  ئادەم  ئكەن  ئەگەر  ھازىرقى  سودىگەرلەردەك  گوللاپ  ساتماي

muslima32 2011-12-14 18:50
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەمشىرەم ئىسىل تېمىكەن.

رەشىدە 2011-12-14 21:06
ئاللا رەھمەت قىلسۇن

otukan 2011-12-14 21:34

mutusup 2011-12-14 21:38
ھەممە ئەھۋال ئوخشاش بوپكەتمىسە يا! بىر تەرەپلىمە سۆزلىسەك بولماس!

ohho~duqu 2011-12-14 22:29
كۆپ ۋاقتى سىرتتا ئىشلەپ ئۆتىدىغان ئەرلەنىڭ ئاياللىرىغا ئاللاھ كۆڭلىگە ئىنساپ-ئىمان بەرسۇن ئامىيىن

ئىزھار1 2011-12-14 22:31
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قىرىنداشلار بۇنى مۇتلەقلەشتۇرۇش تۈپتىن خاتا بۇنى بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى رىئاللىقمۇ قەتئىي ئىنكار قىلىدۇ ، ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق نۇرغۇن ئىسىل كىشىلەرنىڭ باللىرىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ناچار ، شۇنچە ناچار كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن ناھايىتى تەقۋادار ، ئىخلاسمەن ، ئەخلاقلىق ئىكەنلىكىنى كۈرىمىز ، لىكىن ئاتا-ئانىنىڭ دىن - دىيانەت ، ئەخلاقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ ، چۈنكى پەرزەنىت ئاق قەغەزگە ئوخشاش قەلبى پاك ھالەتتە ئىسلام ئۈستىدە دۇنياغا كىلىدۇ ، ئۇنى ئىخلاسمەن مۇسۇلمان قىلىپ ياكى دىنسىز ، ئەخلاقسىز ، ئاللاھنىڭ ، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ۋە ئىسلامنىنڭ دۈشمىنى قىلىپ تەربىيلەش ئاتا-ئانىغا باغلىق . ھەقىقەت شۇكى كۈپىنچە ئەھۋالدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىدىن باشقا پەرزەنىتلەر ئاتا-ئانىنىڭ ئىتقاد ،ئەخلاقلىرىنى ئۈزىگە سىڭدۈرگەن بۇلىشى ئىھتىمالغا يېقىن .
ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشى ، سالىھ ، ئاللاھ تەرەپتىن بىرىلگەن ئامانەتنى جايىدا ئادا قىلالايدىغان ئاتا-ئانىلاردىن قىلسۇن !  ئامىن !

latifa 2011-12-15 12:16

بىگان 2011-12-15 14:21
شۇنداقمۇ لىللا گەپ قىلىپسىز،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

dunyazad 2011-12-15 17:03
  بۇ  تېمىداكونىلارنىڭ « قىرغاق كورۇپ  بوز  ئال،  ئانا  كۇرۇپ  قىز  ئال »   ماقال -  تەمسىلىي  ئۆز  ئىپادىسىنى  تاپقاندەك  تۇردۇ..

rabiya 2011-12-16 00:40
ئاللاھ رەھمەت قېلسۇن

زەرىفە 2011-12-16 07:45
    

domika 2011-12-16 16:48
ئاللا رەخمەت قىسۇن

saprabag 2011-12-17 03:45

yaxauyhur 2011-12-17 04:01
ياخشى تېمىكەن!

قاشتىشى 2011-12-19 16:32
مەن ياقتۇردۇم بۇ تىمىنى ، راسلا شۇنداق.

ئەسلىم0998 2011-12-22 20:26
بۇ  ئىشلار مىنىڭچە  شۇ  دەۋىر دىكى كىشلەرنىڭ ئىتقات ساپاسى بىلەن بىۋاستە  مۇناسىۋەتلىك
ئاللا ھەممەيلەنگە مۇستەھكەم ئىتقات ئاتا قىلسۇن


查看完整版本: [-- بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.058274 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us