باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1555 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نىمىشقا ئويلانمايمىز؟
دوستلىشىش
يۈسۈپچان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9088
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 74
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە74دانە
ئۆسۈش: 1260 %
مۇنبەر پۇلى: 1360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-28
ئاخىرقى: 2012-05-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-12 20:03

نىمىشقا ئويلانمايمىز؟

بىر مۆتىۋەر يولدا كىتۋېتىپ يول بۇيدا ئۈچ ئادەمنىڭ تام قوپۇرۋاتقانلىقىنى كۈرۈپتۇ،ۋە ئۇلاردىن:
-نىمە قىلۋاتىسىلەر؟ دەپ سوراپتۇ،بىرىنچىسدىن:
-تام قوپۇرۋاتمەن-دەپتۇ،ئىككىنچىسى:
پۇل تېپۋاتمەن-دەپتۇ،ئۈچۈنچىسى :
ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا ئۆي سالماقچى مەن-دەپتۇ،
ھېكمەتنى ئۈزى تەستىقلايدىغان كىشلەر بۇھېكايىدىن تۆۋەن دىكدەك خۇلاسە چىقىردۇ:1-نەزىدە تام قوپۇرۇش خىشنى لايبىلەن ئۈستى ئۈستىگە چاپلىسلا بۇلدىغان ئىش،كاللا ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق،ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ چۈشەنچىسى بىلەن بىرئۆمۈر سۇۋاقچىلىق،تامچىلىق قىلىپ ئۆتۈپ كىتىشى مۇمكىن،2-ئۆزىنىڭ ئازتولا قىممەت يارتالايدىغان لىقىنى بىلگەن بولسىمۇ،قانداق قىلغاندا تېخمۇ كۆپ قىممەت ياراتقىلى بۇلدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمىگەن،ئۇتاپقىنى ئۆزىدىن ئاشمايدىغان،جانباقار،كىشلەرگە پايدىسى يا زىينى يوق ئادەملەردىن بۇلشى مۇمكىن.3-قىلۋاتقان كەسپىنى چۈشەنگەن ،قانداق قىلغاندا ئۆزئىشنى تېخمۇ ياخشى قىلغىلى بۇلدىغانلىقىنى چۈشەنگەن.ھازىرقى ئەھۋالىنى ياخشىلاش مۇمكىنچىلقىنى ئويلىيالىغان،ئۇ كەلگۈسىدە قۇرلۇش ھۆددىگرە ياكى داڭلىق ئارخىتېكتۇر بۇپ قېلشى مۇمكىن،بۇنىڭدىكى ھېكمەت،شۇنچىلىك ئاددى.لېكىن شۇنچىلىك چۇڭقۇر.ئەمدى ئۆزڭىز قىلۋاتقان ئشلىرڭىز ھەققىدە ئوبداناراق بىر ئويلىنىپ بېقىڭ:ھېلقى مەدكارغا ئوخشام دىكەنسىز؟جانباق تىغمۇ ياكى ئارختېكتۇرغىمۇ؟ بۇپاكىتنى ئىقرار قىلماي ئامال يوق.كۆپىنچىمىز  تامچىلىقنى ەقەت تام قوپرۇش دەپلا چۇشىنمىز ، قىلۋاتقان ئىشمىزغا نىسبەتەن بۇ ھىكايىدكى 1-ياكى2-ئادەمدەك مۇئامىلە قىلمىز،ئۆز كەسپىنى چۈشەنمەسلىك جمئىيتىمىزدىكى ئڭ ئجەللىك،ئۇمۇمىيۈزلۈزك كىرزىسنىڭ بىرى.
ئەقىلسىز باشنىڭ دەردىنى پۇت تارتىدۇ،دېگەندەكزور كۆپچىلكىمىز كاللىمىزنى ئىشلەتمەي پۇت-قۇلمىز ئارام ئالال مايۋاتقانلاردىن گەپ مۇنداق قۇيۇلسا زاكۇنغا قايىل بولماسلىقڭىز مۇمكىن،تارتىۋاتقان جاپا بىلەن قولغا كەلتۈرگەن نەتجىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا ھممە ئايان بۇلدۇ،بىرگەپ بولسا سوغوق قان بولماي،بىز تولا ئويلانغان ،يەنە دىسەك يەنە شۇگەپ دەپ قاراپ نۇرغۇن ئاددى ئەمما مۇھىم مەسىللەرنى نەزىرمىزدى ساقىت قىلۋاتمىز-دە،كۆپھاللاردا شۇتەتۈرلىكمىز بىزنى ئاچچىق نادامەتكە قۇيدۇ.ئەمسە ئۇقۇتقۇچىللىرمىز ئۆز خىزمىتى مائارىپ ھەققىدە قانچىلىك ئويلىنىپ باقتى؟باشقىلارچۇ؟ئېيتايلۇق ،ياغاچچى،سەيپۇڭ،تۈمۈرچى،رېمنۇتچى،ئۇقۇتقۇچى،ئۇقۇغۇچى،كادىر،ھېساپچى،تەنەركەتچى،يازغۇچى-شائىرلىرمىز،ئىشچى دېھقانلىرمىز، ئۆزلىر قىلۋاتقان ئىشغا ئەقىلكۆزىدە قاراپ،تېخمۇ ياخشىقىلىشقا،ھازىرقى ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا ئۇرنۇپ كۆردىمۇ؟دىقىتمىز ھەمىشا يىراقتىكى غۇۋا نەرسىلەردە بولغاچقا،پۇتمىزدىكى تاشلارغا پۇتلىشىپ يۈرمىز،بىزگە ئەڭ يېقىن نەرسىلەر نەزىرمىزدىن ساقىت،خۇددى ئادەم ھەردائىم باشقىلارنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ ،ئۈزىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ،شۇڭلاشقا،مەسىللىرمىزدۆۋلىنىپلا تۇردۇ.
مانا سادىر قىلۋاتقان خاتالىقلىرمىز شۇنچىلىك ئاددى،لىكىن شۇنچىلىك ئەجەللىك.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىزگە ھەمىشە يۇلقۇپ تۇردىغان ئىشلارغا ئادەتلىنىپ كەتكەنلىكمىز ئۈچۈن،باش قاترۇش دائىرمىزنىڭ سىرتىدا قالغان.ئەمىلتەتتە بىز كۈڭۈل بۆلمەيۋاتقان نۇرغۇن ئىشلارنى بىزگە پايدىلىق نۇرغۇن نەرسىلەر يۇشۇرىنغان،پىكىرقىلىش ئادىتگە ئىگە كىشلەر ئۈچۈن ھەرقانداق بىرئىش،ۋەقە،بىرتال يۇپۇرماق،بىرتامچە سۇغا قەدەر بىر ھېكىمەتكىك دۇنيانىڭ ئىشلىردىن ئىبارەت،بىراق بىز ھەمىشە ھېكىمەتنى باشقىلاردىن ئىزدەپ،قۇبۇلقىلىپ كۈنۈپ قالغاچقا ،ئۆزقۇلمۇزدىكى ھېكىمەت ئىشىكلىرنىڭ ئاچقۇچلىرنى تۇنىيالماي يۈرۈيمىز،ئويلانماسلىقمىز ھەرگىزمۇ ھەممىنى بىلدىغانلىقمىزدىن ئەمەس،ئۆزەم كىچىك ئەقلىم چولتا بولسىمۇ ياشاش تەجىربىللىرىمدىن ،شۇنى چۈشەندىمكى ،بىلۋاتقانلارلا ئويلىندىكەن ،ئويلانغنلارلا تېخىمۇ كۆپ بىلدىكەن،بىلمىگنلەرلا ئويلانمايدىكەن،گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە،قەدىمقى يۇناننىڭ  مۇنۇ ھىكايىنى قىستۇرغۇم كىپ قالدى:
بىرمەشھۇر پەيلاسۇپتىن شاگىرتلىر سوراپتۇ: -ئۇستاز سىز شۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى بىلسىز،لىكىن توختىماي ئۆگۈندىكەنسىز،بۇنىمە ئۈچۈن؟ دەپ سراپتۇ،پەيلاسوپ يەرگە  كىچىك چەمبەردىن بىرنى چوڭ چەمبەردىن بىرنى سىزىپتۇ ۋە بۇ كىچىك چەمبەردىكى سىلەنىڭ بىلدىغنىڭلا چوڭ چەممبەردىكى مىنىڭ بىلدىغانلىرىم،چەمبەرنىڭ سىرتىدكىسى بولسا بىزگە ناملۇم نەرسىلەر،قاراڭلارچوڭ چەمبەرنىڭ نامەلۇم نەرسىلەرگە تىگشىپ تۇرغان يۈزى كىچىك چەمبەرنىڭكىدىن چوڭ،بىلدىغانلىرىم كۆپەيگەنسىرى بىلمەيدىغانلىرىم شۇنچە كۆپۇيۇپ ماڭىدۇ دەپتۇ،
ھېكىمەت ئاشكارىدۇر،ھېكىمەتنى پىنھاندىنئىزدەپ يۈرگەن كىشلەرگە ھەيرانمەن،،بىزدە ئۇقۇتقۇچى شۇنچە كۆپ،بۇلاردىن قانچىسى مائارىپمىزنى ئىلمى ئۇسۇلدا تەتقىق قىلىپ ھەقىقى پىداگوگ،مائارىپ شۇناسلارغا ئاينىلالىدى؟بىر ئۆمۈر ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان بولسىمۇ باشقىلارغا ئۆرنەك ئالغۇدك ئۇقۇتۇش تەجىربىسى يەكۈنلىيەلىدى،نۇرغۇن تالانتلىقلار دەرۋازىۋەن ،زااسخور بۇلۇپ قانچىلكى پىشقان مەشقاۋۇل بۇلالىدى؟سەيپۇڭلىرمىز تۆت بەش شاگىرت يىغىپ كىيىم تىكلىپ ياماق ياماپ ئۈتۈپ كەتتى ،قانچىسى بىر كىيىم تىكىش كارخانس قۇرالىدى؟ۋېلىسپىت رىمنتچىسى موتو رىمنۇتچىسغا،موتو رىمنۇتچىسى ئايلىنالدمۇ ؟ بىرەرى رىمنتچىلىق زاۋۇتى قۇرالىدمۇ؟ ھۇقۇقنى دىكتاتۇر يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئەمەس ،مەجبۇرىيەت ئادا قىلغانلىق دەپ چۈشەنگەن ئەمەلدارلار قانچىلىك؟ دېھقانلىرمىز ئەۋلاتمۇ ئەۋلات دېھقانچىلىق قىلىپ كەلدى،دېھقانلاردىن يېزا-ئىگلىك ئالىملىرى قانچىلىك؟يازغۇچىللىرمىزدىن قانچىسى نىمە ئۈچۈن يىزىۋاتقانلىقنى چۈشىنەر،ئەدىولىرمىزدىن ئەلگە روھىيەت بايرىقى بۇلالىغانلار قانچىلىك؟ئەگر قەلەم كەشلىرمىزگە قەلەم ھەققى بىرىلمىسە قەلەم كەشلىرمىزدىن يېرمى قالارمۇ؟
مانا بۇ كۈرۈنىشلەر بىزنىڭ ھەقىقى ھالىتمىز،بۇ ماھىيەتتە كاللىمىزنىڭ ئىشلىمەيدىغانلىقدىن ئەمەس ،كاللىمىزنى ئىشلەتمىگەنلىكمىزدىن بۇلۋاتدۇ.
بىزدە ئۆزكەسپىنىڭ ئەھمىيتى،ئىجتىمائى قىممىتى ھەققىدە ئويلانغانلار ،شۇ ئويلىنىشتىن يول تېپىپ گۈللەنگەنلەر  نەتىجە قازانغانلار بەك ئاز،ئارمىزدا نەتىجە قازقنغانلارنىڭ ئاز بۇلشى قىلۋاتقان ئىشنىڭ ناچارلىقدىنلا ئەمەس ،بەلكى ئەڭ مۇھىمى شۇكىشلەرنىڭ قىلۋاتقانلىرى ھەققىدە ئويلانمىغانلىقىدىن،ھىچقانداق پۇرسەت بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس،بەلكى پۇرسەت بايقالماي قالدۇ،بىز پەقەت ئۆزمىزنىڭ بىخۇتلىقى تۈپەيلىدىن بارماق چىشلەپ قالمىز،

بىر دەيانىڭ ئۇ قېتىدا ئالتۇن كېنى بايقىلىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشلەر دەريادىن ئۈتۈپ ئالتۇن قىزىشقا بەس-بەس بىلەن ئاتلىنىپتۇ،ئككى ئەيلەن ئالتۇن قىزىشقا بارماي ،دەريادا كىراكەشلىك قىلىپ نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ. پۇرسەت دىگەن مۇشۇنداق.

بىربىرى بىلەن خوشنا ئككى ئۈگىرخانا بارئىكەن تاماخلىرنىڭ سۈپتى مۇلازىمتى ئوخشاش ئىكەن .بىرى ئۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ بېقىشى مەقسىتىدە:ئاۋال سولتەرپىدكى ئۈگۈرخانىغا كىرىپتۇ.كۈتكۈچى ئۇنىڭدىن ئۈگۈرگە تۇخۇم سالايمۇ دەپ سوراپتۇ؟ بولدى سالماڭ
ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى ئۈگۈرخانىغا كىرىپتۇ.كۈتكۈچى ئۇنىڭدىن ئۈگۈرگە تۇخۇمدىن ئككىنى سالايمۇ بىرنىمۇ دەپ سوراپتۇ؟ بۇپتۇ بىرنى سېلىڭ دەپتۇ،
سەۋەبىنى چۇشەنگەنسىز.بۇنداق كالل ئىشلىتىشكە ئالى مەلۇمات يۇقرى بىلىم سەۋىيە كەتمەيدۇ .
ناۋادا رادىل ئابلا(ئارمان شىركىتنىڭ باش دىرىكتۇرى)شاڭخەي ئۇزۇقشۇناسلىق كەسپىدە ئۇقۇۋاتقان چېغدا ئۆزىنىڭ ئۆگىنۋاتقىنى بىلەن نىمە ئىش قىلغىلى بۇلدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەن،يەرلىك مەھسۇلاتلارنى تېخنىكىلىق پىششقلاپ ئىشلىسە،تېخمۇ ئقتىسادى ئۈنۈم ياراتقىلى بۇلدىغانلىقنى ئويلىمغان،ئۆزىنىڭ ماگىستىرلىقىغا قانائەت قىلىپ ئارمانىمغا يەتتىم دەپ يۈرگەنبولسا،تىۋىپلىرمىز نۇقۇتنى ھاۋانچىدا تالقانلاپ يۈرگەن،ئۆزىمۇ مەلۇم خزمەت ئورنىدا تەتقىق قىلمەن ،ئىلغاربۇلمەن دەپ يۈرگەن بۇلاتتى،ئۇ چاغدا ھازىرقى ئارمانى ئىشقا ئاشامتى؟ يېقنقى 500يىلدىن بۇيانقى ئالىملارنىڭ كۈپى غەرىپتىن چىققان،ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇرغىنى ئالىم كەشپىياتچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈزگەرەك مائارىپ نەزىريىسى كۆرمىگەن ئىشچى ھۈنەرۋەنلەردىن ئىبارەت .
بۇيەردە ھورماشىنىسنى كەشىپ قىلغان ۋات ،پاراۋۇزنى كەشىپقىلغان ستۋېنسسنلارنىلا تىلغا ئالدۇق مەكتەپتە تۈزۈك ئۇقۇمىغان ئېدسون،لومونوسونلارنى نېمە دەيمىز؟ماكىس ۋىېبرا<<يېقىنقى زامان غەرىپ دۇنياسى ئەقلىلىك ئىزدىگەن روھنىڭ مەھسۇلى>>دېگەنىدى،بۇ يەردىكى پەرىق غەرىپلىكلەرنىڭ باشقا غەيرى غەرىپ ئەللىرگە قارىغاندا،پىكىر قىلىش كاللا ئىشلىتىشكە ماھىر بولغنلىقدا،ئىجادىيلىق يېڭلىق يارتىش روھى ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى قۇدىرتىنىڭ ماھىيەتلىك دەسمايىسدۇر.
بىرمىللەتنىڭ پىسخىك قۇرۇلمىسى،پەزىلىتى خارەكتىرى،خىسلىتى شۇمىللەتنىڭ رىئال ئەھۋالى،ئىستىقبالىنى زور دەرىجىدە بەلگىلەيدۇ،ئۇيشۇپ بولغان مۇقىم پىخىكنىڭ مىللەتكە بولغان تەسىرى مۆلچەرلۈگسىزدۇر،بۇخىل پىسخىك قۇرۇلما شۇمىللەتنىڭ تارىخى كەچۈرمىشى،جۇغراپىيلىك شارائىتى،مەدىنيەت،تۇرمۇش ئادىتنىڭ تەسىردە ئاستا-ئاستا يىغلىپ نىسپى تۇراقلىق ھالەتكە كىلدۇ،دېڭىزبۇيى خەلىقلىرنىڭ پىسخىكىسى چۆلخەلىقنقنىڭكىگە مۇستەملىك خەلىقنىڭ پىسخىكىسى ئەركىن مىللەتنىڭكىگە،تېرىقچىلىقبىلەن ھايات كەچۈردىغانلانىڭ پىسخىكىسى سۇ،يايلاق قوغلشۇپ يۈردىغانلارنىڭكىگە ئوخشاتقىلى بولمايدۇ،بۇخىل نىسپى مۇقىم پىسخىكا شۇمىللەتنىڭ ھەرخىل ئىجتىمائى،سىياسى ،مەدەنىپائالىيەتلەرگە سەۋىيسىنىڭ يۇقرى تۆۋەنلىكى ئۈنىمىنى بىۋاستە بەلگىلەيدۇ،بۇخىل پىسخىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ساقلاپ قېلىشقا تىگىشلىك ئاجايىپ گۈزەل خىسلەتلەر،ئادەمنى يىرگۈندىردىغان،مىللەتنى زالالەتكە قارا تۈنگە باشلايدىغان نجىس خسلەتمۇ بۇلدۇ،بۇيەردە بايانىمىز گۈزەل خىسلەتلىرمىز ئۈستىدە ئەمەس بەلكى مەنىۋىيتىمىزگە چۈشكەن ۋابا،ئاتا مىراس خىسلەتلىرمىز ئەقىل نامراتلىقى ئۈستىدە بۇلدۇ،ئەلۋەتتە بۇ بەھىس قىلىنمىغان تىما ئەمەس،لىكىن كىشلىرمىز ئۇنتۇپ كىتىپ تېخىچە تاشلىۋېتىلمىگن خىسلەتتۇر،ھەقىقەتلەر شۇنۇڭ ئۈچۈن تەكرار تەكرار سۆزلىنىۋىرىدۇكى ئىنسان ھەمىشە ئۇنى ئەستىن چىقرىپ قۇيۇپ ،ئۇنى تەكرارلاش تەقەززاسى پەيدا قىلدۇ،ناۋادا ئىنسان ئۇنتىغاق بولمىغان بولسا ئاللاھمۇ بىر پەيغەنبەر بىلەن كۇپايىلەنگەن،كۈندىزى ماڭىدغانلار ئۈچۈن قۇياشنلا يارتىپ كېچىسى ماڭىدىغانلارا ئاينى ياراتماس ئىدى(ئەلۋەتتە دانالدر ئىنسانىيەت يولتۇزدۇكى يۇلتۇزلاردۇر)،دۇنيادا ھەقىقەت بىرخىللا بۇلدۇ،پەقەت ئۇ تەكرارلىنىپ تۇردۇ،ۋە ئوخشىمغان زامان ماكاندا پەرىخلىنىپ تۇردۇ،گەرچە ئتالمىش قىممەت قاراش،پەلسەپە،ئىدولوگىيە مەۋقەلەردە ھەقىقەتنىڭ ئۆلچمى ھەرخىل بولسىمۇ<<بەزىدە جاھالەتمۇ ھەقىقەتنىڭ تونىنى كىيىپ كىشلەرنى ئەسىرلەپ ئالدايدۇ>>،بىراق ماھىيتى تەنىلا بىر،چۈنكى بۇ ھەقىقەتنىڭ ئىجراچىسى،ئۇبېكتى بىر-بىربىلەن يىلتىزداش ئىنسان ئەسىرلەپ ئىلگىركى دانىشمەنلىرمىز ئېقان دۇردانىلەرنى ھازىرمۇ قەدىرلەپ ئاڭلاپ قەدىرلەپ ئەمەل قىلۋاتمام دىمىز؟مۇسۇلمانلارمۇ 14ئەسىر بۇرۇنقى قۇرئان كەرىم ،ھەدىس لەرنىڭ كۆرسەتمىللىرنى ھازىرمۇ مۇقەددەس بىلىپ تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئالى مىزانى قىلىپ ياشاۋاتمامدۇ،
ئېينىشتىنمۇ:<<ماڭا نىسبەتەن مىنىڭ ئىلىم پەن مۇۋاپىقىيەتلىرىمدىن يەنىلا ئىسا،مۇسالارنىڭ ۋەز نەسىھەتلىرى ئەلا>>دېگەنىكەن،ۋۇجۇدىمىزدا ھىسىياتنىڭ ئەقىلدىن ئۈستۈن تۇردىغنلىقنى، داۋۇت ئۇبۇلقاسىمنىڭ"<<تەبئى-پەن روھ ۋە بىزنىڭ ئىجادىيتىمىز >>(بۇ ماقالە شىنجاڭ مەدىنيىتى ژۇرنىلنىڭ 1995-يىلى2-سانىغا بېسىلغان) دىگەن ماقالىسدە تولمۇ قايىل قىلارلىق شەرھىيلەپ ئۆتكەن دېمىسمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ؟بىزدە قۇتادغۇ بىلىكنى ھىساپقا ئالمىغاندا،ئەپىلاتوننىڭكىدەك<<غايىۋى دۆلەت>>،ئارىستىتوتىلنىڭكىدەك <<سىياسى شۇناسلىق>>،مورنىڭكىدەك<<ئوتوپىيە>>،روسسونىڭكىدەك<<ئېمىل>>،<<ئىنسانىيەت تەڭسىزلىكنىڭ كىلىپ چىقشى ھەققىدە>>،<<ئىجتىمائى كىلشىم نەزىريىسى>>،ساتىرنىڭكىدەك<<مەۋجۇدىيەت توغرىسدا>>گېگىلنىڭكىدەك<<پەلسەپە تارىخىدىن لىكسىيە>>،نېتىرنىڭكىدەك<<ھوقۇق ئىرادىسى>>،يەنە باشقا سوپىننائوئېر،ۋولتېر،دىكارت،ماخ،جون دىۋىي،يېقىنقى زاماندىكى ماكىس ۋېبىر،سپېنسسېر،ئېملدۇركىم،ئارنۇلىر توينبى،روسبىللارنىڭ ئەسەرلىرنى تىلغا ئالمىدۇق دېگەندەكتىرىك پەلسەپىۋى ئىجتىمائى ئەسەرلىرى ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلدىمۇ؟ھەتتا ئىسلامدىننى قۇبىل قىلغاندىن  كىيىنمۇ فارابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ  ئىبنى سەنا ئەلشىر نەۋائى،ئابدىقادىر داموللاملاردىن باشقا جالالىدىن رۇمى،ئىبنى تەيمىيە،غەزالى،ئىبنى رۇشەيدە،ئەھمەد تەسەۋى،مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب،جامالىدىن ئەپغانى،مۇھەممەد ئابدۇ،ئىسمائىل بەگ غەسفىرەنكى <موسا جارۇللادەك پىشىۋالار ئەمەس <<مەھەللىۋى زاتلارنى ساناپ يۈرمىدۇق>> غوجامۇھەممەد شىرىپ پىرىم،مەخمۇد ئەززەم ،غوجا ۋەلىخان تۆرىلەردەك،جاھالەت پىرلىرى مەيدانغا كەلدى ئەمەسمۇ؟ شۇنى بىلمەي بولمايدىكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ خەلىقنىڭ تەجدىرىگە مۇناسىۋەتلىك رىئال ھالقىلىق ،مەسىللەردىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى،چاينالغان تىمىلار قايتا-قايتا چاينالدى،بىراق بىزدە مۇنداق ئەسەرلەر بازارلىق بۇلىۋەردى،<<غېرىپ-سەنەم>>،<<تاھىر-زۆھرە>>،<<پەرھات-شىرىن>>قېلپدكى ئەسەرلەرنىڭ قانچىلىك كۆپلىكى ئەدىپلىرمىز گە ئايان،خۇددى ئويغۇر جمئىيتىدە مۇھەببەتلىشىشتىن باشقا تىلغا ئالغۇدەك ئىشيوقتەك،قارىغاندا،قاسساپ ياغ قايغۇسدا،ئۆچكە جانقايغۇسدا، دېگەن ماقالە بىزە بېكارغا چىقمىغان ئوخشايدۇ،ئەدەبىياتىمىز خەلقىمىزگە پەقەت تەسەللى شەربىتى ئشكۈزۈپ پەپىلەپلا كەلدى،يىغلىتىلدى،كۈلدۈرىلدى لىكىن ئويلاندۇرۇلمىدى،ئۇلۇغۋار ئىشلار ئويلىنىشتىن چىقدۇ،ناۋادا يىغنىڭ قۇلدىن بىرئىش كەلگەن بولسا ،ئاياللار مەخسىتگە يەتكەن بۇلاتتى،كەيپىيات خۇددى پاخال ئوتقا ئوخشايدۇ،گۈررىدە كۈيدي،ھارارىتنى ھىسقىلىپ بولغىچە ئۈچدۇ،كۆپچىلكىمىزدىكلى ئوت شۇنۇڭغا ئوخشايدۇ،ئېھتىمال تارىختا ئىسلامدىنى قۇبۇل قىلىنغاندىمۇ شەكلەن قۇبۇلقىلغان بولسا كېرەك،ساددىلقمىز ئەخمەقلىغمىز(قۇبۇل قىلغاننى چۈشەنمىگىنمىز)تۈپەيلىدىن ئىسلام نامىدكى بىر پەتىۋاغا سۆسسىز باش ئەگدۇق،تابۈگۈنگە قەدەر يالغان پەتىۋالارنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كەلمەكتىمىز،باشقىلارنىڭ دىگىننى دەلىللەپ باقىدغان روھ بىزدە بولمىغاچقا ،خوقامۇھەممەت شىرىپ پىرى:<<پۈتكۈل نىنى ئىشلارنىڭ ھۇقۇقى پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىغا خاستۇر >>دىسەھەركىم پەيغەنبەر <<سىلەرگە قارا قۇل باشلىق بولسىمۇ گېپىنى ئاڭلاڭلار>>دىگەن دەپ ،ئاتالمىش ئۇلۇق زات پىرلاردىن مازار-شەيىخلەردىن مەدەت تىلەپ ،ئۇلارغا سېغنىپ يۈرگندە،كۈندە ئۇقۇيدىغان 32رەكەت نامازدىكى  سۈرە پاتىھە::<<رەببىم سڭىلا ئىبادەت قىلمىز سەندىنلا ياردەم سورايمىز>>دەپتىكەنغۇ دەپ مەخدۇم ئەززەم ><<كىشى بۇدۇنيادا ئازاپلانسا ئۇدۇنيادا شۇنچە راھەت كۈرىدۇ>>دېگەندە ئاللاھ قۇرئاندا:<<سىلەرگە پاك شىرىن نەرسىلەرنى كىم ھارام قىلدى؟ ئىززەت ھۆرمەت پەقەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە مۆئمۈنلەرگە خاستۇ>>دەپتىكەنغۇ دەپ؟ئاپپاق خوجا<< بىرەر كىشى دىننىڭ پۇتۇن ئەركانلىرنى ئۇرۇندىغان تەقدىردىمۇ،ئەگەر ئەۋلىياغا قولبەرمىسە،ئىشەنمىسە گۇناھكار بۇلدۇ، قىلغان ئىبادەتلىرى قۇبۇل بولمايدۇ>>دىگەن بۇ گەپئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسدا ۋاستىچى بولمايدۇ،دېگەن ئەقىدىگە خىلاپ دەپ ھىچقانداق سادا چىقماي ،خەلىق يەنىلا ھەممىنى ھەق بىلىپ يۈرى ۋەردىغ،مىللەتنىڭ ئەقىل پىرامىداسى شۇدەۋىر مىللەت ئاقىللىرنىڭ ئاز-ئازدىن ئەمگەك قۇشۇنى ۋە سىرىتتىن پايدىلىق جەۋھەرلىرنى قۇبۇلقىلىش بىلەن قوپۇرۇلدۇ، ناۋادا ئۇنداق ئاقىللار بولمىسا بولمىسا مىللەتنىڭ روھى ئۆزىنىڭ روھى بلالمايدۇ،بۇنداق روھ پاھىشىنىڭ تىنگە ئوخشايدۇ،ئۆز ئىختىيارلىقدا بولمايدۇ،بۇخىل روھ زەيكەش يەردەك سۈپەتلىك ئۇرۇقنىمۇ كۆيدىر ۋېتدۇ،مىللەت روھىنىڭ يىگلىشى ئاۋال ئىتقاتقا چۈشۈش بىلەن باشلىندۇ،بۇمۇ ئەقىلنىڭ گاللىشىپ ئىتقاتقا چۈشكەن قۇرۇتلارنى تازلاپ تۇرمىغانبلىقتىن بۇلدۇ،ئەقىل ساغلام بولمىسا ،ئىگىسگە پايدىلىق ئىتقادنى توغرا تاللىيالماي ئىگىسگە زىيانكەشلىك قىپ قۇيدۇ،بىزدە دەلىللەش،تەجىربىلىك روھنىڭ بولماسلىقى بىزنى بارغنسىرى رىئل مەسىللىرى ھەققىدە پىكىر قىلىش،ئۇنى ھەلقىلىشتىن يىراقلاشتۇرۇپ،ئالدىمىزدىكى تاغنى تالقان ،چۆلنى بوستن قىلدىغان جۈرئەتنى ،تاغنىڭ كەينىدە باغبارمىش دەيدىغان رىۋايەتلەرگە مست مستەغراق بۇلۇپ،شۇباغنى كۈنلەنىڭ بىردە بىرسى ئۆزيۇرتىغا بەرپاقىلىپ بىرىشنى تەمە قىلىپ يۈردىغان خىيالپەرەسلىككە ئالماشتۇردى.بىز ھەدىسلا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرمىزنى شۇدەۋىر شارائىتقا دۈڭگەپ ئۆزمىزنى پەردازلاشقا تولمۇ ئۇستا.ئەقىللىق كىشلەر خاتالىق ئۆتكسسە ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىدىن ئىزدەيدۇ،،ئاندىن نەزىرنى سىرىتقا ئاغدۇردۇ،لىكىن بىز ئېتىلماس ئوقتىن چىقالمدس پوقتىن دىگەندەك ئۆزمىزگە قىلچە ئالمايمىز،شۇنى سەل چاغلىماسلىقمىز كېرەككى،خاتالىق سەۋەنلىكلەر ئالدىدا ئاۋال ئۆزىنى جاۋاپكارلىققا تارتىپ بېقىش،ئاقىلانە ئىشتۇر،بۇبىزنى شۇخاتالىقنى تەكرارلاشتىن ساقلايدۇ،ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردۇ،ئۆينىڭ پاكىز تۇرشى ئەخلەت تاشلىمغانلىقتىلا ئەمەس ،بەلكى پات-پات تازلىنىپ تۇرغانلىقدىندۇر،ئادەمنىڭ ئۆزىنى جاۋاپكارلىققا تارتىپ ئۆزىدىن ھىساپ ئېلىپ تۇرشى ،ئۇنىڭ تازلانماي قالغان ئۆيدەك بۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدۇ،يېتەرسىزلىكنى خاتالىقنى  سەمىمى بوينىغا ئەپ تۇرۇش خاتالىق سادىر قىلماسلىقتىنمۇ ياخشى،ئۇ بىزگە زۆرۈر قاندۇرۇشقا تىگىشلىك ئېھتىياجنىڭ نىمىلكىنى تۇنۇتىپ تەپەككۇر خىياللىرمىزنى تاغنىڭ كەينىدكى باغدىن كۆزئالدىمىزغا  ئەپكىلدۇ،
ئىنسانىڭ ھەقىقى ئويغىنىش ھاياجاللانغانلىقى ئەمەس.بەلكى ئەقىلنىڭ ئاجايىپ بىر چۇڭقۇرلىققا كۆز ئاچقىندۇر،ئەقىلنىڭ سىلكىنىپ ئويغىنشى خۇددى زولمەت قاراڭغۇلىقنىڭ نۇرلۇق تاڭغا كۆز ئاچقىنغا ئوخشايدۇ،غەزەپلەنگەن بۇقنىڭ غەزىپىنى بېسىشقا پەقەت بىرباغلام بېدە كىتدۇ،غالجىرلاشقان ئىتقا سۆڭەك تاشلاپ بەرسە كۇپايە ،خاپا بوغان خۇتۇنغىمۇ ئىككى ئېغىزشىرىن سۆز كۇپايە،لىكىن ئەقىل ئوخشىمايدۇ،ئۇ سۈكۈت قىلدۇ.ھېسىيات يېتەكلاۋاتقان جەمئىيەتتە ھەقىقەتنىڭ نۇپۇزى بولمايدۇ،پىتنە-پاسات،بۇزۇق-ئىديە يولسىز ئەقىدە ئاسان بازار تاپدۇ،بۇنداق جمئىيەتنىڭ ئەزالىردا مۇستەقىل تەپەككۇر ئۆزىگە خاس چۈشەنچە بولمايدۇ،ئۇلار خۇددى قاچىغا ئوخشايدۇ:سۈت قۇيۇپ قويسىمۇ ساقلايدۇ سىيىپ قويسىمۇ ساقلايدۇ،ئەقىدە-ئىديەلەرنى پات-پات ئىچكىيىم يەڭگۈشلىگەندەك يەڭگۈشلەپ تۇردۇ،بۇلارنى بۈگۈن مەسچىت سالدۇرغىلى ئەتە چاقتۇرغىلى بۈگۈن قۇرئان كۆيدۈرگىلى ئەتە يادلادقىلى بۇلدۇ،<<ئۇلارنىڭ ساۋاتسىزلىرى كىتاپنى ئۇقىمايدۇ ئويدىرمىلانى بىلدۇ گۇمان بىلەن ئىش قىلدۇ>>(قۇرئان كەرىم :سۆرە بەقەر 78-ئايەت)بۇجەمئىيەت ئەزالىرنىڭ ئوتتىرچە يېشى60 قا يەتسىمۇ،قىلېاتقان ئىشلىردىن ياشانغان دانىشمەنلەرگە خاس ئېغىر بېسىقلىق،ئاقىل دانالىقنى،كۆرگىلى بولمايدۇ،بۇجەمئىيەت ئەزالىرى ئۆزىنىڭ نىمە قىلۋاتقانلىقنى نىمەقىلىش كېرەكلىكنى بىلمەيدۇ،ئۇلار ئارقىدا قالسا ئۇنى ئۆزىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقدىن كۆرمەي ،باشقىلارنىڭ تىزمېڭىپ كەتكەنلىكدىن كۆرىدۇ،مېڭىسى بار ئويلىمايدۇ،كۈزى بار كۆرمەيدۇ،قۇلقى بار ئاڭلىمايدۇ،قەلبى بار ھىسقىلمايدۇ،بۇلار دېڭىز دۇلقۇنلىرى ئارسىدكى يەلكىنى يوق كېمىگە چىقىپ قالغان كىشلەردۇر،تاكى ئەقىلگە ماغدۇر كىلىپ بولغىچە دېڭىزدا مەقسەتسىزلا لەيلەپ يۈردۇ،بۇيەر دە قوساق تويغىزىشتىن باشقىسى مۇھىم ئەمەس ،بىر قارىسڭىز شۇنداق قايناق،بىر قارىسڭىز ھەممە ئۇيقىدا،بۇ جەمئىيەتتە باتۇرلۇق بۇلدۇ،بۇ تولمۇ ئەخمىقانە،بۇلار بىلەن كۈلگۈنچەك بىلەن يىغلاڭغۇ تولا،بۇلار يىگىلى بولماي دىغان نەرسىلەرگە قىزىقمايدۇ،رېئاللىق ئۆزىدىن قاخشاپ يۈرگەن زەيپانىلەرگە پىسەت قىلمايدۇ،رىئاللىقتىن پايدىلانمىغانلار رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ،بۇپەقەت ئەقىللىقلەرنىڭل قۇلدىن كىلدۇ،
ئەقىل روھنىڭ يىگلىشى بىرمىللەتنى خىروئىندەك خورتىۋېتىدي،بىھۇدىلىك تولمۇ كۆپ بۇلدۇ.ئۇ بىر جەمئىيەتتىكى ئۇيقىنىڭ داۋاملىشىشىدىن بىشارەت،ئەقىل روھىدىن مەھرۇم خەلىق ئۆزىنىڭ ئۇيقىغا كەتكىننى ئادەم ئۆزىنىڭ نەچچىدە ئۇخلاپ قالغىننى بىلمىگەندەك بىلەلمەيدۇ،ھاياتلىقلا بۇلدىكەن ئۇيقىدىن خالى بۇلۇش مۇمكىن ئەمەس،ئۇخلىمايدىغان ئادەم بولمىغىندەك ،ئۇخلاپ قالمايدىغان جەمئىيەتمۇ بولمايدۇ،ئەڭ مۇھىمى پات-پات ئويغۇنۇپ يۈزكۈزىنى يۇيۇپ سەگىدەپ تۇرۇش  ئەتراپىغا زەن سېلىپ بېقىش زۈرۈر.
بىر ئادەمنىڭ سەرگۈزەشتىسى بىر ئادەمنىڭ سەپىرىگە ئوخشايدۇ،،ئادەم ئاتقا ئولتۇرۇپ ئاتنىڭ تىزگىنى قولدىن چىقىپ كىتىشى،ئات ئۇنى باشقا يوللارغا باشلاپ كىتشى مۇمكىن ،(چۈنكى ئەڭ قاباھەتلىك ئىشلار ئادەم مۇگدەپ قالغاندا يغز بىرىدۇ)،ئادەم پات-پات ئويغۇنۇپ ئات تىزگىننى تارتىپ تۇرمىسا ئۇبارسا كەلمەس يولغا كىرىپ كىتىدۇ،دىمەك مۇەدەپ قالماسلىق مۇمكىن بولمىسمۇ ،ئۇيغۇنۇپ تۇرۇش تمامەن مۇمكىن كۆزئالدىمىزدىكى ئەسىر ئاجىزلارنى ساقلاپ تۇردىغان ،رەھىم قىلدىغان ئەسىر ئەمس،بۇ ئەسىر بىلىمسىزلەر گە نىسبەتەن ئادەم ئەلەيھىسسالام زىمىنغا چۇشكەندىكسەك ناتۇنۇش،دېمەك يېڭى ئەسىر غالىپلار ئەمگەكنى كۆپ قىلدىغانلار ئارسىدىن ئەمەد،ئەمگىكنى ئاقىلانە قىلدىغانلار ئارسىدىن چىقدۇ،بىزنىڭ باشقا ساھەدىكى نەتىجىللىرمىزنىمۇ نۇرسىزلاندۇرۇپ تۇرۋاتقان ئىقتىسادى كىرزىسنىڭئارقىغا يۇشۇرىنغىنى دەل بىزنىڭ ئەقىل نامراتلىقمىزدۇر،ئىش+ئەقىل=ئۈنۈم ھەرگىزمۇ يېڭى بايقالغان ھېكىمەت ئەمەس ئىنسانىيەت سەھنىسدە باشرولچىلار ھامان ئاقىللاردىن بۇلۇپ كەلدى،ئاللاھمۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى زىمىنغا خەلىپە قىلىشتىن ئىلگىرى ،ھەممە نەرسىنىڭ نامىنى بىلدۈرۈپ ئاندىن تەيىنلەپتىكەن،.ئھتىمال بۇ بولسا  بىلىملىكلەرلا زىمىنغا ئىزباسار   بۇلۇشقا لايىق دىگەنگە ئىشارە بولسا كېرەك،ھاياتلىق سادىر قىلىش ېە تۈزتۈش جەريانىدىن ئىبارەت،ھاياتلىقتىكى كۈچلۈكلەر خاتالىق سادىر قىلمىغانلار ئەمەس بالدۇردۇر بايقاپ تۈزەتكەنلەردۇر،چۈنكى خاتالىقنى تۈزتۈش خاتالىق سادىر قىلمىغانغا ياكى سادىر قىلماسلىققا باراۋەر،<<ئىنسان خاتالىق ئۆتكىزدۇ،ئەڭ ياخشىللىرى تەۋبە قىلىپ تۈزەتكەنلەردۇر>>(ھەدىس)، دېمەك بىزنىڭ ئەقىلدىن مەھرۇم قېلشىمىز بىزنىڭ ئەجەللىك خاتالىقمىزدۇر،دەرۋەقە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سوغوق قانلىشىپ ،ئاقىلانىشىپ كىتىشمىز مۇمكىن ئەمەس،بىزمۇ بىرمەزگىل بۇزۇق ئەر ئاشنىسدىن ئايرىلىشقا قىيالمىغاندەك قىيالمايمىز،ئەلۋەتتە ھىسىياتسىز ئادەم ئادەم ئەمەس،ئۇ بىر ماشىنا،ئەقىلسىز ئادەم  بەئەينى چارۋا پايدۇر،بىزدە ھەرئككىلىسى بۇلشى مۇۋاپىق تەڭشىلشى كېرەك،ئويلىنىش ھەممىنى ھەلقىلالمايدۇ ،بىراق ھەل قىلىش يۇلنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ،ئەقىل بازارلاردا سېتىلمايدۇ،پۇكەيلەردە تېپىلمايدۇ،<<ئۇ ئاللاھ ياراتقان نەرسىنىڭ ئەڭ گۈزىلى>>(ھەدىس)
دېگەنلىرىم چىكدىن ئاشقان ئەقىلچىلىقنى تەرغىپ قىلغانلىقىم ئەمەس ئادەم ئەقىل بىلەن ھەقىقەتنى تاپىدي،يەنە ئەقىلدە چىكىدىن ئېشىپ ھەقىقەتتىن ئايرىلىپ قالدۇ.ھەققى ئاقىللار شۇ ئارسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالىغانلاردۇر

                                          مەنبە:<<مەدىنيەت ۋە مەۋجۇتلىقمىز>>دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى
ۋەتەن
ئۆزۇمنىڭ مۇسىلمان بولغانلىغىمدىن پەخىرلىنىمەن!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8365
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 184
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە184دانە
ئۆسۈش: 440 %
مۇنبەر پۇلى: 2000 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-29
ئاخىرقى: 2012-03-11

ئۇقۇشقا تىگىشلىك تېمىكەن ، كۆپ ئەجىر قىپسىز ...رەھمەت
ئۆز خاتالىغىنى  تۇنىغان  كىشى ،ئەڭ ياخشى كىشىدۇر..!
amallar niyatka baglik
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9656
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 123
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە123دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 1205 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2012-05-04
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-13 13:26

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق!!!....
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 614
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە614دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6943 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-13 13:37

ياخشى تېمىكەن جاپا چىكىپسىز قېرىندىشىم، بۇنىڭدىن كىيىن ئىمىلا خاتالىقىغا سەل دىقەت قىلسىڭىز بولغىدەك،
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4513
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 28
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە28دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-07
ئاخىرقى: 2011-12-14
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-13 14:34

ئۆزۈمدە بار تۇرۇپ شۇنداق بىر ياخشى كىتابنى كۆرمىگەندەك قىلىمەن.   ئوي-پىكىرى شۇنداق ئوچۇق ، ئىددىيۋى مەزمۇن ئۆتكۈر دەلىللەر بىلەن بايان قىلىنغان ئىكەن ئەمەسمۇ؟
دوستلىشىش
يۈسۈپچان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9088
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 74
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە74دانە
ئۆسۈش: 1260 %
مۇنبەر پۇلى: 1360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-28
ئاخىرقى: 2012-05-07
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-14 14:22

muslima32
رخمەت سىزگە بۇلدۇ چۇقۇم دىققەت قىلمەن  ،
ۋەتەن
دوستلىشىش
يۈسۈپچان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9088
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 74
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە74دانە
ئۆسۈش: 1260 %
مۇنبەر پۇلى: 1360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-28
ئاخىرقى: 2012-05-07
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-14 14:51

ھازىر قى بۇجەمىيەتتە ھەقىقەتنى دىمەيلى دىسەك دىلمىز كۈيدۇ دەيلى دىسەك تىلمىز كۈيدۇ تىلمىز كۆيسە كۆيسىنكى دىلمىز كۆيمىسۇن.پەيلاسوپلا ھەقىقەتنى يۇشرى ۋەرسە ۋىروسقا ئايلىنىپ كىتدۇ دىگەن ئىكەن , شۇڭا ئاگلىغان بىلگەن كۆرگەن ئىشلانى يۇشۇرۇپ ئولتۇرمۇدۇق ،شۇڭا تورداشلىرىم بىلەن توغرىسنى قۇبۇل قىلىپ بەزىبىر  ىاتا بۇلۇپ قالغان يەرلىرنى تۈزۈتۈپ ئورتاق لىشىشىشنى مۇۋاپىق كۆردىم,
ۋەتەن
قىيامەت كۇنى رەببىمىز ئالدىدا  ھەربىر نەپھ ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10181
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 436
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە436دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 4426 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-03
ئاخىرقى: 2012-03-27
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-28 00:23

ئويلانغىدەك يازمىكەن ،رەھمەت .
{  جەننەت  ئانىلارنىڭ  ئايىقى  ئاستىدا  }