باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 774 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش باشلاندى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1013
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-17
ئاخىرقى: 2011-12-14
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-12 15:16

2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش باشلاندى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تورداشلار، بلوگگېر دوستلار!
ھەممەيلەننىڭ خەۋرىدە بولغىنىدەك، يۈكسەل بلوگى 2008-يىلىدىن باشلاپ «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق  10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ كېلۋاتىدۇ. يىراق بولمىغان ئۆتمۈشتە، مەزكۇر پائالىيەت ئۇدا 2 نۆۋەت ناھايىتى ئۇتۇقلۇق تەشكىللەنگەن ھەمدە «ئۇيغۇرلاردىكى 2008-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» ۋە  «ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» باھالاپ چىقىلغان ئىدى.  شۇ تاپتا، ئۇشبۇ پائالىيەت يەنە يۈكسەل  بلوگىدا ئۆزىنىڭ 3 – نۆۋىتىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. 
گەپنى قىسقارتىپ، سۆزنىڭ نان تېگىدىغان يېرىنى ئېيتقاندا، بۇ يىل مەزكۇر پائالىيەت ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن پەرقلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلمەكچى. ئىلگىرى مۇشۇ بىر پائالىيەت ئۈچۈن 3 ئاي سەرپ ئېتىلگەن بولسا، ئەمدى قىسقا ۋە جىددىي قىلىپ پەقەت 20 كۈنلا سەرپ ئېتىلمەكچى. ئىلگىرى پائالىيەت پەقەت يۈكسەل بلوگىدىلا ئېلىپ بېرىلغان بولسا، ئەمدى يۈكسەل بلوگنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا بىرقەدەر نوپۇزلۇق  بولغان ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە بىراقلا ئۆتكۈزۈلمەكچى. ئىلگىرى مۇكاپات سۈپىتىدە بۇيۇملار تارقىتىلغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئازدۇر-كۆپتۇر مەسىلە كۆرۈلگەن بولسا، بۇ قېتىم مۇكاپات ئۈچۈن نەق پۇل بېرىلمەكچى…
2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى
1. مەزكۇر پائالىيەت يۈكسەل بلوگى تەرىپىدىن تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.
2. مەزكۇر پائالىيەتنى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالاھىدە قوللايدۇ.


3. بلوگگېرلار ياكى تورداشلار  يۈكسەل بلوگىدا ئۆز بلوگىنى ياكى ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگلارنى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش نامزاتلىقىغا كۆرسىتىدۇ.
4. تورداشلار ئارىسىدىن مۇئەييەن نوپۇزغا ئىگە، ئۆزى لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئىش قىلىدىغان تورداشلاردىن 10 نەپەر تاللىنىپ، «2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ھەيئىتى» تەشكىللىنىپ، تورداشلار كۆرسەتكەن نامزات بلوگلار ئىچىدىن ئالدىنقى قاتاردىكى 20 بلوگ تاللىنىپ چىقىلىدۇ ۋە پائالىيەتنىڭ باش-ئاخىرى نازارەت قىلىنىدۇ.
5. باھالاش ھەيئىتى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق تاللاپ چىققان 20 بلوگ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە بىرقانچە مۇنبەردە بىراقلا تورداشلار ئاۋازىغا قويۇلىدۇ.
6. يۇقىرىقى مۇنبەرلەردىكى تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ تاللىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ئاۋازىغا قاراپ 10 چوڭ بلوگ تاللىۋېلىنىدۇ.
7. يېڭى يىلنىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگ رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
8. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى نەتىجە ئېلان قىلىنىپ 3 كۈن ئىچىدە تاللاپ چىقىلغان 10 چوڭ بلوگقا مۇكاپات سوممىسىنى تارقىتىپ بېرىدۇ.
مۇكاپات سوممىسى:
مەزكۇر پائالىيەتتە بىرىنچى بولغان بلوگقا 500 يۈەن نەق پۇل، ئىككىنچى بولغان بلوگقا 300 يۈەن نەق پۇل، ئۈچىنچى بولغان بلوگقا 200 يۈەن نەق پۇل بېرىلىدۇ؛  قالغان 7 بلوگنىڭ ھەربىرىگە 100 يۈەندىن نەق پۇل مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.
دىققەت: بۇ تېمىدا نامزات قوبۇل قىلىنمايدۇ. مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن تەشۋىقات رەسىمى ئىشلەپ بەرگۈچى تورداشلار بولسا ئالقىشلىنىدۇ!
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش باشلاندى






[ بۇ يازمىنىsirik 2011-12-12 19:58قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 419
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە419دانە
ئۆسۈش: 810 %
مۇنبەر پۇلى: 4665 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2012-03-30

بىزنىڭ بلوگلا ھەقاچان باھالىناممايدۇ.....
ئاللاھتىن قورقمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل....
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5100
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 170
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە170دانە
ئۆسۈش: 20 %
مۇنبەر پۇلى: 1877 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-03-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-12 20:45

مەن .مۇشۇ ئەلشات بلۇگنى  باھلاپ قۇيدۇم .
 
ئەلشات بلۇگى:  سەھىپىسىنىڭ رەڭدارلىقى،  ئۇنۋىرسال بىلىملەرنىڭ مۇلىغى ، تارقاتقان سەرخىك ئۇسلۇپلىرى، تەرەقىىيات يۈزلىنىشى يۇقۇرى بۇلۇشى بىلەن  نامزاتلىقا كۆرسىتىشكە بۇلدۇ دەپ قارايمەن .http://www.alxat.net/
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2355
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2355دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29036 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-31
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-13 00:12

مىنىڭكىنىمۇ تاللاپ قوياڭلا مانداق  

http://tahirbeg.com/
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 469
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە469دانە
ئۆسۈش: 640 %
مۇنبەر پۇلى: 5323 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-03-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-13 10:09

مىنىڭچە ئىسلامى بىلوگلار باھالانمايدۇ  شۇڭا مەنمۇ ئەلشاتنى كۆرسەتتىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1013
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-17
ئاخىرقى: 2011-12-14
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-14 12:20

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى sad~da نىڭ 2011-12-13 10:09 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
مىنىڭچە ئىسلامى بىلوگلار باھالانمايدۇ  شۇڭا مەنمۇ ئەلشاتنى كۆرسەتتىم

بۇنداق بەلگىلىمە يوق. سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىلوگىنى نامزاتلىققا كۆرسەتسىڭىز تامامەن بولىدۇ. يۈكسەل بىلوگىدا نامزاتلىققا كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ.‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 2011 –يىللىق 10 چوڭ بلوگ›› قا نامزات كۆرسىتىڭ!