باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1607 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھېكمەت بۇلاقلىرىدىن تامچىلار
دوستلىشىش
مۇسلىم،
ھەق سۆز ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلە ...!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9900
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 34
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
ئۆسۈش: 610 %
مۇنبەر پۇلى: 742 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-04
ئاخىرقى: 2012-01-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-12 14:12

ھېكمەت بۇلاقلىرىدىن تامچىلار


                            ھېكمەت بۇلاقلىرىدىن تامچىلار
 


ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! بۈگۈن سىز قەدىرلىك ياشلىرىمىزغا ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ھىكمەت بۇلاقلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان قىممەتلىك تامچىلاردىن بەزىلىرىنى سۇنىمەن.
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شېرىف بۇلاقلىرىدىن ئىچىپ ئىلىكلىرىغىچە قانغان، ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە تەجرىبىلەر ئېلىپ بېرىپ، نەتىجىلەرنى توغرا ئانالىز قىلىپ، ياخشى ئاقىۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىققان ئۆلىمالارنىڭ ھېكمەت بۇلاقلىرىدىن تامچىغان بەزى سۆزلەر مۇنداق:
** ھەممە كىشى سىناق ئۈستىدە؛ ئالدىغۇچى ئالدىنىدۇ، ئەزگۈچى ئىزىلىدۇ.
** ھېچكىمنى كەمسىتمە، باشقىلارغا ئورا كولىغان كىشى ئۆزى دۇمۇلايدۇ.
** ئەڭ چوڭ بالا تىلدىن كېلىدۇ.
** كىشىنىڭ ئىشى بولسا ئىشى، سۆيەر ئۇنى ھەر كىشى، كىشىنىڭ ئىشى بولسا كىشى، راۋاج تاپماس ھېچ ئىشى.
** مۇھەببەتنىڭ ئاساسى ئۆزئارا ئىشەنچتۇر. ئىشەنچ بولغان يەردە مۇھەببەت بولىدۇ. ھەر ئىككىسى بولغاندا غەلىبە قولغا كېلىدۇ.
** مۆمىن ھەر دائىم ئىھتىياجنى قاندۇرىدىغان غىزاغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك.
** ئالدىنى دۇنياغا قىلغان كىشىنىڭ دوستى بولمايدۇ، ئالدىنى ئاخىرەتكە قىلغان كىشىىنىڭ دۈشمىنى بولمايدۇ.
** "ياخشى بولسا مۈشۈنچىلىك بولا" دېيىلىدىغانلار بىلەن بىرگە بولغانلار بەخت قۇچىدۇ.
** قەلبنى ئەڭ كۆپ نۇرلاندۇرىدىغان نەرسە، سېنى غەزەپلەندۈرگەن كىشىنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىشتۇر.
** قۇل ھەققىدىن قورققان كىشى پۇتىنى ئۇزۇتۇپ، راھەت ئۇخلىيالمايدۇ.
** مەردلىك – سېنى ياخشى كۆرمىگەن كىشىگە ئىھسان قىلىش ۋە سەن ياخشى كۆرمىگەن كىشى بىلەن تاتلىق تىلدا سۆزلىشىشتۇر.
** تىلى تاتلىق موزاي ئىككى ئانىنى ئىمىدۇ، تىلى ئاچچىق موزاي بىر ئانىنىمۇ ئىمەلمەيدۇ.
** مۇرۇۋۋەت – ئىنسانلىق ۋە ياخشىلىق قىلىش ئارزۇسىدۇر.
** ياخشىنىڭ يامان، ياماننىڭ ياخشى ئادىتى  بولۇشى مۇمكىن. ياخشى ئادىتىنى ئۈلگە قىلىش لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: "بىر مۆمىننىڭ ياخشلىقىنى ئۇنتۇپ، يامانلىقىنى ئېسىدىن چىقارمىغان كىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ" دېگەن. 
** تەقۋادارلىق ئەقىل بىلەن قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. ئاللاھ تائالاغا ئاسىي بولۇش، ئەخمىقانە قىلغان ئىشلارنىڭ ئەڭ قەبىھىدۇر.
** بېخىل ئىنسانلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
** ئۆمرىنى پايدىسىز، بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشى، ئېتىزغا ئۇرۇق سېلىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولىدۇ. ۋاقتىدا ئۇرۇق سالمىغان كىشى مەھسۇل ئالىدىغان چاغدا چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ.
** ئىككى مۆرەڭدە ئىككى مۇپەتتىش بار، سېنى ھەر دائىم تەپتىش قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئاز سۆزلىگىن ۋە سۆزۈڭنىڭ ياخشى ياكى يامان دەپ يېزىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇما.
** بىر نەرسە دېمەكچى بولساڭ، ھەم ئۆزۈڭنىڭ ھەم ئاڭلىغۇچىنىڭ ئاخىرىتىنى ئويلاپ سۆزلە. ئاتىلىرىمىز "مىڭ ئويلاپ، بىر سۆزلە" دەپ بىكار ئېيتمىغان.
** ھەر قانداق كىشىدە باشلىق بولۇش ئارزۇسى بار. بۇ ئارزۇ پەقەت يۈزى ئاخىرەت تەرەپكە بولغان كىشىدە بولمايدۇ.
** تەبەسسۇمنى بىلمىگەن كىشىنىڭ سۆيۈملۈك ۋە مۆتىبەر بولۇشى ناھايىتى قىيىن.
** مۇسۇلمان باشقا مۇسۇلمانلار يېنىغا ھاجىتىنى سوراپ بېرىشتىن تارتىنىدىغان بولسا، يېنىغا تارتىنغان ھالدا بېرىلىدىغان مۇسۇلماننىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىنىدۇ.
** ئۆلۈمنى ئەسلەش ئۆمۈرنى ئۇزىتىدۇ. ئۇزۇن ياشاش ئارزۇسى ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ. ئۇزۇن ياشاش ئارزۇسى بىلەن ياشىغان كىشى ئۈچ نەرسىگە ھەسرەتتە كېتىدۇ. ئىستەكلىرىگە قانالمايدۇ؛ ئارزۇسىغا ئېرىشەلمەيدۇ؛ ئاخىرىتى ئۈچۈن يېتەرلىك تەييارلىق قىلالمايدۇ.
** ھالىڭدىن دەرتلەنمە، ياماننىڭ يامىنى بار.
** يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ يۇقماسلىق ئېھتىمالىمۇ بار. ئامما بىر بىنادا بىر يامان كىشى بولسا، ئۇنىڭ يامان خۇيلىرىنىڭ باشقىلارغا يۇقماسلىق ئىھتىمالى يوق.
** مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىررى تەبەسسۇم، تاتلىق تىل ۋە گۈزەل سىياسەتتۇر. گۈزەل سىياسەت ھەممە كىشىنىڭ خۇرسەن بولۇشىدۇر.
** مۇھەببەت يېقىنلىق تەلەپ قىلىدۇ، يىراقلاشقان مەھرۇم بولىدۇ.
** باشقا كەلگەن ھەر بىر خاپىلىقنىڭ سەۋەبى گۇناھ ئىشلەشتۇر.
** كىبىر ۋە ئاچچىقلىنىش ئىنساننىڭ بېشىغا نۇرغۇنلىغان بالالارنى كەلتۈرىدۇ.
** ياخشىلار بىلەن دوست بولغان كىشى يامانلارنىڭ شەررىدىن خاتىرجەم بولىدۇ.
** قەلبتە قانچىلىك كىبىر بولسا، ئەقىلدە شۇنچىلىك نۇقسانلىق پەيدا بولىدۇ.
** باشقىلارغا يۈك بولغان كىشى خورلىنىدۇ.
** گەپ توشوش ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلىقتۇر.
** ئۆزىگە ئىچى ئاغرىمىغاننىڭ باشقىلارغا ھەرگىز ئىچى ئاغرىمايدۇ.
** ئالىم بىلەن يۈرگەن ئەزىز، بىلىمسىز بىلەن يۈرگەن زەلىل بولىدۇ.
** مۆمىن ئاز سۆزلەيدۇ، كۆپ ئىش قىلىدۇ. مۇناپىق كۆپ سۆزلەيدۇ، ئاز ئىش قىلىدۇ.
** ئەدەپ - ئەخلاق، ئەقىلنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىدۇر. كىشىنىڭ ئەقلى ئەخلاقى قەدەردۇر.
** ئەقلىدەك سەرمايە، ياخشى خاراكتىردەك دوست، ئەدەبتەك مىراس، ئىلىمدەك شەرەپ بولمايدۇ. 
** تىل يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ، قويۇپ بەرسەڭ سېنى پارچىلاپ تاشلايدۇ.
** كىشى تىلىنىڭ ئاستىدىدۇر، قانداقلىقى سۆزىدىن مەلۇم بولىدۇ.
** يامان ئادەم ھەممە كىشىنى ئۆزىگە ئوخشاش يامان دەپ قارايدۇ.
** پۈتكۈل يامانلىقلارنىڭ بېشى يامان دوستتۇر.
** دىل پاك بولسا، تىلدىن چىرايلىق سۆزلەر چىقىدۇ.
** ئۆز قارىشىغىلا ئېسىلىۋالغان كىشى ھەقىقەتنى تاپالمايدۇ.
** ھەر قانداق ياخشىلىق سەۋر قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ.
 ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! يۇقىرىدا ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ھېكمەت بۇلاقلىرىدىن چىققان بەزى ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى سۇندۇق. جانابى ئاللاھتىن بۇ ھېكمەتلەرنىڭ ھەممىمىزگە پايدىلىق بولۇشىنى تىلەيمەن.




مەنبە ؛ http://www.hakiket.com
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(arzuyum) مەنپەئەتلىك& ..
  • ئادەمنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقى ئۇنىڭ روھىنىڭ ئويغاق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10017
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 3
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-12-12
    ئاخىرقى: 2011-12-19

    ئاللا قوللىرىڭزگە دەرت بەرمىسۇن  مۇشۇنداق ھىكمەتلىرىڭز ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1606
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1606دانە
    ئۆسۈش: 180 %
    مۇنبەر پۇلى: 16325 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-22
    ئاخىرقى: 2012-03-29
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-12 18:24

    ۋەئەلەيكۇم  -  ئەسسالام ،  ھەقىقەتەنمۇ  بىر  -  بىردىن  مەنپەئەتلىك ھىكمەت تامچىلىرى  ئىكەن  ، اللاھ  ئىلىمىڭىزنى  زىيادە  قىلسۇن  ، امىين !
    اللا
    دوستلىشىش
    ئاللا~بىر
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10022
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 2
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-12-12
    ئاخىرقى: 2011-12-12
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-12 22:32

    بۇ تېما بەكلا ياخشى چىقىپتۇ.
    شۇ مەن مەمەتچان
    دوستلىشىش
    قارگۇلى
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 313
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە313دانە
    ئۆسۈش: 90 %
    مۇنبەر پۇلى: 3251 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-07-18
    ئاخىرقى: 2012-03-29
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-13 17:37

    راستلا ئېسىل دۇردانىلاركەن!!!!كوپ رەھمەت!!!!!
    ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
    غايىبكە ئىشنىگەنلىكىمدىن خۇرسەنمەن.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9579
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 20
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 220 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-11-14
    ئاخىرقى: 2012-01-09
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-13 18:55

    يامان بەلەن يوللاپسىز
    ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4513
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 14
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 150 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-07
    ئاخىرقى: 2011-12-14
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-14 10:41

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم!!!            
    ھەق سۆزلەر كەن !!
    ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4513
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 14
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 150 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-07
    ئاخىرقى: 2011-12-14
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-14 10:45

    مۇسۇلمان باشقا مۇسۇلمانلار يېنىغا ھاجىتىنى سوراپ بېرىشتىن تارتىنىدىغان بولسا، يېنىغا تارتىنغان ھالدا بېرىلىدىغان مۇسۇلماننىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىنىدۇ.
    ماۋۇ جۈملىنى ئانچە ياخشى چۈشىنەلمىدىمغۇ؟  
      
    يەنە بىر سۇئال  بۇ ھىكمەتلەر قانداق توپلانغان؟
    bargan nimatlirga xukri...
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1288
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 165
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە165دانە
    ئۆسۈش: 150 %
    مۇنبەر پۇلى: 1810 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-28
    ئاخىرقى: 2012-02-28
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-19 14:00

    ئاللاھ رەھمەت قېلسۇن، يېزۋالدىم....
    xukri xukir