ھەر كۇبلېىتنىڭ بىرىنچې مىسرا بىرىنچى ھەرىپىنى قوشسىڭىز بۇ شئېردا تەسۋىرلەنگەن قىزنىڭ ئىسمى كىلىپ چىقىدۇ .

ئاي دىسەم ئايدىن گۈزەل چىھرىڭ سىنىڭ ،
كۈن دىسەم ئاتەش گويا مىھرىڭ سىنىڭ .

قەلبىڭ ئاتەش ئوت يۈرەك يالقۇنسەن ئۆزۈڭ ،
ئويناپ تۇرار نۇرانە شوخ قارا كۆزۈڭ .

لەۋلىرى ياقۇت كەبى ،سۆزلىرى دۇردانە بال ،
چىھرىدىن كەتمەس تەبەسسۇم مىسلى ئۇ ساھىپجامال.

ئاي ئىكەن ئىسمى ئۇنىڭ ، چىشلىرى ئۈنچە سەدەپ ،
تۇنجى كۆرگەنلەر سورار پەرىمۇ بۇ -ئادەممۇ ؟ دەپ .

لالە -رەيھان چىمەندە ياڭراپ كەتتى توي--ناۋا ،
گۈزەلكەنسەن ئەي زىبا ، ئاخساكەنسەن ئەجىبا .

ئەخلاق ۋىجدان-ۋاپادىن ، نۇرلۇق چىراق ياندۇرۇڭ ،
قەشقەر ئوغلى ئىرپانغا ،ئىنكاس يىزىپ قالدۇرۇڭ .

