بۈگۈن ئايتماتوۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنى
بۈگۈن(2011-12-12) قېرىنداش مىللەت قىرغىزلارنىڭ دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا دەل 83يىل بولغان مۇبارەك كۈن.
2008-يىلى بۈيۈك ئۇستاز چىڭغىز ئايتماتوۋ ۋاپات بولغاندا ئۆزبېكىستان يازغۇچىسى ياقۇپجان غۇجامبەردىيوۋ: پۈتۈن تۈركىي خەلق، تۈرك دۇنياسى ئەڭ ئەزىز كىشىلىرىدىن بىرىنى يوقاتتى. دەپ ئۇستازنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرغانىكەن.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھەم چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ سىماسىنى ھەر ۋاقت كۆرۈپ تۇرالايمىز. ئۇنىڭ «ئاق پاراخۇت»، «جەمىلە»، «قىيامەت»، «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن» قاتارلىق ئەسەرلىرى ھېلىھەم ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ قەلب تارىنى تىترىتىپ كېلىۋاتىدۇ…
بۈگۈن ئۇستازنىڭ تەۋەللۇت كۈنى! ئەسلىدە يازغۇچى-ئەدىبلىرىمىز مۇشۇ كۈنگە ئاتاپ ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىشسا، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلسە، چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ بىزگە قىلغان قىممەتلىك سوۋغىلىرىغا قىلىنغان كىچىككىنە ھۆرمەت بولۇپ قالاتتى. ئەمما بۈگۈنمۇ جىمجىت ئۆتۈپ كىتىدىغاندەك! بۈيۈك يازغۇچىنىڭ تەۋەللۇت كۈنىدە ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە ئاتاپ ئازراق بىر ئىش قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم ۋە بىر قىسىم ئەسەرلەرنى توپلاپ، ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەپ تورداشلار ئىختىيارىغا سۇندۇم.
ئېلكىتاب مۇندەرىجىسى:
چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ تەرجىمھالى………………………………………………1
چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ مىيىتى قىرغىزىستانغا قايتۇرۇپ كېلىندى…………....………..4
بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئايتماتوۋ…………………………………..9
بىزنىڭ ئايتىماتوۋ………………………………………………….………..15
چىڭغىز ئايتىماتوۋنىڭ پەلسەۋىي «ۋەھىيلىرى»……………………….………..18
ئىنسانپەرۋەر ئەدىپ-چىڭغىز ئايتىماتوۋ………………………………..……..28
چىڭغىز ئايتىماتوۋنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «مەھمۇد كاشغەرى» ھەققىدە ئېيتقانلىرى………………………………………………………...………34
‹ماناس› مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە…………………………35
مېنىڭ مومام ۋە تۇنجى قەلەم ھەققىم…………………………………...…….40
مېنىڭ ۋەتىنىم………………………………………………………………47
ئانا تىلنىڭ كارامىتى…………………………………………………..…….52
ئايتماتوۋنى تۇغقان ئانا……………………………………………….…….63
ئەدەبىيات مەنىۋى بايلىقنىڭ مەنبەسى………………………………………..76
ئىككى چىڭغىز…………………………………………………………..….86
شەكەر جانتاق…………………………………………………………..….89
مەنەڭ مەكەنىم……………………………………………………….……93
ئايتماتوۋ ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار…………………………………...………98
جامئيلا…………………………………………………………….………99
كاساندىرا تامغىسى………………………………………………..………174
ئۆتەر قۇش نالىسى…………………………………………………..…….185
مەن توختۇسۇننىڭ ئوغلى……………………………………………...…..207
ئاخىرقى سۆز……………………………………………………………..220
بۇ جەرياندا ئەسەرلىرى ئىشلىتىلگەن تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار، ئابدۇراھمان ئەزىز ئوغلى ۋە باشقا مۆھتىرەم ئۇستازلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! بىزدىمۇ چىڭغىز ئايتماتوۋ ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ بولۇشىنى، چىڭغىز ئايتماتوۋ تەتقىقات قوشۇنىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
ئېلكىتابنى مۇنبەردىن چۈشۈرۈش قۇتتېكىن بلوگىدىن چۈشۈرۈش