باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1034 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۆلۈمنىڭ رەڭگى
دوستلىشىش
tuprakbag
ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5443
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 212
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە212دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 2570 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-11 22:33

ئۆلۈمنىڭ رەڭگى

تەكلىماكان تىمتاس بىر جاھان،
كىرورەندەك تارىخلەر ياتقان.
توغراق كىچىپ تارىمنىڭ سۈيى.
زەرداپ بولۈپ يۈرەكتىن ئاققان.
قۇم سىياقى،
ئۆلۈمنىڭ رەڭگى.
بىلەلمەيمەن زامانى قاچان.؟

بويۇنلىرى قانغا مىلەنگەن،
بىر ئات سايرام بويىدا تۇرغان.
يەردىكى شۇ ئىسىمسىز جەسەت،
 ئوڭ قولىدا زۇلپىقار تۇتقان.
قىزىلدۇر قىزىل،
ئۆلۈمنىڭ رەڭگى.
ئاق كىپەنسىز راھەتتە ياتقان.

چۇشلىرىمدە تىنماي ئىزدىگەن،
ئاشۇ جانان سىماسى تولغان.
قانماي تىپچەپ ئۆچكەن يۈرەككە،
تۇتاشتۇرۇپ بىر پارچە ھولقان.
مايسىدەك يىشىل،
ئۆلۈمنىڭ رەڭگى.
جەننەتتىكى پەرىشتە تۇتقان.

قوياش ئەركىن كىلىپ شەرىقتىن ،
ئۈمۈت تۇغار قەلىبتە ھەر ئان.
شۇ ئۈمۈتتە ياشىسام كەتسەم،
قىيامەتتە  قالارمۇ ئارمان.؟
دېڭىزدىنمۇ كۆك،
ئۆلۈمنىڭ رەڭگى.
ئاخىرقى سۆز بولسىكەن ئىمان.
 
"تۇپراقبەگ"
2011.12.11


ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ئاتا قىل& ..
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3033
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 656
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە656دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 3795 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-03-29
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-12 11:12

چوڭقۇر مەنىلىك مىسرالىرىڭىزغا رەھمەت .