查看完整版本: [-- ئۆلۈمنىڭ رەڭگى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ئۆلۈمنىڭ رەڭگى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tuprakbag 2011-12-11 22:33
تەكلىماكان تىمتاس بىر جاھان،
كىرورەندەك تارىخلەر ياتقان.
توغراق كىچىپ تارىمنىڭ سۈيى.
زەرداپ بولۈپ يۈرەكتىن ئاققان.
قۇم سىياقى،
ئۆلۈمنىڭ رەڭگى.
بىلەلمەيمەن زامانى قاچان.؟

بويۇنلىرى قانغا مىلەنگەن،
بىر ئات سايرام بويىدا تۇرغان.
يەردىكى شۇ ئىسىمسىز جەسەت،
 ئوڭ قولىدا زۇلپىقار تۇتقان.
قىزىلدۇر قىزىل،
ئۆلۈمنىڭ رەڭگى.
ئاق كىپەنسىز راھەتتە ياتقان.

چۇشلىرىمدە تىنماي ئىزدىگەن،
ئاشۇ جانان سىماسى تولغان.
قانماي تىپچەپ ئۆچكەن يۈرەككە،
تۇتاشتۇرۇپ بىر پارچە ھولقان.
مايسىدەك يىشىل،
ئۆلۈمنىڭ رەڭگى.
جەننەتتىكى پەرىشتە تۇتقان.

قوياش ئەركىن كىلىپ شەرىقتىن ،
ئۈمۈت تۇغار قەلىبتە ھەر ئان.
شۇ ئۈمۈتتە ياشىسام كەتسەم،
قىيامەتتە  قالارمۇ ئارمان.؟
دېڭىزدىنمۇ كۆك،
ئۆلۈمنىڭ رەڭگى.
ئاخىرقى سۆز بولسىكەن ئىمان.
 
"تۇپراقبەگ"
2011.12.11



latifa 2011-12-12 10:28

qiqak119 2011-12-12 11:12
چوڭقۇر مەنىلىك مىسرالىرىڭىزغا رەھمەت .

بىگان 2011-12-12 11:45
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

natsist 2011-12-12 14:38
مەزمۇنى چوڭقۇر شىئىر بوپتۇ

بۇستان 2011-12-12 16:51


查看完整版本: [-- ئۆلۈمنىڭ رەڭگى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.042612 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us