
رۇسىيە، تۈنۈگۈن ئىسرائىلىيەنى ئىرانغا قارشى ھەربىي مۇداخىلە قىلىشقا ئورۇنماسلىقىنى ئېيتىپ، ئاگاھلاندۇردى.
رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رايابكوۋ، ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىغان ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يېڭى بىر قوراللىق توقۇنۇشنىڭ پالاكەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، «ئىراننىڭ يادرو پىلانىدا ئەسكىرىي ئامىللارنىڭ بارلىقىغا دائىر پاكىت يوق» دېدى ۋە ئىسرائىلىيەگە «ئىرانغا قارشى ھەربىي مۇداخىلە قىلماڭلار» دەپ سىگنال بەردى.
سېرگېي رايابكوۋ، ئىراننىڭ يادرو پىلانى توغرىسىدا بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ داۋام قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى ۋە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالىنىڭ ھېلىھەم بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەزكۇر رايون ۋەزىيىتىنىڭ ئەسلىدىنلا مۇقىمسىز ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان رايابكوۋ، «باشقا بىر قوراللىق توقۇنۇش، بولۇپمۇ بۇ ھەجىمدىكى بىر توقۇنۇش جەزمەن پالاكەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى.
تۈنۈگۈن جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى يەنە نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، 44 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
سۈرىيەدە، تۈنۈگۈنكى جۈمە نامىزىدىن كېيىن يەنە مىلتىق ئاۋازلىرى كۆتۈرۈلدى. دۆلەت مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى ئۆكتىچىلەرگە ئوق ياغدۇردى.
بۇ جەرياندا، سۈرىيە مەملىكەتلىك كېڭىشى، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇمۇستىكى ئىنقىلابنى باستۇرۇش مەقسىتىدە قەتلىئام يۈرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
باياناتتا، مىڭلارچە ئەسكەر ۋە ماشىنىنىڭ ھۇمۇسنىڭ ئەتراپىدىكى 60 تىن ئارتۇق تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقلارمۇ داۋام قىلماقتا.
بۇ جەرياندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، سۈرىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلاردا ئۆلتۈرۈلگەن 4 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارىنىڭ پىرېزىدېنت بەششار ئەسەد ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ب د ت باياناتچىسى مارتىن نەسىركى، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاقىرىقلىرىغا قولاق سېلىپ، خەلقنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
ۋىيېننادا، سۈرىيە مەملىكەتلىك كېڭىشىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەن ئاۋستىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايكېل سپىندېلېگگېر، ئەسەدنىڭ سۈرىيەدە سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بويىچە ھېساب بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
تۇركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، يەنە بىر قېتىم دەمەشىق دائىرىلىرىگە خىتاب قىلدى ۋە ئەسەدكە «ئەگەر سەمىمىي بولساڭ، قاتىللارنى جازالىغىن» دەپ چاقىرىق قىلدى.
داۋۇتئوغلۇ، تۈنۈگۈن دىپلوماتىيە مۇخبىرلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.
داۋۇتئوغلۇ، سۈرىيەنىڭ تۈركىيەگە قارشى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئىشقا سېلىش ئېھتىمالىغا قارشى، «مۇنداق بىر ئىشقا جاسارەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىمايمىز» دېدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋۇتئوغلۇ، «سۈرىيەگە بولدى قىل، دېيىش سالاھىيىتىمىزمۇ، ھەققىمىزمۇ بار» دېدى ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە چاقىرىق قىلىپ، «سەمىمىي بولسا، جاۋابكارلارنى دەرھال جازالايدۇ، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كۈزەتكۈچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
بۈگۈن 10- دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى..
ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى خەلق ھەرىكەتلىرى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 63- يىلىنى خاتىرىلەش كۈنىدە ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالدى.
10- دېكابىر كىشىلىك ھوقۇق كۈنى، بولۇپمۇ شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ھەق –ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ نامايىشلارنى ئۆتكۈزگەن ۋە يىللار بويىچە ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن دېكتاتورلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان خەلقلەر ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
2011- يىل، كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن ئادەتتىن تاشقىرى بىر يىل بولدى.
خۇسۇسەن شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى مىليونلارچە ئىنسان، ھەق –ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ياشلىرى سادالىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ئىنتېرنت ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن ئۆنۈملۈك پايدىلاندى.
تۇنىس ۋە مىسىردا باشلىغان خەلق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرى مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرىدىن ھالقىپ كەتتى.
ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرلىرى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە «ئىشغال قىلىڭلار» پائالىيەتلىرى نامى ئاستىدا باشقا دۆلەتلەرگىمۇ كېڭەيدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي كومېسسارى ناۋى پىللاي، كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن باياناتىدا، 2011- يىلىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرىنى تەكىتلەپ، «كىشىلىك ھوقۇق باراۋەر شەكىلدە ھەممىمىزگە ئائىتتۇر ۋە ئۇ بىزنى، دۇنيا خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئوخشاش پىكىرلەر ئاستىدا بىرلەشتۈرىدۇ» دېدى.
ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا بۇ يىلنىڭ سەپەرۋەرلىك دولقۇنلىرىنى ئىجتىمائىي مېديا ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بارلىق كىشىلەرنى كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى تەبرىكلەشكە چاقىردى.
ئامېرىكىدىن كەلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، سۇرىيە باشار ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى سۈرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارىشى قوراللىق كۈچلەرنى تەربىيەلەشنى بۇرۇنلا باشلىغان، ئورنى تۈركىيەنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى رايوندا ئىكەن.
ئەرەب ئاخبارات تورىنىڭ 10-دېكابىر ئېيتىشىچە، تۈركىيە تاراتقۇلىرى 9-دېكابىر بۇ ئىشنى ئاشكارىلىغاندا، ئامېرىكا قوشماشىتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سابىق ئايال ئەمەلدارى ئەيدۇمۇزنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: مەن تۈركىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىشەنچلىك ئاخباراتقا ئىگە بولدۇم، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى سۈرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارىشى قوراللىق كۈچلەرنى تەربىيەلەشنى بۇ يىل 5-ئايدا باشلىدى، مەشىق ئورنى تۈركىيەنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى خاككارى رايونىدا، بۇ رايون ئىراق بىلەن ئىران چېگراسىغا يېقىن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا تۈركىيەدىكى ئىنسىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن سۈرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارىشى قوراللىق كۈچلەرنى قورال-ياراق ۋە مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ