ئۇيغۇرلار تىلغا نامرات ئەمەس،تىلىمىزنىڭ لۇغەت تەركىبى سۆزلەرگە باي.مەسىلەن: ئۇيغۇرلار «ئات»نى ناھايىتى ئىنچىكە پەرقلەندۈرگەن. بىر ياشقا توشمىغان يىلقا «ياباغۇ»، بىر ياشلىق يىلقا «قۇلان»، ئىككى ياشلىق يىلقا «تايچاق،تاي»،ئۈچ ياشلىق يىلقا «غۇنان»، ئۈچ ياشلىق چىشى يىلقا «بىيە»،تۆت ياشلىق ئەركەك يىلقا «دۆنەنچىن»، تۆت ياشلىق بايتال «دۆنەنچىنبىيە»، يېتىلگەن ئەركەك يىلقا «ئايغىر»، يېتىلگەن چىشى يىلقا «بىيە»، پىچىۋېتىلگەن يىلقا «ئات» دەپ ئاتىلىدۇ...
لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچتىكى زىيالىي ئوقۇتقۇچىلار ئاشۇ سەبىي ئوقۇغۇچىلارنى << ئەر>>،<<ئايال>> دەپلا ئايرىيدىكەن.ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇنىڭغا كۆنۈك ئىكەن.ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىكى شەرمى-ھايا قېنى؟ <<ئەر>> بىلەن << ئوغۇل>>،<<يىگىت>>،<<ئايال>> بىلەن <<قىز>> ئوتتۇرىسىدا ئاسمان-زېمىندەك شۇنچە ئېنىق پەرق بارلىقىنى شۇ بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلمەسلىكى مېنى تولىمۇ ئەجەبلەندۈرىدۇ ۋە غەزەبلەندۈرىدۇ.
نارېسىدىلەرنى <<ئەر>> ياكى << ئايال>> دەپ ئاتاشنىڭ ئۆزىمۇ بالىلارنىڭ بالدۇر يېتىلىش پىسخىكىسىنى غىدىقلايدۇ.ئۇيغۇر مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىنسىنى توغرا پەرقلەندۈرۈپ توغرا ئاتاشنى قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك.