باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2057 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: بۆرىكىستان
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7275
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 226
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە226دانە
ئۆسۈش: 550 %
مۇنبەر پۇلى: 2611 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-07
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-09 05:43

بۆرىكىستان

بۆرىكىستان
مۇختار بۇغرا



ئاللىكىملەر خۇشلاشتى بىزدىن،
نى ھايۋاننىڭ قورىدى نەسلى.
مەيۈسقىنە باش ئەگدى بەخت،
خەير - خوش 2004 - يىل.

ياۋرۇپادا ئېلىپ تاشلاندى،
ئاراپاتنىڭ ئەرەب يۈرىكى.
ئاسىيانىڭ دەل كىندىكىدە،
بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر تال بۆرىكى.

كۈن توغاردىن كۈن پاتارغىچە،
قىزىل قانلار چۈشتى ئۇسسۇلغا.
يالىڭاچ تۈن، شاللاق كۆز يېشى،
ئىگە بولدى بايلىق - ھوسۇلغا.

مەرەپ يۈردى ئاچلىق - گادايلىق،
ئىگىسى يوق قوزىدەك يالغۇز.
بۇ كونا يىل،
يېڭى يىلدىمۇ،
ساقىپ چۈشەر تۈركۈملەپ يۇلتۇز.


سۆيگۈ تومارى

كار قىلمىدى سۆيگۈ تومارى،
پالاكەتكە يولۇقتۇم ئودا.
پەيت قاچتى، بەخت قاچمىسۇن،
پاناھىڭدا ساقلىغىن خودا.

سوۋغا قىپسەن بوغۇلغان ناخشا،
تومار ئەمەس بىر بويۇنتۇرۇق.
بۆرىكىستان دېگىنىڭ يالغان،
سۆيگۈمىزنىڭ يىلتىزى قورۇق.

تومار، بەخت، بۆرەك دېگەنلەر،
ئۈزۈل - كېسىل ھالاكەت بولۇش.
قاخشال پىكرىم مېغىزلانغاندا،
قىڭغىر كۈيلەر كەلدى تۇشمۇ - تۇش.


بۇ ھايات

بۇ ھايات چىرايلىق سىرلانغان بۆشۈك،
لېكىن، ياغىچىنى يەپ كەتكەن قۇرۇت.
بۇ ھايات تىپتىنچ ھىندى ئوكياندۇر،
جەنۇبىي ئاسىيانى باسقان ئۇشتۇمتۇت.

بۇ ھايات ياشلىققا قارا خاتىمە،
گاھىدا كۆرۈنەر ئاق يولنىڭ ئۇچى.
بۇ ھايات گاھىدا غۇلجا ھەسىلى،
گاھىدا تەرلەتكەن يەكەننىڭ مۇچى.

بۇ ھايات كېسەللىك يوشۇرۇنغان تەن،
رەڭگارەڭ پۇراقلىق بىر دورىخانا.
بۇ ھايات مۇنتىزم تاللار بازىرى،
ئۇندا قالايمىقان قويۇلغان باھا.

بۇ ھايات تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگۈچى،
چوكان قولىدىكى ھەم يەرلىك تۇخۇم.
بۇ ھايات ئۇنتۇلغان كلاسسىك شېئىر،
ھەم بۇغرا يازمىغان يېپيېڭى بوغۇم.


ئۇيغانمىغان تال بويلۇقۇم

ئوپۇل - توپۇل قاچمىدى قىشمۇ،
تۇرىۋالدى ئاتتەك تىرەجەپ.
مەككار شامال چىقتى شەرقتىن،
ئۇيغانمىدىڭ ئەي قىزچاق ئەجەپ.

ھىلال ئايغا ئوسما قويمامسەن؟
قاشلىرىڭدا قازاندەك سۈرمە.
سۈتتەك پۇراپ تۇرسا كۆچەتلەر،
بۇ نورۇزغا بېرىمىز نېمە؟

مۈگدەۋەردىڭ ئەي تال بويلۇقۇم،
نىكەم ياغدى بۆرەك يامغۇرى.
بولىۋالساق، كۈلەتتى كۆكمۇ،
نەۋ باھارنىڭ بىر جۈپ ئۇيغۇرى.


بۆرەكسىمان كەتمەن

جان - تىنىمگە گۈزەل كېسەللىك،
رودىپايدەك يېپىشتى مانا.
يارەنلىرىم كەچكى قۇياشتەك،
يىراقلاشتى ئاھ! ئاستىغىنا.

ھىدلىرىم جۈپ تەڭگە چىچەكنى،
ئورۇلغىنى ئازاب ئالمىسى.
قەرزدارمەن دوستلار كۆڭلىگە،
بەندىلىكتىن قالدى كۆپ نىسى.

قىيالاردىن يىقىلغان قۇشمەن،
بۆرىكىمگە تەگدى جۈت - ئۈشۈك.
سۆيۈپ تاڭسوق ئالاباغىر يار،
قالدۇرغىنى كاسات تەۋەرۈك.

يەتتە كەتمەن توپىدىن باشقا،
سۆيگۈمىزنىڭ قالمىدى دىرى.
سەندە تولۇق كۆكرەك ئۆركىشى،
مەن بانكاڭنىڭ غېرىب شائىرى.


نابوت بولغان كېچە

پىتراپ كەتتى خىيالىم گويا،
نازلىرىڭدىن ئۈركىگەن قۇشتەك.
چاۋىسىنى چىتقا يايدىغۇ،
تاقىتى تاق بىر داترەڭ بۆرەك.

قىز يوقاتماي پاك قىزلىقىنى،
قان يوقاتتى قىزىللىقىنى.
ھوزۇر ئەمەس ئاھ! كوزۇر ئۈچۈن،
مەن ساقلايمەن قارا كېچىنى.


ئاۋارە ھايات

سەپەرگە چىقساق زاۋال ۋاقتىدا،
ئاخىرەت سونۇقلىرى پۇتقا پاتىدۇ.
قەشقەرنىڭ خالتا كوچىلىرىدىن،
چىقالماي چېتىگە باشلار قاتىدۇ.

بىكەت، تۇرالغۇ، نان تېپىپ يېيىش...
ئۆزى قايناپ تاشقان چۆگۈندۇر گويا.
بېرىمىز يول تاختىسى خۇدا ئورناتقان،
بېرىمىز ھاياتقا ئېتىلغان ئوقيا.

پۇل ھەلەكچىلىكى، قاتىلاڭ سۆيگۈ،
ھايات باشاقلىرىنى پايخان قىلىدۇ.
پىلسىراتتىن ئۆتكەن بولسىمۇ، بۆرەك،
ئۆكتەم ھاياتلىقنى ئارمان قىلىدۇ.
دوستلىشىش
ئۆمەرئىلى
ن شا ئاللاھ بۇ ئۈممەت ئۈزى يۇقاتقان ئىززەتنى ئۈز& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9027
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 174
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە174دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1760 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-21
ئاخىرقى: 2012-03-30

ھەقىقەتەن مەزمون لۇق شئركەن . رەھمەت يوللۇغۇچىغا  
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1557
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1557دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16345 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-03-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-09 14:11

ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم  ،   رەھمەت  سىزگە  ،  مۇختەر  بۇغرانىڭ  بەزى  شىئېرلىرىنى  ياقتۇرمەن  ،
اللا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7679
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 68
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە68دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 960 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-31
ئاخىرقى: 2012-03-28
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-09 15:20

دۇنياغا كۆز ئاچتۇق ھەممىمىز تۇلۇق ،
باراۋەرلىكتىن ئالەم يۇپيۇرۇق .
يىتىمنىڭ رىسقىغا چاڭ سالساق ئەگەر ،
بولۇپ كەتمەمدۇق دوزاققا تۇترۇق .
ھارام مال دۇنيا ئىمانغا داغ دات .
مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات .


<< مېھرى-شەپقەت >> تىن

ھاجى مۇختەر بۇغرا
چۈنكى مەن ئادەم
قالدى، نى-نى ئارىسلانلار دەشتى چۆلدە قەۋرىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1210
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1210دانە
ئۆسۈش: 2520 %
مۇنبەر پۇلى: 14087 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-03-28
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-09 16:20

ھەقىقەتەن  ياخشى شېئىرلار كەن
دوستلىشىش
جەڭچى
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1546
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1546دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 16128 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-03-26
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-09 16:58

ئوپۇل - توپۇل قاچمىدى قىشمۇ،
تۇرىۋالدى ئاتتەك تىرەجەپ.
مەككار شامال چىقتى شەرقتىن،
ئۇيغانمىدىڭ ئەي قىزچاق ئەجەپ.

---------------------------
ھەجەپ مەزمۇنلۇقكەن.
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 932
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە932دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 9792 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-03-19
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-09 17:10

ھۆرمەتلىك مۇختار بۇغرا ئەپەندىمنىڭ ئىسىل لىرىكىلىرى  كۆپكەن ..
رەخمەت  سىزگە رىشتە قىرىندىشىم...
ئادىيات
دوستلىشىش
ئەزەلبايراقتار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9973
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-09
ئاخىرقى: 2011-12-09
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-09 19:11

شېئىر بەزىدە ئادەمنى ئازدۇردۇ،بەزىدە ئويغا چۆمدۇرىدۇ. ئۇمۇ بىر ۋاپىسز قىزغا ئوخشاش ئۆزگىردۇ.
ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1417
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1417دانە
ئۆسۈش: 1700 %
مۇنبەر پۇلى: 12326 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-29
ئاخىرقى: 2012-03-30
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-10 15:47

ۋويجون ،،،مۇشۇمۇ شىئېر بولدىما ئەمدى ؟؟؟؟
مەنمۇ بىرنى يېزىپ باقسام بولغۇدەك ،«ئۆپكىستان» دەپ ......
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 932
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە932دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 9792 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-03-19
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-10 22:34

ئۇيغۇرلاردا <مىڭىدە چاتاق چىقسا يامان خىيال كۆپۈيۈدۇ.
يۈرەكتە چاتاق چىقسا ئەقىدە بۇزىلىدۇ.
بۆرەك زەيىپلەشسە ئىماننى چاڭ باستى.
جىگەر ئاغىرسا جۈرەت سۇسلاشتى>..  دىگەندەك سىموۋۇللۇق قاراشلار  بار..
بۇ شىئىردا تەسۋىرلەنگىنى ئىمانغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن بولىشى  مۈمكىن..
ئادىيات