ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ ساي تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار :
مەن كەڭ ساي تورىغا نەچچە يىلدىن بېرى كىرىپ سەرخىل تېمىلاردىن بەھىرلىنىپ كېلىۋاتىمەن .لېكىن ئەزا بولمىغان ئىدىم .بۈگۈن
ئۇيغۇر خ ئۇ ت دىكى يازما
بەزى تور بىكەتلەرگە نېمە بولغاندۇ ؟ئادرېسى بويىچە كىرىپ تېمىنى ئوقۇپ بولۇپ،تېما ئىگىسىنىڭ بەزى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ ئارتىستلارغا تايىنىپ زىيارەت مىقدارى ساقلاۋاتقان كۆرۈنۈشى ۋە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا توختالغان بەزى كۆزقاراشلىرى مېنى ھەقىقەتەن قايىل قىلغان بولغاچقا ئەزا بولۇپ كىرگەن ئىدىميۇ،باش بەتكە ئۆتۈپ قارىسام سازەندە تورىنىڭ دوستانە ئۇلىنىشى بار ئىكەن . شۇنىڭ بېلەن بۇ تېمىغا يانداشقان خىياللىرىم سازەندە تورىنىڭ تۇغىنى بېسىشقا ئۈندىدى،بېسىپ كىرسەم ساپلا سېرىق ئېلان .....ئەجىبا مۇنبەرلەر كەڭ چاقىرىق كۈچىگە ئىگە تېمىلارنى يوللايدۇيۇ نېمە ئۈچۈن سېرىق مەزمۇندىكى بەتلەرنى كۆرمەيدۇ ؟؟ ئۇلارنى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇۋالىدۇ ؟؟؟ ئۇيغۇر خ ئۇ ت دەك ئاۋام مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇرۇلغان تور بېكەتلەرنى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇۋالغان بېكەتلەر ساناقلىق ....ئەسلى ئۇ سېرىق رەسىملەرنى يوللىماي دېگەن ،لېكىن بەزىلەرنىڭ <<كەڭ سايغا تۆھمەت قىلىپسىز >> دېمەسلىكى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم ...ئەگەر مەن بەزى تور بېكەتلەرگە نېمە بولغاندۇ ؟؟؟ دېگەن تېمىنى كۆرۈشتىن ئىلگىرى بۇ سېرىق كىنو بېتىنى كۆرگەن بولسام كەڭ سايغا ئەزامۇ بولماس ئىدىم ...
بىلىمەن باشقۇرغۇچىلار بۇ تېمىنى تەستىقلىمايدۇ ،لېكىن شۇنداقتىمۇ يوللىدىم .چۈنكى قۇرۇق شۇئار توۋلىغاندىن،كىچىككىنە ئەمەلىي ئىش قىلىشنى توغرا دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن 5 مىنۇت ۋاقتىمنى چىقىرىپ بۇ تېمىنى يوللىدىم .بىز بىر چەتتىن ئاھ ئىسلام ،ئاھ ئۇيغۇر دەپ تۇرۇپ سېرىق مەزمۇندىكى بەتلەرنى مۇشۇنداق بىر يۇقۇرى نوپۇزغا ئىگە مۇنبەرنىڭ باش بېتىگە قوشۇۋالغىنىمىز بىزنىڭ رېئاللىقىمىزنى تولۇقى بېلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ تۇرۇپتۇ .....
____________________________
گېنېرالنىڭ ئىزاھاتى: ئىملا تۈزىتىلدى. كېيىنكى قېتىم يازما يوللىغاندا ئىملانى توغرا يېزىشقا ئەھمىيەت بەرگەيسىز.
[ بۇ يازمىنىgeneral 2011-12-08 22:03قايتا تەھرىرلىدى ]